بۇ – ئىنژىنىرلىق ساھەسىدىكى بۈيۈك ئەسەر! بۇ – سائىتىگە 400 كېلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن «ئۇچىدىغان» سەنئەت بويۇمى! بۇنىڭ بىر بۆلىكى ئايرۇپىلان، بىر بۆلىكى ئاپتوموبىل. بۇ مىتال ۋە پلاستىك ئېلىمېنتلارنىڭ سۈرئەت بىلەن يۇغۇرىلىشىنىڭ نەتىجىسى. بۇنىڭدىن دۇنيادا پەقەت 300 دانىلا بار. مانا بۇ – دەھشەت قىممەتلىكىگە ماس كەلگۈدەك دەھشەت ماشىنا – بۇگادى ۋېيرون!
WWDC 2011 يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان ئالمىدا يېڭىلىقلار خېلى كۆپ بولىۋاتىدۇ. خەۋەرلەردە 5-ئەۋلاد ئايفوننىڭ ئىسمىنىڭ iPhone 4S دەپ بېكىتىلىپ بولغىنىنى ئېيتىشىۋاتىدۇ. شۇڭا سىرتقى كۆرىنىشى خۇددى iPhone 3G بىلەن 3GS ئوخشىغاندەك iPhone 4 بىلەن 4S نىڭمۇ ئوخشايدىكەن.
ئامېرىكا ۋاقتى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ھەر يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان ئالما ئاچقۇچىلار (پروگراممېرلار) چوڭ يىغىنى - 2011 WWDC سان-فرانسېسكودا ئېچىلدى. بۇ يىغىندا ئالمىنىڭ بۇرۇنقى قائىدىسى بويىچە مەزمۇن مەخپىي تۇتۇلغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئامېرىكا شەرقى قىسىم ۋاقتى 6-ئىيۇن ئەتىگەن سائەت 10 دا ئېىچىلىدىغانلىقى پەقەت نەچچە كۈن بۇرۇنلا ئاشكارىلانغان ئىدى. ئالما شىركىتىنىڭ CEO سى ستىۋ جوبس يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئەڭ ئاساسلىقى Mac OX Lion نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى ۋە iOS 5 ئېلان قىلىندى. يىغىندىكى ئەڭ يېڭىلىق بولسا ئالمىنىڭ بۇلۇت مۇلازىمىېترى بولمىش يىپيىڭى iCloud تونۇشتۇرۇلدى.
ئەقىللىق تېلىفۇنلار ئىچىدە Google Android نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدىكى ئىشلىتىش مىقدارى ئالمىنىڭ iOS ئۈسكۈنىلىرىدىن ئېشىپ كېتىپتۇدەك. لېكىن BusinessInsider تور بېكىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئالما ئۈچۈن 2 ئېغىز لىللا گەپ قىلىش ئۈچۈن ئالمىنىڭ iOS سىنىڭ Google Android تىن زادى قانداق ئارتۇقچىلىقى بارلىقى توغرىسىدا تۆۋەندىكى 10 تۈرلۈك ئالاھېدىلىكنى تىزىپ چىقىپتۇدەك.
دورامچۇق مۈشۈك تام – دورامچۇقلار ئارىسىدا ئەڭ بۇرۇن چىققان ۋە ئەڭ يۈز تاپقان ئەرمەك ھايۋان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ مۈشۈكنى Outfit7 شىركىتىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ مۈشۈك خەلقئارادا چوڭ يۈز تېىپىپ كوچىدىكى سەرگەردان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ھەشەمەت ئۆيىگە يېنىپ كەپتۇدەك…
iOS مەشغۇلات سېستىمىسى قاچىلانغان ئۈسكۈنىەرنى قىسقارتىپ iDevice دەپ ئاتايمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان iDevice كىشىلەرنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن سېتىۋالىدىغان نەرسىلىرىگە ئايلاندى. ئامېرىكا ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرىنى iDevice قا ئالماشتۇرغۇدەك.
ئىلگىرى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يوق بولغانلىقتىن پاسىبان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بېتى ئارقىلىق بولسىمۇ بۇ ئىشلارنى ئاز-پاز قولايلاشتۇرۇپ تۇرغان ئېدۇق. يېقىندا بىلىك كۇلۇبىدىن Sazgum ئەپەندى ئەرەب يېزىقى كىرگۈزگۈچىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان، ئايفوننىڭ بارلىق خىزمەت دائىرىسىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە بولىدىغان كىرگۈزگۈچ ياساپ چىقىپتۇ.
Cydia قۇرغۇچىسى Saurik نىڭ ئايفونىنى كۆرگەن بولىشىڭلار مۇمكىن. ئىلگىرى يوللىغان بىر يازمىمىزدا بۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئايفونىنى مۇخبىرغا كۆرسىتىپ تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئايفونىنىڭ ئۈستى تەرەپنى بىر چەكسىلا بىر تىزىملىك پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭدا 3G نىڭ، WiFi نىڭ، كۆكچىشنىڭ دېگەندەك دائىم ئىشلەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۈزچاتلىرى ئورۇنلاشقان ئىدى. بۇنى سىزنىڭمۇ قاچىلىغىڭىز بارمۇ؟
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار