خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

قىشلىق ئىسسىنىش بىخەتەرلىكى توغرىسدىكى لېكسىيە

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سھىرھ2012-12-13 23:38

 

كۆمۈر گازىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە توك سوقۇش ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى

 ئىلىش توغىرسىدىكى دوكىلات ، لىكسىيە ماتىرىيالى

 
ساۋاقداشلار!

ئوت ، توك ، سۇ قاتارلىقلار بىلەن ئويناش ئىنتايىن بىر خەتەرلىك ئويۇن بىز ئۇلارغا يقىن كەلمىسەكلا بىزنى ھىچنەرسە قىلالمايدۇ .

ھازىر قىش پەسلى يىتىپ كەلدى . ئائىلىلەردە ۋە مەكتەپتە ئومۇمىيۈزلۈك مەشكە ئوت قالاپ ئىسىنىش ئىلىپ بارىمىز . ئەگەر بىز ئائىلە ۋە مەكتەپتە ئىسىنىشتا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلمىساق كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىش ئەھۋاللىرى كىلىپ چىقىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن مەشكە ئوت قالىغاندا مەشنىڭ ئېغىزلىرىنى ھىم ئىتىش پات-پات نولارنى قىقىپ تۇرۇش ، ئۆيدە ۋە سىنىپتا ئاز بولغاندا بىر چىلەك ئىغىزى ئوچۇق سۇ بولۇش ، ئاخشاملىرى ئائىلىلەردە ئۇخلىغاندا ئىمكان قەدەر مەشكە كۆمۈر سالماسلىق ئەگەر كۆمۈر سىلىنسا مۇۋاپىق مىقداردا ھاۋا ئالماشتۇرىدىغان ئورۇن قويۇش كىرەك .

بۇنداق بولمىغاندا ئۆزىمىز ۋە ئاتا-ئانىمىز ياكى ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىپ ئېغر بولغاندا ئۆلۈم ھادىسىسى كىلىپ چىقىشى مۇمكىن . شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىللەردە ئىسىنىش ئىلىپ بارغاندا زەھەرلىنىپ قىلىشنىڭ زۈرۈر بولغان تەدبىرلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كىرەك .

توك ، سۇ ، ئوت قاتارلىقلار كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بولۇپ ئۇلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنالىساق ئۇ بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ . ئەگەر مۇۋاپىق پايدىلىنالمىساق ئۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزغا ئىغىر خەۋىپلەرنى ئىلىپ كىلىدۇ .

مەسىلەن : ھازىرقى زاماندا توك پەن-تىخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئۇچقاندەك ئىلگرىلىشىگە ئەگىشىپ كەم بولسا بولمايدىغان ئىنىرگىيە مەنبەسىگە ئايلاندى . ھەرخىل چوڭ-كىچىك تىپىتكى زاۋۇت ، كان-كارخانىلار ئىلىكىتر ئىنىرگىيىسىدىن ئايرىلسا نۇرمال خىزمەت قىلالمايدۇ . ئائىللەردە بولسا تاق ئىتىش ، كىر يۇيۇش قاتارلىق پائالىيەتلەردە توك بولمىسا بولمايدۇ .بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا توكتىن پايدىلىنىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭدىن كىلىپ چىقىدىغان خەتەرگىمۇ سەل قارىماسلىقىمىز كىرەك .بۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلەلەردە توكتىن پايدىلانغاندا توك سىملىرىغا قالايمىقان كىر يايىدىغان توك سىملىرىنى ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملار بار جايغا ، يەنى پاختا ، قۇرۇق شاخ ، بىنزىن ، دىزىل مايلىرى بار ئورۇنغا ساڭگىلىتىپ ئاسماسلىق ، ھۆل قول بىلەن توك سىملىرىنى تۇتۇپ قالماسلىق ، يۇقىرى بىسىملىق توك سىملىرى بار جايلاردىن كىسىپ ئۆتمەسلىك لازىم .

ئوت كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا قىش ياز ئايرلماي پايدىلىنىدىغان ئىنىرگىيە مەنبەسى بولۇپ قىش ھەم يازدا ئوخشاشلا يىمەكلىكلەرنى پىشۇرۇپ يىيىش ، ئىسىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇمىيۈزلۈك پايدىلىنىلىدۇ .بىز بۇ ئىنىرگىيە مەنبەسىدىن پايدىلىنىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭدىن كىلىپ چىقىدغان ھەرخىل ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىشقىمۇ ئەھمىيەت بىرىشمىز لازىم .

مەسىلەن : ئەتىياز پەسلىدە ھەممە جاي قۇرغاقچىلىق بولۇپ كىتىدۇ بۇنداق ئەھۋالدا ئۆيدىن مەلۇم مەزگىل ئايرىلىشقا توغرا كەلسە ئالدى بىلەن ئوچاق ياكى مەشتىكى ئوتنى بىر تەرەپ قىلىپ ئاندىن ئايرىلىش كۈز پەسلىدە بولسا قۇرغاق كىۋەز شادىسى تىرىپ ئەكىلىپ قويۇلغان پاختا قاتارلىقلارنى ئوت قالايدىغان ئوچاق ياكى مەش يىنىدىن يىراق ئورۇنغا قويۇش، جىددى بولغان ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى ئالدىن تولۇقلاپ قويۇش ، جىدىدى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ساۋادلىرىنى بىلىش لازىم .

يۇقارقى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلغاندا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا تاساددىپى يۈز بىرىدىغان كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىش توك سوقۇش ، كۈتۈلمىگەن ئوت ئاپىتى يۈز بىرىش قاتارلىق ھادىسلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
سەھرا تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-31 11:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-10-20 17:10