ماتېماتىكا بلوگى

ماتېماتىكا بىلوگى - ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋىرسال بلوگ
ماتېماتىكا بلوگى قۇرۇلغىلى

Google گوگۇلدىن ئىزدەش مۇشۇ بلوگدىن ئىزدەش  
  • تاناسىپلىق سىركۇل - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2010-09-06

    。
    تاناسىپلىق سىركۇل سېكتور شەكىللىك سىركۇل دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنى گالىلېي1597  - يىلى ئەتراپىدا كەشىپ قىلغان. بۇ سايمان بىر رامكا ھەم رامكا بىلەن تۇتاشقان ۋە كېرىپ - يىغقىلى بولىدىغان ئىككى پۇتلۇق سىزغۇچتىن تۈزۈلگەن. سىزغۇچنىڭ پۇتلىرىغا شكالا ئويۇلغان (سانلار رامكا ئوقىدىن باشلىنىدۇ ۋە رامكا ئوقى نۆل نۇقتا بولىدۇ). تاناسىپلىق سىركۇلنىڭ پرىنسىپى بەك ئاددىي، پەقەت ئوخشاش ئۈچبۇلۇڭلارنىڭ خۇسۇسىيىتىدىن (ئوخشاش ئۈچبۇلۇڭلارنىڭ ماس كېسىكلىرى تاناسىپ تۈزىدۇ دېگەن خۇسۇسىيىتىدىن) پايدىلىنىپ، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، مەسىلەن: (1) بېرىلگەن كېسىكنى تەڭ بەشكە بۆلگىلى بولىدۇ؛ (2) سىزىلغان خەرىتىنىڭ ماسشتابىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؛ (3) سىزمىچىلىقتا، خەرىتىدە بېرىلگەن a، b، c مىقدارلارنىڭ تۆتىنچى تاناسىپلىق مىقدارىنى تاپقىلى بولىدۇ (يەنى a:b=c:x دىكى x نى تاپقىلى بولىدۇ)؛ (4) بىرەر سان كۋادراتىنىڭ سىزغۇچنىڭ بىر پۇتىغا ئويۇلغان شكالىسىدىن پايدىلىنىپ، ساننىڭ كۋادراتى ۋە كۋادرات يىلتىزىنى تاپقىلى بولىدۇ؛ (5) بىرەر سان كۇبىنىڭ سىزغۇچنىڭ بىر پۇتىغا ئويۇلغان شكالىسىدىن پايدىلىنىپ، ساننىڭ كۇبى ۋە كۇب يىلتىزىنى تاپقىلى بولىدۇ؛ (6) ئالاھىدە ياسالغان تاناسىپلىق سىركۇلدىن پايدىلىنىپ، ھېسابلانغان شكالىغا ئاساسەن، بىرلىك چەمبەرنىڭ مۇئەييەن گرادۇسلۇق يايىنىڭ قارشىسىدىكى خوردىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى تاپقىلى، ئەكسىچە، خوردىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا ئاساسەن بۇلۇڭنىڭ گرادۇسىنى تاپقىلى، يەنى ئۇنى بۇلۇڭ ئۆلچىگۈچ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. تاناسىپلىق سىركۇل ھەم گېئومېتىرىيىلىك شەكىل سىزىش قورالى، ھەم ئۇنىڭدىن ئەمەلىي ئۆلچەش ۋە سىزمىچىلىقتا پايدىلانغىلى بولىدۇ. ئۇ17  - ئەسىردە ياۋروپادا تولىمۇ كەڭ
    تارقالغان ۋە200  يىلدىن ئارتۇق ئىشلىتىلگەن. بۇ قورال دۇنياغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي جۇڭگوغا كىرگەن.

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى12:30:09 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ساندۇق ساناش - [ماتېماتىكىلىق يۇمۇرلار]

    2010-08-29

    بىر كۇنى پولشا ماتېماتىكى شېرپىنىسكى ئۆي كۆچمەكچى بولۇپ , ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئۆيدىكى مەللىلىرىنى ساندۇققا قاچىلاپ تالاغا ئەپچىقىپ بولغاندىن كىېيىن ئۇنىڭ ئايالى:
    —— سىز بۇ 10 ساندۇققا قاراپ تۇرۇڭ , مەن بىرىپ ماشىنا چاقىرىپ كىلەي - دەپتۇ。
    بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئايالى ماشىنا چاقىرىپ قايتىپ كەلسە , شېرپىنىسكى تىخېچە ساندۇقلارنى ساناپ يۇرگۇدەك, ئۇ ئايالىغا :
    —— سىز بۇ ساندۇقلارنى 10 دېگەن ئىدىڭىز, بىىراق مەن نەچچە رەت ساناپ باقتىم, 9 لا چىقىۋاتىدۇ, - دەپتۇ。
    —— توغرا ئەمەس, بۇلارنىڭ  9  ساندۇقلىقى ئىنىق تۇرمامدۇ !
    —— مەن ساناپ بىرەي ئەمىسە , “。。。。。 0,1,2,3,4”  。
     


    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تەرجىمە يۇمۇر
    ماتېماتىكا| ۋاقتى15:46:37 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • قاراقچىنىڭ قىيىنچىلىقى - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]

    2010-08-26

    قاراقچى بىر سودىگەرنى بۇلاپتۇ، ئۇنى دەرەخكە باغلاپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، كولدۇرلاتقۇسى كېلىپتۇ - دە، ئۇنىڭغا: «دېگىنە قېنى، مەن سېنى ئۆلتۈرىمەنمۇ؟ راستنى دېسەڭ قويۇپ بېرىمەن، پۇشايمان قىلمايمەن! ناۋادا يالغان گەپ قىلساڭ تېرەڭنى تەتۈر سويىمەن» دەپتۇ. ئەقىللىق سودىگەر سەل ئويلىشىۋالغاندىن كېيىن «سەن مېنى ئۆلتۈرىسەن» دەپتۇ. قاراقچى داڭ قېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ: «ئاپلا، قانداق قىلغۇلۇق؟ ئۇنى ئۆلتۈرەي دېسەم، ئۇ راست گەپ قىلدى، قويۇپ بەرمىسەم بولمايدۇ؛ قويۇپ بېرەي دېسەم، ئۇ يالغان گەپ قىلدى، ئۇنى ئۆلتۈرۈشۈم كېرەك» دەپ ئويلاپتۇ ئۇ. قاراقچى ئاخىر ئۆزىنى تۇتۇۋاپتۇ، كۆڭلىدە سودىگەرمۇ ئەقىللىق ئىكەن دېگەن يەرگە كەپتۇ - دە، ئۇنى قويۇۋېتىپتۇ. بۇ يۇنانىستان پەيلاسوپلىرى ياخشى كۆرىدىغان ھېكايە. ئويلاپ كۆرسىڭىز، ئاۋۇ سودىگەرنىڭ زېرەكلىكىگە بارىكاللا ئېيتىسىز. ئۇ قاراقچىغا: «سەن مېنى ئۆلتۈرىسەن» دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاراقچى قانداقلا قىلسا، ئۆزىنىڭ ۋەدىسىگە خىلاپ كېلىدۇ. ئەگەر مۇنداق دېمەي، «سەن مېنى قويۇپ بېرىسەن» دېگەن بولسا، قاراقچى: «ياق، مەن سېنى ئۆلتۈرىمەن، سەن يالغان ئېيتتىڭ، ئۆلتۈرۈشۈم كېرەك» دېگەن بولاتتى - دە، سودىگەر ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. تۆۋەندىكى مىسالمۇ قىزىقارلىق: بىر ئىخلاسمەن مۇرىت ھەمىشە تەڭرى ھەممىگە قادىر، قىلالمايدىغىنى يوق دېگەننى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىكەن. بىر يولۇچى ئۇنىڭدىن بىر سوئال سورىغانىكەن، ئۇ ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپ قاپتۇ. يولۇچى: «تەڭرى ئۆزىمۇ كۆتۈرەلمەيدىغان بىر تاش يارىتالامدۇ؟» دەپ سورىغانىكەن، ئويلاپ بېقىڭ، بۇ مۇرىت نېمە ئۈچۈن گەپ قىلالماي تۇرۇپ قالىدۇ؟

    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تەرمە ھىكايە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى22:00:22 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • سىرلىق سان - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]

    2010-08-26

    ئېينىشتېين1879  - يىل3  - ئاينىڭ14  - كۈنى تۇغۇلغان. بۇ سانلارنى ئارقىمۇئارقا تىزغاندا1879314  ھاسىل بولىدۇ. بۇ سانلارنى قايتىدىن تىزىپ، ئوخشاش بولمىغان ھەرقانداق بىر سان (مەسىلەن3714819) نى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، بۇ ئىككى ساننىڭ چوڭىدىن كىچىكىنى ئېلىۋەتسەك (بۇ مىسالدا1835505 =1879314-3714819) بىر ئايرىما كېلىپ چىقىدۇ. ئايرىمىنىڭ ھەرقايسى رەقەملىرىنى قوشقاندا، ئەگەر ئىككى خانىلىق سان كېلىپ چىقسا، ئۇنىڭدىكى ئىككى رەقەمنى ئۆزئارا قوشساق ئاخىرقى نەتىجە9  بولىدۇ، يەنى 9=2+7,27=1+8+3+5+5+0+5 كوپېرنىكنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى1473  - يىل2  - ئاينىڭ19  - كۈنى، نيوتۇننىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى1642  - يىل12  - ئاينىڭ25  - كۈنى، گائۇسنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى1777  - يىل4  - ئاينىڭ30  - كۈنى، كيۇرى خانىمنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى1867  - يىل11  - ئاينىڭ7  - كۈنى بولۇپ، ئۇلارنى يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ھېسابلىساقمۇ، ئاخىرىدا9  كېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق ئادەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە ھېسابلىساق، ئاخىرىدا9  چىقىدۇ. بىرەر چوڭ ساننىڭ خانىلىرىدىكى رەقەملىرىنى ئۆزئارا قوشقاندا بىر يىغىندى كېلىپ چىقىدۇ؛ ئاندىن بۇ يىغىندىنىڭ خانىلىرىدىكى رەقەملەرنى ئۆزئارا قوشقاندا يەنە بىر يىغىندى كېلىپ چىقىدۇ؛ مۇشۇنداق قىلىشنى ئەڭ ئاخىرقى رەقەملەرنىڭ يىغىندىسى بىر خانىلىق سان بولغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرساق، ئاخىرقى بۇ سان ئەڭ دەسلەپكى ئاشۇ ساننىڭ »رەقەملىك يىلتىزى« دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ رەقەملىك يىلتىز ئەسلىدىكى ساننى9  غا بۆلگەندىكى قالدۇققا تەڭ بولىدۇ. بۇ ھېسابلاش جەريانى ئادەتتە «توققۇزنى چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلى» دېيىلىدۇ. بىرەر ساننىڭ رەقەملىك يىلتىزىنى تېپىشنىڭ ئەڭ تېز ئۇسۇلى ئەسلىدىكى ساننىڭ رەقەملىرىنى قوشقاندا9  نى چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن،385916  نىڭ رەقەملىك يىلتىزىنى تېپىشتا، بۇنىڭ ئىچىدە9  بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە6 +3،1 +8 لەرنىڭ يىغىندىسى9  بولىدۇ، بۇلارنى چىقىرىۋەتسەك، ئاخىرىدا5  ئېشىپ قالىدۇ، بۇ ئەسلىدىكى ساننىڭ رەقەملىك يىلتىزىدۇر.

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا بىلىملەر
    ماتېماتىكا| ۋاقتى21:52:41 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | نەقىل2 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • مەنپىي ساننىڭ كىرگۈزۈلۈشى - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2010-08-26

    ھازىر كىشىلەر مۇسبەت - مەنپىي سانلار ئارقىلىق قارىمۇقارشى يۆنىلىشتىكى ئىككى خىل مىقدارنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، دېڭىز يۈزىنى0  نۇقتا دېسەك، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا چومولاڭما چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى8848 + مېتىر، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر بولغان مارىئانا دېڭىز جىلغىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى11034 - مېتىر كېلىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا «+» ئارقىلىق كىرىم، «-» ئارقىلىق چىقىم ئىپادىلىنىدۇ، ئەمما تارىختا مەنپىي سانلارنىڭ كىرگۈزۈلۈشى ئۇزاق ۋە ئەگرى - توقاي جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن. قەدىمكىلەر ئەمەلىي پائالىيەت جەريانىدا بەزى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن: بىر - بىرىدىن نەرسە ئارىيەت ئېلىشنى مىسالغا ئالساق، ئارىيەت بەرگۈچى بىلەن ئارىيەت ئالغۇچىغا نىسبەتەن ئوخشاش بىر نەرسە ئوخشاش بولمىغان مەنىگە ئىگە بولىدۇ. نەرسىلەرنى تەقسىملىگەندە، بەزىدە نەرسىلەر يېتىشمەي قالسا، مەلۇم بىر ئەزاغا بەلگىلىك مىقداردا قەرز بولۇشقا توغرا كېلەتتى. يەنە ئالايلى، ئىككى چەۋەنداز ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئوخشاش بىر جايدىن قارىمۇقارشى يۆنىلىشكە قاراپ ئاتلانسا، ئۇلارنىڭ يولغا چىققان جايىغىچە بولغان مۇساپىسى ئوخشاش بولسىمۇ، بۇ ئىككى مۇساپە ئوخشاش بولمىغان مەنىگە ئىگە. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قەدىمكىلەر شەيئىلەرنى سانلىق مىقدارلار ئارقىلىقلا ئىپادىلىگەندە تولۇق بولمايدىغانلىقى، ئۇنىڭغا يەنە يۆنىلىشنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىلەرنى قوشۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتكەن. قارىمۇقارشى يۆنىلىشكە ئىگە مىقدارلارنى ئىپادىلەش ۋە كېمەيگۈچىنىڭ كېمەيتكۈچىدىن كىچىك بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، تەدرىجىي ھالدا مەنپىي سان كېلىپ چىققان. جۇڭگو دۇنيا بويىچە مەنپىي ساننى ئەڭ بۇرۇن بىلگەن ۋە ئىشلەتكەن دۆلەت. بۇنىڭدىن2000  يىللار ئىلگىرى يېزىلغان «توققۇز بابلىق ھېساب» تا، سېتىلغان ئاشلىقنىڭ سانىنى مۇسبەت (پۇل ئېلىنىدۇ)، سېتىۋېلىنغان ئاشلىقنىڭ سانىنى مەنپىي (پۇل تۆلىنىدۇ)؛ ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈلگەن ئاشلىقنى مۇسبەت، ئىسكىلاتتىن چىقىرىلغان ئاشلىقنى مەنپىي ئارقىلىق خاتىرىلەش ئىدىيىسى بار. بۇ ئىدىيىلەر غەرب ئەللىرىدە جۇڭگودىن800 −900 يىل كېيىن بارلىققا كەلگەن.

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكاتارىخ ماتېماتىكا
    ماتېماتىكا| ۋاقتى21:47:17 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئونلۇق كەسىرنىڭ كەچۈرمىشى - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2010-08-26

    ئونلۇق كەسىر بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، سانلارنى خاتىرىلەش تېخىمۇ ئاسانلاشتى. مەسىلەن، چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ تەقرىبىي قىممىتى1416 .3 نى ئاددىي كەسىر ئارقىلىق ئىپادىلىسەك،  قىلىپ يېزىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ تولىمۇ ئەپسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدىنمۇ كۆپ خانىلىق ئونلۇق كەسىر ۋە تېخىمۇ مۇرەككەپ ئەمەللەر بار. ئامېرىكىلىق بىر مەشھۇر ماتېماتىكا تارىخى ئالىمى: »يېقىنقى زاماندىكى ھېسابلاشنىڭ مۆجىزە خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈچ تۈرلۈك ئىجادىيەت: ھىندىستاننىڭ سان خاتىرىلەش ئۇسۇلى، ئونلۇق سىستېمىدىكى كەسىر سانلار ۋە لوگارىفمىدىن كەلگەن« دېگەن. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئونلۇق سىستېمىدىكى كەسىر سانلار دەل ئونلۇق كەسىرنى كۆرسىتىدۇ. غەربلىكلەر ئادەتتە ئونلۇق كەسىرنى بېلگىيىلىك ماتېماتىك ستېۋېن ئىجاد قىلغان دەپ قارايدۇ، لېكىن ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى ئونلۇق كەسىر چېكىتىنى ئەڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن كىشى گېرمانىيىلىك ماتېماتىك كلاۋىستۇر، ئۇ1593  - يىلى ئونلۇق كەسىر چېكىتىنى ئىشلەتكەن. ئەمما،19  - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگۈچە ئونلۇق كەسىرگە دائىر بەلگىلەر يەنىلا ئىنتايىن قالايمىقانىدى. ھازىرمۇ ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئېقىمى ۋە ئەنگلىيە - ئامېرىكا ئېقىمىدىن ئىبارەت ئىككى خىل خاتىرىلەش ئۇسۇلى بار، ئالدىنقىسى پەش «,» نى، كېيىنكىسى چېكىت «.»نى ئىشلىتىپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە، ستېۋېن ئونلۇق كەسىر چېكىتىنى ئىجاد قىلىشتىن خېلى بۇرۇنلا، جۇڭگو، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئونلۇق كەسىر ئىشلىتىلگەن. مىلادىيە3  - ئەسىردە، ئېلىمىزنىڭ ۋېي - جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ليۇ خۇي يازغان «توققۇز بابلىق ھېساب» نىڭ ئۈچ يېرىدە ئونلۇق كەسىر سان ئىدىيىسى

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى21:41:24 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئاددىي كەسىردىن ئەپچىل پايدىلىنىش - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]

    2010-08-25

    بىر ئەرەب بوۋاي11  ئات بېقىپتۇ، ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا چوڭ ئوغلۇم، ئوتتۇرانچى ئوغلۇم ۋە كەنجى ئوغلۇم ئايرىم - ئايرىم ھالدا قالدۇرغان مىراسىمنىڭ ½،  ¼ ۋە  1/6ىنى ئالسۇن، دەپ ۋەسىيەت قالدۇرۇپتۇ. بالىلار ھەرقانچە قىلىپمۇ دادىسىدىن مىراس قالغان ئاتلارنى بۆلۈشەلمەپتۇ. چۈنكى، ئۇلارغا تېگىدىغىنى پۈتۈن سان ئەمەس، يەنى ئايرىم - ئايرىم 11/2، 11/4 ۋە  11/6ئىكەن بىر ئاتنى بەرىبىر بىرنەچچە پارچىغا بۆلگىلى بولمايدۇ - دە! ئۇلارنىڭ ئەقىللىق قوشنىسى ئۆزىنىڭ بىر ئېتىنى يېتىلەپ كېلىپ، ئۇلارغا: «قاراڭلار، ئەمدى ئاتلار12  بولدى، چوڭ ئوغۇل12  ئاتنىڭ ½ ىنى ئالدى دېگەنلىك6  ئات ئالدى دېگەن سۆز، ئوتتۇرانچى ئوغۇل ¼ ىنى ئالدى دېگەنلىك3  ئات ئالدى دېگەن سۆز، كەنجى ئوغۇل 1/6 ىنى ئالدى دېگەنلىك2  ئات ئالدى دېگەن سۆز، ئېشىپ قالغان بىر ئاتنى مەن ئۆيۈمگە ئېلىپ كېتەي» دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ قىيىن مەسىلە ھەل بوپتۇ. ئاددىي كەسىر «تەقسىم قىلىش» تىن كېلىپ چىققان. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە كىشىلەر كوللېكتىپ ئەمگەك قىلىپ، ئېرىشكەن مېۋە ۋە ئولجىلارنى تەڭ تەقسىم قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلاردا تەدرىجىي ھالدا ئاددىي كەسىر ئۇقۇمى پەيدا بولغان. كېيىن، ئۇلار يەرلەرنى ھېسابلاش، توپا - تاش قۇرۇلۇشى، سۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا ئۆلچەش ئېلىپ بارغاندا، ئىشلەتكەن ئۇزۇنلۇق بىرلىكى ئارقىلىق ئۆلچىمەكچى بولغان كېسىكنى تولۇق ئۆلچىيەلمەي قالغان، بۇنىڭ بىلەن ئاددىي كەسىر پەيدا بولغان. ئىنسانلارنىڭ ئاددىي كەسىرنى تونۇشتىن ئاددىي كەسىرنى تەتقىق قىلىشقا ئۆتۈشى كەسىر بىرلىكىدىن باشلانغان. كەسىر بىرلىكى  (n بولسا1  گە تەڭ بولمىغان مۇسبەت پۈتۈن سان) كۆرۈنۈشتىكى ئاددىي كەسىردۇر.3700  نەچچە يىل ئىلگىرى مىسىرنىڭ

    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تەرمە بىلىملەر
    ماتېماتىكا| ۋاقتى17:14:24 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • چەكسىز چوڭ ۋە چەكسىز كىچىك - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2010-08-25

    كىشىلەر ئادەتتە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان سانلار مەيلى ھەقىقىي سان ياكى كومپلېكس سان بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئېنىق مىقدار قىممىتى بولىدۇ، باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ چېكى بولىدۇ. بۇ بىز ئادەتتە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان شەيئىلەرنىڭ چېكى بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى مۇشۇ سانلار ئارقىلىق ئۆلچىگىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئىنسانلار ئۇزاق مۇددەتلىك بىلىش پائالىيىتى جەريانىدا تەدرىجىي ھالدا ئىككى يېڭى چۈشەنچە ھاسىل قىلدى. ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا كىشىلەر پۈتكۈل كائىنات يەر شارىدىن ئىبارەت دەپ چۈشەندى، دېڭىز قاتنىشى ئىلمى (ناۋىگاتسىيە) يەر شارى رادىئۇسىنىڭ6370  كىلومېتىر كېلىدىغانلىقىنى ئۆلچەپ چىقتى. ئەينى چاغدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ ناھايىتى چوڭ سان ئىدى.16  - ئەسىردە، كوپېرنىكنىڭ «قۇياش مەركەز تەلىماتى» ئالەمنى قۇياش مەركەز قىلىنغان قۇياش سىستېمىسىغىچە كېڭەيتتى، قۇياش سىستېمىسىنىڭ رادىئۇسى6  مىليارد كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارى رادىئۇسىنىڭ تەخمىنەن940  مىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. يەر شارىنى ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەر شارى پەقەت دېڭىز سۈيىنىڭ بىر تامچىسى، خالاس.18  - ئەسىردە كىشىلەرنىڭ نەزىرى سامانيولى سىستېمىسىغىچە كېڭەيدى، سامانيولى سىستېمىسىنىڭ دىئامېتىرى(10نىڭ 17 دەرىجىسى ×3312.9 ) كىلومېتىر بولۇپ، كىشىلەر بۇ ساننىڭ چوڭلۇقىدىن تېخىمۇ ھەيران قالدى. پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن كىشىلەر رادىئو تېلېسكوپتىن پايدىلىنىپ، ئالەمنىڭ دائىرىسىنى يۇلتۇزلار سىستېمىسى توپى، سۇپېرگالاكتىكا (ئادەتتىن تاشقىرى يۇلتۇزلار سىستېمىسى توپى)دىن ئومۇمىي يۇلتۇزلار سىستېمىسى (مېتاگالاكنىكا)غىچە كېڭەيتتى. بۇ يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىنىڭ رادىئۇسى نەچچە مىليون يورۇقلۇق يىلى (يورۇقلۇق يىلى يورۇقلۇقنىڭ بىر يىلدا باسىدىغان مۇساپىسى بولۇپ، بىر يورۇقلۇق يىلى تەخمىنەن1012 ×46.9  «بۇ يەردە 12 بولسا 10 نىڭ دەرىجىسى بولۇپ كەلگەن» كىلومېتىر كېلىدۇ)دىنمۇ يۇقىرى. ئومۇمىي يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا تېخىمۇ زور ئالەم بولۇپ، ئۇنىڭ چېكى بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن چەكسىز چوڭ ئۇقۇمى بارلىققا كېلىپ، ئۇ ماتېماتىكىدا ∞ بەلگىسى بىلەن ئىپادىلەندى. ئۇنىڭ مەنىسى ھەرقانداق ھەقىقىي ساندىن چوڭ بولغان سان دېگەنلىكتۇر، بۇ پەرەز قىلىنغان سان بولۇپ، بىر ئېنىق سان ئەمەس. ئىنسانلارنىڭ مىكرو دۇنيانى بىلىشى مولېكۇلىنى بىلىشتىن ئاتومنى بىلىشكە، ئاتومنى بىلىشتىن ئاتوم يادروسىنى بىلىشكە ئۆتتى. ئاتوم يادروسىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن13 -10  سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئاتوم يادروسى يەنە پروتون، نېيترونلارغا پارچىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ دىئامېتىرى تېخىمۇ كىچىك بولىدۇ. بۇ خىل پارچىلىنىش جەريانىنى چەكسىز داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. نەتىجىدە، چەكسىز كىچىك ئۇقۇمى كېلىپ چىقىدۇ. چەكسىز چوڭ ۋە چەكسىز كىچىكنىڭ مەنىسى سانلارنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئېنىق مىقداردىن ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا ئۆتۈش جەريانىدا پەيدا بولغان سان، ئۇ دىففېرېنسىئال - ئىنتېگرالنىڭ ئاساسىدۇر.

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى17:07:51 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • راتسىئونال ۋەئىراتسىئونالنى قانداق ئاتايمىز ؟ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2010-08-25

    بىز ئادەتتە ماتېماتىكىدا «راتسىئونال سان » ، «ئىراتسىئونال سان » ، «راتسىئونال تەڭلىمە » ، «ئىراتسىئونال تەڭلىمە » ، «راتسىئونال فۇنىكسىيە
    » ، «ئىراتسىئونال فۇنىكسىيە « دېگەندەك ئۇقۇملارنى ئۇچرىتىمىز ، بۇنىڭدىكى «راتسىئونال » ، «ئىراتسىئونال » دېگەن ئۇقۇملارنى ئۆز تىلىمىزدا ئۇيغۇرچە نېمە دەپ ئاتىساق مۇۋاپىق بۇلار ؟ ...
    ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ھېكايىنى ئوقۇپ چىقىڭ .
    مىلادىدىن بۇرۇنقى 6- ئەسىردە ، قەدىمكى گېرىتسىيىدە پىفاگور ئىسىملىك بىر ماتېماتىك ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇ « دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر پۈتۈن سان ياكى پۈتۈن ساننىڭ نىسبىتى ( كەسىر ساننى دېمەكچى ) دەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ ، دەپ قارىغان . مەسلەن ، بارلىق كېسىكلەرنىڭ نىسبىتىنى پۈتۈن سان ياكى پۈتۈن ساننىڭ نىسبىتى ئارقىلىق ئىپادىلىەشكە بولىدۇ ؛ تەسىر كۈچى ئوخشاش بولغان ئەھۋال ئاستىدا ، قالۇن تارىسى ئۇزۇنلۇقىنىڭ نىسبىتى 2:3 ، 3:4 قاتارلىق پۈتۈن سان نىسبىتىدە بولغاندا ، ھەر قايسى تارىلار بىرلا ۋاقىتتا ئاھاڭ چىقىرالايدۇ » - دەپ قارىغان . ئومۇمەن ، پىفاگورنىڭ كۆز قارىشى بولسا ، « ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇداتلار پۈتۈن سان بىلەن ئىپادىلىنىدۇ » دېگەندىن ئىبارەت ئىدى .
    لېكىن ئەمەلىيەت بۇنداق بولمىدى . بىر كۈنى پىفاگورنىڭ ھېپوس ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچىسى پىفاگوردىن ، تەرەپ ئۇزۇنلۇقى 1 بولغان كۋادراتنىڭ دىئاگونالىنى پۈتۈن سان ياكى پۈتۈن ساننىڭ نىسبىتى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولامدۇ - يۇق ؟ - دەپ سورايدۇ ، بۇ مەسىلىگە ئېنىق جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ئىسپاتلاش كېرەك . شۇنىڭ بىلەن پىفاگور تۆۋەندىكىدەك ئىسپاتلاش ئېلىپ بارغان :
    .

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا تەرجىمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى02:43:00 | 阅读全文 | ئىنكاس2 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • زىيان قانچىلىك؟ - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]

    2010-08-25

    بىز بىرلىكتە تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ تارتقان زىينىنى ھىساپلىشىپ بېرەيلى.
    بىر كۈنى تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ كەلگەن بىر يىگىت كىچىك تىپتىكى يانچۇق ئۇنئالغۇسىنى ياقتۇرۇپ قالدى. بۇ ئۈنئالغۇنىڭ توپ ئەكىرىش باھاسى 18 يۈەن بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 54 يۈەن دەپ يېزىلغان ئىدى.
    نەتىجىدە بۇ يىگىت يانچۇقىدىن پۈتۈن 100 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى چىقىرىپ بۇ ئۈنئالغۇنى سېتىۋالدى. تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ پارچە پۇلى قايتۇرۇشقا چىقىشمىغاچقا، ئۇ خوشنىسىدىن پارچە پۇل تېگىشىپ چىقىپ، ھېلىقى يىگىتكە 46 يۈەن پۇلنى قايتۇردى.
    بىراق كېيىن خوشنىسى ھېلىقى 100 يۈەنلىك پۇلنىڭ ساختىلىغىنى بايقاپ قالغاچقا، تۇرداخۇن ئۇستام ئامالسىزلىقتىن ئۇنىڭغا 100 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
    سۇئال: تۇرداخۇن ئۇستام بۇ قېتىملىق سودىدا جەمئىي قانچە يۈەن زىيان تارتقان؟


    خەتكۈچ:تەرمە تېپىشماقلار ماتېماتىكا
    ماتېماتىكا| ۋاقتى02:30:53 | 阅读全文 | ئىنكاس1 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • شاھمات تاختىسىدىكى بۇغداي مەسىلىسى - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]

    2010-08-25

    ھىندىستاندا مۇنداق بىر رىۋايەت تارقالغان: پادىشاھ شاھماتنى ئىجاد قىلغان باش ۋەزىر شىسا . بىننى . دايىرنى مۇكاپاتلىماقچى بولۇپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئالىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئۇ پادىشاھقا: «ئالىيلىرى، بۇ شاھمات تاختىسىدىكى بىرىنچى كاتەكچىگە1  دانە بۇغداي، ئىككىنچى كاتەكچىگە2  دانە بۇغداي، ئۈچىنچى كاتەكچىگە4  دانە بۇغداي قويۇڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەربىر كاتەكچىگە ئۇنىڭ ئالدىدىكى كاتەكچىدىكى بۇغدايدىن بىر ھەسسە ئاشۇرۇڭ. شاھمات تاختىسىدىكى64  كاتەكچىنى شۇ بويىچە بۇغداي بىلەن تولدۇرۇپ، ھەممىسىنى پېقىرغا بەرسىڭىز» دەپتۇ. پادىشاھ بۇ تەلەپنى ئورۇنداش تەس ئەمەسقۇ دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا شۇ بويىچە بۇغداي بېرىشنى بۇيرۇپتۇ. كىشىلەر تاغار - تاغارلاپ بۇغدايلارنى توشۇپ كېلىپ ھېسابلاشقا كىرىشكەندىلا پادىشاھ ھىندىستاندىكى، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى بۇغدايلارنى توشۇپ كەلسىمۇ، باش ۋەزىرنىڭ بۇ تەلىپىنى قاندۇرغىلى

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا ھىكايە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى01:09:23 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • گوگۇ سانى ۋە فېرمات چوڭ تېئورېمىسى - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2010-08-24

    费尔马(Pierrede Fermat)تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ تىك تەرەپلىرى ئايرىم - ئايرىم a ۋە b، يانتۇ تەرىپى  بولسا، ئۇ ھالدا a^2+b^2=c^2بولىدۇ. مانا بۇ مەشھۇر گوگۇ تېئورېمىسى (پىفاگور تېئورېمىسى)دۇر. ئەگەر a، b، c لار مۇسبەت پۈتۈن سان بولسا، ئۇلار بىر گۇرۇپپا گوگۇ سانى دېيىلىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، گوگۇ سانى ئېنىقسىز تەڭلىمە (1) x^2+y^2=z^2 نىڭ مۇسبەت پۈتۈن سانلىق يېشىمىدىن ئىبارەت. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى1900 − مىلادىيىدىن بۇرۇنقى1600 - يىللىرىدىكى بىر پارچە بابىلۇن لاي تاختىسىغا15 گۇرۇپپپا گوگۇ سانى خاتىرىلەنگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە (119،120 ،169 )، (3367،3456 ،4825 )، (12709،13500 ،18541 ) گە ئوخشاش سانلىق قىممىتى چوڭ بەزى گوگۇ سانلىرىنىڭ بولۇشى ئەينى چاغلاردا گوگۇ سانىنى تاپىدىغان مەلۇم بىر خىل فورمۇلىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئەگەر (1)دە نامەلۇم ساننىڭ دەرىجىسى2 دىن چوڭ بولسىمۇ، ئۇنىڭ مۇسبەت پۈتۈن سانلىق يېشىمى بولۇرمۇ؟ دەپ قىياس قىلىشتى. تەخمىنەن1637 - يىلى فېرمات بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، بىر كۇب ساننى ئىككى كۇب ساننىڭ يىغىندىسى شەكلىدە ئىپادىلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى، بىر تۆتىنچى دەرىجىلىك ساننىمۇ ئىككى تۆتىنچى دەرىجىلىك ساننىڭ يىغىندىسى شەكلىدە ئىپادىلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى ئېيتتى. ئومۇمەن، كۆرسەتكۈچى2 دىن چوڭ بولغان ھەرقانداق دەرىجىنى ئوخشاش ئىككى دەرىجىنىڭ يىغىندىسى شەكلىدە ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. يەنى:2 >n بولغاندا، ئېنىقسىز تەڭلىمە 。。。。。。。。(2) x^n + y^n = z^nبۇ يەردىكى (n كۇۋادراتى بولۇپ كەلگەن ) نىڭ مۇسبەت پۈتۈن سانلىق يېشىمى بولمايدۇ. بۇ كىشىلەر ئادەتتە دەپ يۈرىدىغان فېرمات چوڭ تېئورېمىسى، يەنى فېرماتنىڭ ئاخىرقى تېئورېمىسىدۇر. كېيىن ئۇزۇنغىچە فېرماتنىڭ ئىسپاتى بايقالمىدى.300 نەچچە يىللار ئۆتۈپ، ئەيلېر، گائۇس، ئابېل،

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى23:03:03 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ساننىڭ بارلىققا كېلىشى - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2010-08-24

    ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە، كىشىلەر ئوۋچىلىق، تېرىقچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە يىغىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە ياۋا مېۋە، بېلىق، تاياقچە، تاش قاتارلىقلار بىلەن ئالاقە قىلىشقان، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كىشىلەردە مىقدار سان ئېڭى پەيدا بولغان، سانلار ھەققىدىكى بۇ تونۇشى كۆپ ھاللاردا ئەمەلىي نەرسىلەر بىلەن باغلىنىشلىق بولغان، مەسىلەن، ئۇلار ئاي پەقەت بىرلا بولىدىغانلىقى، ئادەملەردە ئىككى كۆز، ئىككى قۇلاق، قۇشلاردا ئىككى قانات بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، »ئاي» ئارقىلىق «1»نى، «كۆز»، «قۇلاق«، «قۇشلارنىڭ قانىتى» ئارقىلىق «2» نى ئىپادىلىگەن. ئىپتىدائىي ئىنسانلار يەنە بىر تال ئالما ۋە بىر تۇياق قوينىڭ ھەرقايسىسىنىڭ بىر يەككە تەنچە، ئۈچ تۈپ دەرەخ ۋە ئۈچ تاش پالتىنىڭ ئۈچ يەككە تەنچىنىڭ بىر
    ..
    .

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا تەرجىمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى19:30:41 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئونلۇق سىستېما ۋە ئىككىلىك سىستېمىنىڭ ئانا يۇرتى - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2010-08-24

    جۇڭگو دۇنيادىكى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى، جۇڭگو ماتېماتىكىسى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بابىلۇن ۋە مىسىرنىڭ خېلىلا ئالدىدا تۇراتتى. جۇڭگودا5000 −6000  يىللار ئىلگىرىلا ماتېماتىكىلىق بەلگىلەر ئىشلىتىلگەن، بۇنىڭدىن3000  يىللار ئىلگىرىكى شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە چىغىناق - تاغاق ياكى ساپاللارغا ئويۇلغان رەقەملەرنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇ ۋاقىتلاردا تەبىئىي سانلارنى ساناشتا ئونلۇق سىستېما قوللىنىلغان. چىغىناق - تاغاق يېزىقىدا بىردىن تارتىپ ئون، يۈز، مىڭ، ئون مىڭغىچە بولغان ئون ئۈچ ساناش (خاتىرىلەش) بىرلىكى بار. ھېسابلاشتا ھېسابلاش چوكىسى قوللىنىلغان. ھېسابلاش چوكىسى ياغاچ ۋە بامبۇكلاردىن ياسالغان تەكشى تاياقچىلاردىن ئىبارەت. ھېسابلاش چوكىلىرىنى تىكىگە ۋە توغرىسىغا تىزىش ئارقىلىق، خالىغان بىر تەبىئىي ساننى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. ئىسپاتلىنىشىچە، ئاز بولغاندىمۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى8  - ئەسىردىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى5  - ئەسىردىكى ئەمىنىيە دەۋرىگىچە ئېلىمىزنىڭ ھېسابلاش چوكىسى ئارقىلىق خاتىرىلەش ئۇسۇلى مۇكەممەللىشىپ بولغان، ھالبۇكى، ھىندىستاندا بولسا «0» بەلگىسى مىلادىيە876  - يىلىدىن كېيىن رەسمىي قوللىنىلغان،0  نى ئىپادىلەش ئۇسۇلى قوللىنىلغاندىلا، ئونلۇق سىستېما مۇكەممەللەشتى دېگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگو ئونلۇق سىستېمىنىڭ ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئانا يۇرتى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو يەنە ھازىرقى زامان ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسىدىكى ئىككىلىك سىستېمىنىڭ ماكانىدۇر. ئىككىلىك سىستېمىسىدا «0» ۋە «1» دىن ئىبارەت ئىككىلا بەلگە بولۇپ، «0» يەنىلا نۆلنى، «1» يەنىلا بىرنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن، «ئىككى» گە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئايرىم رەقەم يوق ئىدى، شۇڭا «ئىككى يولۇقسا، بىرنى ئۆتكۈزۈش» بارلىققا كەلدى. شۇنداق قىلىپ بارلىق تەبىئىي سانلارنى ئىپادىلەشكە بولىدىغان بولدى. مەسىلەن، جۇڭگونىڭ ئىككىلىك سىستېمىسى تۈپ سەككىز سىمۋوللۇق بەلگىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، «پالنامە» دېگەن كىتابتا خاتىرىلەنگەن. كومپيۇتېر (ھېسابلاش ماشىنىسى)نى ئىجاد قىلغان لېيبىنز «پالنامە» نى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، «پالنامە» دىكى شەكىللەر نۆلدىن باشلانغان ئالدىنقى64  دانە ساننى ئىپادىلەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭدا خاتىرىلەنگىنى ئىككىلىك سىستېما دەپ قارىغان. مانا بۇ ئېلىمىزدە دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان «ئىپتىدائىي مەنبەدىن مۇئەننەس - مۇزەككەر، يەنى ئاسمان - زېمىن تۇغۇلۇش، ئاسمان - زېمىندىن تۆت پەسىل ياكى تۆت ئاناسىر تۇغۇلۇش، تۆت پەسىلدىن تۈپ سەككىز سىمۋوللۇق بەلگە تۇغۇلۇش …» تەلىماتىدۇر.

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا
    ماتېماتىكا| ۋاقتى19:27:42 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • گولدباخ قىياسى - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2010-08-24

    ھەرقانداق چوڭ سان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،4  تىن چوڭ بارلىق جۈپ سانلارنى ئىككى تاق تۈپ ساننىڭ يىغىندىسى شەكلىدە،7  دىن چوڭ بارلىق 
    تاق سانلارنى ئۈچ تاق جۈپ ساننىڭ يىغىندىسى شەكلىدە يازغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ,3+5=8  ,3+3=6 ……  ,5+5=10 ……5 +97=102  ,3+97=100 ……  ,3+3+5=11  ,3+3+3=9 ……  ,5+7+89=101  ,3+7+89=99 ئەمىسە، بۇ ئىككى يەكۈن مۇشۇنداق بارلىق جۈپ سان ۋە تاق سانلار ئۈچۈن ئورۇنلۇقمۇ؟1742  - يىل6  - ئاينىڭ7  - كۈنى گېرمانىيە ماتېماتىكى گولدباخنىڭ ئەيلېرگە يازغان خېتىدە يۇقىرىدىكى مەسىلە تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان.6  - ئاينىڭ30  - كۈنى ئەيلېر جاۋاب خېتىدە: «4 تىن چوڭ ھەرقانداق جۈپ سان ئىككى تاق تۈپ ساننىڭ يىغىندىسى ئىكەنلىكىنى گەرچە مەن ئىسپاتلىيالمىساممۇ، ئۇنىڭدىن گۇمانلانمايمەن، بۇنى تامامەن توغرا تېئورېما دەپ قارايمەن» دەپ يازغان. ئەيلېر ئەينى زاماندىكى ئەڭ بۈيۈك ماتېماتىك بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئىشەنچىسى نۇرغۇن ماتېماتىكلارنى ئۇلارنى ئىسپاتلاپ بېقىشقا قىزىقتۇردى، بىراق، تاكى19  - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى. مانا بۇ مەشھۇر «گولدباخ قىياسى» دۇر. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بارلىق تەبىئىي سانلارنى بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈپ، گولدباخ قىياسى ھەربىر سان ئۈچۈن ئورۇنلۇقمۇ - ئەمەس دېگەنگە قاراش كېرەك ئىدى. لېكىن، بۇ

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا
    ماتېماتىكا| ۋاقتى19:22:52 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
共12页 第一页 上一页 3 4 5 6 7 8 9 10 11 12 下一页 最后一页
ئابونت نامى:  
مەخپى نومۇر:  
بلوگ ئىلتىماس قىلىش | ياردەم

بلوگتىكى سەھىپىلەر

  • ماتېماتىكا يېڭىلىقلىرى[7]
  • مائارىپىمىزغا نەزەر[5]
  • ماتېماتىكا مائارىپى[10]
  • ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى[18]
  • ماتېماتىكىلىق لۇغەت[19]
  • ماتېماتىكىلىق فىلىملەر[5]
  • ماتېماتىكا رېستۇرانى[66]
  • يېڭى ئارىلىق پەنلەر[8]
  • ماتېماتىكا ئالىملىرى[32]
  • ماتېماتىكا تارىخى[45]
  • قىزىقارلىق ماتېماتىكا[43]
  • ماتېماتىكىلىق قۇراللار[3]
  • ماتېماتىكىلىق يۇمۇرلار[9]
  • ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار[16]
  • ئەدەبىي ئەسەرلەر[9]
  • تور بىلىملىرى ۋە بلوگ كودلىرى[5]
  • ماتېماتىكا كىتاپخانىسى[1]

باشقۇرۇش سۇپىسى

  • 进入后台 写新日志
  • 文章管理 评论管理
  • 更换模板 访问统计

يېڭى ئىنكاسلار

  • ئەلشەرەپ:http://uyghur.xjass.com/uygh...
  • نۇرئەخمەت:ئاق كەپتەر بلوگى سىزنى يوقلا...
  • نۇرئەخمەت:ئاق كەپتەر بلوگى سىزنى يوقلا...
  • phonix820:ياخشىمۇسىز ماڭا بىرنامەلۇملۇ...
  • phonix820:ماقالىرىڭىز كۈندىن كۈنگە سەر...
  • چەۋەنداز:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشى...
  • تۇرانىم:ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ، قۇرربا...
  • چەۋەنداز:پەخىرلىنىدىغان دىيارىمىز بىز...
  • تۇرانىم:ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ؟ .سىزنى...
  • ماتېماتىك:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوستۇم، ...

يېڭى تېمىلار

  • « قۇتادغۇ بىلىك» دىكى ئاسترونومىيىلىك بايانلار ھەققىدە
  • ئائىلىدە سىزمۇ بىر ياخشى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولالايسىز
  • ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىمى ــ خۇا لوگېڭ
  • ئولىمپىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدىكى جۇڭگو ماھىرلىرى
  • ماتېماتىكا دەرسىدىكى قىزىقچىلىق
  • مۇسا خارازىمى ئۇيغۇر !
  • بىز رەقەمنى قانداق تاپتۇق
  • ئىسىملارنىڭ سانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىت
  • ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە تۇغما قابىلىيەت كەتمەيدۇ
  • ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئەخلاقىي تەربىيەنى دەرس مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك
全部日志>>

ئۇيغۇرچە كالېندار

خەتكۇچتىن ئىزدەش

  • تەرمە[232]
  • ماتېماتىكا[167]
  • تەرجىمە[38]
  • ماتېماتىكلار[36]
  • ئوقۇتۇش[28]
  • لوغەت[27]
  • ئۇيغۇرلار[26]
  • بىلىملەر[26]
  • تەرجىمھال[19]
  • رەسىم[18]
  • تېپىشماقلار[16]
  • تارىخ[15]
  • سۇرەت[13]
  • ئىجادىيەت[12]
  • پەنلەر[12]
تېخىمۇ كۆپ...

ساقلىغۇچتىكى ئەسەرلەر

  • 2011-10[4]
  • 2011-09[1]
  • 2011-08[1]
  • 2011-07[16]
  • 2011-05[1]
  • 2011-03[2]
  • 2011-02[5]
  • 2011-01[14]
  • 2010 [175]
  • 2009 [87]

تۇغلۇق ئۇلىنىشلار

  • ulnix
  • ئوۋچى بلوگى
  • يۇكسەل بلوگى
  • dunya kara
  • چەۋەندازلار بلوگى
  • تارىم بلوگى
  • كۆزنەك بلوگى
  • رىشتىمىز بلوگلار ئۇلىنىشى
  • ئۇيغۇر ئۆرلە بلوگى
  • ulanmilar
  • تېپىشماقلار دۇنياسى
  • ئۇلىنىش مۇنبىرى
  • ماتېماتىكا بىلوگى
  • bolgzar
  • چىن دوست بلوگى
  • قوشۇق بلوگى
  • بىلقۇت مۇنبىرى
  • سەلتەنەت
  • ئەلشەرەپ تور خاتىرىسى
  • ئالەم(ئاستېرنومىيە) تورى
  • كۆكتۇغ تور مەھەللىسى
  • شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
  • دولقۇن731مەھەللىسى
  • نۇرقۇت تور خاتىرىسى
  • ئۆگىنىش بلوگى
  • سەھرا بلوگى
  • شەپقەت بلوگى
  • ئۇيغۇر بلوگېرلار مەھەللىسى
  • كۆزنەك بلوگېرلار مەھەللىسى
  • جەمگاھ ئۇلىنىشلىرى
  • ئۇلانمىلار تور تۇراسى
  • دۆلەتباغ بلوگى
  • تەكلىماكان بلوگى
  • ئىمكان بلوگى
  • شادلىق بلوگى
  • ئەلشات بلوگى
  • دۇنيا بلوگى
  • ئىزدەن تەبىئەت بلوگى
  • ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
  • ئەدەبىيات دۇنياسى
  • رەسىم تەھرىرلىگۇچ
  • يۇكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى
  • مەپتۇن بلوگى
  • كۈركۈم گۈلى
  • يۇمتاللار
' target='_blank'>تەرجىمەكەش
  • تەڭرى تاغ تورى
  • ساياھەتنامە
  • جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى
  • تور ئىملاچىسى
  • ئىرپان تور لۇغىتى
  • سىستېمىلار
  • ئىجتىمائى پەنلەر
  • شىنجاڭ ئاياللىرى
  • 1رەسىم يوللاش كودى
  • رەسىم يوللاش كودى2
  • يېزىش قىلىپلىرى
  • رەسىم ساقلىغۇچ
  • پەننى ئوموملاشتۇرۇش تورى
  • ئەلكۈيى مۇنازىرە مۇنبىرى
  • كىتابخانا بلوگى
  • پەن ئالىملىرى سۇرەتلىرى
  • ماتېماتىكىلىق فورمىلا كىرگۇزۇش قۇرالى
  • ماتېماتىكا مۇنبىرى
  • قۇرئان ئاڭلاش
    Logo ياساش
    MATH
    ئىملا تەكشۈرگۈچ
    ئېنگلىزچە ھۆسىن خەت
    تىل تەرجىمانى
    شىنجاڭ خەرىتىسى
    كود رەڭلەش
    سانلارنى كۇۋادېراتلاش
    رەڭ كودى
    يېزىق ئايلاندۇرغۇچ
    يۇلغۇن تور لوغىتى
    گوگۇل تەرجىمان
    ھەقسىز بوشلۇق
    ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت
    ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت
    ھەقسىزلەر رايۇنى
    چۈشۈرمىلەر
    خەنزۇچە ماقالىلەر
    كود جەمگاھى
    تىما يىزىش كۆزنىكى
    توربەت ئۇنۇم كودلىرى
    ئىچىلمايدىغان توربەتنى ئىچىش
    خەنزۇچە خەتكە پىنيېن بىرىش
    ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە - ئېنگىلىزچە تور لۇغىتى
    ئىلتىماس قىلىشQQ

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم

    ماتېماتىكا

    Google

    تېپشماقلار دۇنياسى

    • قىزىقارلىق تىپىشماقلار
    • مەندە بىر تېپىشماق بار
    • 0 بۇ تېپىشماقنى تاپالايدىغانلار بارمۇ؟

    چەۋەندازلار بلوگى

    • گۈدۈك مىكرو بىلوگى ۋە ئۇنى بىلوگ بىلەن بىرلەشتۈرۈش Güdük Mikro Bilogi we Uni Bilog bilen Birleshturush
    • چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-11 Qawandazlar" Uqturushi-11"
    • ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ بالىلىرى (داۋامى2)

    كۆزنەك

    • نورمال ئېچىلىدىغان ھەم يېڭىلىنىۋاتقان بلوگلار
    • نورمال ئېچىلىدىغان ھەم يېڭىلىنىۋاتقان بلوگلار
    • ئۇلىنىشلار بۇ يەردە

    ئىلىم - پەن بىلوگى

    • سانلارنىڭ «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر» گە چۈشۈپ كېتىشى
    • «100مەسىلە» نىڭ تۆتىنچىسى
    • «100مەسىلە» نىڭ ئۈچۈنچىسى

    Dunyakara

    • جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىدىن كەسپچانلىق روھىغا نەزەر.........
    • Blogbusنى ئىشلىتىش قوللانمىسى تارقىتىلدى، چۈشۈرىۋېلىڭ
    • قارا رەڭ ئاساس قىلىنغان ئىككى خىل ئۇسلۇپ

    更多博链

    • زىيارەت سانى:
    • RSS 什么是RSS?
      用IM提醒我内容更新
      订阅到QQ邮箱
      订阅到鲜果阅读器
      订阅到Google阅读器
      订阅到抓虾阅读器
    • 《城客》第四期:创意之城
      博客大巴
      博客大巴使用指南
      博客大巴模板中心
      免费注册博客大巴
      一键博客搬家工具
      中文互动杂志城客

    ئۇسلۇپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:تارىم بلوگى | بلوگ يازغۇچىسى: ماتېماتىكا