-
لوگىكىلىق تېپىشماق: خۇراپىي باشلىق - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2010-10-21
Fisher ئەپەندى بىر چوڭ شىركەتنىڭ كەچلىك دەرۋازىۋەنى ئىدى. ئۇ بۈگۈن ئەتىگەن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ شىركەتنىڭ باش لىدىرى Fisher ئەپەندىگە: " مەن سودا ئىشلىرى ئۈچۈن نورۋېگىيەگە بارماقچىمەن، ئەتە Heathrow ئايدىرومىدىن يولغا چىقىمەن. مەن قايتىپ كەلگۈچە شىركەتنىڭ ئامانلىق ئىشىلىرىغا بەكرەك دىققەت قىلىڭ." دېدى. Fisher ئەپەندىم باشلىقىغا قاراپ " قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر نورۋېگىيەگە سىز چوقۇم كېمە بىلەن بېرىڭ " دېدى.
" مەن نېمىشقا ئۇنداق قىلىمەن؟ " دەپ سورىدى باشلىق .
" مەن ئاخشام چۈشۈمدە سىز نورۋېگىيەگە بارىدىغان سىز ئولتۇرماقچى بولغان ئايرۇپىلاننىڭ قونۇشتىن ئىلگىرى چۈشۈپ كېتىپ ئىچىدىكى ھەممە ئادەملارنىڭ قازا قىلغانلىقىنى كۆردۈم. شۇڭا بۇ ئايرۇپىلانغا ئولتۇرماي، كېمە بىلەن مېڭىڭ " دېدى Fisher ئەپەندىم.
بۇ شىركەتنىڭ باشلىقى خۇراپىيراق بولغاچقا، كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ئۆزىنىڭ قارارىنى دەرھال ئۆزگەتىپ كېمە بىلەن مېڭىش قارارىغا كەلدى. باشلىق نورۋېگىيەگە يېتىپ بارغان چاغدا كىشىلەردىن ھېلىقى ئايرۇپىلاننىڭ راستىنلا چۈشۈپ كېتىپ ئىچىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قارازا قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن باشلىق ساياھەتتىن قايتىپ كېلىپ، Fisher ئەپەندىنى چوڭ مۇكاپاتلىدى ھەم شۇ ئانلا Fisher ئەپەندىنى ئىشتىن بۇشاتتى. باشلىق نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟http://kasim.m54.huyi2.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=670
历史上的今天:
دېتېرمىنانت ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە 2010-10-21ئېھتىماللىقلارنى كۆپەيتىش تېئورېمىسى 2010-10-21ئېھتىماللىقلارنى قوشۇش تېئورېمىسى 2010-10-21تولۇق ئېھتىماللىق فورمۇلىسى 2010-10-21ھادىسىلەرنىڭ مۇستەقىللىكى 2010-10-21
收藏到:Del.icio.us