گوۋۇيۈەن شىنجاڭدا باش ئەگىم شەھىرى ۋە ئالاتاۋ شەھىرى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىدى
گۇۋۇيۈەن يېقىندا شىنجاڭدا باش ئەگىم ۋە ئالاتاۋدىن ئىبارەت ئىككى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر تەسىس قىلىشنى رەسمىي تەستىقلىدى.
گۇۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تەستىق ھۆججىتىدە مۇنداق بەلگىلەندى: باش ئەگىم شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بىۋاسىتە قارايدۇ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى باشقۇرىدۇ؛ ئالاتاۋ شەھىرى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تەۋەلىكىدە بولىدۇ. ئىككى شەھەرنىڭ تۈرلۈك ئاپپاراتلىرى «ئىخچام، بىر تۇتاش، ئۈنۈملۈك»بولۇش پىرىنسىپى بويىچەتەسىس قىلىنىدۇ، مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي رايون چېگراسى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ۋاقتىدا ئېنىقلاپ بېكىتىلىدۇ، مەركەزنىڭ تېجەشلىك بولۇش بەلگىلىمىلىرى ۋە دۆلەتنىڭ يەر باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزام-سىياسەتلىرى قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، رايون بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇلۇپ، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما ياخشىلىنىپ، رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي جەھەتتىكى ماس، ساغلام تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]