شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، قىسقارتىپ شىنجاڭ دېيىلىدۇ، ئاسىيا - ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 1 مىليون 664 مىڭ كۋادرات كېلومېتىر، جۇڭگو زېمىنىنىڭ 6 دىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئەتراپتا رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، پاكىستان، موڭغۇلىيە، ھىندىستان، ئافغانىستاندىن ئىبارەت 8 دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ؛ قۇرۇقلۇق چېگرىسى 5600 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت قۇرۇقلۇق چېگرىسىنىڭ 4 تىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، شىنجاڭ جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قۇرۇقلۇق چېگرا لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن، چېگرلىنىدىغان دۆلەت ئەڭ كۆپ بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون. شىنجاڭ قەدىمدە غەربىي دىيار دەپ ئاتالغان ، قەدىمدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 138 - يىلى، خەن ۋۇدى جاڭ چيەننى غەربىي دىيارغا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن، غەربىي خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى بىلەن غەربىي دىياردىكى ئەللەر ئالاقە ئورناتقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60 - يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى ئۇرلى (ھازىرقى بۈگۈر چېگرىسى)دا غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن غەربىي دىيار خەن سۇلالىسىنىڭ تېررىتورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن. چىڭ ھۆكۈمىتى چيەن لوڭنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە غەربىي يۇرت دېگەن نامنى شىنجاڭ دەپ ئۆزگەرتكەن، 1884 - يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۆلكىسىنى تەسىس قىلغان، ئۆلكە مەركىزى ئۈرۈمچى بولغان. 1949 - يىلى شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغان، 1955 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان، مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرى بولغان (موڭغۇلچىدىكى مەنىسى گۈزەل يايلاق). شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ، جەمىئي 47 مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەزەلدىن بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن مىللەتلەردىن ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، قىرغىز، موڭغۇل، تاجىك، شىبە، مانجۇ، ئۆزبېك، رۇس ۋە تاتار قاتارلىق 13ى بار. 2007 - يىلنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 20 مىليون 951 مىڭ 900گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى تەخمىنەن %7 .60 نى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭدا ھازىر 5 ئاپتونوم ئوبلاست، 7 ۋىلايەت، 2 ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 32 چېگرا ناھىيە (شەھەر)، 6 مىللىي ئاپتونومىيە ناھىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 87 ناھىيە (شەھەر)، 43 مىللىي يېزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 853 يېزا - بازار بار. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شىنجاڭنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى ، 14 شى، 175 دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق تۈەن - مەيدان بار، ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 580 مىڭ. شىنجاڭ دېڭىز - ئوكيانلاردىن يىراق، 4 ئەتراپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. شىنجاڭ تەۋەسىدە قاتمۇقات مۇزلۇق چوققىلار، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقلار، بىپايان يايلاقلار، يۇلتۇزدەك تارقالغان بوستانلىقلار بار. 3 تاغ 2 ئويمانلىقنى ئوراپ تۇرىدۇ. شىمالدا ئالتاي تېغى، جەنۇبتا قاراقۇرۇم تېغى بار، تەڭرىتاغ شىنجاڭنى جەنۇب ۋە شىمالغا ئايرىپ تۇرىدۇ. تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى جەنۇبىي شىنجاڭ، تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى شىمالىي شىنجاڭ دېيىلىدۇ، قۇمۇل، تۇرپان بۆلىكى شەرقىي شىنجاڭ دېيىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى 530 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئويمانلىق ھېسابلىنىدۇ. تارىم ئويمانلىقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 330 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ، دۇنيادىكى 2 - چوڭ كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. تارىم ئويمانلىقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تارىم دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2100 كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريا ھېسابلىنىدۇ. شىمالىي شىنجاڭدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 380 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگودىكى 2 - چوڭ ئويمانلىق ھېسابلىنىدۇ. جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان گۈربانتۈڭگۈت قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 48 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئۇ جۇڭگودىكى 2 - چوڭ قۇملۇق. شىنجاڭدا كۆل جىق، سۇ دائىرىسى كۆلىمى 5 مىڭ 505 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە باغراش كۆلىنىڭ دائىرىسى 980 كۋادرات كىلومېتىر ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى. شىنجاڭنىڭ شەرقىدىكى تۇرپان ئويمانلىقىغا جايلاشقان ئايدىڭكۆل دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن بولۇپ، بۇ جاي جۇڭگودىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئەڭ تۆۋەن جايى ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى تىپىك مۆتىدىل كىلىماتقا تەۋە ، 2007 - يىلى ئوتتۇرىچە تېمپۇراتورىسى 10.9 سېلسىيە گرادۇس، يىللىق ئوتتۇرىچە تەبىئىي ھۆل يېغىن مىقدارى 165.6 مىللىمېتىر بولغان. تاغلاردىن ئېرىگەن قار سۇلىرى نۇرغۇن دەريالارنى ھاسىل قىلغان ، بوستانلىقلار ئويمانلىقلارنىڭ چېتىگە ۋە دەريا ۋادىلىرىغا جايلاشقان، بوستانلىق ئومۇمىي كۆلىمى ئاپتونوم رايونىمىز كۆلىمىنىڭ %5 ىنى ئىگىلەيدۇ، تىپىك بوستانلىق ئىكىلوگىيىسى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقى مەملىكەت بويىچە سۇ بايلىقىنىڭ %3 ىنى ئىگىلەيدۇ، چوڭ - كىچىك دەريا جەمىئي 570تىن ئاشىدۇ، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 90 مىليارد 380 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر ئۈستى سۈيى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىنىڭ 2.2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىقدارى 55 مىليارد 410 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ، مۇزلۇق زاپىسى 2 ترىللىئون 130 مىليارد بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مۇزلۇق زاپىسىنىڭ %50 ىنى ئىگىلەيدۇ، «مۇزلۇق ئامبىرى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. شىنجاڭ ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولغاچقا، ھاۋاسى قۇرغاق، سۇ بايلىقى پەسىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ۋاقىت-بۇشلۇقتا تارقىلىشى تەكشى ئەمەس، يەر ئۈستى سۈيىنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى كۆپ، شۇڭا بەزى جايلاردا سۇ بايلىقى يېتىشمەيدۇ. يېزا ئىگىلىك يېرى كۆلىمى 63 مىليون 81 مىڭ گېكتار، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر 4 مىليون 114 مىڭ 200 گېكتار بولۇپ، كىشى بېشىغا 2.95 مودىن توغرا كېلىدۇ، بۇ مەملىكەت بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ 1 .2 ھەسسىسىگە تەڭ. ئورمان كۆلىمى 6 مىليون 765 مىڭ گېكتار، يايلاق كۆلىمى 51 مىليون 120 مىڭ گېكتار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت يايلاق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ٪20نى ئىگىلەيدۇ، مەملىكەت بويىچە 5 چوڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بىرى، ئىچكى مولغۇلدىن قالسىلا، مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ قۇياش نۇرى ئېنېرگىيىسى، يەر ئىسسىقلىقى، شامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى مول، جۇڭگودىكى ئاپتاپنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن ئۆلكە - رايوننىڭ بىرى، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن يىللىق ئاپپتاپ چۈشۈش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2600 سائەتتىن 3500 سائەتكىچە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى (2)
شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقىنىڭ تۈرى تولۇق، زاپىسى مول، ئېچىش ئىستىقبالى كەڭ. ھازىر بايقالغان قېزىلما بايلىق 138 خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 99 خىلىنىڭ زاپىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى، 10 خىلىنىڭ زاپىسى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ، 58 خىلىنىڭ زاپىسى ئالدىنقى 10 - ئورۇندا تۇرىدۇ. نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، خروم، نېكىل، ئاز ئۇچرايدىغان مېتال، تۇز تۈرىدىكى قېزىلما، بىناكارلىق ماتېرىيالى قىلىنىدىغان مېتاللوئىد قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى ئىنتايىن مول. مەملىكەت بويىچە 2 - قېتىملىق نېفىت- گاز بايلىقىنى باھالاشتا، شىنجاڭنىڭ نېفىت بايلىقى 20 مىليارد 920 مىليون توننا بولۇپ، ئېلىمىز قۇرۇقلۇق نېفىت بايلىقىنىڭ %30 ىنى ئىگىلىدى؛ تەبىئىي گاز بايلىقى 10 ترىليون 400 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە قۇرۇقلۇق تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ %34 ىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭنىڭ مۆلچەرىي كۆمۈر بايلىقى 2 ترىليون 190 مىليارد توننا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر زاپىسىنىڭ %40ىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ساياھەت بايلىقى ۋە ئېتنوگراگىيىلىك ساياھەت بايلىقى مول، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل ھەم ئۆزگىچە ، ھەيۋەتلىك مۇز چوققىلار، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقلار، گۈزەل ئوت يۇرتى، قۇملۇقلارنى چۆرىدەپ تۇرىدىغان بوستانلىقلار بار. مەدەنىيەت كۆپ مۇجەسسەملەنگەن، مىللىي ئۆرپ - ئادىتى قويۇق، داڭلىق قەدىمىي يادىكارلىقلار كۆپ، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور. «جۇڭگونىڭ ساياھەت بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى» بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا، جۇڭگودىكى ساياھەت بايلىقىنىڭ 6 چوڭ تۈر بويىچە 68 خىل ئاساسىي تۈرنىڭ ئاز دېگەندە 56 سى شىنجاڭدا بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ٪80نى ئىگىلەيدۇ. 2007 - يىلنىڭ ئاخىرى، شىنجاڭدا دۆلەت
A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 165ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 5
A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 3ى، 4
A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 15ى، 3
A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 69ى بار؛ دۆلەت سانائەت، يېزا ئىگىلىك ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن 34ى بار. مەشھۇر تەبىئىي مەنزىرە رايونلىرىدىن بۇغدا كۆلى، قاناس كۆلى، نارات يايلىقى، باغراش كۆلى، سايرام كۆلى، بايىنبۇلاق يايلىقى قاتارلىقلار بار. شىنجاڭنىڭ ئانتوپورولوگىيىلىك ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، 5000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان قەدىمكى يېپەك يولىنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي ۋە ئوتتۇرا غول لىنىيىلىرىدە يۈزلىگەن قەدىمكى شەھەر خارابىلىرى، قەدىمكى قەبرىستانلىق، مىڭ ئۆي، بوز يەر ئېچىش خارابىسى قاتارلىق قەدىمكى مەنزىرە ئىزنالىرى قالغان، بۇنىڭ ئىچىدە يارغول قەدىمكى خارابىسى، ئىدىقۇت قەدىمكى شەھەر خارابىسى، كروران قەدىمكى خارابىسى، قىزىل مىڭ ئۆيى، ئىپارخاننىڭ قەبرىسى قاتارلىقلاردا جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئۇچرىشىش تارىخى خاتىرلىنىپ، قەدىمىي شىنجاڭنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى نامايەن قىلىنغان. شىنجاڭنىڭ ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ ۋە ئۆزگىچە، تەرەققىيات يۇشۇرۇن كۈچى زور. شىنجاڭدىكى ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى 4000 دىن ئاشىدۇ. قار لەيلىسى، سوغىگۈل، چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، لوپنۇر كەندىرى، توشقان زەدىكى قاتارلىقلار كەڭ تارقالغان، سۈپىتى ياخشى، سورتى ۋە تەبىئىيتى ئۆزگىچە. شىنجاڭ يەنە كېلىپ كۆپ خىل مېۋىلەرنىڭ پەيدا بولۇش مەركىزى، ئىككىلەمچى مەركىزى، مېۋە بايلىقى مول بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۈپەتلىك سورتى 300 خىلدىن ئاشىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ «مېۋە - چىۋە ماكانى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈرى 700گە يېقىن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياۋايى ھايۋانلار تۈرىنىڭ %11نى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭدا دۆلەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 116 خىلى بار، بۇ مەملىكەت بويىچە قوغدىلىدىغان ھايۋاننىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 28 خىلى، 2 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 88 خىلى بار، ئۇلار موڭغۇلىيىنىڭ ياۋا ئېتى، تىبەت قۇلىنى، تىبەت بۆكىنى، يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، ئاق يەلكە بۈركۈت، قارا بويۇن تۇرنا قاتارلىق خەلقئارادا ئاز قالغان ياۋايى ھايۋانلار