ئېنگلىزچە ئۆگىنىش دولقۇنى زامانىمىزدا پەسىيىپ باقمىغان قىزغىنلىقنىڭ بىرى. App Store دا بۇ خىلدىكى تىل ئۆگىنىش قوراللىرىنىڭ بازىرىمۇ خېلىلا ياخشى. پاسىبان كۇلۇبىدىن ۋارىس ئەپەندى تەۋسىيە قىلغان بۇ ئەپ مۇشۇ ئېھتىياجنى قامداشنى ئويلايدىغانلارغا بەلەن تاللاش ئىكەن. يەنە كېلىپ ھازىر ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىلىپتۇ.
سالام دوستلار. تور يوق بلوگ بىر كۈن تاشلىنىپ قالدى. كەچۈرىسىلەر. بىر يەرلەردىن تور تېپىپ لەپتوپنى كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ يۈرۈپ بىر تال يازمىنى بولسىمۇ يېزىشقا ئاللاھ نىسىپ قىلدى، شۈكرى. بىر ئەپ ئۇچراپ قالدى. ئەپتىدىن قارىسام بولىدىغان ئەپتەك تۇرىدۇ. مەن سىمىنى ئالغاچ چىقماپتىكەنمەن سىناشقا پۇرسەت بولمىدى. سىلەر بىر سىنىغاچ تۇرۇڭلار.
دۇنيادا Steve Jobs باشلاپ قويغان ئالما دەۋرى يۈكسىلىۋاتىدۇ. 5~4 يىلنىڭ ئالدىدا Apple دېگەن بۇ نامنى ئالدىمىز ئېشىپ كەتسە iPod لىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان ياكى ئىشلىتىپ باققان بولساق، كەينىمىز ئاڭلاپمۇ باقمىغان بولىشىمىز مۇمكىن. ئەمدىلىكتە IT ساھەسىدە ئەڭ كۈچلۈك كارخانا بولالىدى؟
ئىلگىرى iPhone ئۈچۈن ئۆزگىچە تەگلىك رەسىملىرىدىن بىر نەچچە تال دەپ بىر يازما يوللىغان ئىدۇق. بۈگۈن مۇشۇ ئىقتىدارغا ئېگەن بۇ ھەقلىق ئەپ ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىلىپتۇ. بۇنى تەۋسىيە قىلماي بولمىدى. تەۋسىيە قىلىشتىكى يەنە بىر ئاساس شۇكى، ئىلگىرى Topping Glow دەپلا پارقىرايدىغان ئىقتىدارغا ئېگە نەشىرنى كۈچەيتىپ نۇرغۇن ئۈنۈملەرنى قوشۇپ ياساپتۇدەك.
SAMSUNG شىركىتىنىڭ ئالما بىلەن قېرىشىپ قالغاندەك خەۋەرلەرنى تولا ئاڭلاپ كەتتۇققۇ دەيمەن. SAMSUNG مۇ قېرىشقاننىڭ ئانىسىنى ئال دېگەندەك ھە دېسە مۇشۇنىڭغىلا رىقابەت ئېلان قىلغىلى تۇردى. نەچچە دۆلەتتە پاتېنتىمغا تەسىر يەتكۈزدى دەپ ئەرز قىلىپمۇ يۈردى. يېقىندا ماۋۇ تېلىفوننى «يېڭىدىن» ئېجاد قىلىپ بازارغا ساپتۇدەك…
نەچچە كۈن ئىلگىرى ئالما شىركىتى جۇڭگو رايونىدىكى ئابونتلارنىڭ ھەقلىق ئەپلەرنى سېتىۋېلىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن بۇرۇنقى دوللار ئىستىمال قىلىدىغان ھالەتتىن خەلق پۇلى ئىستىمال قىلىدىغان ھالەتكە ئۆتتى (بۇ يازمىدا تەپسىلاتى بار). يەنى بىز جۇڭگو رايونىدىكى ھېساۋاتىمىز ئارقىلىق App Store دىن خەلق پۇلىغا ئەپ سېتىۋالالايمىز. بۈگۈن بۇ مەشغۇلاتلارنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرىلىشىنى رەتلەپ چىقتىم.
RATEDRR دېگەن بۇ گۇي ساراڭلا ئەمەس، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھۆ قىلغۇدەك تېپىۋەتكەن پۇلى بار نېمە ئوخشايدۇ. پۇل دېگەننى كۆيدۈرۈپلىۋېتىدىكەن. بىر تال iPhone 4S نى تېشىۋەتسە ئېسىت دەپ كېتىپتۇق. بۇ تەلۋىگە ئۇ ھېچ گەپ ئەمەستەك تۇرىدۇ. مىنۇتلۇق فىلىم ئۈچۈن پۇل دېگەننى خەجلەپ ژىتىۋېتىدىكەن بۇ …
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار