ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى خىزمەتتە تۇرۇپ ماگىستىر ئاسپرانتلىقتا ئوقۇسا بولىدۇ
بۇ يىل مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى خىزمەتتە تۇرۇپ مائارىپ پەنلىرى بويىچە ماگىستىر ئاسپرانتلىقتا ئوقۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇش تۈزۈمىنى تۇنجى قېتىم ئورناتتى. 15–دېكابىر، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، مۇلازىمەت مۇددىتى توشۇپ ۋەزىپىسىدە تۇرۇۋەرگەن ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك ئىكەن: پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتكۈزگەن بولۇش؛ مەركەزنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىغا ۋە مەركەزنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىدىن پايدىلىنىپ يولغا قويۇلغان يەرلىك ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىغا قاتناشقان، مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان ھەمدە يەرلىكتىكى مەكتەپلەردە قېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قېلىۋاتقان بولۇش؛ يېقىنقى ئۈچ يىللىق باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان ھەمدە ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىملىق باھالاشتا مۇنەۋۋەر بولغان ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇش. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى توردا تىزىملىتىشقا باشلىغان بولۇپ، تىزىملاش 20–دېكابىر ئاياغلىشىدىكەن، توردا تىزىملاش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، نەق مەيداندا مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھاجەتسىز ئىكەن.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]