-
ماتېماتىكا ئۆگىنىشتە كۆرۈلىدىغان پسىخىكىلىق مەسىلىلەر - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]
2010-10-18
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ماتېماتىكا ئۆگىنىشتە كۆرۈلىدىغان پسىخىكىلىق مەسىلىلەر ۋە ئۇنى تۈزىتىش ئۇسۇللىرىرۇسۇل رېقىپئوقۇغۇچىلار يېڭى بىلىمنى قوبۇل قىلىش ياكى يېڭى قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈشتە، توغرا، ئاكتىپ بولغان بىلىمگە ئىنتىلىش پسىخىكىسىنى ھازىرلىيالىسا، بىلىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ. مەن بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىمنى كەسىپداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچى:
1. يۆلىنىۋېلىش، ئېرىنچەكلىك پسىخىكىسى. بۇنداق پسىخىكا تولۇق 1 – يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدا خېلى بۇرۇن شەكىللەنگەن بولىدۇ. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار فورمۇلانى، تېئورېمىلارنى شەكىل جەھەتتىنلا ئۆگەنگەنلىكتىن، تولۇق 1 – يىللىققا چىققاندا، تولۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكىسىنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىدىكى پەرققە دىققەت قىلماي، يەنىلا تولۇقسىزدا ئۆگەنگەن ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ – دە، باشلىنىشىدىلا تەپەككۇردىكى ھورۇنلۇق شەكىللىنىدۇ.
2. ھورۇنلۇق، رايى يېنىپ كېتىش پسىخىكىسى. ماتېماتىكىدا فورمۇلا، تېئورېما كۆپ، دەرسلىكتە بولسا مۇتلەق كۆپ قىسىم فورمۇلا، تېئورېما ئىسپاتلانغان بولىدۇ، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ھورۇنلۇقىدىن پەقەت ئىسپاتلانغان نەتىجىنىلا ئەستە قالدۇرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئىسپاتىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈشكە كۆڭۈلشىمەي، مەسىلە يېشىش جەريانىدىكى مۇھىم رولىغا سەل قارايدۇ.
3. ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پسىخىكىسى. ئاساسلىقى ئۆگىنىشتە قىينىلىدىغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ياكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولماسلىق ياكى ئىزدىنىپ ئۆگەنمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان پەرقىنى كۆرۈپ، ئۆگىنىش ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ، ماتېماتىكا ئۆگىنىشنى قىيىن ھېس قىلىۋالىدۇ – دە، ماتېماتىكا دەرسىنى ئۆگىنىشكە ئىرادىسىزلىق قىلىدۇ.
4.پەرىشانلىق پسىخىكىسى. بۇ پسىخىكا كىشىلەر مەسىلە ئانالىز قىلىش، مەسىلىنى مۇلاھىزە قىلىش يولىدىكى تەپەككۇرنىڭ مۇھىم ھالەت پسىخىكىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئوقۇغۇچىلار پىكرىنىڭ مۇقىم ئۈلگە (رامكا)گە قاراپ تەرەققىي قىلىش، مەسىلە يېشىشكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنىڭ ئاستا بولۇشى مەسىلە ئانالىز قىلىش ۋە مەسىلە ئىقتىدارىنىڭ تېگىشلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. بىر تەرەپلىمە ھالدا نەتىجە(خۇلاسە)گە ئەھمىيەت بېرىش پسىخىكىسى. بۇ مەسىلە ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلە. ئوقۇتقۇچىلار نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۇ بىلىپ – بىلمەي، ئاڭلىق – ئاڭسىز ھالدا مەسىلە ھەل قىلىش نەتىجىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىغا سەل قارايدىغان، مەسىلە يېشىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئىزدىنىشكە سەل قارايدىغان، ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشتا نەتىجىنىلا ئاساس قىلىپ، ‹‹ماتېماتىكىلىق جەريان››نى ناھايىتى ئاز نەزەرگە ئېلىشتەك ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ.
6.ئۆز – ئۆزىنى كەچۈرۈۋېتىش پسىخىكىسى. ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاندا ئاساس سوئالنى يېزىشنى خالىمايدىغان، بىر قەدەر ئاسان سوئالنى قالايمىقان يازىدىغان، قىيىن سوئالنى يازالمايدىغان ياكى بىلمەيدىغان ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ.
دېمەك، بۇ خىل پسىخىكىلىق مەسىلىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشتىكى ئاكتىپلىقىغا ئوخشىمايدىغان دەرىجىدە توسالغۇ بولۇپ، ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا پسىخىكىلىق مەسىلىلەرگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىhttp://www.anwar.cn/showthread.php?9191
收藏到:Del.icio.us