خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاقىنى باھالاش تۈزۈمى؛

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ياخشى ئادەم2012-02-27 22:04

 

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاقىنى باھالاش تۈزۈمى؛
ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقى-ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش، تەلىم تەربىيە خىزمىتى ۋە بارلىق ئىجىتمائى پائالىيەتلەردە رىئايە قىلىش زۈرۈر بولغان ئۆلچەم ۋە ھەركەت قائىدىسنى كۆرسىتىدۇ. ھەر بىر ئوقۇتقۇچى خىزمەتچى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاققا ھەر ۋاقىت رىئايە قىلىشى شەرت.
ئوقۇتقۇچى ئەمىلى ھەركىتى ئارقىلىق توغرا سىياسى كۆز قاراشنى، كوممۇنىستىك ئەخلاقى پەزىلەتنى، ئىلغار ئىدىيۋى كەيپىياتنى تەشۋىق قىلىدىغان، ئەۋلاتلارنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشىگە تۈرتكە بۇلىدىغان مەخسۇس خادىملار، بۇلارنىڭ كەسپى ئەخلاقىنىڭ قانداق بۇلىشى، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ قانداق ئىزباسارلاردىن بۇلۇپ چىقىشىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقىنى ئەستايىدىل ئۈگۈنۈپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى ئۇرۇندىشىمىز لازىم :
1. مەكتىۋىمىزدىكى ھەرقايسى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى ۋە ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىم تەربىيە پائالىيىتىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن بەلگۈلمىسى، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقى ئاساسىدا ئېىلىپ بېرىپ دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئوموميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش تەلەپ قىلنىدۇ.
2. مائارىپ كەسپىنى قىزغىن سۈيۈش، مەسئۇليەتچان بۇلۇشنى خىزمەت ئەمەلىيىتىدە ئەكىس ئەتتۈرۈش تەشەببۇس قىلىنىپ، ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيەسىنى ئالدىنىقى ئۇرۇنغا قۇيۇش ئاساسىدا ئوقۇتۇشنىڭ تۈرلۈك ھالقىلىق خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەيدۇ.
3. ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۈيۈش، ئاسراش، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش، تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بىرىش، ھاقارەتلەش قاتتىق چەكلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى ۋە فىزىلوگىيىلىك ساغلاملىقىغا تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىدۇ.
4. خىزمەت داۋامىدا ئۆزلۈكسىز ئۆگۈنۈپ، مەدەنىيەت كەسپى سەۋىيىسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، كەسپى خىزمەتتىكى ئوقۇتۇش ماھىرلىرنى تاللاپ مۇكاپاتلاش، ئارقىدا قالغانلارغا تەنقىدى- تەربىيە بىرىش، ئىش ئورنىدا تەربىيلەش، ئۈنۋان باھالاش، يىللىق، ماۋسۇملۇق خىزمىتىگە تەسىر قىلدۇرۇش چارىسى بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلنىدۇ.
5. ئۆز-ئارا ئىتىپاقلىق، ھەمكارلىق، كەمتەر ئىھتىياتچان بۇلۇش، ئۆزىنىڭ ئىسىل پەزىلىتى ئارقىلىق مائارىپقا، مەكتەپكە شان-شەرەپ كەلتۈرۈش، مەدەنىيەتلىك مەكتەپ ئوبرازىنى يارىتىشتا ئۇدا چىڭ تۇرۇش تەلەپ قىلنىدۇ.
6. ئاتا-ئانىلار بىلەن دائىم يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ پىكىر تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش، ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى، ئاتا-ئانىلار مەكتىۋىدىن ۋە ئايرىم سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ماسلاشقان ياخشى تەلىم تەربىيە مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ.
7. پاك ئىنتىزامچان بۇلۇش، ئۆزمەنپەتىدىن كىچىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشىگە تۆھپە قۇشىدىغان، ئىسىل ئەخلاقى-پەزىلەتنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا قالايمىقان سېلىق سالىدىغان، راسخۇد يىغىدىغان، جىرىمانە قۇيىدىغان، نەرسە كىرەك تەلەپ قىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنى شەخسى ئىشقا سالىدىغان ئىشلاردىن قاتتىق ساقلىنىدۇ.
8. جەمئىيەت ئەخلاقى، كەسپى ئەخلاق، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى جەھەتتە نەمۇنىلىك رول ئويناشنى، تۇرمۇشتا ئاددى-ساددا بۇلۇش، ھاكاۋۇرلۇق قىلماسلىق، كىيىم-كىچەكنى پاكىزە رەتلىك كىيىش، مەدەنىيەتلىك ئەدەپلىك بۇلۇش، ناچار ئىللەتلەردىن خالى بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
9. ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاققا رىئايە قىلىش ئوقۇتقۇچىنىڭ دائىملىق خىزمىتى بۇلۇپ، سىياسى كەسپى ئۈگۈنۈش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، بىخەتەرلىك، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە، كوممۇنىستىك ئەخلاقتا ھەر ۋاقىت باشقىلارغا، ئوقۇغۇچى، ئاتا-ئانىلارغا ئۆلگە بۇلۇش. بۇجەھەتتە مەكتەپ مەسئۇللىرى، دۈجۈرنى ئوقۇتقۇچى، قوغداش نۆۋەتچىسى قاتارلىقلار ، ھەر كۈنى كۈزۈتۈپ، نازارەت قىلىپ، ناچار گەپ-سۆزلەرنىڭ يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۇسۇش، مەسلە كۈرۈلسە مۇۋاپىق شەكىلدە تەنقىد-تەربىيە بىرىش، مەكتەپ تەشكىلىگە مەلۇم قىلىش، ماۋسۇملۇق، يىللىق خىزمەت خۇلاسىسىغا تەسىر قىلدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
ئەگەر مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەر ئوقۇتۇشنى قانۇن بۇيىچە توغرا سىياسى يۈلۈنىشكە كاپالەتلىك قىلىپ ئېلىپ بارماي، ناتوغرا ئىدىيۋى-كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، گۇرۇھۋازلىق قىلىپ، مەكتەپ خىزمىتىگە تەسر يەتكۈزسە، كەسىپنى قىزغىن سۆيمەي ئوقۇتۇشنىڭ تۈرلۈك ھالقىلىق خىزمەتلىرىنى تەلەپ بۇيىچە ئىشلىمىسە، ئوقۇغۇچىلارغا قۇپال مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى ھاقارەتلىسە، تەن جازاسى بەرسە، ئوقۇغۇچىلاردىن قالايمىقان راسخۇد، جەرىمانە يىغسا، شەخسى ئىشقا سالسا، مەكتەپ مال مۈلىكىنى ئىگەللىۋالسا، جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزسە، ئۇرۇش-جىدەل قىلىپ ئىتىپاقلىقىنى بۇزسا، كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلسا ، دىنى تۈس ئالغان كىيىم-كىچەكلەرنى كىيىپ دەرس مۇنبىرىگە چىقسا، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا داغ يەتكۈزۈپ يامان تەسىر پەيدا قىلسا، مەسلە سىزىلگەن ھامان تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار مەسئۇلىيەتنامىنىڭ تەلىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ياخشى ئادەم تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-01 15:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-06-16 13:06