مەكتەپ تاللاشتا قالايمىقان ھەق ئېلىشنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىدۇ
مائارىپ مىنىستىرلىقى «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ تاللاشتا قالايمىقان ھەق ئېلىشنى رەتكە سېلىشنىڭ 8 تۈرلۈك تەدبىرى» ۋە « ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش، قوشۇمچە ماتېرىياللىرى ئىشلىتىشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ تاللاشتا قالايمىقان ھەق ئېلىش ۋە قالايمىقان قوشۇمچە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى تارقىتىشنى تۈزەيدۇ.
24-فېۋرال ئېچىلغان مەكتەپ تاللاشتا قالايمىقان ھەق ئېلىشنى تىزگىنلەش ۋە قوشۇمچە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كۆرۈنمە چاستوتىلىق يىغىنىدا مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى دۇ يۈبو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا مەكتەپ تاللاشتا قالايمىقان ھەق ئېلىش ۋە قالايمىقان قوشۇمچە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى تارقىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ــ تۈزەش خىزمىتىدىكى قىيىن نۇقتا ۋە مۇھىم نۇقتا، مائارىپتا قالايمىقان ھەق ئېلىشنى تۈزەشنى باشتىن ئاخىرى خەلق رازى بولىدىغان مەكتەپ قۇرۇشتىكى زور سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئۇنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش كېرەك. تۈپتىن تۈزەش بىلەن يۈزەكى تۈزەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش فاڭجېنى بويىچە مەكتەپ تاللاشتا قالايمىقان ھەق ئېلىش ۋە قالايمىقان ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرى تارقىتىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەم مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش، ھەم ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، مەكتەپ تاللاشتا قالايمىقان ھەق ئېلىش ۋە قالايمىقان ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرى تارقىتىش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]