ماتېماتىكا بلوگى

ماتېماتىكا بىلوگى - ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋىرسال بلوگ
ماتېماتىكا بلوگى قۇرۇلغىلى

Google گوگۇلدىن ئىزدەش مۇشۇ بلوگدىن ئىزدەش  
  • تولۇق ئېھتىماللىق فورمۇلىسى - [ماتېماتىكىلىق لۇغەت]

    2010-10-21

    ئەگەر  لار ئىككى - ئىككىدىن ئۆز ئارا كېسىشمەيدىغان ( يەنى بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرمەيدىغان ) ھادىسىلەر بولۇپ ، بۇلاردىن خالىغان بىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى 0 دىن چوڭ ھەم   ( يەنى ھادىسىلەرنىڭ يىغىندىسى B ھادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا ) بولسا ، ئۇھالدا   بولىدۇ . ( فورمۇلىدىكى   بولسا ھادىسە يۈز بەرگەن شەرت ئاستىدىكى B ھادىسە يۈز بېرىشىنىڭ شەرتلىك ئېھتىماللىقىنى بىلدۈرىدۇ ) . مەسلەن ، شەكلى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان ئىككى قۇتا بار بولۇپ ، A قۇتىغا 2 ئاق شار ۋە 4 قارا شار ، B قۇتىغا 3 ئاق شار ۋە 1 قارا شار قاچىلانغان بولسۇن . بىر كىشى بىر قۇتىدىن خالىغان بىر شارنى ئالغاندا ، « ئېلىنغان شارنىڭ ئاق شار بولۇشى » ( B ھادىسە دەيلى ) نىڭ ئېھتىماللىقىنى تاپايلى .


    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تەرمە لوغەت
    ماتېماتىكا| ۋاقتى15:38:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ھادىسىلەرنىڭ مۇستەقىللىكى - [ماتېماتىكىلىق لۇغەت]

    2010-10-21

    ئەگەر A ( ياكى B ( ھادىسىنىڭ يۈز بېرىش - بەرمەسلىكى B ( ياكى A )  ھادىسىنىڭ يۈز بېرىش - بەرمەسلىكىگە تەسىر كۆرسەتمىسە ، ئۇ ھالدا A ھادىسە بىلەن B ھادىسىلەر ئۆزئارا مۇستەقىل دېيىلىدۇ . A,B ھادىسىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇستەقىل بولۇشىنىڭ يېتەرلىك - زۆرۈر شەرتى بولۇشىدىن ئىبارەت . مەسلەن تەركىبىدە ئىككى دانە يارامسىز مەھسۇلات بولغان 5 دانە مەھسۇلاتنى ھەر قېتىم بىردىن ئېلىپ تەكشۈرسەك ھەمدە تەكشۈرۈپ بولغاننى قايتۇرمىساق ، ئۇھالدا « ئىككىنچى قېتىم يارامسىز مەھسۇلار ئېلىنىشى » ( B ھادىسە ) نىڭ ئېھتىماللىقى « بىرىنچى قېتىم يارامسىز مەھسۇلات ئېلىنىشى » (A ھادىسە ) نىڭ يۈز بېرىش - بەرمەسلىكىگە مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ ، شۇڭا A,B لار مۇستەقىل بولىدۇ . ئومۇمەن ئەگەر بىر تاساددىپىي تەجرىبىدە يۈز بەرگەن n دانە ھادىسە  لارنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق روشەن باغلىنىش بولمىسا ، ئۇھالدا ئۇلارنى ئۆزئارا مۇستەقىل دەپ قاراشقا بولىدۇ . بۇ چاغدا    بولىدۇ .
      
    ئەگەر A,B لار ئۆزئارا مۇستەقىل بولسا ، ئۇھالدا ئۈچ جۈپ ھادىسە لار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆزئارا مۇستەقىل بولىدۇ .


    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تەرمە لوغەت
    ماتېماتىكا| ۋاقتى15:34:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • مۇستەقىل n قېتىملىق تەكرار تەجرىبە - [ماتېماتىكىلىق لۇغەت]

    2010-10-21

    ئەگەر بىر تاساددىپىي تەجرىبىنىڭ پەقەت چەكلىك دانە مۇمكىن بولغان نەتىجىسى بار بولۇپ ، بۇ تەجرىبە n قېتىم تەكرار ئېلىپ بېرىلسا ھەمدە ھەر قېتىملىق تەجرىبە نەتىجىلىرى بىر - بىرىگە تەسىر قىلمىسا ، ئۇھالدا بۇ n قېتىملىق تەجرىبىنى n قېتىملىق مۇستەقىل تەكرار تەجرىبە دەيمىز . مەسلەن ، بىر تۈركۈم مەسۇلاتتىن n=10 قېتىم قايتۇرۇپ ئەۋرىشكە ئېلىپ ( ھەر قېتىم ئەۋرىشكە ئالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتۇرۇپ ، ئاندىن يەنە بىر قېتىم ئەۋرىشكە ئېلىپ ) . مەھسۇلات سۈپۈتىنى 3 دەرىجىگە بۆلۈپ ، ھەر قېتىمدا بىردىن ئالساق ، ھەر قېتىملىق تەجرىبىنىڭ نەتىجىسىدە 3 خىل ئېھتىماللىق بولىدۇ ، شۇڭا بۇ 10 قېتىملىق مۇستەقىل تەكرار تەجرىبە بولىدۇ .


    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تەرمە لوغەت
    ماتېماتىكا| ۋاقتى15:31:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • بېرنوللى تەجرىبىسى - [ماتېماتىكىلىق لۇغەت]

    2010-10-21

    ئەگەر بىر تەجرىبىنىڭ يۈز بېرىش ۋە يۈز بەرمەسلىكىدىن ئىبارەت ئىككىلار خىل مۇمكىن بولغان نەتىجىلىرى بولۇپ،  A ھادىسىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولسا ، ئۇھالدا A ھادىسىنىڭ يۈز بەرمەسلىك ئېھتىماللىقى   بولىدۇ . بۇ خىل تەجرىبە بىرنوللى تەجرىبىسى دەپ ئاتىلىدۇ . بىرنوللى تەجرىبىسى مۇستەقىل n قېتىم تەكرار ئېلىپ بېرىلغان بولسا ،ئۇ n قېتىملىق تەكرار بېرنوللى تەجرىبىسى دەپ ئاتىلىدۇ . n قېتىملىق تەكرار بېرنوللى تەجرىبىسىدە A ھادىسىنىڭ دەل k قېتىم يۈز بېرىشىنىڭ ئېھتىماللىقى مۇنداق بولىدۇ :   ؛


    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تەرمە لوغەت
    ماتېماتىكا| ۋاقتى15:26:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • لوگىكىلىق تېپىشماق: خۇراپىي باشلىق - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]

    2010-10-21

    Fisher  ئەپەندى بىر چوڭ شىركەتنىڭ كەچلىك دەرۋازىۋەنى ئىدى. ئۇ بۈگۈن ئەتىگەن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ شىركەتنىڭ باش لىدىرى Fisher  ئەپەندىگە: " مەن سودا ئىشلىرى ئۈچۈن نورۋېگىيەگە بارماقچىمەن، ئەتە Heathrow ئايدىرومىدىن يولغا چىقىمەن. مەن قايتىپ كەلگۈچە شىركەتنىڭ ئامانلىق ئىشىلىرىغا بەكرەك دىققەت قىلىڭ." دېدى. Fisher  ئەپەندىم باشلىقىغا قاراپ " قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر نورۋېگىيەگە سىز چوقۇم كېمە بىلەن بېرىڭ " دېدى.
    " مەن نېمىشقا ئۇنداق قىلىمەن؟ " دەپ سورىدى باشلىق .
    " مەن ئاخشام چۈشۈمدە سىز نورۋېگىيەگە بارىدىغان سىز ئولتۇرماقچى بولغان ئايرۇپىلاننىڭ قونۇشتىن ئىلگىرى چۈشۈپ كېتىپ ئىچىدىكى ھەممە ئادەملارنىڭ قازا قىلغانلىقىنى كۆردۈم. شۇڭا بۇ ئايرۇپىلانغا ئولتۇرماي، كېمە بىلەن مېڭىڭ " دېدى Fisher  ئەپەندىم.
    بۇ شىركەتنىڭ باشلىقى خۇراپىيراق بولغاچقا، كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ئۆزىنىڭ قارارىنى دەرھال ئۆزگەتىپ كېمە بىلەن مېڭىش قارارىغا كەلدى. باشلىق نورۋېگىيەگە يېتىپ بارغان چاغدا كىشىلەردىن ھېلىقى ئايرۇپىلاننىڭ راستىنلا چۈشۈپ كېتىپ ئىچىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قارازا قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى.  بىر نەچچە كۈندىن كېيىن باشلىق ساياھەتتىن قايتىپ كېلىپ، Fisher  ئەپەندىنى چوڭ مۇكاپاتلىدى ھەم شۇ ئانلا Fisher  ئەپەندىنى ئىشتىن بۇشاتتى. باشلىق نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟


    خەتكۈچ:تەرمە تېپىشماقلار ماتېماتىكا
    ماتېماتىكا| ۋاقتى15:22:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • لوگىكىلىق تېپىشماق: سىز ئېزىپ قالغان يول - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]

    2010-10-21

    سىز ئەزەلدىنلا بېرىپ باقمىغان بىر يېزىغا ساياھەتكە بارماقچى. ئالدىڭىزدا ئاچا يول بارئىدى. بۇ يولدا ئىككى يول بار بولۇپ بۇ يولنىڭ پەقەت بىرسى بىلەنلا سىز بارماقچى بولغان يېزىغا بارغىلى بولىدۇ. سىز قايسى يول ئىكەنلىكى بىلمەيسىز. بەختىڭىزگە يارىشا بۇ ئاچا يولدا ئىككى كىشىنىڭ ئولتۇرغانلىقى كۆردىڭىز. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇلارنىڭ بىرسى ھەر ۋاقىت يالغان گەپ قىلىدىغان كىشى ئىدى، يەنە بىر بولسا ھەر ۋاقىت راسىت گەپ قىلىدىغان كىشى ئىدى. سىز بۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ راست گەپ قىلىدىغانلىقىنى قايسىسىنىڭ يالغان گەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلەيتىڭىز. بۇ كىشىلەرمۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خالىمايدىغان كىشىلەر ئىدى.  سىزگە بۇلارنىڭ پەقەت بىرسىدىن پەقەت بىرلا سۇئال سورىشىڭىزغا رۇخسەت قىلىندى. ئۇنداق بولسا سىز قايسى سوئالنى سورىغاندا كەنتكە ماڭىدىغان توغرا يولنى بىلەلەيسىز؟


    خەتكۈچ:تەرمە تېپىشماقلار ماتېماتىكا
    ماتېماتىكا| ۋاقتى15:19:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • لوگىكىلىق تېپىشماق : ئېينىشتېيىننىڭ تېپىشمىقى - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]

    2010-10-21

    ئوخشاش بولمىغان 5 خىل رەڭلىك 5 ئۆي بار. ھەر بىر ئۆيدە ئۆي ئىگىسى ۋە ئۆي ئىگىسى بىلەن ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان بىر كىشى بولۇپ، جەمئىي ئىككى كىشى تۇرىدۇ. 5 ئۆي ئىگىسىنىڭ ھەر بىرى ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئىچىملىك ئىچىدۇ، ئوخشاش بولمىغان ماركىلىق تاماك چېكىدۇ، ھەم ھەر قايسىسى بىردىن ئوخشاش بولمىغان  ھايۋان باقىدۇ. ئۆي ئىگىسى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزى تۇرىۋاتقان ئۆينىڭ ئىگىسى باققان ھايۋان بىلەن ئوخشاش  ھايۋىنى بار، چەككەن تاماكىسىنىڭ ماركىسىمۇ ئۆزى تۇرىۋاتقان ئۆينىڭ ئىگىسى چەككەن تاماكىنىڭ ماركىسى بىلەن ئوخشاش ياكى ئۆي ئىگىسى بىلەن ئوخشاش تۈردىكى ئىچىملىك ئىچىدۇ.


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا تېپىشماقلار
    ماتېماتىكا| ۋاقتى15:14:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • كىچىك ئېھتىماللىق پىرىنسىپى ۋە پەرەزلىك تەكشۈرۈش - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]

    2010-10-21

    بىرەر قېتىملىق تەجرىبىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك بولغان (نۆلگە يېقىنلىشىدىغان) ھادىسىنى ئەمىلىيەتتە يۈز بېرىشى مۈمكىن بولمايدىغان ھادىسە دەپ قارايمىز، ئېھتىماللىقى بىرگە يېقىن بولغان ھادىسىنى مۇقەررەر ھادىسە دەپ قارايمىز. شۇنىڭغا ئاساسەن ،ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك بولغان ھادىسىلەرنى ئەمىلىيەتتە ئاساسەن يۈز بەرمەيدۇ دەپ قاراپ بەزى سىتاتىسىكىلىق ھۆكۈملەرنى چىقىرىمىز، بۇ ئادەتتە، كىچىك ئېھتىماللىق پىرىنسىپى دېيىلىدۇ.

    پەرەزلىك تەكشۈرۈش ماتىماتىكىلىق سىتاتىستىكىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى. سىز مەلۇم بىر زاۋۇتتىن بىر تۈركۈم مەھسۇلات كىرگۈزمەكچى دەيلى، سىزنىڭ مەھسۇلاتقا بولغان تەلىپىڭىز لايەقەتسىز مەھسۇلاتنىڭ نىسبىتى 3% تىن ئاشماسلىق بولسا، بۇ تۈركۈم مەھسۇلاتنى كىرگۈزۈش كىرگۈزمەسلىك ھۆكۈمىنى چىقىرىش ئۈچۈن شۇ بىر تۈركۈم مەھسۇلاتتىن مەلۇم مىقداردا ئەۋرىشكە ئېلىپ،  مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە قارىتا پەرەزلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز. ئەسلى پەرەز: مەھسۇلاتنىڭ  لاياقەتسىز بولۇش ئېھتىماللىقى    0.03  تىن ئاشمايدۇ؛   بۇنىڭغا قارشى پەرەز : مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتسىز بولۇش ئېھتىماللىقى 0.03 تىن ئاشىدۇ . پەرەزنى تۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىدىكى لاياقەتسىز مەھسۇلاتنىڭ سانىغا ئاساسەن ئېھتىماللىقىنى ھېسابلايمىز، ئەگەر بۇ ئېھتىماللىق بىز ئاۋال بېكىتكەن 0.03تىن كىچىك بولسا، ئەسلى پەرەزنى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ دەپ قاراپ، قارشى پەرەزنى قوبۇل قىلىمىز، يەنى بۇ تۈركۈم مەھسۇلاتنى لاياقەتسىز دەپ قارايمىز.  0.03 تىن چوڭ چىقسا ئەسلى پەرەزنى رەت قىلىشقا يېتەرلىك ئاساس يوق دەپ قاراپ، مەھسۇلاتنى لاياقەتلىك دەپ بېكىتىمىز. ئەگەر مەھسۇلات سۈپىتىگە يەنە گۇمانىڭىز بار بولسا ئەۋرىشكە كۆلىمىنى چوڭايتىپ  قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا تەرجىمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى15:08:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ماتېماتىكا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىللار - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]

    2010-10-18

    ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى باشقا پەنلەر ئوقۇتۇشىغا قارىغاندا مۇرەككەپرەك پەن بولۇپ، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىدىن ماتېماتىكىنى ھەر قانچە ئۆگەنسىمۇ نەتىجىسى چىقمايدۇ، دەپ قارايدۇ. تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبەمگە ئاساسەن، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم دەپ قارىغان نۇقتىلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن:
    1. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكىغا بولغان قىزغىنلىقىنى قوزغاش كېرەك. پسىخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قىزىقىش ھەرقانداق ئىشتا نەتىجە قازىنىشنىڭ ئاساسى، ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلار بىر قاتار قائىدە - قانۇنىيەت، ئاكسىئوما، تېئورېمىلاردىن پايدىلىنىپ، مەسىلە يېشىشنىڭ تەسلىكىنى كۆرۈپلا ماتېماتىكا ئۆگىنىشتىن رايى يانىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا تارىخنى، ماتېماتىكا ئالىملىرىنىڭ قىزىقارلىق ئىش - پائالىيەتلىرىنى، ماتېماتىكىنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى پايدىلىنىش قىممىتىنى، باشقا پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى زۆرۈر، ئوقۇتقۇچىنىڭ تىلى راۋان، تەپەككۇرى جانلىق، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى خىلمۇخىل بولسا، يېڭى دەرستىكى مىساللارنى ئامال بار ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇپ سۆزلىسە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ.
    2. ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكىلىق ئۇقۇملارنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلەشكە يېتەكلەپ، ئەمەلىي ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش زۆرۈر. ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ماتېماتىكىلىق ئۇقۇم مەسىلە يېشىش ۋە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشنىڭ ئاساسى. ماتېماتىكا ئۆگىنىش جەريانىدا، بەزى ئوقۇغۇچىلار مەسىلىنى يېشىشكىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇقۇمنى ئۆزلەشتۈرۈشكە سەل قارىغاچقا، ئاسانلا خاتا نەتىجىگە ئېرىشىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ماتېماتىكىلىق يېڭى ئۇقۇتمىلارنى ئۆتكەندە، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىۋېلىشقا، ئەستە ساقلاشقا ۋە ئەمەلىي قوللىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقىنى ئەسكەرتىشى، ئاسان ئارىلىشىپ كېتىدىغان، چۈشىنىش تەس بولغان ئۇقۇملارنى تەھلىل قىلىشقا، سېلىشتۇرۇپ پەرقنى تېپىپ چىقىشقا يېتەكلىشى زۆرۈر. مەسىلەن: ‹‹ئىككى سان يىغىندىسىنىڭ كۇۋادراتى›› بىلەن ‹‹ئىككى سان كۇۋادراتلىرىنىڭ يىغىندىسى›› ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىدىغان ئۇقۇم بولۇپ، مەسىلە يەشكەندە سەللا دىققەت قىلمىغاندا، خاتا نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ. ئوقۇغۇچىلار تېئورېما، ئاكسىيوما ۋە فورمۇلالارنى ئۆگەنگەندە، يادقا ئېلىۋېلىشقا كۈچەپ، ئۇلارنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىنى ۋە ماھىيىتىنى ئۆگىنىشكە سەل قارايدۇ. شۇڭا، مەسىلە يەشكەندە تېئورېما، ئاكسىئوما، فورمۇلالارنى بىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىگە تەتبىقلىيالماسلىقتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: تىك تۆت بۇلۇڭنىڭ يۈزىنى ھېسابلاشنى بىلىپ تۇرۇپمۇ سىنىپنىڭ ياكى بىرەر ئېغىز ئۆينىڭ كۆلىمىنى توغرا ھېسابلىيالمايدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي بىلىم بېرىش بىلەنلا چەكلەنمەي، ئۇلاردا ئاساسىي ماھارەت، ئاساسىي قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر.


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش
    ماتېماتىكا| ۋاقتى16:21:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ماتېماتىكا دەرس ئوقۇتۇشىدا دىققەت قىلىدىغان نوقتىلار - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]

    2010-10-18


    ماتېماتىكا چىنلىقنى، ئەمەلىيەتچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان پەن بولۇپ، ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ئاساسى. ماتېماتىكا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىجادچانلىق، ئىزدىنىش روھىنى يېتىلدۈرىدۇ. مېنىڭچە، ماتېماتىكا دەرسى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:
       1. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىدا ئۇنىۋېرسال بىلىم بولۇشى كېرەك. يېڭى دەرس ئۆلچىمى ۋە دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە تۈزۈلگەن ماتېماتىكا دەرسلىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۇنىۋېرسال بىلىم تەلەپ قىلىدۇ. يېڭى دەرسلىكنى مۇناسىۋەتلىك ھەر بىر دەرس مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. مەسىلەن: ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرىپ فىزىكا، خىمىيىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىگە يولۇقۇپ قالسا، ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق جاۋاب بېرىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىدا ئۇنىۋېرسال بىلىم بولۇشى كېرەك.
       2. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسلىكىگە قىزىقماسلىق، ماتېماتىكا دەرسىنىڭ ئىلمىي نەتىجىسى تۆۋەن بولۇشىنى تەھلىل قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە تولۇق قاتناشتۇرۇشى، ئوقۇتۇش لايىھىسى، پىلانلىرىنى ئەتراپلىق، سىستېمىلىق تۈزۈشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي مەشىقنى ئىشلەشكە تەشكىللىشى، تەجرىبىلىك دەرس ئۆتۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دەرسنى چۈشىنىشلىك ئۆتۈشى، سائەتلىك دەرسنى خۇلاسىلەپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى كېرەك.


    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تەرمە ئوقۇتۇش
    ماتېماتىكا| ۋاقتى16:05:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇش - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]

    2010-10-18

    مەن ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى، ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ھەر بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە. مېنىڭچە، ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەر بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىدا ماتېماتىكا كەسپىنى سۆيۈش روھى بولۇشى كېرەك. مەن 18 يىللىق ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇش جەريانىدا ‹‹دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش›› توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلىدىم:
    1. ئوقۇتقۇچى ھەر سائەتلىك دەرسنى ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلارغا دەرسنى ئالدىن ئۆگىنىپ كېلىشكە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، ئوقۇغۇچىلار دەرسلىكتىكى مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى تېزلا ئايدىڭلاشتۇرالايدۇ.
    2. دەرستىن ئاۋۋالقى سىناق سوئالنى يېڭى دەرسكە مۇناسىۋەتلىك قىلىپ تەييارلاش كېرەك. مەيلى ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن دەرس بولسۇن ياكى بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنقى ئۆتۈلۈپ بولغان دەرس بولسۇن، ئۆتمەكچى بولغان دەرسكە مۇناسىۋەتلىك بولسىلا، چوقۇم مۇۋاپىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك.
    3. يېڭى دەرس چوقۇم قىزىقارلىق، جەلپ قىلارلىق، يۇمۇرىستىك سۆزلەر بىلەن ئۆتۈلۈشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا زېرىكىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


    خەتكۈچ:ئوقۇتۇش ماتېماتىكا تەرمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى16:00:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ماتېماتىكا ئۆگىنىشتە كۆرۈلىدىغان پسىخىكىلىق مەسىلىلەر - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]

    2010-10-18

    ئوقۇغۇچىلار يېڭى بىلىمنى قوبۇل قىلىش ياكى يېڭى قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈشتە، توغرا، ئاكتىپ بولغان بىلىمگە ئىنتىلىش پسىخىكىسىنى ھازىرلىيالىسا، بىلىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ. مەن بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىمنى كەسىپداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچى:
         1. يۆلىنىۋېلىش، ئېرىنچەكلىك پسىخىكىسى. بۇنداق پسىخىكا تولۇق 1 – يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدا خېلى بۇرۇن شەكىللەنگەن بولىدۇ. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار فورمۇلانى، تېئورېمىلارنى شەكىل جەھەتتىنلا ئۆگەنگەنلىكتىن، تولۇق 1 – يىللىققا چىققاندا، تولۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكىسىنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىدىكى پەرققە دىققەت قىلماي، يەنىلا تولۇقسىزدا ئۆگەنگەن ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ – دە، باشلىنىشىدىلا تەپەككۇردىكى ھورۇنلۇق شەكىللىنىدۇ.
        2. ھورۇنلۇق، رايى يېنىپ كېتىش پسىخىكىسى. ماتېماتىكىدا فورمۇلا، تېئورېما كۆپ، دەرسلىكتە بولسا مۇتلەق كۆپ قىسىم فورمۇلا، تېئورېما ئىسپاتلانغان بولىدۇ، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ھورۇنلۇقىدىن پەقەت ئىسپاتلانغان نەتىجىنىلا ئەستە قالدۇرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئىسپاتىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈشكە كۆڭۈلشىمەي، مەسىلە يېشىش جەريانىدىكى مۇھىم رولىغا سەل قارايدۇ.
         3. ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پسىخىكىسى. ئاساسلىقى ئۆگىنىشتە قىينىلىدىغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ياكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولماسلىق ياكى ئىزدىنىپ ئۆگەنمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان پەرقىنى كۆرۈپ، ئۆگىنىش ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ، ماتېماتىكا ئۆگىنىشنى قىيىن ھېس قىلىۋالىدۇ – دە، ماتېماتىكا دەرسىنى ئۆگىنىشكە ئىرادىسىزلىق قىلىدۇ


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش
    ماتېماتىكا| ۋاقتى15:51:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﻪ - [ماتېماتىكىلىق يۇمۇرلار]

    2010-10-17

    。

    ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻟﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ = ﺋﯘﺧﻼﺵ + ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯩﻴﯩﺶ + ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺶ
    ﻛﺎﻻ (ﻛﺎﻟﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭ ﻣﯩﺠﻪﺯ) = ﺋﯘﺧﻼﺵ + ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯩﻴﯩﺶ
    ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ: ﺋﺎﻟﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ = ﻛﺎﻻ + ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺶ
    ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ:
    ﻛﺎﻻ = ﺋﺎﻟﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ - (ﻣﯩﻨﻮﺱ) ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺶ
    ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﻗﯘﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻪﻛﯜﻧﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻰ
    ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﻪﺷﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﻛﺎﻟﯩﻐﺎ ﺗﻪﯓ.

    ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻰ
    ﺋﺎﻟﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ = ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺶ + ﻛﺎﻻ

    ﺷﯘﯕﺎ:
    ﺋﺎﻟﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ = ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺗﺎﻥ ﻛﺎﻻ

    ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻛﯜﻥ:
    ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ = ﻛﺎﻻ ﺑﺎﻗﻘﯘﭼﻰ


    خەتكۈچ:ماتېماتىكا يۇمۇر تەرمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى18:54:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • فونكىتسىيە ئاتالغۇسى ھەققىدە قايتا ئويلۇنۇش - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2010-10-17

    ئەزىز قېرىنداشلىرىم، دوسكىغا ھەرقېتىم "X. باپ ترەگونومېتىرىيىلىك فونكىتسىيىلەرنىڭ فورمىلالىرى ۋە گىراپىكى" دېگەن ماۋزۇنى يازغىنىمدا ئىچىم ئاچچىققا تولاتتى، قاراڭلار بۇ ماۋزۇدىكى سۆزنىڭ قايسى بىرى ئۇيغۇرچە؟ بىز رادىئۇلاردا، تېلېۋېزورلاردا، كىتاپ- زھورناللاردا فونكىتسىيە دېگەن ئاتالغۇنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، شۇڭا بەزىلەر بەلكىم بۇ سۆز تىلىمىزغا ئاللا قاچان ئۆزلىشىپ بولغان، بۇ سۆزنى قايتا ئويلۇنۇشنىڭ ھاجىتى يوق دېيىشى مۇمكىن، لىكىن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنىدىغان ئۇيغۇر قانچىلىككىن؟ شەخسەن مەنمۇ ماتېماتىكىدىكى مەنىسىنى چۈشىنىمەن، باشقا ساھەلەردىمۇ قوللىنىدىكەن، ئەمما باشقا ساھەلەردىكى ئىپادىلىگەن مەنىسى بىلەن ماتېماتىكىدىكى مەنىسى ئوخشاش بولىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.
    ماتېماتىكىدىكى مەنىسى:
    فونكىتسىيە دېگەن سۆز ئەگەشكۈچىسى دېگەن مەنىدە كىلىدۇ، زاغرا تىل بىلەن ئېيتسام،y مىقدار x كە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان بولسا، y نى x نىڭ فونكىتسىيىسى دەيمىز. دېمەك x ئۆزگەرگۈچى، y ئەگەشكۈچى بولدى دېگەن سۆز.
    بۈگۈن ماشىنا ھەيدەشنى يېڭىدىن ئۆگەنگەن بىر دوستۇمنىڭ ماشىنىسىدا كېتىۋېتىپ، ئالدىمىزدا ماڭغان ماشىنىغا ئەگىشەيمۇ ؟ - دېدى- دە، ئۇ ماشىنا بىلەن مەنزىلىمىزدىن چەتنىگەنگە قەدەر ئوڭ - سول، ئىگىز - پەس ئەگىشىپ ماڭدى. مەن ئىختىيارسىز "ئەگىشىش" دېگەن سۆز ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىپ قالدىم، مەنىسى ئاجايىپ چۇڭقۇر، قۇرۇلمىسى شۇنداق ئىخچام بىر سۆز تىلىمىزدا ھېلىمۇ مەۋجۇت تۇرۇپ، بۇ سۆزنى بېيىتالمىغانلىقىمىزدىن ئۆكۈندۈم.
    قاراڭ، يۇقارقى ماتېماتىكىلىق ئۇقۇمدا ئەگىشىش سۆزى ئېنىقلا مەۋجۇت تۇرۇپ، يەنە فونكىتسىيە دېگەن ئاتالغۇنى سۆرەپ كىرگەن، تۈگىگە مىنىۋېلىپ يەنە تۈگە ئىزدىگەن زىيالىرىمىزغا تەئەججۇپلەندىم.
    ماتېماتىكىدىكى فونكىتسىيە دېگەن ئاتالغۇغا ئۆزەمچە مۇنداق تەبىر بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم:
    yمىقدار xكە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان بولسا، yنى xنىڭ ئەگەشكۈچىسى دەيمىز. دېمەك xئۆزگەرگۈچى، y ئەگەشكۈچىسى.
    دېمەك، فونكىتسىيە - ئەگەشمە، .


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا ئۇيغۇرلار لوغەت
    ماتېماتىكا| ۋاقتى18:48:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﯞﻩ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭ - [ماتېماتىكىلىق لۇغەت]

    2010-10-14

    ﺳﯩﻠﻠﻮﮔﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ 三段式论
    ﺑﯘ ﺳﯩﻠﻠﻮﮔﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺩﯨﺪﯗﻛﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﯜﭺ ﯞﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯜﭼﻼ ﮬﯚﻛﯜﻣﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻳﻪﻛﯜﻥ (ﺧﯘﻻﺳﻪ) ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﯞﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯜﭼﻼ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯗ.(ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ، ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﯩﻤﺴﯩﺰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.) ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:

    1.ﭘﺎﺭﺍﻟﻠﯩﻞ ﺗﯚﺕ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺩﯨﺌﺎﮔﻮﻧﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺗﻪﯓ ﺑﯚﻟﯩﻨﯩﺪﯗ (ﭼﻮﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺕ)

    2.ﺗﯩﻚ ﺗﯚﺕ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﭘﺎﺭﺍﻟﻠﯩﻞ ﺗﯚﺕ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ( ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺕ)

    3.ﺗﯩﻚ ﺗﯚﺕ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺩﯨﺌﺎﮔﻮﻧﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺗﻪﯓ ﺑﯚﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. (ﻳﻪﻛﯜﻥ)

    ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﺪﯗﻛﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﯜﭺ ﮬﯚﻛﯜﻣﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ 1،2 ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 3 ﻳﻪﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺋﯘ " ﭘﺎﺭﺍﻟﻠﯩﻞ ﺗﯚﺕ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ" ، " ﺩﯨﺌﺎﮔﻮﻧﺎﻟﻼﺭ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﺗﻪﯓ ﺑﯚﻟﯩﻨﯩﺪﯗ" ﯞﻩ " ﺗﯩﻚ ﺗﯚﺕ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ" ﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺩﯨﺪﯗﻛﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ. ﺳﯩﻠﻠﻮﮔﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﯩﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻛﻪﯕﺮﻩﻙ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭗ، ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺪﯗﺭ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻛﻪﯕﺮﻩﻙ ﺩﺍﺋﯩﺮﻩ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯘﺳﯘﺳﻰ ﮬﺎﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﺪﯗﺭ. ﻳﻪﻛﯜﻥ- ﺑﯘ ﺧﯘﺳﯘﺳﻰ ﮬﺎﻟﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﺮﻩﻙ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻠﻮﮔﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻳﻪﻛﯜﻧﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    ﺗﯚﺕ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻰ
    ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻠﻠﻮﮔﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺴﺎ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺗﯚﺕ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺗﯚﺕ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻰ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ،

    ﺳﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ( ﭼﻮﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺕ، ﺗﻮﻏﺮﺍ)
    ﻣﻪﯞﮬﯘﻡ ﺳﺎﻥ ﺳﺎﻧﺪﯗﺭ. ( ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺕ، ﺗﻮﻏﺮﺍ)
    ﻣﻪﯞﮬﯘﻡ ﺳﺎﻧﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ( ﻳﻪﻛﯜﻥ، ﺧﺎﺗﺎ)

    ﺑﯘ ﺳﯩﻠﻠﻮﮔﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﻛﯜﻥ ﺧﺎﺗﺎ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﭼﻮﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺳﺎﻧﻨﻰ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﻥ ﻛﻮﻣﭙﻠﯩﻜﯩﺲ ﺳﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺳﯩﻠﻠﻮﮔﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ، ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺗﯚﺕ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.


    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تەرمە لوغەت
    ماتېماتىكا| ۋاقتى12:01:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
共12页 第一页 上一页 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页 最后一页
ئابونت نامى:  
مەخپى نومۇر:  
بلوگ ئىلتىماس قىلىش | ياردەم

بلوگتىكى سەھىپىلەر

  • ماتېماتىكا يېڭىلىقلىرى[7]
  • مائارىپىمىزغا نەزەر[5]
  • ماتېماتىكا مائارىپى[10]
  • ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى[18]
  • ماتېماتىكىلىق لۇغەت[19]
  • ماتېماتىكىلىق فىلىملەر[5]
  • ماتېماتىكا رېستۇرانى[66]
  • يېڭى ئارىلىق پەنلەر[8]
  • ماتېماتىكا ئالىملىرى[32]
  • ماتېماتىكا تارىخى[45]
  • قىزىقارلىق ماتېماتىكا[43]
  • ماتېماتىكىلىق قۇراللار[3]
  • ماتېماتىكىلىق يۇمۇرلار[9]
  • ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار[16]
  • ئەدەبىي ئەسەرلەر[9]
  • تور بىلىملىرى ۋە بلوگ كودلىرى[5]
  • ماتېماتىكا كىتاپخانىسى[1]

باشقۇرۇش سۇپىسى

  • 进入后台 写新日志
  • 文章管理 评论管理
  • 更换模板 访问统计

يېڭى ئىنكاسلار

  • ئەلشەرەپ:http://uyghur.xjass.com/uygh...
  • نۇرئەخمەت:ئاق كەپتەر بلوگى سىزنى يوقلا...
  • نۇرئەخمەت:ئاق كەپتەر بلوگى سىزنى يوقلا...
  • phonix820:ياخشىمۇسىز ماڭا بىرنامەلۇملۇ...
  • phonix820:ماقالىرىڭىز كۈندىن كۈنگە سەر...
  • چەۋەنداز:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشى...
  • تۇرانىم:ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ، قۇرربا...
  • چەۋەنداز:پەخىرلىنىدىغان دىيارىمىز بىز...
  • تۇرانىم:ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ؟ .سىزنى...
  • ماتېماتىك:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوستۇم، ...

يېڭى تېمىلار

  • « قۇتادغۇ بىلىك» دىكى ئاسترونومىيىلىك بايانلار ھەققىدە
  • ئائىلىدە سىزمۇ بىر ياخشى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولالايسىز
  • ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىمى ــ خۇا لوگېڭ
  • ئولىمپىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدىكى جۇڭگو ماھىرلىرى
  • ماتېماتىكا دەرسىدىكى قىزىقچىلىق
  • مۇسا خارازىمى ئۇيغۇر !
  • بىز رەقەمنى قانداق تاپتۇق
  • ئىسىملارنىڭ سانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىت
  • ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە تۇغما قابىلىيەت كەتمەيدۇ
  • ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئەخلاقىي تەربىيەنى دەرس مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك
全部日志>>

ئۇيغۇرچە كالېندار

خەتكۇچتىن ئىزدەش

  • تەرمە[232]
  • ماتېماتىكا[167]
  • تەرجىمە[38]
  • ماتېماتىكلار[36]
  • ئوقۇتۇش[28]
  • لوغەت[27]
  • ئۇيغۇرلار[26]
  • بىلىملەر[26]
  • تەرجىمھال[19]
  • رەسىم[18]
  • تېپىشماقلار[16]
  • تارىخ[15]
  • سۇرەت[13]
  • ئىجادىيەت[12]
  • پەنلەر[12]
تېخىمۇ كۆپ...

ساقلىغۇچتىكى ئەسەرلەر

  • 2011-10[4]
  • 2011-09[1]
  • 2011-08[1]
  • 2011-07[16]
  • 2011-05[1]
  • 2011-03[2]
  • 2011-02[5]
  • 2011-01[14]
  • 2010 [175]
  • 2009 [87]

تۇغلۇق ئۇلىنىشلار

  • ulnix
  • ئوۋچى بلوگى
  • يۇكسەل بلوگى
  • dunya kara
  • چەۋەندازلار بلوگى
  • تارىم بلوگى
  • كۆزنەك بلوگى
  • رىشتىمىز بلوگلار ئۇلىنىشى
  • ئۇيغۇر ئۆرلە بلوگى
  • ulanmilar
  • تېپىشماقلار دۇنياسى
  • ئۇلىنىش مۇنبىرى
  • ماتېماتىكا بىلوگى
  • bolgzar
  • چىن دوست بلوگى
  • قوشۇق بلوگى
  • بىلقۇت مۇنبىرى
  • سەلتەنەت
  • ئەلشەرەپ تور خاتىرىسى
  • ئالەم(ئاستېرنومىيە) تورى
  • كۆكتۇغ تور مەھەللىسى
  • شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
  • دولقۇن731مەھەللىسى
  • نۇرقۇت تور خاتىرىسى
  • ئۆگىنىش بلوگى
  • سەھرا بلوگى
  • شەپقەت بلوگى
  • ئۇيغۇر بلوگېرلار مەھەللىسى
  • كۆزنەك بلوگېرلار مەھەللىسى
  • جەمگاھ ئۇلىنىشلىرى
  • ئۇلانمىلار تور تۇراسى
  • دۆلەتباغ بلوگى
  • تەكلىماكان بلوگى
  • ئىمكان بلوگى
  • شادلىق بلوگى
  • ئەلشات بلوگى
  • دۇنيا بلوگى
  • ئىزدەن تەبىئەت بلوگى
  • ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
  • ئەدەبىيات دۇنياسى
  • رەسىم تەھرىرلىگۇچ
  • يۇكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى
  • مەپتۇن بلوگى
  • كۈركۈم گۈلى
  • يۇمتاللار
' target='_blank'>تەرجىمەكەش
  • تەڭرى تاغ تورى
  • ساياھەتنامە
  • جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى
  • تور ئىملاچىسى
  • ئىرپان تور لۇغىتى
  • سىستېمىلار
  • ئىجتىمائى پەنلەر
  • شىنجاڭ ئاياللىرى
  • 1رەسىم يوللاش كودى
  • رەسىم يوللاش كودى2
  • يېزىش قىلىپلىرى
  • رەسىم ساقلىغۇچ
  • پەننى ئوموملاشتۇرۇش تورى
  • ئەلكۈيى مۇنازىرە مۇنبىرى
  • كىتابخانا بلوگى
  • پەن ئالىملىرى سۇرەتلىرى
  • ماتېماتىكىلىق فورمىلا كىرگۇزۇش قۇرالى
  • ماتېماتىكا مۇنبىرى
  • قۇرئان ئاڭلاش
    Logo ياساش
    MATH
    ئىملا تەكشۈرگۈچ
    ئېنگلىزچە ھۆسىن خەت
    تىل تەرجىمانى
    شىنجاڭ خەرىتىسى
    كود رەڭلەش
    سانلارنى كۇۋادېراتلاش
    رەڭ كودى
    يېزىق ئايلاندۇرغۇچ
    يۇلغۇن تور لوغىتى
    گوگۇل تەرجىمان
    ھەقسىز بوشلۇق
    ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت
    ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت
    ھەقسىزلەر رايۇنى
    چۈشۈرمىلەر
    خەنزۇچە ماقالىلەر
    كود جەمگاھى
    تىما يىزىش كۆزنىكى
    توربەت ئۇنۇم كودلىرى
    ئىچىلمايدىغان توربەتنى ئىچىش
    خەنزۇچە خەتكە پىنيېن بىرىش
    ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە - ئېنگىلىزچە تور لۇغىتى
    ئىلتىماس قىلىشQQ

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم

    ماتېماتىكا

    Google

    تېپشماقلار دۇنياسى

    • قىزىقارلىق تىپىشماقلار
    • مەندە بىر تېپىشماق بار
    • 0 بۇ تېپىشماقنى تاپالايدىغانلار بارمۇ؟

    چەۋەندازلار بلوگى

    • گۈدۈك مىكرو بىلوگى ۋە ئۇنى بىلوگ بىلەن بىرلەشتۈرۈش Güdük Mikro Bilogi we Uni Bilog bilen Birleshturush
    • چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-11 Qawandazlar" Uqturushi-11"
    • ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ بالىلىرى (داۋامى2)

    كۆزنەك

    • نورمال ئېچىلىدىغان ھەم يېڭىلىنىۋاتقان بلوگلار
    • نورمال ئېچىلىدىغان ھەم يېڭىلىنىۋاتقان بلوگلار
    • ئۇلىنىشلار بۇ يەردە

    ئىلىم - پەن بىلوگى

    • سانلارنىڭ «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر» گە چۈشۈپ كېتىشى
    • «100مەسىلە» نىڭ تۆتىنچىسى
    • «100مەسىلە» نىڭ ئۈچۈنچىسى

    Dunyakara

    • جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىدىن كەسپچانلىق روھىغا نەزەر.........
    • Blogbusنى ئىشلىتىش قوللانمىسى تارقىتىلدى، چۈشۈرىۋېلىڭ
    • قارا رەڭ ئاساس قىلىنغان ئىككى خىل ئۇسلۇپ

    更多博链

    • زىيارەت سانى:
    • RSS 什么是RSS?
      用IM提醒我内容更新
      订阅到QQ邮箱
      订阅到鲜果阅读器
      订阅到Google阅读器
      订阅到抓虾阅读器
    • 《城客》第四期:创意之城
      博客大巴
      博客大巴使用指南
      博客大巴模板中心
      免费注册博客大巴
      一键博客搬家工具
      中文互动杂志城客

    ئۇسلۇپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:تارىم بلوگى | بلوگ يازغۇچىسى: ماتېماتىكا