خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئادەتتىكىمائارىپتا مېيىپلەرنىڭمۇ ھەققى بار

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2014-03-25 17:03

 
ئادەتتىكىمائارىپتا مېيىپلەرنىڭمۇ ھەققى بار
 
ناسىرجانئابلىز توغان
 
− ھەي كالا، ئالتىدىنكېيىن توققۇز كېلەمدۇ - ھە! بىردىنئونغىچە سانىيالمايدىغان نېمەڭگە يەنە ئويۇن ئوينايمەندېگۈچە ئىشىكىڭنى باقساڭچۇ! ماڭ، ئاۋۇ يەردە تۇرۇپبىردىن100گىچە ساناشنى ئۆگەن، ماڭا 100گىچە ساناپ بېرەلىسەڭ ئاندىنبالىلار بىلەنتەڭ ئويۇن ئويناشقا قاتنىشىسەن، بولمىسامۇشۇ يەردە تۇرىسەن!
بىركۈنىچۈشتىن كېيىنمەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ سىرتىدىكىسايىدا ئولتۇرۇپ چارچىغان كاللامنى بىرئاز ئارام ئالدۇرۇش مەقسىتىدەمەيدانغا چىققان ئىدىم، مەيدانغا بېرىپ كۆزلىگەنجايىمدا ئەمدىلائولتۇرۇشۇمغا تەنتەربىيەئوقۇتقۇچىسىنىڭ قوپاللىقبىلەن بىرئوقۇغۇچىنى سىلكىشلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. دىققىتىمدەرھال شۇ ياققا بۇرۇلدى.
ئوقۇتقۇچى بىرئوقۇغۇچىنى ئىتتەرگىنىچەمەيداننىڭ سىرتىغا چىقىرىۋەتتى.ئۇ ئوقۇغۇچى مەكتىپىمىزدەھەممە بىلىدىغان ئەقلىيئىقتىدارىئاجىز ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئەسلىدە باشلانغۇچنىڭ 4 - يىللىقىدائوقۇيدىغان ياشتا بولسىمۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ تەلىپىبويىچە ھازىر1 - يىللىقتائوقۇۋاتاتتى. ئو ئوقۇغۇچى دەسلەپ مەكتەپكە كىرگەندەسىنىپقاكىرىشكەئۇنىمايتتى، بالىلاردىن قاچاتتى، ئۆزى يالغۇز تام ياقىلىرىدا، سىنىپلارنىڭكەينىدە ئوينايتتى. بەزى ۋاقىتلاردا كىچىك تاھارىتىنىمۇباشقۇرالماي ئىشتانغا چىقىرىۋېتەتتى.مەكتەپ رەھبەرلىكى بالىنىڭ ئاتا - ئانىسىنىچاقىرتىپبالىنىڭئەھۋالىنى ئېيتقىنىدا: »بالىنىڭ ئەھۋالى بىزگەئايان، دوختۇرغا تەكشۈرتسەك بالىنىڭ مېڭىسىئانىنىڭقورسىقىدىلا تولۇق يېتىلمەپتۇ، ئالاھىدە مائارىپمەكتىپىگەبېرەيلى دېسەك يول يىراق،گەپنىڭ ئوچۇقىنىئېيتساق، بالىنى يالغۇز شۇ يەرلەرگەتاشلاپ قويۇشقا كۆزىمىز قىيمايدۇ،ئىمكان بولسا بالىمىزمۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرسۇن. بىزنىڭ مەكتەپكە ئارتۇق تەلىپىمىزمۇ يوق، بالا قانچىلىكئۆگەنسە مەيلى...« دېگەنىدى.
باشقا بالىلارئوقۇتقۇچىنىڭكۆرسەتمىسى بويىچەئويۇننى باشلىۋەتتى. بىراقھېلىقى بالا مەيداننىڭ سىرتىدىكىئوقۇتقۇچى بەلگىلەپ بەرگەن جايدا قىمىرلىماي تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاقپىشماق،سۈپسۈزۈك، ئوماق چىرايىدىنمەيۈسلۈك، ئۆزىنى كەمسىتىش، قورقۇش، روھىي جەھەتتىكىچۈشكۈنلۈك، جىددىيلىك ئالامەتلىرىچىقىپتۇراتتى.
مەكتەپ ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدەئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ئۆگىتىدىغان،ئەخلاق - پەزىلەت يېتىلدۈرىدىغانسورۇن ئىدىغۇ،ئوقۇتقۇچى بۇ بالىنى بىردىن100گىچە ساناشنى ئۆگەن دەپ مەيدان سىرتىغاچىقىرىپ قويۇپ ئۇنىڭبىلەن كارى بولمىسا، ئۇ بالا ساناشنى كىمدىنئۆگىنىدۇ؟ئۇ بالىنىڭئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزئىكەنلىكىئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭئېسىدىنكۆتۈرۈلۈپ قالغاندىمۇ؟دېگەن ئوي كاللامدىن لىپپىدەئۆتتى - دە، بالىنى يېنىمغا چاقىردىم. مەكتەپتە بۇ بالا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم، ئۇچرىشىش پۇرسەتلىرىم كۆپ بولغاچقىمۇ بالا مېنى يات كۆرمەي يېنىمغا كەلدى.
− بالام، ماڭا 100گىچە ساناپ بېرىڭ، مەن ئاڭلاپ باقاي، − دېدىم كۆيۈنگەن تەلەپپۇزدا ئاستاغىنە.
بالا ئاغزىلىرىنىئۈمچەيتكىنىچەئاۋازىنى چىقارماييىغلاشقا باشلىدى.بالىنىڭكۆز ياشلىرى تىنىق بۇلۇتتىنچۈشكەن يامغۇر سۈيىدەكتۆكۈلمەكتە ئىدى. بالا يېڭى بىلەن كۆزلىرىنى توختىمايسۈرتۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق سۈرتۈشكە ئۈلگۈرمىگەن ياشلار مەڭزىنى بويلاپ ئېقىپ ئېڭىكىدىنساقىماقتا ئىدى.بالىنىڭبۇ ھالىنى كۆرۈپ يۈرىكىمقاتتىق ئېچىشتى.بالا يىغلىۋالسۇندەپ بىرئاز كۈتۈپ تۇردۇم، ئاندىن باشتىكىسوئالىمنى يەنە تەكرارلىدىم.
− مەن سانىيالمايمەن، − دېدى بالا ئۈمىدسىزكۆزلىرىنىماڭا تىككىنىچە ئېسەدەپ تۇرۇپ.
− سىز چوقۇم سانىيالايسىز، سانىيالمىغان جايلارنى مەن ئۆگىتىپقويىمەن، سىزئالدى بىلەن ساناپ بېقىڭ، − دېدىم
مەن بالىنىئۈمىدلەندۈرۈپ، بىرمۇنچە ياخشى گېپىنى قىلىپ ماختىدىم. قايتا - قايتا ساناشقا دەۋەت قىلدىم.بالا ئېسەدەپ تۇرۇپ ساناشقا باشلىدى. بالىنىڭساناق رىتىمىئاستا ئىدى. بالا بىردىن 19 غىچەبىمالال سانىدى،بىراق 20 گە كەلگەندە توختاپ قالدى.دېمەك، بالىنىڭھەر 10 بىرلىكئىچىدىكى 40، 50، 60، 70، 80، 90، 100ئاتالغۇلىرىنىساناشنى بىلەلمەيدىغانلىقى مەلۇم بولدى. بالا مېنىڭ ئەستايىدىل ئۆگىتىشىمبىلەن بىردىن 100 گىچەسانىيالىدى.دېمەك بالا مەكتەپكە كىرگەنتۆت يىلدىنبۇيان 100 گىچە ساناشنىمۇئاران ئۆگەنگەنىكەن.
مەن شۇ چاغدا سىنىپتىكىتوققۇز )بۇ سىنىپتا10 ئوقۇغۇچى بار ئىدى(ئوقۇغۇچىغا تەنتەربىيەدەرسى ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىغا ۋارقىرىدىم )ئەمەلىيەتتەبالىلار ئويۇن ئويناۋاتقان بولۇپئوقۇتقۇچى قاراپ تۇراتتى(.
− xx مۇئەللىم، xx جانماڭا 100گىچە ساناپ بەردى، بۇ بالىنىمۇئوقۇغۇچىلارغا قوشۇپ ئوينىتىپقويغىن!
مەيداندا تەنتەربىيەئوقۇتقۇچىسىنىڭ قوپال، يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزى ئاڭلاندى:
− مېنىڭ يېنىمغاكېلىپ، ماڭا ساناپ بەرسە ھېساب!
دېمەك، مېنىڭبالىنى ئۈمىدلەندۈرۈپئېيتقان نۇرغۇن تاتلىق سۆزلىرىممۇشۇ سائەتكە ئىگىدارچىلىققىلىۋاتقانئالىي ھوقۇققا ئىگەئوقۇتقۇچىنىڭبىر ھۆركىرىشىگەتەڭ بولمىغانىدى.
بۇمۇ ئىنسانبالىسى، بۇ بالىنىئاتا - ئانىسى نۇرغۇن ئارزۇ - ئارمانلار بىلەن تۇغقان، بۇنىڭ مېيىپبولۇپ قېلىشىداكىمنىڭمەسئۇلىيىتىبار؟ بۇ مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىدىغان، ھەيۋە كۆرسىتىدىغان، ئىناۋەت- ئابرۇي تەلەپ قىلىدىغانئىشمۇ؟ بۇ بالىنىمۇ باشقا ئوقۇغۇچىلار قاتارىداكۆرۈپ بىر سائەتلىكپۇرسەتتىن چامىنىڭ يېتىشىچە بەھرىمەنقىلىشئوقۇتقۇچىنىڭمەسئۇلىيىتىئەمەسمۇ؟! بۇ ئوقۇغۇچىنى ئوينىتىپقويسا، ئوقۇتقۇچىنىڭ بىريېرى كەملەپ قالامتى، زېھنىيئۇپراپ كېتەمتى! ئەكسىچە بالابۇ ئوقۇتقۇچىدىنخۇش بولۇپ قالاتتى، ئۆزىنىڭمۇ باشقا ئوقۇغۇچىلار قاتارىغاكىرەلىگەنلىكىدىن پەخىرلىنەتتى ئەمەسمۇ! دېگەن ئويلار كاللامدىن چاقماق تېزلىكىدەئۆتتى.
بالىنىڭ ئالدىدا،مىللەتنىڭئالدىدا، دۆلەت بېرىۋاتقان مائاش ئالدىدا، خەلق بەرگەن »ئوقۇتقۇچى« دېگەنشەرەپلىك نام ئالدىدايۈزۈم ئوتقاشتەك قىزاردى.مانا بۇ ئادەتتىكى مەكتەپلىرىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مېيىپ- مەجرۇھ بالىلارغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەمىز، مۇئامىلىمىزنىڭ كىچىككىنەكارتىنىسىئىدى. يەنە باشقا مەكتەپلەردە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مېيىپ - مەجرۇھ، ئەقلىي ئىقتىدارى يېتىلمىگەن قانچىلىك ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى مائارىپمەكتەپلىرىدەمانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئوقۇتقۇچىلار ئالدىداخورلىنىۋاتىدۇ، كەمسىتىلىۋاتىدۇ، چەتكە قېقىلىۋاتىدۇ، بۇنىسىماڭا نامەلۇم.
مەلۇم بىريىلى مەكتىپىمىزنىڭ 9 - يىللىقىدائوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دادىسىنى سىنىپ مەسئۇلى بالىسىنىڭ قوشۇمچە ماتېرىيال پۇلىنىتۆلەشكە چاقىرتىپتۇ.بالىنىڭدادىسى مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىنسىنىپمەسئۇلىغا »بالامنىڭئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ سەل ئاجىزلىقىنىبىلىمەن،بىراق بالامنىڭئائىلىدىكى ھەممە ھەرىكىتىنورمال، نېمە ئۈچۈن بۇ مەكتەپتە توققۇز يىلئوقۇپمۇ ساۋاتى چىقمايدۇ؟100 ئىچىدىكى سانلارنى قوشۇش ياكى ئېلىشنى ئۆگىتەلمىگەن، بىرقۇر خەتنى راۋان ئوقۇشنى بىلدۈرەلمىگەن مەكتەپكە پۇل بەرمەيمەن. بالامنىڭ توققۇز يىلدۈمبىسىگەئارتىپ يۈرگەن بارلىق ماتېرىياللىرىنىيىغىپقويدۇم، مەكتەپكە ئېلىپ كېلىپ مۇئەللىملەرگەتاشلاپ بېرىمەن« دېگىنىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەنئاڭلىغانىدىم. بىرمەكتەپتە توققۇز يىلئوقۇغان ئەقلىي ئىقتىدارى سەل ئاجىز ئوقۇغۇچىنىڭ توققۇز يىلجەريانىدا ساۋاتىنىڭ چىقماسلىقىنىكىمدىنكۆرگۈلۈك؟ بۇ ھەقىقەتەن بىز مائارىپچىلارنىڭئويلىنىپكۆرۈشىمىزگەتېگىشلىكمۇھىم مەسىلە.
-1980  يىللىرى قومۇل شەھىرىدىكى مەلۇم بىرباشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭئۆز سىنىپىدىكىئىككى نەپەر گاس - گاچا ئوقۇغۇچىنىڭساۋاتىنى چىقارغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلىي خەۋەرنى »شىنجاڭ گېزىتى«دىن كۆرۈپ، بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭمەسئۇلىيەتچانلىقى،جاپاغا چىداپ ئىزدىنىشروھىغا ئاپىرىن ئوقۇغانىدىم. بىزنىڭ مىللىي مائارىپىمىزغامانا مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلار لازىم ئىدى.بىراق ھازىركۆزىمىزگەسۈرتەي دېسەكمۇ تاپالمايۋاتىمىز. ئادەتتىكىمائارىپىمىزدا نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق مېيىپ - مەجرۇھ ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانمەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلار ئازلاپ كەتتى؟
يېقىندابىر ئوقۇتقۇچىدىن قوشنا مەكتەپنىڭ باشلانغۇچ 6 - يىللىقىدا ئوقۇيدىغانكۆرۈش ئىقتىدارىئاجىز بىرئوقۇغۇچىنىڭمەكتەپتىكى ئەھۋالىنىئاڭلاپ قالدىم. ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭئېيتىشىچە،بالىنىڭدوسكىدىكىخەتلەرنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىبولمىغاچقا سىنىپنىڭئەڭ ئاخىرىدىكى ئورۇنغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلۇپتۇ،بۇ ئوقۇغۇچىنىڭئاڭلاش ئىقتىدارىناھايىتى ياخشى بولۇپ بىرلا ئاڭلىۋالغاننەرسىسىنىدەرھال يادقا ئېلىۋالىدىكەن،كىتابتىكىخەتلەرنى بەش - ئالتە سانتىمېتىر ئارىلىقتىنئاران ئوقۇيالايدىكەن.دېمەك، بۇ ئوقۇغۇچى كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزبولۇشى سەۋەبلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچراپ تۇرىدىكەن.»تەكشۈرگۈچى«لەر سىنىپقا كىرىپ دەرس ئاڭلىماقچىبولسا ئۇ ئوقۇغۇچىنى سىرتقا چىقىرىۋېتىدىكەن.بىرقىسىم سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن قولىنىھەرقانچە ئېگىز كۆتۈرسىمۇئورنىدىنتۇرغۇزمايدىكەن. سەۋەبى بۇئوقۇغۇچىنىڭكۆزى كۆرمىسە نېمىنىبىلىدۇ،يالغاندىن قول كۆتۈرۈۋاتىدۇ دەپ قارىلىدىكەن.بىركۈنى تاسادىپىي سىرتتىن كەلگەن دەرس ئاڭلىغۇچىلارسىنىپقادەرس ئاڭلىغىلىكىرىپتۇ.ئوقۇتقۇچى بۇ ئوقۇغۇچىنى سىرتقا چىقىرىۋېتىشكە ئۈلگۈرەلمەپتۇ. ئوقۇتقۇچى دەرسنىئۆتۈپ كېتىۋېتىپسوئال سورىغانىكەنسىنىپتابۇ بالىدىنباشقا جاۋاب بېرىدىغان ئوقۇغۇچى چىقماپتۇ. ئامالسىز قالغان ئوقۇتقۇچى بۇ بالىنى جاۋاب بېرىشكە بۇيرۇپتۇ ھەمدە كۆڭۈلدىكىدەكجاۋابقا ئېرىشىپتۇ.بىراق ئوقۇتقۇچى بۇ بالىنىڭئىقتىدارىدىنھازىرغىچەگۇمانلىنىپباشقا بالىلاردەك مۇئامىلە قىلمايدىكەن. بالىسىنىڭمەكتەپتە باشقا بالىلارغائوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەنبولالمايۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانئاتا - ئانىنىڭقەلبى قاتتىق ئازابلىنىدىكەن.
ئۇنداقتا، چەت، نامرات رايونلاردا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدەمائارىپ مەكتەپلىرىنى ئېچىشئىمكانىيىتى بولمىغانئەھۋال ئاستىدا شۇ جايدىكىمېيىپ بالىلارنىڭ ئادەتتىكىمائارىپ بايلىقىدىنبەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى يوقمۇ؟
»جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭمائارىپ قانونى«نىڭ38 - ماددىسىدا:»دۆلەت، جەمىئىيەتۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىمېيىپلەرنى جىسمانىي، روھىيئالاھىدىلىكىگەۋە ئېھتىياجىغاقاراپ تەربىيەلىشىھەم ئۇلارغا ياردەم بېرىشى ۋەقولايلىق يارىتىپ بېرىشىكېرەك« دېيىلگەن.
»جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭمەجبۇرىي مائارىپقانونى«نىڭ 9 - ماددىسىدا: »يەرلىكھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى مۇۋاپىق قۇرۇپ، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى يېقىن ئەتراپتىكىمەكتەپلەرگە كىرىشئىمكانىيىتىگەئىگە قىلىشى لازىم.يەرلىك ھەر دەرىجىلىكخەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەما، گاس، ئەقلى ئاجىز بالىلارغاۋە ئۆسمۈرلەرگە ئالاھىدەمەكتەپ )سىنىپ(ئېچىپ بېرىشىكېرەك« دېيىلگەن.
»جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭمېيىپلەرگە كاپالەتلىك قىلىش قانۇنى«نىڭ21 - ماددىسىدا»دۆلەت مېيىپلەرنىڭمائارىپ ھوقۇقىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىغاكاپالەتلىك قىلىدۇ« دەپ ئېنىقئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن مېيىپ - مەجرۇھ ئوقۇغۇچىلار ئادەتتىكىمائارىپ مەكتەپلىرىدە چەتكە قېقىلىدۇ؟نورمال بالىلار بەھرىمەنبولىدىغانمۇئامىلىلەرنىڭ يېرىمىدىنبولسىمۇ بەھرىمەنبولالمايدۇ، بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى نەدە؟
تۆۋەندە مەن بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغاقويۇپ ئۆتىمەن:
1. »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭمائارىپ قانۇنى«، »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭمەجبۇرىي مائارىپقانۇنى«، »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىيىپلەرگە كاپالەتلىك قىلىش قانۇنى«لىرىدا، مېيىپلەرنىڭ مېيىپلىق دەرىجىسىگەقاراپ ئادەتتىكى مەكتەپلەرگە كىرىشىھەققىدە كونكرېت بەلگىمە بولمىغانلىقى سەۋەبلىك،مېيىپ بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىبالىلىرىنى قايسى مەكتەپتە ئوقۇتۇشنى، بالىلىرىغا ئادىلمۇئامىلە قىلمىغان مەكتەپ، ئوقۇتقۇچىلار ئۈستىدىن قايسى ئۇسۇل ئارقىلىق،نېمىگە تايىنىپ ئەرز قىلىشنى بىلەلمەيبالىلىرىنىڭمەكتەپتە خورلىنىشىغا سۈكۈت قىلىپ ئۆتۈۋاتىدۇ.
2. ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەيدىغانپېداگوگىكا مەكتەپلىرى،ئالاھىدە مائارىپمەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىقانداق تەربىيەلەش، مېيىپ- مەجرۇھ، ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىزئوقۇغۇچىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئوقۇغۇچىلارغا مۇنتىزىم، سىستېمىلاشقان دەرسلىك سۈپىتىدە ئۆتمىگەچكە،ئۇلار خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمېيىپ - مەجرۇھ، ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىزئوقۇغۇچىلارغا يولۇققاندا تەمتىرەپ نېمە قىلارىنى بىلمەيئۇلارنى تاشلاپ قويۇۋاتىدۇ.
3. يۇقىرىدەرىجىلىك مائارىپمەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئادەتتىكىمائارىپ مەكتەپلىرىدىكىمېيىپ - مەجرۇھ بالىلارنى تەربىيەلەشكەنىسبەتەن ئېنىقنىشانى، مەسئۇلىيەت دائىرىسى بولمىغانلىقتىن،ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭلائەمەس مەكتەپ مەسئۇللىرىنىڭمۇنەزەرىگە ئېلىنمايپەرۋاسىز تاشلىنىپ قېلىۋاتىدۇ ياكى بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا يولۇققان مەكتەپ رەھبەرلىرى نېمە قىلىشىنىبىلەلمەي گاڭگىراپ،بالىلارنى ھەدەپ ئالاھىدە مائارىپمەكتەپلىرىگەبېرىشنى تەلەپ قىلىپ بالىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە يول قويمايۋاتىدۇ. بىرقىسىملىرى مەكتەپكە كىرسىمۇمەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ نەزىرىدىنساقىت قىلىنىپ،ئۇلارنىڭ قانداق ئۆگىنىۋاتقانلىقى، قايسى ئۇسۇللار بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىنىسۈرۈشتە قىلىدىغان ئادەم بولماسلىقى سەۋەبلىكتاشلىنىپقېلىنىۋاتىدۇ.
4. بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلارداكەسىپنى سۆيۈش روھىنىڭكەم بولۇشى، مېيىپئۇقۇغۇچىلارنىڭمۇئادەتتىكى مائارىپتىن بەھرىمەنبولۇش ھوقۇقىنىڭبارلىقىنىبىلمەسلىكى،ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىزئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشنىئاۋارىچىلىق دەپ قارىشى،مەكتەپنىڭ شۇ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشھەققىدە قاتتىقكۆرسەتكۈچلۈك پىلان - لايىھەسىنىڭبولماسلىقى، ئاخىرىدا مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشتىن ئىبارەتئادالەت تارازىسى مېيىپئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنمۇ تەڭپۇڭ تۇتۇلمىغانلىقتىن، مېيىپبالىلار ئادەتتىكىمەكتەپلەردە تەربىيەسىز قېلىۋاتىدۇ.
5. بىرقىسىممەكتەپلەر ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىزئوقۇغۇچىلارنىڭئۆگىنىشنەتىجىسىگە قارىتاكۆرسەتكۈچ بېكىتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قانداق ئوقۇشى بىلەن كارى يوق، يىل ئاخىرقىنەتىجىلەرنىھېسابلاشتا شۇ سىنىپتىكىئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىزئوقۇغۇچىلارنىڭ  نەتىجىسىنىسىنىپنەتىجىسىگە قوشماي ھېسابلايدۇ ياكى ئۇلاردىن ئىمتىھان ئالماي سىرتقا چىقىرىۋېتىدۇ ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭئىسمىنىنەتىجە جەدۋىلىدىنئۆچۈرۈۋېتىدۇ بۇنىڭبىلەن بۇ سىنىپقا دەرسكە كىرگەن ھەربىرئوقۇتقۇچى ئۇلارنى »ساننىڭ سىرتىدا«دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇلار خۇددى سىنىپقاخاتا كىرىپقالغان، ئۆزلىرى بىلەنمۇناسىۋىتىيوق بالىدەك ئېتىبارغائېلىنمايدۇ.
خۇلاسە كالام شۇكى، مېيىپ بالىلارمۇجەمئىيەتنىڭبىر ئەزاسى، گەرچە ئۇلارنىڭ تەن قۇرۇلۇشى، ئەقلىي ئىقتىدارى بىرقەدەرئاجىز بولسىمۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىش،كەلگۈسىدە ياشاش ھوقۇقىنى ئېتىراپقىلىشىمىزكېرەك. ئۇلارنىڭمۇ ئادەتتىكىمائارىپ بايلىقىدىنباشقا نورمال بالىلاردەكبەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بار.
ئادەتتىكىمائارىپتا ئوقۇيالىغۇدەكمېيىپ بالىلارنىئىمكانىيەتنىڭ بارىچەچوقۇم ئادەتتىكى مائارىپمەكتەپلىرىگەقوبۇل قىلىپ،ئۇلارنىمۇ ئادەتتىكىبالىلاردەك تەربىيەلەپچىقايلى. ئۇلار كەلگۈسىدە جەمئىيەتنىڭ يۈكىگەئايلىنىپقالمىسۇن.
 
قومۇل شەھەرلىك راھەتباغ يېزا لياۋيى ئۈمىد مەكتەپتىن

مەنبە : شىنجاڭ مائارىپ ژورنىلى
 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار