-
ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇش - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]
2010-10-18
ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇش
يۈسۈپ ئىبراھىممەن ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى، ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ھەر بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە. مېنىڭچە، ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەر بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىدا ماتېماتىكا كەسپىنى سۆيۈش روھى بولۇشى كېرەك. مەن 18 يىللىق ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇش جەريانىدا ‹‹دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش›› توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلىدىم:
1. ئوقۇتقۇچى ھەر سائەتلىك دەرسنى ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلارغا دەرسنى ئالدىن ئۆگىنىپ كېلىشكە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، ئوقۇغۇچىلار دەرسلىكتىكى مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى تېزلا ئايدىڭلاشتۇرالايدۇ.
2. دەرستىن ئاۋۋالقى سىناق سوئالنى يېڭى دەرسكە مۇناسىۋەتلىك قىلىپ تەييارلاش كېرەك. مەيلى ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن دەرس بولسۇن ياكى بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنقى ئۆتۈلۈپ بولغان دەرس بولسۇن، ئۆتمەكچى بولغان دەرسكە مۇناسىۋەتلىك بولسىلا، چوقۇم مۇۋاپىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك.
3. يېڭى دەرس چوقۇم قىزىقارلىق، جەلپ قىلارلىق، يۇمۇرىستىك سۆزلەر بىلەن ئۆتۈلۈشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا زېرىكىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
4. ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە دەرستە ئالدىدا مېڭىۋاتقانلىرى، كەينىدە قالغانلىرى، ئوتتۇرىدا مېڭىۋاتقانلىرى بولىدۇ. ئۇلار قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئوقۇتقۇچى ئۇلارغا ئۆز ئاتا – ئانىسىدەك كۆيۈنسە، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارغا يېقىن بولۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
5. سىنىپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار چۈشىنەلمىگەن نۇقتىلارنى ئوقۇتقۇچىدىن ئەركىن سورىيالايدىغان كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ھەر قانداق دەرسنىڭ مۇھىم ھەم قىيىن نۇقتىسى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلىگەندە، مۇھىم نۇقتىنى چۆرىدىگەن ھالدا قىيىن نۇقتىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا بېسىم ھېس قىلدۇرماسلىقى كېرەك.
6. مەشىقلەندۈرۈش كۆپ بولۇش كېرەك. بۇ دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ، ئۆتۈلگەن دەرسنى مەشىقلەندۈرۈش قانچە كۆپ بولسا، ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈلگەن يېڭى دەرس مەزمۇنىنى شۇنچە تېز ئۆز بىلىمىگە ئايلاندۇرۇۋالالايدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىhttp://www.anwar.cn/showthread.php?9244
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us