خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بالىلارغا 50 مىنۇت يۈكۈنۈپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ئىشتىن ھەيدەلدى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2014-10-04 14:18



بالىلارغا 50 مىنۇت يۈكۈنۈپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ئىشتىن ھەيدەلدى

بالىلارغا 50 مىنۇت يۈكۈنۈپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ئىشتىن ھەيدەلدى

دېجوۋ جياچېڭ مىڭجۈ بالىلار باغچىسىنىڭ ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۆز سىنىپىدىكى بالىلارغا تەن جازاسى بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى سىن لېنتىسى 24 – چىسلا ئاشكارىلىنىپ كەتتى. دائىم ئۇچراپ تۇرۇدىغان ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇش جازاسى، شاپىلاق بىلەن ئۇرۇشتىن باشقا، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئەڭ غەزىبىنى كەلتۈرگىنى بالىلارغا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇش جازاسى بەرگەنلىكى بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر يۈكۈنۈشىدە 40 – 50 مىنۇت يۈكۈنۈپ تۇرۇشى كېرەك. ھازىر ئائىلە باشلىقلىرى، ساقچى تەرەپ ۋە باغچا تەرەپ كېڭىشىپ، بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق ئوقۇتقۇچىنى ئىشتىن ھەيدەش، شۇ ۋەقەگە چېتىشلىق سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككى ئايلىق ھەققىنى كۆتىرىۋېتىش جەھەتتە بىرلىككە كەلدى.

دېجوۋ چىلۇ تورى مۇخبىرى زىيارەت داۋامىدا بايقىغان ئەھۋالدىن قارىغاندا، جياچېڭ مىڭجۈ بالىلار باغچىسىنىڭ چوڭ بالىلار 1 – سىنىپىدىكى 27 نەپەر بالىنىڭ ئاتا ئانىسى بىر ئۈندىدار توپى قۇرۇۋالغان، ئائىلە باشلىقلىرى دائىم بۇ ئۈندىدار توپىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش، ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋاللىرىنى بىلىشىپ تۇرۇدىكەن. 9 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئۈندىدار توپىدىكى گەپ تېمىسى بولسا «مېنىڭ بالام باغچىدا تەن جازاسىغا ئۇچرىدىمۇ يوق» بولغان. بىر بىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ئاتا ئانىلار بالىلىرىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن ئون نەچچە نەپەر ئائىلە باشلىقى 25 – چىسلا بىرلىكتە بالىلار باغچىسىغا بېرىپ بۇ ئەھۋالنى بىلىپ كېلىشكە ۋەدىلەشكەن.

ئائىلە باشلىقلىرى بالىلار باغچىسىغا بېرىپ، چوڭ بالىلار 1 – سىنىپىنىڭ 24 – چىسلادىكى نازارەتچىلىك سىن لېنتىسىنى كۆرگەن، سىن لېنتىسىدا ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ «سورىغان مەسىلىگە جاۋاب بېرەلمىدى، تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولالمىدى » دېگەندەك باھانە سەۋەبلەر بىلەن بالىلارغا تەن جازاسى بەرگەنلىكى، ئۆرە تۇرۇش جازاسى بەرگەنلىكى يەنە تېخى شاپىلاق بىلەن ئۇرغانلىقى ھەتتا يۈكۈنۈپ تۇرۇش جازاسى بەرگەنلىكى……ئېنىق خاتىرىلەنگەن. بىر قىسىم ئاتا ئانىلار بۇ سىننى كۆرگەندىن كېيىن سەل ھاياجانلىنىپ ئۆزىنى تۇتالماي قېلىشقان. ئۇلار بىرلىشىپ بالىلارغا تەن جازاسى بەرگەن ياڭ مۇئەللىمنى ئۇرغان. ياڭ مۇئەللىم ئاچچىقىدا ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ساقچى تەرەپ بۇ باغچىدىكى بالىلارغا تەن جازاسى بېرىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. بىراق يەنە بەزى ئاتا ئانىلار باشتىن ئاخىر بۇ سىنغا قاراشقا پېتىنالمىغان. سەۋەبى پەقەت بىرلا، يەنى سىن لېنتىسىنى كۆرگەندىن كېيىن كۆڭۈل تېخىمۇ يېرىم بولىدىغان گەپ.

«بۇ سىنىپتىكى بالىلار بەكلا كەپسىز، كەپسىز بولسا كاسىسىغا ئۇرۇڭ، ئۆرە تۇرۇش جازاسى بېرىڭ، بىراق يۈكۈنۈپ تۇرۇش جازاسى بېرىش بەكلا قاملاشمىغان ئىش بوپتۇ» دېدى بىر ئائىلە باشلىقى.

بەزى ئاتا ئانىلار مۇنداق ئىنكاس قىلىشتى، ئۇلارنىڭ بالىلىرى باغچىدا تەن جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئاتا ئانىسىغا دېمەيدىكەن، دېگەن تەقدىردىمۇ ئاتا ئانىلىرىنى باغچىغا بېرىپ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن زۇكۇنلاشقىلى قويمايدىكەن. بالىلار ھەتتا كەپسىزلىك قىلساق ئوقۇتقۇچىنىڭ تەن جازاسى بېرىش ھەقلىق دەپ قارايدىكەن.

ئاتا ئانىلارنىڭ تېخىمۇ قورسىقى كۆپكەن يېرى ئۇلار بالىلىرىنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن ناچار تەسىرگە ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەشكەن. ئىككى كۈن كېڭىشىش ئارقىلىق، ئائىلە باشلىقلىرى بۇ ئىشنى بالىلار باغچىسى تەرەپ بىلەن يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىۋېتىشكە قوشۇلغان. 26 – چىسلا چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، بالىلار باغچىسى تەرەپ چوڭلار 1 – سىنىپىدىكى بالىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنى چاقىرىپ، ئىككى تەرەپ تەن جازاسى ۋەقەسى توغرىسىدىكى تۆلەم مەسىلىسى توغرىسىدا كېڭەشكەن. بىراق ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ پىكرى بىر يەردىن چىقمىغان ھەتتا بەزى ئاتا ئانىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىنمىغان. ئاخىرىدا مۇنداق بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىلغان: تەن جازاسى بەرگەن ئىككى ئوقۇتقۇچىنى ئىشتىن ھەيدەش، چوڭ بالىلار 1 – سىنىپىدىكى 27 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىككى ئايلىق مەكتەپ پۇلى يەنى ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر ئايدا تاپشۇرىدىغان 1160 يۈەننى كۆتىرىۋېتىش، بۇ سىنىپنى ئائىلە باشلىقلىرى بىر قەدەر ئېتىراپ قىلىدىغان، شۇ باغچىدىكى باشقا ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇش.

بىراق خېلى كۆپ ئاتا ئانىلار بۇ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىدىن ئانچە رازى بولۇشمىدى، خېلى كۆپ ئاتا ئانىلار بالىلارنى باشقا مەكتەپكە يۆتكەشنى خالىمىدى، ئىشنى تېخىمۇ چوڭايتىۋېتىشنىمۇ خالىمىدى، ئۇلار بالىلىرىغا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدىغان، ياخشى ئۆگىنىش قىلىدىغان بىر تېنچ مۇھىتنىڭ بولۇشىنىلا ئۈمىد قىلىشتى.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار