خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ش ئۇ ئا ر كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى ي

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : بەشتاش2012-03-02 00:33

 

ش ئۇ ئا ر كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى يىغىنى 28-فېۋرال چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە تەشۋىقاتچى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى ۋە يېتەكچى بولۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، پېشقەدەم يولداشلار رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، يۈكسەك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، نام - مەنپەئەت قوغلاشماي، تەمىنات بىلەن ھېسابلاشماي، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىلگىرىلىشى، ساغلاملىقىنى ئۆز ئىشى دەپ بىلىپ، كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق تۈردە تەشۋىقاتچى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى ۋە يېتەكچى بولۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى مەزگىلدىكى سىياسەتلىرىنىڭ روھىنى ئىلگىرىكىدەكلا چۈشەندۈرۈپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇستەھكەم سىياسىي ئېتىقاد ۋە ياخشى ئىدىيەۋى ئەخلاق كۆز قارىشى تۇرغۇزۇشىغا تۈرتكە بولۇشى؛ كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەھبەرلىرىدىن خەن يۇڭ، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، جىن نو قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

يىغىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتلىرى پېشقەدەم كادىرلار، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار، پېشقەدەم نەمۇنىچىلاردىن ئىبارەت «بەش پېشقەدەم»لەرنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا كۆيۈنۈش، كۆڭۈل بۆلۈش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، پېشقەدەم يولداشلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، «بەش پېشقەدەم»لەرنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى، پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار