RATEDRR دەيدىغان بىر كىشى بار. قورال-ياراقلىرىنىڭ تۈرىمۇ، ئوت كۈچىمۇ بەك كۈچلۈك. بۇ كاساپەت بىرەر بوتۇلكا، چالما-كېسەكنى نىشانلاپ يۈرمەي، بەزىلىرىمىز ئايلاپ پۇل يىغىپ ئاران تەستە ئالىدىغان iPhone, iPad دەيدىغان نەرسىلەرنى تېشىپ ئوينايدۇ. ئەمدى بۇ ساراڭ iPhone 4S تىن بىرنى مۇشۇنداق قىلىپ «ئېتىپ ئۆلتۈردى» .
15 كۈن ئىلگىرى ئوغلۇمنىڭ مەكتىپىگە بالىنى كەچتە مەكتەپتىن قايقاندا ئەكىتىش ئۈچۈن بېجىرىدىغان كېنىشكىگە بىر سۇڭلۇق رەسىم لازىم بولۇپ قالدى. ئۆزۈم ئاپاراتىمدا تارتىپ PS تە كېسىپ چاپلاپ يۈرۈپ، چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشەپ يۈرۈپ ئاران دېگەندە 5 سۇڭلۇق رەسىم ئىچىگە 1 سۇڭلۇق رەسىمدىن 9 پارچە قىستۇردۇم. ئەگەر مۇشۇ ئەپ 15 كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان بولسا ياكى بىلگەن بولسام بۇنچە ئاۋارە بولماس ئېدىم ھە؟
تۈنۈگۈنكى App Store نىڭ جۇڭگۇ رايونىدا مۇقىمسىزلىقنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇ ئۆزگىرىش ئىكەن. بۈگۈندىن باشلاپ App Store نىڭ جۇڭگۇ رايونىدا بۇرۇنقىدەك ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئەمەس، خەلق پۇلى بىلەنلا ھېساۋات قىلغىلى بولىدىكەن. بۈگۈندىن باشلاپ App Store نىڭ جۇڭگۇ رايونىدىكى بارلىق ئەپلەرنىڭ كۆرسىتىش باھاسى ئامېرىكا دوللىرىدىن خەلق پۇلىغا ئۆزگەردى. ئەپنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ سېتىۋىلىش(In App Purchase)نىڭ كۆرسىتىش باھاسىمۇ ماس قەدەمدە خەلق پۇلىغا ئۆزگىرىپتۇ.
ھىساۋات قىلىشتا پۇلنى كېرىدىت كارتا(信用卡) بىلەن تۆلىسەكمۇ، ئاددىي ئامانەت كارتىسى(储蓄卡,借记卡) بىلەن تۆلىسەكمۇ بولىدىكەن. ئۇنىدىن باشقا مۇشۇ ئاددىي ئامانەت كارتىسى(储蓄卡,借记卡) ئارقىلىق ھىساۋاتىمىزغا ئالدىن پۇل قاچىلاپ قويساقمۇ بولىدىكەن.
بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ، بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر جۇڭگۇ رايونىدىكى Apple ID ئارقىلىق، ئەپلەرنى يېڭىلىغاندا ۋە يېڭىدىن ھەقسىز ئەپ چۈشۈرگەندە Apple ID نىڭ ئۇچۇرلىرىنى يېڭىلاشنى ئەسكەرتىپ، كېرىدىت كارتا(信用卡) ئۇچۇرلىرىنى يېزىشنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ قالغان. ھەتتا كېرىدىت كارتا ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلىگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا چۈشۈرگىلى بولمايدىكەن.
شۇنداق. مۇشۇ سىرىنىڭمۇ ساختىسىنى ياساپتۇ. سىرىنىڭ خەنچە تىل ئاڭلايدىغان نۇسقىسى يوق ئىكەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن جۇڭگولۇق پروگراممېر iPhone 4 نىڭ ئۆزىدىكى ئاۋازلىق كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق بۇنى سىرىغا ئۆزگەرتىۋاپتىمىش.
«SHSH نى زاپاسلاش» دېگەن بۇ ئۇقۇم نەشىر چۈشۈرگەنلەرگە يات ئەمەس. ئىلگىرى بۇ كىچىك كۈنلۈكنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا يازغان يازمىدا بۇنىڭغا ئېنىقلىما بېرىپ ئۆتكەن (بۇجاينى بېسىپ ئاشۇ يازمىغا بېرىڭ). iOS 5 ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالى SHSH نى زاپاسلاش ئىقتىدارى بىلەن كۈنلۈكنىڭ ئورنىغا چىقىۋالغان ئىدى. ئەمدى بۇنىڭ يېڭى نەشىرى ئىقتىدارلىرىنى تولۇقلاپ iOS 5.0.1 نىڭ SHSH سىنىمۇ زاپاسلىيالايدىغان بولۇپ تۇغۇلۇپتۇ.
بۇ ئەقىللىق شاكىچىكنىڭ ئىسمى توماس سۇارېز Tomas Suarez بۇ يىل 12 ياش بولۇپ، تېخى ئەمدى 6-يىللىق ئوقۇغۇچىسى. لېكىن ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا يۇمشاق دېتال ئېچىش شىركىتى بار. بۇ شىركەتنىڭ App Store دا بىر قانچە ئەپلىرىمۇ بار. بۇ شاكىچىك يېقىندا TEDxManhattanBeach تېخنىكا يىغىنىدا ئۆزىنىڭ يۇمشاق دېتال ئېچىش ساھەسىدىكى تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتۈپتۇ.
ھېيىت تىنچ-ئامان ئاخىرلاشتى. ھېيىت خوشاللىقى ئاخىرىغا باشقا خوشاللىقلارنى ئاللاھ ئۇلاشتۇردى. چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن. شۇڭا ھېيتتىن كىيىن بلوگ نەچچە كۈن تاشلىنىپمۇ قالدى. بۈگۈن ئاللاھ كەچ بولسىمۇ يازما يېزىشقا نىسىپ قىپتۇ. ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ «پروگراممىمىز» نى داۋاملاشتۇرىمىز. ھەم ھەقسىز، ھەم ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ لازىم بولسا «داۋامىنى ئوقۇش» نى سەت كۈچەپ بېسىڭ ئەمىسە!
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار