تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

نەچچە كۈندىن بۇيان بىر نەچچە تال ئاجايىپ-غاارايىپ ئەپلەرنى تونۇشتۇرۇپ چىقىپتىمەن. بۈگۈنكىسىنى ئۇنچە بەك ئاجايىپ بولمىسىمۇ، ئۇكىلىرى ياكى بالىلىرى بولغان ئالمىداشلارنىڭ قاچىلىشى مەنچە زۆرۈر بولغان بىر ئەپ. بۇ ئەپ زادى بولامدۇ يوق، ئۆزىڭىز بىرنېمە دەڭ ئەمىسە.

 

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

بۇ ئەپ ئىنتايىن ئاددىي. لېكىن رولىنى ئاددىي چاغلىغىلى بولمايدۇ. بۇ ئەپ كىچىك بالىلارغا ئىنتايىن ياقىدۇ. رەسىمدىكى رەڭلىك قونچاقلارنىڭ ئۈستىگە باسساق شۇنىڭ رېتىنا ئېكران ئۆلچىمىدە تارتىلغان سۈزۈك رەسىمى بىلەن ئاۋازى قوشۇلۇپ چىقىدۇ.

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

iPhone 4 نىڭ Retina ئېكرانىغا ماسلاشقان سۈزۈك رەسىم بىلەن، رەسىمگە ماس بولغان سۈزۈك ئاۋاز بۇ ئەپنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ. بىر خىل ھايۋاناتنى يەنە بىر قېتىم باسساق يەنە باشقا ئاۋاز ۋە رەسىم كۆرۈنىدۇ. يەنى ھەر بىر خىل ھايۋان ئىچىدە بىر قانچە خىل ئاۋاز ۋە رەسىم كىرگۈزۈلگەن. ئادەمگە زېرىكىشلىك تۇيغۇسى بەرمەيدۇ.

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

بۇ ئەپتە پەقەت ھايۋاناتلانىڭ ئاۋاز ۋە رەسىملىرى بولۇپلا قالماستىن قاتناش قوراللىرى، ئۆي ھايۋانلىرى، ياۋايى ھايۋانلار، ئۆي سايمانلىرى … قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەر بار. ئىشقىلىپ كىچىك بالىلارنى ئۆزىگە رام قىلىۋالىدىغان ئوماق ئەپنىڭ بىرى.

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

چالغۇ ئەسۋاب قاتارىدىكى ھەرخىل ئەسۋابلارنى باسقاندا ئۆزىگە يارىشا ناھايىتى مۇڭلۇق مۇزىكىلار چىقىدۇ.

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

قالدى گەپنى ئەپنىڭ ئۆزىدىنلا كۆرسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئۇنچە مۇرەككەپ ئەپ ئەمەس. كىچىك بالىلار ئۈچۈن ياسىغان ئەپ ئەلۋەتتە ناھايىتى ئاددى بولىدۇ. پروگراممېرنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئەپ كىيىنكى نەشىرلىرىدە فىلىملىك قىلىپ ياسىلامىش. ئۇ چاغدا تېخىمۇ نوچى بولۇپ كەتسە كېرەك. بۇ ئەپ iPad ۋە iPhone ئۈچۈن ئورتاق ئۇنىۋېرسال ئەپ.

ئەپ ئىسمى : SoundTouch 触摸声音

ساتقۇچى : SoundTouch

تۈرى : كۆڭۈل ئېچىش

چوڭلۇقى : 156 MB

باھاسى : 2.99 دوللار (مېنىڭچە بۇ باھا ئەپنىڭ ياسىلىش تېخنىكىسى ۋە قىممىتىگە قارىغاندا كۆپ ئەرزان)

iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى :

يېشىۋەتكەن نۇسقىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرەلەيسىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



14 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. بۇ ئەپ نىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى سۆزلەنمەي قاپتۇ. يەنى كۆرۈنگەن ھەرقانداق رەسىمدىكى نەرسىنىڭ ئىسمىنى 18 خىل تىلدا ئوقۇپ بېرەلەيدۇ. بۇ ئوقۇپ بېرىدىغان ئىسىم بىر خىل نەرسىنىڭ نەچچە خىل رەسىمى بولسا شۇنچە خىل بولىدۇ، مەسىلەن، قوينىڭ رەسىمىدە قوي، قوزا، قوي ۋە قوزا دىگەندەك….
    يېڭى نۇسقىسىدا بۇ ئوقۇپ بىرىدىغان ئاۋازى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىللارنى قوشىدىكەن ، ھەمدە 7-خىل تۈر «تەبىئەت ۋە ھاۋارايى» دىگەن يېڭى تۈر قوشۇلارمىش. بۇ ئەپ ھەرقىتىم يېڭىلانغاندا يېڭى يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلۇپ تۇرىلىۋاتىدۇ. شۇڭا پۇلغا سېتىۋىلىشقا ئەرزىيدۇ، بۇنىداق بولغاندا كىيىن يېڭى نۇسقىسىغا يېڭىلاشمۇ قولايلىق بولىدۇ.
    (بۇ ئىنكاسىمنى تەھرىرلىدىم)ھازىر تېخى بايقىشىمچە بۇ ئەپ نى ياسىغانلار ئىسرائىلىيەلىكلەر ئىكەن، شۇڭا(گەرچە «بۇ باھا ئەپنىڭ ياسىلىش تېخنىكىسى ۋە قىممىتىگە قارىغاندا كۆپ ئەرزان» بولسىمۇ) پۇلغا سېتىۋالماي يېشىۋىتىلگەن نۇسقىسى(破解版)نى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  2. :o))):
    بولىدىغان گەپكەن ئەمىسە.

  3. يەنە شۇ تۇرمىنىڭ ئىچىدىكىلەر سىتىۋالماي ئامال يوق بۈگۈن تاۋۇز خىلايدىغان ئەپ بىلەن تومو تۇتىدىغان ئەپنى سىتىۋالغانتىم تىخى ئەمدۇ بۇ تىخىمۇ ياخشىكەن

  4. بۇ ئەپ بەك بوپ قويىدۇ قىزلىرىمغا ئاتايىن ھەقلىق نۇسخىسىنى ئەپ بەرگەنتىم.يەنە بىر گەپ مۇشۇ ئايفون ئۇسلۇبىدا ئىنكاس يازىدىغان كاتەكنىڭ ئاستىدىكى يوللاش دىگەن خەتنىڭ ي ھەرپى سەل چالا كۆرىنىدىكەن.

  5. كومپىيوتىرغا ئۇلاغلىق تىگىراف تورىنى ئايپەدكە سىم چىتىپ بىللە ھەمبەھرىرلەنگىلى بولامدۇ؟

    • سىمنى ئايپەدكە چاتقىلى بولمايدۇ. 无线路由器 دىن بىرنى ئېلىپ شۇ ئارقىلىق WiFi مۇھىتى ھازىرلاپ چىقىمىز. لەپتوپ ئارقىلىق WiFi نۇقتىسى قۇرىدىغان ئىشلارمۇ بار. بۇنداقتا 无线路由器 مۇ كەتمەيدۇ. توردىن ئىزدەپ كۆرۈڭ

  6. پاسىبان ئەپەندىم!ios 5نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى ئېلان قىلىنمىدىمۇ تېخى!ئەستەغفىرۇللا!!!

    • چىقىۋاتىدۇ، 80 سېكونت، 100 سېكونت دەپ. ھەممىسى نامۇكەممەل. شۇڭا ھازىرچە تامدىن ئارتىلماي تۇرۇپ تۇردۇم. بىر قانچە كۈن تەخىر قىلىپ تۇرساڭلار شايكا باشلاپ قۇتۇلدۇرۇپ چىقارمەن :lol:

  7. مەن ما ئەپلەرنى قاچىلاش ئۈچۈن چىداپ تۇرالماي نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇردۇم…

  8. يېشىۋىتىلگەن نۇسقىسى(破解版)نى قەيەردىن چۈشۈرىمىز … ئەسلىدىنغۇ خاسلا ھالال يول بىلەن ئىشلەتكەن … ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭكىكەن دىگەندىكىن … بىرەر قېتىم يولسىزلىق قىلىپ باقاي دەيمەنغۇ .. :o))):

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5 نىڭ كونا نەشىر ئابونتلىرى 5.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 5.0.1 5.1
iPhone 4 5.0.1 5.1
(iPhone 4 (CDMA 5.0.1 5.1
iPhone 4S 5.0.1 5.1
iTouch 3 5.0.1 5.1
iTouch 4 5.0.1 5.1
iPad 1 5.0.1 5.1
iPad 2 Wifi 5.0.1 5.1
iPad 2 3G 5.0.1 5.1
iPad 2 CDMA 5.0.1 5.1
iPad 3 WiFi - 5.1
iPad 3 4G - 5.1
iPad 3 4G CDMA - 5.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.6 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac].

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2012 Beta 0228 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش