− بۇ كىتابتىكى رەسىملەرنى كىم سىزغان، بىلەمسىلەر؟
− دېھقانلار.
− دېھقانلار مۇشۇنداق چىرايلىق رەسىملەرنى سىزىپتۇ، سىلەر سىزالامسىلەر؟
− سىزالايمىز!
− ئەمىسە، ئەتراپىڭلاردىكى مۇھىت ۋە خىيالىڭلاردىكى كۆرۈنۈشلەرنى سىزىپ بېقىڭلار!
بۇ، بۇ يىل 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاۋات ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 5 – يىللىق 2 – سىنىپىدا ئۆتۈلۈۋاتقان گۈزەل سەنئەت دەرسىدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ناھىيە يېقىندا سىناق تەرىقىسىدە نەشر قىلدۇرۇپ تارقاتقان ‹‹دولان دېھقانلار رەسىملىرى›› دەرسلىك كىتابىدىكى رەسىملەرنى كۆرسىتىپ سورىغان سوئال ۋە بېرىلگەن جاۋاب.
بۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچى ئەلفىرە ئەيسا مۇنداق دېدى: بۇ كىتابتىكى رەسىملەر قارىماققا ئاددىي كۆرۈنگىنى بىلەن، مەزمۇنى چوڭقۇر ئىكەن، ماڭا زور ئىلھام بولدى.
ئاۋات ناھىيەسى يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، بۇلتۇر 9 – ئايدا ئاۋات دولان دېھقانلار رەسىملىرىدىن باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ گۈزەل سەنئەت دەرسلىكى تۈزۈشنى پىلانلاپ، بۇ دەرسلىكتىن 400 پارچە باستۇرغانىدى. بۇ دەرسلىك بۇ يىل 4 – ئايدا ناھىيەدىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە تارقىتىلىپ، گۈزەل سەئەت دەرسىدە سىناق تەرىقىسىدە ئۆتۈلگەندە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەل سەنئەت ئىلھامىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
ئاۋات ناھىيەلىك ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسىنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى تۇرغۇن ئەلا مۇنداق دېدى: بۇ دەرسلىكتە ناھىيەمىزدىكى دېھقان رەسساملارنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكنى ئەكس ئەتتۈرگەن رەسىملىرى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەننى، يۇرتنى سۆيۈشكە يېتەكلەش ۋە ئۇلارنى ئاددىي كۆرۈنۈش ئارقىلىق چوڭقۇر مەزمۇننى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سىناق تەرىقىسىدە بېسىپ تارقىتىلغان بۇ دەرسلىكنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇشىدىكى ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، 2013 – يىللىق كۈزلۈك ئوقۇتۇش مەۋسۇمىدا ناھىيە بويىچە ھەممە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «دولان دېھقانلار رەسىملىرى» تارقىتىلىپ، گۈزەل سەنئەت دەرسلىكى قىلىنىدىكەن.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]