خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئايلىنىپ قا

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2012-11-29 23:30

 

خەلق گېزىتى ئوبزورى:

ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئايلىنىپ قالمىسۇن

 

 بالىلارنى ياخشى ھەم تولۇق ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن ‹‹ئوغۇرلۇقچە يەيدىغانلار››نىڭ ئاغزىنى توسۇپ، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتى، ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىدىغان ئوزۇقلۇق تامىقىنى تەييارلاش كېرەك.

گەرچە ‹‹ئالقانچىلىك بولكا›› پەقەت ‹‹مۇكاپات بۇيۇمى›› بولۇپ، ‹‹باشقۇرۇش جەھەتتە يۇچۇق چىقىپ››، جامائەتكە ئاشكارىلىنىپ ئالاقىدار تارماقلار تېزلىكتە چېتىشلىق مەكتەپ مۇدىرىنى ئەمىلىدىن ئېلىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ فېڭخۇاڭ ناھىيەسى لائېرسەن بازارلىق باشلانغۇچ مەكتىپىدە كۆرۈلگەن ئىش يەنىلا كىشىلەرنىڭ بالىلارنىڭ ‹‹ئۈچ يۈەنلىك ئوزۇقلۇق تامىقى››غا بولغان دىققىتىنى ۋە ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، گوۋۇيۈەن يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، مەركەز ھەر يىلى 16 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالىدىغان بولدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 15 ئورۇن بىرلىشىپ، ‹‹يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇش تەپسىلاتلىرى›› قاتارلىق كۆپلىگەن يۈرۈشلەشتۈرۈش ھۆججەتلىرىنى بېسىپ تارقاتقانىدى. ئەسلىدە ئاشۇ چەت-تاغلىق رايونلاردىكى بالىلارنىڭ چۈشلۈك تامىقى شۇنىڭدىن باشلاپ تېخىمۇ موللىشىشى كېرەك ئىدى. ئەمما يەنىلا بەزىلەر بالىلارنىڭ يەۋاتقان تامىقىغا چاڭگال سېلىشقا باشلىدى. بۇ ئىش شۈبھىسىزكى، يەنە بىر قېتىم چېلىنغان ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى ھېسابلىنىدۇ: چوقۇم بارلىق ھالقىلاردىكى باشقۇرۇش يوچۇقلىرىنى پۇختا ئېتىش كېرەك. پەقەت تېخىمۇ قەتئىي تەدبىرلەنى قوللىنىپ ئاشۇ بالىلارنىڭ ئاغزىدىكى تاماقنى تارتىۋېلىۋاتقان ‹‹چاشقان››لارنى جازالاشقا جۈرئەت قىلغاندىلا؛ پەقەت كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇپ پۇختا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورناتقاندىلا ئاندىن تاماق پۇلىنى تۇتۇپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، سەرپ قىلىنغان ھەربىر پۇڭ پۇلنىمۇ بالىلارنىڭ ئېغىزىغا نەقلەشتۈرگىلى بولىدۇ. بالىلارنى تويغۇچە ئوزۇقلاندۇرۇش، بىر دۆلەت، بىر جەمئىيەتنىڭ بالىلارغا بولغان ئاساسىي ۋەدىسى. شۇنداقلا بۇ ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىگە ئايلىنىشى كېرەك. ھازىر تۈزۈم كاپالىتى، مەركەزنىڭ سېلىنمىسى قاتارلىق ‹‹چوڭ تاۋاق››لارنىڭ ھەممىسى تەدرىجىي ئۆز ئورنىغا ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق تامىقىدىن بەھرىمەن بولۇش-بولالماسلىقى، ياخشى ئوزۇقلىنىش-ئوزۇقلىنالماسلىقى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ‹‹كىچىك تاۋىقى››غا تېخىمۇ بىۋاسىتە باغلىق بولۇپ قالدى. مەركەزنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىش-قىلىنماسلىقى ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنىڭ يېتەرلىك بولۇش-بولماسلىقى تەقسىملەش سىستېمىسىنى قانداق قۇرۇش، يېمەلىك بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش....

بۇ بىر قاتار مەسىلىلەر يەرلىكنىڭ ئىجرا قىلىشى بىلەن يۇقىرى قاتلاملارنىڭ پىلانىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى، تۈرلۈك مەسئۇلىيەتلەرنى بىرمۇ-بىر ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە باغلىق.

مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، ئۆزلىرى ئاشخانا قۇرۇش ئارقىلىق ئوزۇقلۇق تامىقىنىڭ ‹‹ئېغىزغا ئەمەلىيلىشىشى››گە كاپالەتلىك قىلىش بىر خىل يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. ‹‹ئوغۇرلۇقچە يەيدىغان ئېغىز››لارنى ئەتكەندىن باشقا، يەنە بىر ئوخشاش جىددىي مەسىلە شۇكى، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىغا ماس كېلىدىغان بىر ۋاق ئوزۇقلۇق تامىقىنى ياخشى تەييارلاپ، ياخشى ئىش قىلىمەن، دەپ قىلالمىغان ‹‹چالا پىشقان تاماق››نى ئېتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئوزۇقلۇق تامىقى 22 ئۆلكە، مىڭغا يېقىن ناھىيە، 30 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ۋە مال باھا سەۋىيەسى ئوخشاش ئەمەس، بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتى، مەكتەپلەرنىڭ تاماق بىلەن تەمىنلەش ئاساسىمۇ ئوخشاش ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياردەم پۇلى سوممىسىمۇ ئادەم بېشىغا قاراپ ئاجرىتىلغان. شۇڭا بىرلىككە كەلگەن تاماق راسخوتى ئۆلچىمى ئاستىدا قانداق يېيىش، نېمىنى يېيىشنى بىرلا خىل ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشقا بولمايدۇ.

مەسىلەن، بەزى جايلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ‹‹سۈت + ×›› ئاساس قىلىنغان تاماق بىلەن تەمىنلەش ئەندىزىسى گەرچە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار سۈتنى ئىچكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ماسلىشالمىغان. مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، بەزى جايلاردا ھەر كۈنى گۆش يېگەچكە بالىلار ‹‹گۆش يېيىشتىن قورقىدىغان›› بولۇپ قالغان؛ يەنە بەزى جايلاردا ھەر كۈنى سۈت بىلەن پېچىنە يېگەچكە بالىلارنىڭ ‹‹قورسىقى تويمىغان››. بۇنداق مەسىلىلەر ئوزۇقلۇق تامىقى جەھەتتە، ئوزۇقلۇق ئىلمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىخەتەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئالاھىدىلىكى مول، ئوزۇقلۇقى تەكشى بولغان تاماق تىزىملىكى ئۈستىدە ئاكتىپ ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشنى چۈشەندۈرىدۇ. خەلقئارادىكى تەجرىبىلەردىن قارىغاندا، چۈشلۈك تاماق ئوزۇقلۇقنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆگىرىشچان بولغان تاماق تىزىملىكىنى تەييارلاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹ياخشى ئوزۇقلىنىشى››غا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە ئىكەن.

ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانى ھەرگىزمۇ نۇقۇل ھالدىكى بىر-ئىككى ۋاق تاماق بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنىمۇ پەقەت ‹‹تاماق قاچىسىدىكى ئۆزگىرىش››لا ئەمەس. قانداق قىلغاندا ‹‹ئۈچ يۈەن ياردەم پۇلى››نى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىپ كېلىدىغان قىلىش، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، مەكتەپلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، مەمۇرىي باشقۇرۇشتىن تارتىپ ئىجتىمائىي باشقۇرۇشقىچە بولغان ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە تارماقلار مەجبۇرىيىتىنى كۆپرەك ئادا قىلىپ ۋە قاتنىشىپ، بىرلىكتە كۈچەپ ئوزۇقلۇق چۈشلۈك تامىقىنى تېخىمۇ ياخشى، يېيىشلىك، تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك قىلىپ تەييارلىشى كېرەك. (تەرجىمە قىلغۇچى: مەھەممەت بارات)

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار