خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمىدىن كۆپ بولىدۇ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-11-21 23:15

 
مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمىدىن كۆپ بولىدۇ

چەت، يىراق، نامرات رايونلارغا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ۋە تۇتۇپ تۇرۇش تەس بولۇشتىن ئىبارەت كونا مەسىلىگە قارىتا، ھۆكۈمەت مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەر ئارقىلىق، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، مەجبۇرىي مائارىپنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

   مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 19-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى 9-ئايدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلاردىكى مەجبۇرىي مائارىپ ئوقۇتۇشى يولغا قويۇلغان يېزا، كەنت مەكتەپلىرى ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا قوشۇمچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىشنى قارار قىلغان. قوشۇمچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان خىزمەت ئورنى ياردەم پۇلىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بەش خىل سۇغۇرتا، بىر فوندى ۋە پېنسىيە پۇلى ھېساباتىغا كىرگۈزۈلمەيدىكەن، ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت قىلغان ۋاقىتتا بۇ پۇلدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، خىزمەتتىن ئايرىلغان چاغدا ئۆزلۈكىدىن ئەمەلدىن قالىدىكەن.

   شۈ تاۋ مۇنداق دېدى: «بۇ سىياسەتنىڭ قەدەممۇقەدەم كېڭەيتىپ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپمۇ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار تۇتاش رايونلاردىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسى شەھەر-بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمىدىن يۇقىرى بولۇپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپ جەلىپكارلىقى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ.»

   ئىگىلىشىمىزچە، جۇڭگودا 699 ناھىيە يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا قوشۇمچە ياردەم پۇل تارقىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، 1 مىليون 200 مىڭ ئوقۇتقۇچى بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىدىكەن.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار