خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 1- مارت شەخسلەر ۋە خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئاپپاراتلارغا قوبۇل قىلىنغان يېتىم بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر مەملىكەت بويىچە يېتىم بالىلار ۋە تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلارنى قوبۇل قىلىدىغان شەخسلەر ۋە خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئاپپاراتلار 878 گە يەتكەن بولۇپ، قوبۇل قىلىنغان بالىلار ۋە تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلار 9394 كە يەتكەن. خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە بولغان ياكى يېتىم بالىلار ئاساسىي تۇرمۇش راسخوتى ئالغانلار 4654 كە يېتىپ، ئومۇمىي ساننىڭ %49.5 نى ئىگىلىگەن.
خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرمىگەن يېتىم بالىلار، تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلارنى تەكشۈرۈش داۋامىدا كۆپ قىسمى تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇش تەلىپى بويىچە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاساسىي بېقىش شارائىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ياكى ھازىرلىمىغان قىسمەن شەخسلەر ۋە خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئاپپاراتلار قوبۇل قىلغان يېتىم بالىلار،تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلارنى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]