جۇڭگو دۇنيادىكى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى، جۇڭگو ماتېماتىكىسى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بابىلۇن ۋە مىسىرنىڭ خېلىلا ئالدىدا تۇراتتى. جۇڭگودا5000 −6000 يىللار ئىلگىرىلا ماتېماتىكىلىق بەلگىلەر ئىشلىتىلگەن، بۇنىڭدىن3000 يىللار ئىلگىرىكى شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە چىغىناق - تاغاق ياكى ساپاللارغا ئويۇلغان رەقەملەرنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇ ۋاقىتلاردا تەبىئىي سانلارنى ساناشتا ئونلۇق سىستېما قوللىنىلغان. چىغىناق - تاغاق يېزىقىدا بىردىن تارتىپ ئون، يۈز، مىڭ، ئون مىڭغىچە بولغان ئون ئۈچ ساناش (خاتىرىلەش) بىرلىكى بار. ھېسابلاشتا ھېسابلاش چوكىسى قوللىنىلغان. ھېسابلاش چوكىسى ياغاچ ۋە بامبۇكلاردىن ياسالغان تەكشى تاياقچىلاردىن ئىبارەت. ھېسابلاش چوكىلىرىنى تىكىگە ۋە توغرىسىغا تىزىش ئارقىلىق، خالىغان بىر تەبىئىي ساننى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. ئىسپاتلىنىشىچە، ئاز بولغاندىمۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى8 - ئەسىردىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى5 - ئەسىردىكى ئەمىنىيە دەۋرىگىچە ئېلىمىزنىڭ ھېسابلاش چوكىسى ئارقىلىق خاتىرىلەش ئۇسۇلى مۇكەممەللىشىپ بولغان، ھالبۇكى، ھىندىستاندا بولسا «0» بەلگىسى مىلادىيە876 - يىلىدىن كېيىن رەسمىي قوللىنىلغان،0 نى ئىپادىلەش ئۇسۇلى قوللىنىلغاندىلا، ئونلۇق سىستېما مۇكەممەللەشتى دېگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگو ئونلۇق سىستېمىنىڭ ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئانا يۇرتى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو يەنە ھازىرقى زامان ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسىدىكى ئىككىلىك سىستېمىنىڭ ماكانىدۇر. ئىككىلىك سىستېمىسىدا «0» ۋە «1» دىن ئىبارەت ئىككىلا بەلگە بولۇپ، «0» يەنىلا نۆلنى، «1» يەنىلا بىرنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن، «ئىككى» گە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئايرىم رەقەم يوق ئىدى، شۇڭا «ئىككى يولۇقسا، بىرنى ئۆتكۈزۈش» بارلىققا كەلدى. شۇنداق قىلىپ بارلىق تەبىئىي سانلارنى ئىپادىلەشكە بولىدىغان بولدى. مەسىلەن، جۇڭگونىڭ ئىككىلىك سىستېمىسى تۈپ سەككىز سىمۋوللۇق بەلگىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، «پالنامە» دېگەن كىتابتا خاتىرىلەنگەن. كومپيۇتېر (ھېسابلاش ماشىنىسى)نى ئىجاد قىلغان لېيبىنز «پالنامە» نى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، «پالنامە» دىكى شەكىللەر نۆلدىن باشلانغان ئالدىنقى64 دانە ساننى ئىپادىلەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭدا خاتىرىلەنگىنى ئىككىلىك سىستېما دەپ قارىغان. مانا بۇ ئېلىمىزدە دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان «ئىپتىدائىي مەنبەدىن مۇئەننەس - مۇزەككەر، يەنى ئاسمان - زېمىن تۇغۇلۇش، ئاسمان - زېمىندىن تۆت پەسىل ياكى تۆت ئاناسىر تۇغۇلۇش، تۆت پەسىلدىن تۈپ سەككىز سىمۋوللۇق بەلگە تۇغۇلۇش …» تەلىماتىدۇر.