خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيەتنامىسىنى تەكشۈرۈش ئالدىغا سۈرۈلدى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-06-09 13:06

 

بۇ يىل ئالاھىدە ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيەتنامىسىنى تەكشۈرۈش ۋاقتى ئالدىغا سۈرۈلدى


بۇ يىل ئالاھىدە ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيەتنامىسىنى تەكشۈرۈش ۋاقتى ئالدىغا سۈرۈلدى، مائارىپ تارماقلىرى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەتنامىسى ئالمىغان بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپنىڭ ئىسپاتىنى ئېلىپ تەكشۈرۈشكە قاتناشسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ يىل شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرىدىغان جاۋ شيا ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىغا قاتناشماقچى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىدا تىزىمغا ئالدۇرماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەتنامىسى بولمىغانلىقتىن، سالاھىيەتنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشالمىغان. ئەمما ئەمەلىي ئەھۋال مۇنداق ئىكەن: بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەتنامىسىنى مەكتەپ 7-ئايدا بېرىدىكەن، بۇ يىل ئالاھىدە ئىش ئورنىغا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش سالاھيىتىنى تەكشۈرۈش ۋاقتى 6-ئايغا سۈرۈلگەن. نەتىجىدە بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرۇش دائىرىسىغا كىرەلمىگەن. بۇنىڭغا قارىتا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى كادىلار باشقارمىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى چياۋ شىشيا مۇنداق دېدى: بىز بۇ ئەھۋالنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىگە دوكلات قىلدۇق، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ۋە ئوقۇش تارىخىي گۇۋاھنامىسى ئالغانلىقى توغرىسىدا ئىسپاتى بولسىلا ئىمتىھان بىرىشكە تىزىملاتقان رايون، ناھىيىلەرنىڭ مائارىپ تارماقلىرىغا بېرىپ سالاھىيەتنامىسىنى تەكشۈرتسە بولىدۇ. بۇنىڭدا ئوقۇش تارىخىي ماس كەلگەن بولۇشى، ئۇنىڭدىن سىرت خەنزۇچە ئورتاق تىلغا راۋان بولۇشى، خەنزۇچە سەۋىيە ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك، مۇشۇلار ئېتىراپ قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسىلا سالاھىيىتى ئېتىراپ قىلىنىدۇ. باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بىلەن ئوقۇش تارىخىي مەكتەپ تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بولۇشى، بارلىق نەتىجىلىرى لاياقەتلىك بولغان بولۇشى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۈۋاھنامىسىنى بىجىرىش جەريانىدا مۇشۇ خىلدىكى دەلىل-ئىسپاتلار ئۈنۈملۈك ئىسپات بولالايدۇ.
مۇخبىر يەنە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن، يېقىندا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مۇشۇ تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى، جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مۇشۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىگىلىدى.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار