28-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، مەملىكەتلىك ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى يىغىنى ۋە «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتىنى خۇلاسىلەس-تەقدىرلەش يىغىنى 7-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ تەبرىكنامە ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن مەملىكىتىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم بۇ قېتىمقى يىغىندا تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]