ماتېماتىكا بلوگى

ماتېماتىكا بىلوگى - ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋىرسال بلوگ
ماتېماتىكا بلوگى قۇرۇلغىلى

Google گوگۇلدىن ئىزدەش مۇشۇ بلوگدىن ئىزدەش  
  • ئۆردەك - غاز مەسىلىسى - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]

    2010-12-30

    ياۋا ئۆردەك جەنۇبىي دېڭىزدىن شىمالىي دېڭىزغا7  كۈندە ئۇچۇپ بارىدۇ، ياۋا غاز شىمالىي دېڭىزدىن جەنۇبىي دېڭىزغا9  كۈندە ئۇچۇپ بارىدۇ. ئۇلار ئىككى يەردىن بىرلا ۋاقىتتا ئۇچسا، نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇچرىشىدۇ؟ بۇ قىزىقارلىق مەسىلە جۇڭگونىڭ قەدىمكى مەشھۇر ماتېماتىكا ئەسىرى «توققۇز بابلىق ھېساب» تىن ئېلىنغان. بۇنى يېشىش ئۈچۈن، ئىككى كۈن سانىنىڭ يىغىندىسىنى بۆلگۈچى، كۆپەيتمىسىنى بۆلۈنگۈچى قىلىش كېرەك، بۆلۈشتىن چىققان نەتىجە سورالغان كۈن سانى بولىدۇ، يەنى: بۈيۈك ماتېماتىك ليۇ خۇي مىلادىيە263  - يىلى «توققۇز بايلىق ھېسابقا ئىزاھات» تا بۇ يېشىش ئۇسۇلىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: بۇ مۇساپىنى ئۆردەك يەتتە كۈندە، غاز توققۇز كۈندە تاماملايدۇ، يەتتە بىلەن توققۇزنىڭ ئەڭ كىچىك ئومۇمىي ھەسسىلىكى63 ، شۇڭا،63  كۈندە ئۆردەك بۇ مۇساپىنى توققۇز قېتىم، غاز يەتتە قېتىم ئۇچىدۇ، يەنى ئۆردەك بىلەن غاز63  كۈندە جەمئىي16  قېتىم ئۇچىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلار بىرلىشىپ16  قېتىم ئۇچۇشى ئۈچۈن63  كۈن كېتىدۇ. شۇڭا، ئۇلار بىرلىشىپ بىر قېتىم ئۇچۇشى ئۈچۈن (كۈن) كېتىدۇ.

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا بىلىملەر
    ماتېماتىكا| ۋاقتى11:56:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • تۈزۈشكە بولمايدىغان كاتالوگ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2010-12-30

    شۋېتسارىيە ماتېماتىكى گۇمسارس مۇنداق بىر ھېكايىنى رىۋايەت قىلىدۇ: قەدىمكى ئالېكساندىرىيە كۇتۇپخانىسىدا قېتىرقىنىپ ئىشلەيدىغان ئالىم كالىماچۇس باش چۆكۈرۈپ، كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان ئارىستوتېل ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كاتالوگىنى تۈزۈۋاتاتتى. ئۇ ئىشلە - ئىشلە، توساتتىن ھۆركىرەپ يىغلىۋېتىدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق قىلىپمۇ بۇ كاتالوگنى تۈزۈشكە بولمايدىكەن. ئىش ئەسلىي مۇنداق ئىدى: ئۇ بارلىق ئەسەرلەرنى ئىككى تۈرگە ئايرىغان، بىرىنچى تۈرى «ئۆزى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن كاتالوگ» ئىكەن، بۇنىڭ مەنىسى كاتالوگ ئىچىگە شۇ كاتالوگنىڭ ئۆزىنىڭ نامىمۇ كىرگۈزۈلگەن دېگەنلىك بولىدىكەن. مەسىلەن، «ئېستېتىكىغا دائىر ئەسەرلەر» دېگەن كاتالوگقا مۇشۇ ساھەدىكى ئەسەرلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنى ئاچسىلا يەنە «ئېستېتىكىغا دائىر ئەسەرلەر» دېگەن كىتابنىڭ نامىمۇ كۆزگە چېلىقىدىكەن، بۇ «ئۆزى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن كاتالوگ» دېيىلىدىكەن. ئىككىنچى تۈرى، «ئۆزى ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەن كاتالوگ» بولۇپ، كاتالوگنى ئاچسا، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ نامى ئۇچرىمايدىكەن. مەسىلەن، «فوتوگرافىيىگە دائىر ئەسەرلەر كاتالوگى» دا «فوتوگرافىيىگە دائىر ئەسەرلەر كاتالوگى» دېگەن مەزكۇر كىتابنىڭ نامى بولمايدىكەن. كالىماچۇس ئىككىنچى تۈردىكى كاتالوگنى تاماملاپتۇ، بۇ ئىككىنچى تۈردىكى ئەسەرلەرنىڭ «باش كاتالوگى» ئىكەن. لېكىن، ئۇ «ئۆزى ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەن كاتالوگ» نىڭ بۇ «باش كاتالوگ» ىغا مەزكۇر «باش كاتالوگ» دېگەن نامنىڭ ئۆزىنى كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىك ئۈستىدە ئويلىنىۋېتىپ، بۇنىڭ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىن مەسىلە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپتۇ. چۈنكى، ئەگەر «باش كاتالوگ» دېگەن نام «باش كاتالوگ» قا كىرگۈزۈلمىسە، ئۇ «باش كاتالوگ» بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، تېخى «ئۆزى ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەن كاتالوگ» بولۇپ قالىدىكەن، شۇڭا كىرگۈزۈش كېرەك ئىكەن. ئەگەر ئۇ «باش كاتالوگ» قا كىرگۈزۈلسە، «ئۆزى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن كاتالوگ» بولۇپ قېلىپ، ئۆزىنى كىرگۈزۈش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدىكەن. دېمەك، كىرگۈزمەي دېسە كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدىكەن، كىرگۈزەي دېسە كىرگۈزمەسلىك كېرەك ئىكەن. كىرگۈزسىمۇ - كىرگۈزمىسىمۇ بولمايدىكەن، كالىماچۇس گويا «ئالۋاستى ئازگىلى» غا چۈشۈپ قالغاندەك بولۇپ قاپتۇ، ئۇنىڭ ھۆركىرەپ يىغلىۋەتكىنىگە ھەيران قالمىسىمۇ بولغۇدەك!

    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تەرمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى11:52:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئېلىش تەس بولغان ساندۇق - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2010-12-30

    بىر كۈنى تاشقى پلانېتىدىن يەر شارىغا بىر ئادەم كېلىپتۇ، ئۇنىڭ ئېتى ئومىگا ئىكەن. ئۇ ھەرقانداق كىشىنىڭ «ئىككىدىن بىرىنى تاللاش» ۋاقتىدا قايسىسىنى تاللايدىغانلىقىنى توغرا ئېيتىپ بېرەلەيدىكەن. ئومىگا ئىككى ساندۇقتىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن كىشىنى سىناپتۇ. A ساندۇق سۈزۈك بولۇپ، ئىچىگە100  تىللا سالىدىكەن، B ساندۇق سۈزۈك ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە يا10000  تىللا سالىدىكەن، ياكى ھېچنېمە سالمايدىكەن. ئۇ سىنىلىدىغان كىشىلەرگە: ئىككى خىل تاللاش ئۇسۇلى بار، بىرى، ئىككىلا ساندۇقنى ئېلىپ كېتىسىز، ئىچىدىكىسى سىزنىڭ بولىدۇ، بىراق، سىز مۇشۇنداق قىلماقچى بولغىنىڭىزنى ئالدىن بىلىۋېلىپ، B ساندۇقنى قۇرۇق قويىمەن، سىز پەقەت100  تىللاغىلا ئېرىشىسىز؛ يەنە بىرى، پەقەت B ساندۇقنىلا ئالىسىز، ئەگەر مەن شۇنداق قىلىدىغىنىڭىزنى بىلىۋالسام، ئىچىگە10000  تىللا سېلىپ قويىمەن، ھەممىسى سىزنىڭ بولىدۇ، دەپتۇ. بىر ئوغۇل بالا B ساندۇقنىلا ئالماقچى بولۇپتۇ، ئۇ: ئومىگا نۇرغۇن ئادەملەرنى سىنىدى، ھەممىسىدە ئالدىن توغرا بىلىۋالدى، ئىككىلا ساندۇقنى ئالغانلارنىڭ ھەممىسى ئاران100  تىللاغا ئېرىشتى، شۇڭا، مەن B ساندۇقنى ئالسام10000  تىللاغا ئېرىشەلەيمەن دەپ ئويلايدىكەن. بىر قىز ئىككىلا ساندۇقنى ئالماقچى بولۇپتۇ، ئۇ: ئومىگانىڭ ئالدىن بىلىۋېلىشى ئاخىرلاشتى ھەم ئۆزى بۇ يەردىن كەتتى، ئەمدى ساندۇقلار ئۆزگەرمەيدۇ، بۇرۇن قۇرۇق بولغىنى ھازىرمۇ قۇرۇق، بۇرۇن تىللا بارىدا ھازىرمۇ تىللا بولىدۇ. شۇڭا، ئەگەر B ساندۇقتا تىللا بولسا، B ساندۇقنىلا ئالسام10000  تىللاغا ئېرىشىمەن، ئىككىسىنىلا ئالسام10100  تىللاغا ئېرىشىمەن، ئەگەر B ساندۇق قۇرۇق بولسا، B ساندۇقنىلا ئالسام ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيمەن، ئىككىسىنىلا ئالسام، ھېچبولمىغاندا100  تىللاغا ئېرىشىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرئىككى خىل ئەھۋالدا ئىككىلا ساندۇقنى ئالسام بىرلا ساندۇقنى ئالغانغا قارىغاندا ئېرىشىدىغىنىم100  تىللا ئارتۇق بولىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ. ئىككى خىل قاراشنىڭ بىرلا ۋاقىتتا توغرا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمىسە، قايسىسى توغرا؟ نېمە ئۈچۈن؟ بۇ ئامېرىكا فىزىكى ۋ.نيۇكوم ئوتتۇرىغا قويغان پارادوكس، ھازىرغىچە ھەل بولمىدى.

    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تەرمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى11:48:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • قىسىم پۈتۈنگە تەڭ بولامدۇ؟ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2010-12-30

    بىر قاپقا ئاق - قارا شاھمات ئۇرۇقلىرى قاچىلانغان بولسا، قايسى رەڭدىكى ئۇرۇقنىڭ كۆپلۈكىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ بىر چارىسى ئۇلارنى بىر - بىرلەپ ساناپ سېلىشتۇرۇش؛ يەنە بىر چارىسى ئاخىرىغىچە بىر ئاق، بىر قارىدىن ئېلىش، ئەڭ ئاخىرىدا قايسى رەڭدىكىسى ئېشىپ قالسا، شۇ رەڭدىكى ئۇرۇق كۆپ بولىدۇ، ئىككىلىسى تەڭ تۈگىسە، ئىككى خىل ئۇرۇق تەڭ بولىدۇ. ئەمما، قاپقا چەكسىز كۆپ ئۇرۇق قاچىلانغان بولسا، ئۇرۇقلارنى ئايرىم - ئايرىم ساناپ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، چۈنكى، كېمىدە ئۇرۇقنىڭ بىر خىلى چەكسىز كۆپ - تە! بىراق، ئىككىنچى ئۇسۇل كارغا كېلىدۇ: ئۇرۇقلارنى جۈپ - چۈپى بىلەن بىرنەچچە قېتىم ئالغاندىن كېيىن، قاپتا ئېشىپ قالغان شۇ رەڭدىكى ئۇرۇق كۆپ بولىدۇ، ئەگەر بىر قارىنى ئالغاندىن كېيىن ھامان يەنە بىر ئاقنى ئالغىلى بولسا؛ بىر ئاقنى ئالغاندىن كېيىنمۇ ھامان يەنە بىر قارىنى ئالغىلى بولسا، بۇ، ئىككى خىل ئۇرۇقنىڭ تەڭلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. پۈتۈن قىسىمدىن چوڭ بولىدۇ، بۇ قەدىمىي ھەم ھېچكىم گۇمانلانمايدىغان ھەقىقەت، بىر ئالما ئۈچ پارچىگە بۆلۈنسە، پۈتۈن ئالما ھەرقانداق بىر پارچىسىدىن چوڭ بولىدۇ. لېكىن، بۇ گەپ سانى چەكلىك شەيئىلەرگىلا قارىتىپ ئېيتىلغان.17  - ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك ئالىم گالىلېي چەكسىز كۆپ جىسىملاردا ئەھۋال باشقىچە بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. مەسىلەن، بىرەيلەن سىزدىن: «پۈتۈن سان بىلەن جۈپ ساننىڭ قايسىسى كۆپ» دەپ سورىسا، سىز: «ئەلۋەتتە پۈتۈن سان كۆپ، تېخى بىر ھەسسە كۆپ» دەپ جاۋاب بېرىشىڭىز مۇمكىن. بىردىن100  گىچە سانلار ئىچىدە،100  پۈتۈن سان، ئاران50  جۈپ سان بار. ناۋادا پۈتۈن سان ۋە جۈپ سانلار چەكسىز كۆپ بولسىچۇ، بىز «بىرگە بىر ماسلىق» ئۇسۇلى بويىچە سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى: ...... ,6  ,5 ,4 ,3 ,2 ,1 ,0 ,1- ,2- ,3- ...... ...... ,12 ,10 ,8 ,6 ,4 ,2 ,0 ,2- ,4- ,6- ...... ھەربىر پۈتۈن سانغا نىسبەتەن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر جۈپ ساننى تاپالايمىز، ئەكسىچە، ھەربىر جۈپ سانغا نىسبەتەنمۇ چوقۇم ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر پۈتۈن ساننى تاپالايمىز، بۇ پۈتۈن سانلار بىلەن جۈپ سانلارنىڭ بىرگە بىر ماس كەلگەنلىكى، يەنى پۈتۈن سانلار بىلەن جۈپ سانلارنىڭ سانى تەڭ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. نېمە ئۈچۈن مۇنداق يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ؟ چۈنكى، بىز ھازىر مۇزاكىرە قىلىۋاتقان پۈتۈن سانلار بىلەن جۈپ سانلار چەكسىز كۆپ، چەكسىز بولغان ئەھۋالدا، پۈتۈن قىسىمغا تەڭ بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ ئىدىيىنىڭ ئىلھامى بىلەن،19  - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا گېرمانىيە ماتېماتىكى كانتور توپلام نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلدى. ئۇ: قىسىم بىلەن پۈتۈن ئوتتۇرىسىدا بىرگە بىر ماسلىق مۇناسىۋىتى تۇرغۇزۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئېچىپ بەردى، بۇ چەكسىز كۆپ ئېلېمېنتلارنى ئىچىگە ئالغان توپلامنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرىدۇر، ئۇ يەنە بىزگە: چەكلىك ئەھۋالدا ئېرىشكەن تېئورېمىنى چەكسىز ئەھۋالغا خالىغانچە تەتبىقلىماسلىقنىمۇ ئۇقتۇرىدۇ.

    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تەرمە بىلىملەر
    ماتېماتىكا| ۋاقتى11:39:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • پىفاگور ئېقىمى - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2010-12-30

    پىفاگور ئېقىمى(ئەسلىدە پىساگوروس بولۇشى كېرەك، بۇ يەردە ئادەتلەنگىنى بويىچە پىفاگور دەپ ئېلىندى)  ئۆزىنىڭ ئاساسچىسى پىفاگورنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.
        پىفاگور- (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 580 - 500 - يىللىرى)ـ قەدىمقى يۇنانلىق ئەڭ بالدۇرقى ئىدىئالىزىمچى، ئاقسۆڭەك قۇلدارلار پەيلاسوپى. پىفاگور ئېقىمى دىنىي، سىياسى، ئىلمىي تەتقىقاتتىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدە قىلغان تەشكىلات بولۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرى تۇرمۇشتا بىللە، كىيىم ـ كېچىگى بىردەك بولاتتى، بىر يۈرۈش ئەمرى ـ مەروئۇپكا رىئايە قىلاتتى. ئۇلار ئادەمنىڭ روھى ئۆلمەيدۇ دىگەن نىىگە ئېتىقات قىلىپ، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى باشقا ئادەم ياكى ھايۋاناتقا كۆچىدۇ دەپ قارايتتى. ئۇلار ئاقسۆڭەك قۇلدارلارنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىغى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلغان، شۇڭا سودا ـ سانائەت قۇلدارلىرى ۋە ئاددى خەلقنىڭ قاتتىق قارشىلىغىغا ئۈچرىغان. كېيىنكى چاغلاردىكى سوقرات ۋە ئەپلاتون قاتارلىق ئىدىئالىزىمچىلار ئۇنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى چوڭقۇر ئۇچرىغان. پىفاگور ئېقىمى پەلسەپىسىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى «سان» توغرىسىدىكى سىرلىقلاشتۇرمىچىلىقتىن ئىبارەت.
        ئۇلار: بارلىق شەيئىلەرنى سان بىلەن ھىساپلاپ چىققىلى بولىدۇ، ئابىستىراكىت سان كونكىرىت شەيئىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئومۇمىلىققا ئىگە، دەپ قارايدۇ. شۇڭا كائىناتنىڭ ئىپتىدائى سەۋىۋى سۇ، ئوت، گاز قاتارلىقلار بولماستىن، بەلكى سان دەپ دەۋا قىلىدۇ. ئۇلار سان بىلەن سان ۋەكىللىك قىلىدىغان شەيئىنى بىر ـ بىرىدىن ئاجرىتىۋېتىپ، ساننى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل نەرسە دەپ قاراپ، ھەممە سان 1 دىن باشلىنىدۇ، 1+1=2 ، 1+2=3،........ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن 1 «تاق سان» بىلەن 2«جۈپ سان» دىن بارلىق سانلار پەيدا بولىدۇ: نۇقتا ـ 1؛ نۇقتىدىن سىزىق پەيدا بولىدۇ، سىزىق ـ 2؛ سىزىقتىن دائىرە پەيدا بولىدۇ، دائىرە ـ 3؛ دائىرىدىن گەۋدە پەيدا بولىدۇ، گەۋدە ـ 4، دەپ ھىساپلايدۇ. ئۇلار مۇنداق دەپ قارايدۇ: دۇنيادىكى كائىناتنىڭ ھەممىسى تەقلىت ساندىن ئىبارەت بولۇپ، ساننى ئەسلى تىپ قىلىپ ۋۇجۇتقا كەلگەن، سان دۇنيانىڭ «تەرتىۋى»نى بەلگىلەيدىغان ئەسلى تىپ. پىفاگور ئېقىمى سان توغرىسىدىكى مۇشۇنداق سىرلىقلاشتۇرمىچىلىق ئارقىلىق ئاقسۆڭەك قۇلدارلارنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىغىنى دەلىللەپ، سان دۇنيانىڭ «مەڭگۈلۈك تەرتىۋى»نىڭ ئەسلى تىپى، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىغىلا بۇنداق «مەڭگۈلۈك تەرتىپ»كە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئاددى خەلق قوزغىلاڭ كۆتىرىدىغان بولسا، مۇنداق تەرتىپنى بۇزىدۇ دەپ ھىساپلايدۇ.


    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تارىخ تەرمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى11:17:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئەنگلىيىلىك ماتېماتىك بىر ماتېماتىكىلىق قىيىن مەسىلىنى يەشتى - [ماتېماتىكا يېڭىلىقلىرى]

    2010-12-14

    يېقىندا ئەنگىلىيە ئىمپېرىيە تېخنىلوگىيە ئىنستىتۇتى مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئەمەلىي ماتېماتىكا پروفېسسورى داخلېن كروۋدېنىڭ 100 يىلدىن بۇيان يېشىلمەي كەلگەن بىر ماتېماتىكىلىق قىيىن مەسىلىنى يەشكەنلىكىنى جاكارلىدى.
     ئەنگىلىيە ئىمپېرىيە تېخنىلوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئاخبارات باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئەمەلىي ماتېماتىكا پروفېسسورى داخلېن كرودې كونفورملۇق ئەكس ئەتتۈرۈش ماتېماتىكا ساھەسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ‹‹سىۋاز كرىستوففېل›› فورمۇلاسىنى يېڭىلاپ، بۇ فورمۇلانى تېخىمۇ كەڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىگە ئىگە قىلدى.
    پروفېسسور كرودې ئۇزاق يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ مەشھۇر فورمۇلانى يېڭىلىدى. ئۇ: ‹‹مەن بۇ فورمۇلانىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتتىم.›› دېدى. ئۇ كونفورملۇق ئەكس ئەتتۈرۈشنىڭ تېخىمۇ كەڭ ساھەدە ئىشلىتىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.


    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تەرمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى16:44:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئىلىم–پەن ۋە ماتېماتىكا ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم - [ماتېماتىكا يېڭىلىقلىرى]

    2010-12-03

    شىن4J3hfWvfR toW*mAmYzjbkSaخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشى3x3a*uCL22M&Kw(FFORBOB5uf!8^fنگتون، 18 – ئۆكتەبىرDZKG9mp%k-xz0@YHdBJLpe+3!UviuzBN*Q تېلېگراممىسى. ئامېرAutI4p-&ىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 1OR7T33wwA23I4Bnx(b^HRkhb#+O@owq8 – ئۆكتەبىر ئاقسارا03nDzBdThqj30$FY!Rينىڭ زىياپەت زالىدا *NxBJX7VoVWoh3WT5hc@6yEuVR7+M0q 9$Vv5eAFO-hA yTKIbtlLiئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلyz(RL$4h+^dBGIyانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ*QwnWx mk^X9(Ekk77Hnz+fE!o5VUOgZ0B%b2xEEF5 nvXKGvOw2BO&7pyv كەشپىيات ئەسەرلىرى q!Rl6bWNQKJ6#كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇر)Au9Z#0 urMl(and&G$ $llKp!Oqx&سىيە قىلغاندىن كېيىنgVE: نۇرغۇن جەھەتتىن ئېW8gkbqm(huHiFkQKAdHيتقاندا، ئامېرىكىنىڭSqN7ffry5NQ43%OI^n8W@Z كەلگۈسى پەن – تېخنىqXAl-4VF@w92jd&pL$e 1dT4Q2S&Lg4xN TsR-#Wci%5$A*(yJ6vnr1كا ۋە ماتېماتىكا مائ5no36xjUPt$@NpcZ5tD5po60)z0KLU%RCارىپىنىڭ سەۋىيەسىگە 3JdN%aR HrBK1DhLrjNFBB- pDdlzJ4UhH1IUIVq!oShzKXZw9HLباغلىق، دېدى.

        ئوبامr6F(ا: بۇ ئەسەرلەر ۋە مۇZ@H6+m4%&zCoh+hkfehكاپاتلانغان ئوقۇغۇچىTUhe9لار بىزنىڭ ئىشەنچىمىt9wkAزنى ئاشۇرۇپ، ‹‹ئامېرrOىكىنىڭ ئىستىقبالى››نP#%DAhP*XRvt5py7ndT1nSs2ujjkOhPw$GN(#H%jwdX-d@2M+L9Kى نامايان قىلدى. نۇرvpGdzM6yjjAz4K7w2#AR8ncU!tغۇن دۆلەت ئىلىم – پە!T2IfF5REwKY3o3^)ejpecnن ۋە ماتېماتىكا ساھەDWz7rk5cFC8uPV*Uسىدە ئامېرىكىنىڭ ئالwcB(o+y#%o-o452sPh5cXtf%+uUO^&OBB+OxjkKyNدىغا ئۆتۈپ كېتىۋاتىد7mX3qRGxr!2D187MLS#ۇ. ئامېرىكىلىق ئوقۇغbR*Dfۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىن كzaepYU4G0x&)&iE^xV3t22LL^MchFkpGUېيىنكى ئون يىلدا ھاز2U#7Hu*I(KL-#L*6xvS*)j$Q18C&Jf(kIjCxggu7YaH0J^*qىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەر&lGhKffYo$oFbrR$PCyKaldVIIzU^yF(r%XS$a(teJ^6wumKmenتىپ ،ئالدىنقى قاتارغPp^@kYms(4s$aWmic^$v$lQhNRG3BU!H0aTw3sROqZT$FnyBiiJ^dmF%+Nا ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلLwb19Oo(Te suZkOg^ 1*JkfKJsx6#$XN%^qىمەن، دېدى.

        ئوباماuhVoG&b!Mxy1LBNMIgOZfK-(+cID ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندtE*# ueuDEg#e( 9Tv01gC$^BAwsne#LxWE1jfey0oaa)-(y^ىن بۇيان پەن – تېخنى +TaaO9uiOvSiS7+B9VQS5eZisEI)AddExnB%wRI$39t+Y+-CVكا، قۇرۇلۇش، شۇنداقلV*vq+OL)E&X (o&zt&rا ماتېماتىكا مائارىپcKka@G$QWM(krNX9Th GN50a$s$&TmX7GGuىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆپSjtG قېتىم تەكىتلىدى. ئۇ+M)CQReWDi2dB9PSiT9)n(3 EaB)4!W86: پەن – تېخنىكا، قۇرU)DbBv%jdDGgA@L23Dw+vfIۇلۇش، شۇنداقلا ماتېمEKpvpUاتىكا مائارىپىنىڭ سە5*d%SamHthy$jQz%KgY6^h8wqUEAZ6g75SOtts20QXy@VpmzCX)@friaPw9ۋىيەسى ئامېرىكىنىڭ كbuDOsK0DDD@cu#Id*r)3lK3s39nf4E+$ agks9ەلگۈسىدىكى گۈللىنىشىq)-ErtH#Vvc5rZKx@JM(25^نىڭ ئاساسى، دەپ قارى99b5wHCEYtjXUL#Kf9LPK+L30mدى. 


    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تەرجىمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى16:29:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئاستانە قەبرىستانلىقىدىكى ماتېماتىكا - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2010-11-10

    ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقى قەدىمكى قۇچۇ خانلىقىنىڭ دۆلەت  قەبرىستانلىقى بولۇپ، قەبرىستانلىقتا نەچچە مىڭ يىللىق جەسەت ۋە قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىرى ساقلانغان. بۇ قەدىمكى چوڭ قەبرىستانلىق ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-  يىلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە 14 قېتىم ئارخېئولوگىيىلىك قىزىلىپ، 456 قەبرە  رەتلەندى. بۇ قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىرى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ. شۇڭا بۇ قەبرىستانلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹ قوچۇ ئېلىنىڭ تارىخىي ئارخىپخانىسى، تۇرپاندىكى يەر ئاستى مۇزېيى›› دەپ ئاتالماقتا.        ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى تۇرپان شەھەر مەركىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان 10 نەچچە كۋادىرات كىلومېتىر كۆلەمدىكى قاقاس چۆلنىڭ ئوتتۇرا  قىسمىغا جايلاشقان. نۆۋەتتە، بۇ قەبرىستانلىق گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.ئۇنىڭدىكى تىپىلمىلار ئارىسىدا بىر تام رەسىمى بار بولۇپ ، ئۇنىڭدا تېنى بىرلىشىپ كەتكەن ، تېنى يىلان شەكىلدە بىر جۇپ ئەر-ئايالنىڭ ئوبرازى(قانۇنىيەتلىك شەكىل) سۇرەتلەنگەن. ئايالنىڭ قولىدا " سېركول" ، ئەرنىڭ قولىدا "كۇۋادېرات سىزغۇچ" بولۇپ ، رەسىمنىڭ ئۇستى تەرىپىدە قۇياش ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يۇلتۇزلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئاندىن ئالەمنىڭ تۆت تەرىپى(چېكى) نى بىلدۇردىغان بىر كۇۋادېرات سىزىلغان.بۇنىڭ مەنىسى "ئالەم قائىدە- تەرتىپلىكتۇر، بۇ تەرتىپنى ياراتقۇچى كۆك تەڭرىدۇر " دېگەنلىك بولىدۇ.سۇرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ "كۆك تەڭرى" ئىتىقاتىغا (ئەلۋەتتە بۇ بۇددىزىم مەدەنىيىتىگە تەۋە)تەئەللۇق مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ھەققىدە بۇ يەردە توختالمىغاندىمۇ ،بۇ رەسىمنىڭ ئۇيغۇر ماتېماتىكا تارىخىدا تۇتقان ئورنى ناھايىتى مۇھىم  :


    خەتكۈچ:ماتېماتىكا ئۇيغۇرلار تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى17:43:00 | 阅读全文 | ئىنكاس3 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • يۇسۇپ خاس ھاجىپ تىلغا ئالغان ماتېماتىك - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2010-11-10

    10- ، 11- ئەسىرلەردە بىزنىڭ ھازىرقى بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك ۋەتىنىمىزدە بىر قانچە ھاكىمىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى . شىمالى جۇڭگۇدا كىدان ( قىتان ) لار ھاكىمىيتى ، جەنۇبى جۇڭگۇدا سۇڭ سۇلالىسى ، غەربىي شىمال ئېگىزلىكىنىڭ بىر قىسمىدا تاڭغۇتلار ھاكىمىيتى ، خېشى كارىدورىدا گەنجۇ ئۇيغۇر ھاكىمىيتى ، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم جايلاردا قۇجۇ ( ئېدىقۇت ) ئۇيغۇر ھاكىمىيتى ، كۇچارنىڭ غەربىدىن تارتىپ بۇخاراغىچە ۋە شىمالدا ئىسسىق كۆلدىن تارتىپ جەنۇپتا خوتەنگىچە بولغان كەڭ زېمىندا قارا خانىيلار ھاكىمىيتى مەۋجۇت ئىدى . دەسلەپ بالاساغۇن شەھرىنى ، ئاندىن قەشقەر ( ئوردا كەنت ) نى پايتەخت قىلغان قارا خانىيلار ھاكىمىيتىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەجدادلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر سۇلالە بولۇپ ، بۇ سۇلالە مىلادى 9 – ئەسىردىن 13- ئەسرنىڭ باشلىرىغىچە دەۋر سۈرگەن ۋە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنڭ ئىقتىساد ھەم مەدىنىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى . قارا خانىيلار سۇلالىسى بولۇپمۇ 11- ئەسىردە زور گۈللىنىش دەۋرىگە كىردى . بۇ دەۋىردە بىر تەرەپتىن ، ئاللىقاچان باشلىنىپ كەتكەن يېزائىگىلىك ۋە قول ھۈنەر سانائىتى ئىجدىمائى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ئاساسى قىسمى بولۇپ قېلىش نەتىجىسىدە ، ئولتۇرراقلىشىش ۋە شەھەرلىشىش ئومۇملشىپ كەتتى . قەشقەر ، بارچۇق ( مارالۋېشى ) ، بالاساغۇن ، ئوترار، سەمەر قەنت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يىرىك ئىقتىسات ، سودا ۋە مەدىنىيەت مەركەزلىرى مەيدانغاكەلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مىللى ئەنئەنىۋى مەدىنىيەت ئاساسىدا ، ئىسلام مەدىنىيتى ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىگى مەدىنىيتىنىڭ مۇنەۋەر ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدىنىيەت تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر باشلاندى . بۇ خىل ئىلىم قوبۇل قىلىشنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى ۋە يوللىرى كۆپ تەرەپمىلىك بولغان بولسا ، بۇنىڭغا   ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ۋە دانىشمەن شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك » داستانىنى مىسال قىلىش مۇمكىن.


    خەتكۈچ:ماتېماتىكا ماتېماتىكلار ئۇيغۇرلار تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى17:37:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ماتېماتىكىلىق جەدۋەل - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2010-11-03

    ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسىدە ھەمىشە كۋادراتلار جەدۋىلى، لوگارىفما جەدۋىلى، ترىگونومېتىرىيىلىك فۇنكسىيە جەدۋىلى … دېگەندەك ماتېماتىكىلىق جەدۋەللەر ئىشلىتىلىدۇ، بۇ جەدۋەللەر بولسا، باشتىن باشلاپ ھېسابلاپ ئولتۇرمايلا، نەتىجىنى جەدۋەلدىن بىۋاسىتە تاپقىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېسابلاش كۆپ ئاسانلىشىدۇ. بۇ ماتېماتىكىلىق جەدۋەللەر ئۇزۇن زامانلار جەريانىدا پەيدىنپەي تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللەشكەن. يېۋفرات دەرياسى يېنىدىكى قەدىمىي بابىل ئىبادەتخانىسىنىڭ كۇتۇپخانا خارابىسىدىن نۇرغۇن لاي تاختىلار قېزىۋېلىنغان. ئۈستىگە كۆپەيتىش جەدۋىلى، قوشۇش جەدۋىلى، كۋادراتلار جەدۋىلى، ئەكس سانلار جەدۋىلى ۋە كۋادرات يىلتىزلار جەدۋىلى قاتارلىقلار شىنا يېزىق بىلەن ئويۇلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ قەدىمكى ماتېماتىكىلىق جەدۋەللەر بولۇپ، قەدىمكى بابىللىقلار مۇشۇ قوراللاردىن پايدىلىنىپ ھېسابلاشنى ئاددىيلاشتۇرغان. جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ماتېماتىكا جەدۋىلى كەررە جەدۋىلىدۇر. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەمىنىيە دەۋرىدە ھاكىمبەگ چى خۇەنگۇڭ دانىشمەنلەرنى تەكلىپ قىلىپتۇ، ئەمما ھېچكىم كەلمەپتۇ. بىر كۈنى بىرەيلەن كېلىپتۇ. چى خۇەنگۇڭ: «قانداق كارامىتىڭ بار؟» دەپ سوراپتۇ. ھېلىقى كىشى «مەن كەررە جەدۋىلىنى بىلىمەن» دەپتۇ. چى خۇەنگۇڭ كۈلۈپ كېتىپ: «كەررەر جەدۋىلىنى بىلىشمۇ كارامەت ھېسابلىنامدىكەن؟» دەپتۇ. ھېلىقى كىشى: «كەررە جەدۋىلىنى بىلىش ھېچقانچە چوڭ كارامەت ئەمەس، لېكىن، جانابلىرى ماڭا ئوبدان مۇئامىلە قىلسىلا، ئاقىل دانىشمەنلەر تەكلىپ قىلمىسىمۇ ئۆزلىرى كەلمەسمۇ؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. چى خۇەنگۇڭ بۇ گەپنى يوللۇق ھېسابلاپ ئۇنىڭغا ئوبدان مۇئامىلە قىلغانىكەن، دېگەندەك كېيىن نۇرغۇن قابىلىيەتلىك كىشىلەر كېلىپتۇ. بۇ يەردە ئېيتىلغان كەررە جەدۋىلى ھازىرقى كۆپەيتىش جەدۋىلىدۇر. بۇ ھېكايە ئېلىمىز خەلقى كەررە جەدۋىلىنى خېلى

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى15:28:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئاجايىپ تەبىئىي سانلار - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]

    2010-11-03

    0 ،1 ،2 ،3 ، …، كىشىلەرگە تونۇش ھەم ئاددىي بولغان بۇ تەبىئىي سانلار نۇرغۇن ئاجايىپ ۋە قىزىقارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. ئوڭ تەرەپتىكى رەسىمنىڭ سول تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكى بىر كىچىك كۋادراتتىن ئىبارەت، شۇ يەردىن باشلاپ، بىرىنچى قاتلام ئۈزۈك سىزىق ئارقىلىق ئۈچ كىچىك كۋادرات كۆرسىتىلگەن، ئىككىنچى قاتلام ئۈزۈك سىزىق ئارقىلىق بەش كىچىك كۋادرات كۆرسىتىلگەن، …ئۇ تۆۋەندىكى بەزى قىزىقارلىق پاكىتلارنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ:    12=1=1 2 2=4=1+3 32=1+3+5+9 ……82 =64=1+3+5+7+9+11+13+15 ئومۇمەن، ئەگەر n بىر تەبىئىي سان بولسا، ئۇ ھالدا 1+3+5+....+(2n-1)=n2 بارلىق تەبىئىي سانلارغا نىسبەتەن، تۆۋەندىكى ئىپادىلەر توغرا بولىدۇ:2 (2+1)=9=8+1=23+13 ,21 =132 (3+2+1)=27+8+1=33+23+132 (4+3+2+1)=64+27+8+1=43+33+23+13 ……3 n+…+27+8+1=3n+…+33+23+132      (n+…+3+2+1)= ئەمدى6174  نى كۆرۈپ باقايلى. ئۇنىڭ ھەرقايسى خانىلىرىدىكى رەقەملىرىنى چوڭدىن كىچىككە بولغان تەرتىپ بويىچە يېزىپ، ئاندىن كىچىكتىن چوڭغا بولغان تەرتىپ بويىچە يېزىپ، ئۆزئارا ئالساق،6174 =1467-7641 بولىدۇ. نەتىجە ئەسلىدىكى سان6174  بىلەن ئوخشاش بولدى. قىزىقارلىق يېرى شۇ يەردىكى، ئەگەر تۆت خانىسىدىكى رەقەملىرى پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتمەيدىغان خالىغان بىر تۆت خانىلىق ساننى ئېلىپ، ئۇنى يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بويىچە بىرتەرەپ قىلساق ھەم بىرنەچچە قېتىم تەكرارلىساق، ئاخىرىدا يەنىلا6174 كە ئېرىشىمىز. مەسىلەن،0923  نى مىسالغا ئالساق: ,9081=0239-9320 ,9621=0189-9810 ,8352=1269-9621 .6174=2358-8532 خالىغان ئالتە خانىلىق بىر ساننى يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ھېسابلىساق، ئۈچ خىل نەتىجىگە ئېرىشىمىز: (1)631764  تەكرارلىنىدۇ؛ (2)549945  تەكرارلىنىدۇ؛ (3) تۆۋەندىكى يەتتە سان دەۋرىيلىنىدۇ:840852 ،860832 ،862632 ،642654 ،420876 ،851742 ،750843 . سەككىز خانىلىق سانلارغا نىسبەتەنمۇ نەتىجە ئوخشاش بولۇپ، ئاخىرىدا63317664  كە يىغىنچاقلىنىدۇ؛ ئون خانىلىق سانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ئاخىرىدا

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا بىلىملەر
    ماتېماتىكا| ۋاقتى15:22:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ﺗﯜﭖ ﺳﺎﻧﻼﺭ ﻓﻮﺭﻣﯘﻻﺳﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﻣﯘ؟ - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]

    2010-11-01

    ﺗﯜﭖ ﺳﺎﻧﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ "ﺋﻪﯓ ﺳﺎﭖ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯘﻕ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻳﻠﻰ.
    ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻓﻮﺭﻣﯘﻻ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﭖ ﺳﺎﻧﻼﺭﻧﻰ(ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﯜﭖ ﺳﺎﻧﻼﺭﻧﯩﻼ) ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﮬﯧﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ﮬﻪ! ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻓﻮﺭﻣﯘﻻﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. 1640-ﻳﯩﻠﻰ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻚ ﻓﯧﺮﻣﺎﺕ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻓﻮﺭﻣﯘﻻﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻓﻮﺭﻣﯘﻻ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ:
    2 ﻧﯩﯔ 2ﻧﯩﯔ nﯨﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ 1 . (ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﮔﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﺎﺯﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ) ، .......,2,3,4,n=1 ﺑﯘ ﻓﻮﺭﻣﯩﻼﺩﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯸﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ:
    1^2^2+1=5
    2^2^2+1=17
    3^2^2+1=257
    4^2^2+1=65537

    ﺑﯘ ﺳﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﯜﭖ ﺳﺎﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻓﯧﺮﻣﺎﺕ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﭖ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻚ Leonard Euler ﻓﯧﺮﻣﺎﺕ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ 5-ﺳﺎﻥ
    5^2^2+1=4294967297 ﻧﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﺳﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ 6700417ﺑﯩﻠﻪﻥ 641ﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻓﯧﺮﻣﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﺳﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﮬﯧﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﯟﯨﻲ ﻓﻮﺭﻣﯩﻼﺳﻨﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﺪﻯ


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا تەرجىمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى18:12:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ستالىن<<قالدۇرغان>> مليون ماتىماتىك - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2010-11-01

    روسىيەلىك مەشھۇر مۇخبىر گېسېن يىقىندا نەشىر قىلدۇرغان كىتاپتا مۇنداق دېيىلگەن:<<ماتېماتىكلار  سابىق سېۋىت ئىتتپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ مەخىپى قورالى ئىدى،ستالىن بۇ قۇرالنى ئىنتايىن پىنھان تۇتقان،ئەمىليەتتە ئۇلار سابىق سېۋىت ئىتپاقىنىڭ ھەربى ياراقلار تەتقىقاتىغا زور تۆھپە قوشقان بولۇپ،ستالىننىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى نەتىجىسىدە 1مىليون ماتىماتىك يېتىشىپ چىققان.  
       بۇ كىتاپتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن:1941-يىلى گىرمانىيە ناتسىسلېرى سوۋىت ئىتپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندا،ئۈچ ھەپتىگە قالمايلا سابىق سۇۋىت ئىتتپاقىنىڭ ھاۋا ئارمىيىسىنى ھالاك قىلغان،بۇ چاغدا ستالىن خەلق ئاۋاتسىيە ئايرۇپىلانلىرىنى بومباردىمانچى ئايرۇپىلانغا ئۆزگەرتىپ ھاۋا ئارمىيىسىنى قايتا قۇرماقچى بولغان. ئەمما،خەلق ئاۋاتسىيە ئايرۇپىلانلىرىنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا،ھۇقۇم قىلىنان نىشاننى مۆلچەرلەش ۋە كونتورول قىلىش ئۈچۇن يېتەرلىك ۋاقىتقا ئېرىشەلمەيتتى.شۇ چاغدا ساىق سۇۋىت ئىتپاقىنىڭ ماتىماتىكلېرى قىزىل ئارمىيەدىكى بارلىق بومباردىمانچى ئايرۇپىلانلارنىڭ ھېساپلاش سېستىمىسىنى قايتا لاھېلەپ چىققان ،بۇنىڭ بىلەن ستالىن بارلىق باش ئاغرىغىدىن خالاس بولغان.شۇنىڭدىن كېتىن ستالىن ماتىماتىكلارنىڭ تورمىشىنى زىيادە ياخشىلاپ،ئۇلارنى مەخپى خادىملارنى باشقۇرغاندەك قاتتىق باشقۇرغان،ئۇلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان بارلىق <<ئالاقىسى>>نى ئۈزۈپ تاشلىغان ھەمدە ئۇلاردىن تەتقىقاتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىشنى تەلەپ قىلغان،ستالىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىنمۇ،ماتىماتىكلار ئوخشاشلا تۇرمۇش،ئاڭ فورماتسىيىسى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت جەھەتتە ھېچقانداق ئەندىشە بولمىغان،بۇرۇنقىدەكلا بېرىلىپ تەتقىق قىلغان،سابىق سۇۋىت ئىتتپاقىدىكى40نەچچە شەھەرگە جايلاشقان ھەربى تەتقىقات ئورنىدا 1مىليونچە ماتىماتىك خىزمەت قىلغان.2002-يىلى دۇنيا ماتېماتىكا ساھەسىنى 100يىلدىن بۇيان قىيناپ كەلگەن<<گولدباخ قىياسى>>نى يەشكەنلىگىنى جاكارلىغان پېلىرمۇنمۇ دەل شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.    سوۋىت ئىتتپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن،ھۆكىمەتنىڭ ماتىماتىكلاغا  بېرىدىغان ياردەم سوممىسىمۇ تەلتۆكۈس ئۈزۇپ تاشلانغان،بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ماتىماتىك غەرپ ئەللېرىگە كەتكەن.پېلىرمانمۇ ئىلگىرى ئامىركىغا بارغان ئىدى،ئەمما ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئامىركا ئۇنىۋرىستىتلارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك نەتىجىنى تەكىتلەيدىغان كەيپىياتىدىن ئۈمۇتسىزلىنىپ ،يەنە روسىيەگە قايتىپ كەلگەن.شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ بېرىلىپتەتقىق قىلىپ ئاخىرى<<گولدباخ قىياسى>>نى يەشكەن.


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى15:43:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • گېئومىتىرىك شەكىل سىزىش تاختىسى - [ماتېماتىكىلىق قۇراللار]

    2010-10-26

    تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قابىل ياردەمچىلىرىدىن بىرى بولغان گېئومىتىرىك شەكىل سىزىش تاختىسى دىتالى. بۇ دىتال ئارقىلىق قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغان گېئومىتىرىك شەكىللەرنى ناھايىتى ئاسانلا سىزىپ چىققىلى،بۇ ئارقىلىق قىزىقتۇرۇش،ئىپادىلەش كۈچى ناھايىتى ياخشى بولغان دەرسلىك دىتالى تۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ. دىتالنىڭ سىغىمى كىچىك 1 مېگابايتقىمۇ يەتمەيدۇ،بىراق ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئوقۇتۇش،دەرسلىك دىتالى تۈزۈش دىتاللىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى دىتالنى چۈشۈرۈپ دىتالنىڭ نامى بويىچە بەيدۇ ياكى گوگۇلدىن دەرسلىكلىرىنى ئىزدىسىڭىز ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ئازراقلا خەنزۇچە ساۋادىڭىز بولسا ئاسانلا ئۈگىنىپ كېتەلەيسىز،خەنزۇچىنى بىلمەيمەن دىسىڭىز «باغۋەن كومپىيۇتىر ئۈگىنىش دەرسلىكى»نى  چۈشۈرۈپ يەشسىڭىز ئۇنىڭدا ئويغۇرچە دەرسلىكىمۇ بار.


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش
    ماتېماتىكا| ۋاقتى17:58:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈشلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2010-10-26

    قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈشلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى (+، -، × ) . (، ÷) قاتارلىق ماتېماتىكىلىق بەلگىلەر ئۇزاق زامانلار تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەن،17  - ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغان. قوشۇش بەلگىسى باشتا ئىنگلىزچە plus (قوشۇش) سۆزىنىڭ باش ھەرپى p بىلەن ئىپادىلەنگەن. گېرمانىيىدە ئىنگلىزچە and (ۋە) گە توغرا كېلىدىغان نېمىسچە «et» بىلەن ئىپادىلەنگەن. ياۋروپادا سودىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، «et» دەپ يېزىش بەك ئاستا بولۇپ قالىدىكەن دېگەن ئوي بىلەن، سۈرئەتنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئىككى ھەرپ قوشۇپ يېزىلغان. شۇنىڭ بىلەن «et» بارا - بارا «+» غا ئۆزگەرگەن. ئېلىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنگلىزچە minus (ئازايتىش) سۆزىنىڭ باش ھەرپى m بىلەن ئىپادىلەنگەن، كېيىن تېز يېزىش ئۈچۈن، ئۇ تەدرىجىي «-» غا ئۆزگەرگەن. «+» بەلگىسى بارلىققا كېلىپ100  يىللاردىن كېيىن ئەنگلىيىلىك ئوترېد ( Oughtred,1631-1574) بىرىنچى بولۇپ «×» نى كۆپەيتىش بەلگىسى ئورنىدا ئىشلەتكەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كۆپەيتىش بەلگىسى قوشۇش بەلگىسىدىن كېلىپ چىققانىكەن. چۈنكى، كۆپەيتىش ئەمىلى ئوخشاش بىرنەچچە قوشۇلغۇچىنى ئارقىمۇئارقا قوشۇشتىن تەرەققىي قىلغان، مەسىلەن،5 ×13 ئەمىلى13 +13+13+13+13 دېگەنلىكتۇر، يەنى كۆپەيتىش ئەمىلى ئالاھىدە بىر خىل قوشۇش ئەمىلىدۇر، شۇڭا، قوشۇش بەلگىسى «+» سەللا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن

    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تەرمە بىلىملەر تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى17:45:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
共12页 第一页 上一页 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页 最后一页
ئابونت نامى:  
مەخپى نومۇر:  
بلوگ ئىلتىماس قىلىش | ياردەم

بلوگتىكى سەھىپىلەر

  • ماتېماتىكا يېڭىلىقلىرى[7]
  • مائارىپىمىزغا نەزەر[5]
  • ماتېماتىكا مائارىپى[10]
  • ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى[18]
  • ماتېماتىكىلىق لۇغەت[19]
  • ماتېماتىكىلىق فىلىملەر[5]
  • ماتېماتىكا رېستۇرانى[66]
  • يېڭى ئارىلىق پەنلەر[8]
  • ماتېماتىكا ئالىملىرى[32]
  • ماتېماتىكا تارىخى[45]
  • قىزىقارلىق ماتېماتىكا[43]
  • ماتېماتىكىلىق قۇراللار[3]
  • ماتېماتىكىلىق يۇمۇرلار[9]
  • ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار[16]
  • ئەدەبىي ئەسەرلەر[9]
  • تور بىلىملىرى ۋە بلوگ كودلىرى[5]
  • ماتېماتىكا كىتاپخانىسى[1]

باشقۇرۇش سۇپىسى

  • 进入后台 写新日志
  • 文章管理 评论管理
  • 更换模板 访问统计

يېڭى ئىنكاسلار

  • ئەلشەرەپ:http://uyghur.xjass.com/uygh...
  • نۇرئەخمەت:ئاق كەپتەر بلوگى سىزنى يوقلا...
  • نۇرئەخمەت:ئاق كەپتەر بلوگى سىزنى يوقلا...
  • phonix820:ياخشىمۇسىز ماڭا بىرنامەلۇملۇ...
  • phonix820:ماقالىرىڭىز كۈندىن كۈنگە سەر...
  • چەۋەنداز:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشى...
  • تۇرانىم:ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ، قۇرربا...
  • چەۋەنداز:پەخىرلىنىدىغان دىيارىمىز بىز...
  • تۇرانىم:ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ؟ .سىزنى...
  • ماتېماتىك:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوستۇم، ...

يېڭى تېمىلار

  • « قۇتادغۇ بىلىك» دىكى ئاسترونومىيىلىك بايانلار ھەققىدە
  • ئائىلىدە سىزمۇ بىر ياخشى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولالايسىز
  • ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىمى ــ خۇا لوگېڭ
  • ئولىمپىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدىكى جۇڭگو ماھىرلىرى
  • ماتېماتىكا دەرسىدىكى قىزىقچىلىق
  • مۇسا خارازىمى ئۇيغۇر !
  • بىز رەقەمنى قانداق تاپتۇق
  • ئىسىملارنىڭ سانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىت
  • ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە تۇغما قابىلىيەت كەتمەيدۇ
  • ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئەخلاقىي تەربىيەنى دەرس مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك
全部日志>>

ئۇيغۇرچە كالېندار

خەتكۇچتىن ئىزدەش

  • تەرمە[232]
  • ماتېماتىكا[167]
  • تەرجىمە[38]
  • ماتېماتىكلار[36]
  • ئوقۇتۇش[28]
  • لوغەت[27]
  • ئۇيغۇرلار[26]
  • بىلىملەر[26]
  • تەرجىمھال[19]
  • رەسىم[18]
  • تېپىشماقلار[16]
  • تارىخ[15]
  • سۇرەت[13]
  • ئىجادىيەت[12]
  • پەنلەر[12]
تېخىمۇ كۆپ...

ساقلىغۇچتىكى ئەسەرلەر

  • 2011-10[4]
  • 2011-09[1]
  • 2011-08[1]
  • 2011-07[16]
  • 2011-05[1]
  • 2011-03[2]
  • 2011-02[5]
  • 2011-01[14]
  • 2010 [175]
  • 2009 [87]

تۇغلۇق ئۇلىنىشلار

  • ulnix
  • ئوۋچى بلوگى
  • يۇكسەل بلوگى
  • dunya kara
  • چەۋەندازلار بلوگى
  • تارىم بلوگى
  • كۆزنەك بلوگى
  • رىشتىمىز بلوگلار ئۇلىنىشى
  • ئۇيغۇر ئۆرلە بلوگى
  • ulanmilar
  • تېپىشماقلار دۇنياسى
  • ئۇلىنىش مۇنبىرى
  • ماتېماتىكا بىلوگى
  • bolgzar
  • چىن دوست بلوگى
  • قوشۇق بلوگى
  • بىلقۇت مۇنبىرى
  • سەلتەنەت
  • ئەلشەرەپ تور خاتىرىسى
  • ئالەم(ئاستېرنومىيە) تورى
  • كۆكتۇغ تور مەھەللىسى
  • شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
  • دولقۇن731مەھەللىسى
  • نۇرقۇت تور خاتىرىسى
  • ئۆگىنىش بلوگى
  • سەھرا بلوگى
  • شەپقەت بلوگى
  • ئۇيغۇر بلوگېرلار مەھەللىسى
  • كۆزنەك بلوگېرلار مەھەللىسى
  • جەمگاھ ئۇلىنىشلىرى
  • ئۇلانمىلار تور تۇراسى
  • دۆلەتباغ بلوگى
  • تەكلىماكان بلوگى
  • ئىمكان بلوگى
  • شادلىق بلوگى
  • ئەلشات بلوگى
  • دۇنيا بلوگى
  • ئىزدەن تەبىئەت بلوگى
  • ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
  • ئەدەبىيات دۇنياسى
  • رەسىم تەھرىرلىگۇچ
  • يۇكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى
  • مەپتۇن بلوگى
  • كۈركۈم گۈلى
  • يۇمتاللار
' target='_blank'>تەرجىمەكەش
  • تەڭرى تاغ تورى
  • ساياھەتنامە
  • جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى
  • تور ئىملاچىسى
  • ئىرپان تور لۇغىتى
  • سىستېمىلار
  • ئىجتىمائى پەنلەر
  • شىنجاڭ ئاياللىرى
  • 1رەسىم يوللاش كودى
  • رەسىم يوللاش كودى2
  • يېزىش قىلىپلىرى
  • رەسىم ساقلىغۇچ
  • پەننى ئوموملاشتۇرۇش تورى
  • ئەلكۈيى مۇنازىرە مۇنبىرى
  • كىتابخانا بلوگى
  • پەن ئالىملىرى سۇرەتلىرى
  • ماتېماتىكىلىق فورمىلا كىرگۇزۇش قۇرالى
  • ماتېماتىكا مۇنبىرى
  • قۇرئان ئاڭلاش
    Logo ياساش
    MATH
    ئىملا تەكشۈرگۈچ
    ئېنگلىزچە ھۆسىن خەت
    تىل تەرجىمانى
    شىنجاڭ خەرىتىسى
    كود رەڭلەش
    سانلارنى كۇۋادېراتلاش
    رەڭ كودى
    يېزىق ئايلاندۇرغۇچ
    يۇلغۇن تور لوغىتى
    گوگۇل تەرجىمان
    ھەقسىز بوشلۇق
    ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت
    ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت
    ھەقسىزلەر رايۇنى
    چۈشۈرمىلەر
    خەنزۇچە ماقالىلەر
    كود جەمگاھى
    تىما يىزىش كۆزنىكى
    توربەت ئۇنۇم كودلىرى
    ئىچىلمايدىغان توربەتنى ئىچىش
    خەنزۇچە خەتكە پىنيېن بىرىش
    ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە - ئېنگىلىزچە تور لۇغىتى
    ئىلتىماس قىلىشQQ

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم

    ماتېماتىكا

    Google

    تېپشماقلار دۇنياسى

    • قىزىقارلىق تىپىشماقلار
    • مەندە بىر تېپىشماق بار
    • 0 بۇ تېپىشماقنى تاپالايدىغانلار بارمۇ؟

    چەۋەندازلار بلوگى

    • گۈدۈك مىكرو بىلوگى ۋە ئۇنى بىلوگ بىلەن بىرلەشتۈرۈش Güdük Mikro Bilogi we Uni Bilog bilen Birleshturush
    • چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-11 Qawandazlar" Uqturushi-11"
    • ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ بالىلىرى (داۋامى2)

    كۆزنەك

    • نورمال ئېچىلىدىغان ھەم يېڭىلىنىۋاتقان بلوگلار
    • نورمال ئېچىلىدىغان ھەم يېڭىلىنىۋاتقان بلوگلار
    • ئۇلىنىشلار بۇ يەردە

    ئىلىم - پەن بىلوگى

    • سانلارنىڭ «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر» گە چۈشۈپ كېتىشى
    • «100مەسىلە» نىڭ تۆتىنچىسى
    • «100مەسىلە» نىڭ ئۈچۈنچىسى

    Dunyakara

    • جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىدىن كەسپچانلىق روھىغا نەزەر.........
    • Blogbusنى ئىشلىتىش قوللانمىسى تارقىتىلدى، چۈشۈرىۋېلىڭ
    • قارا رەڭ ئاساس قىلىنغان ئىككى خىل ئۇسلۇپ

    更多博链

    • زىيارەت سانى:
    • RSS 什么是RSS?
      用IM提醒我内容更新
      订阅到QQ邮箱
      订阅到鲜果阅读器
      订阅到Google阅读器
      订阅到抓虾阅读器
    • 《城客》第四期:创意之城
      博客大巴
      博客大巴使用指南
      博客大巴模板中心
      免费注册博客大巴
      一键博客搬家工具
      中文互动杂志城客

    ئۇسلۇپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:تارىم بلوگى | بلوگ يازغۇچىسى: ماتېماتىكا