خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا مۇكا

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2012-12-13 23:12

 

ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر

ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىش

مۇراسىمى ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلدى


ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمى ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلدى

11- دېكابىر، جۇڭگونىڭ ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مائارىپ باشقارمىسى جۇڭگونىڭ ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن، جۇڭگونىڭ ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دىڭ ۋېي مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

ئەخلاقتىمۇ ۋە ئۆگىنىشتىمۇ ياخشى، ئائىلە ئىقتىسادى ئانچە ياخشى بولمىغان ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە مەدەت بېرىش، چەت ئەلدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەنگە، شىنجاڭغا قايتىپ خىزمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2011 - يىلى «ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتى» تۈرىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ، ئوقۇشتا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇيدىغان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ھەمدە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەنگە قايتىپ خىزمەت قىلىشقا، ئۆز يۇرتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشقا ئىشىلتىلىدۇ.

2012 - يىلى، 27 دۆلەتتىكى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان 146 نەپەر شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىتالىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىدىن يەتتىسى بار، بۇ، ئىتالىيەدە ئ‍ۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار