خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

قاراخانىلارنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-08-12 13:40

 
قاراخانىلارنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات
 
ئاپتور: ئەلى غوپۇر


قىسقىچە مەزمۇنى: مىلادىيە9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى دەۋرلىرىدىن 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمى، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شىمالى، ئىسسىق كۆل ۋە ئىلى دەريا ۋادىلىرىدا قاراخانىلار خانلىقى(مەھمۇت قەشقەرىنىڭ سۆزى بويىچە «خاقانىيە») دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بىر خانلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. بۇ ماقالىدا مەزكۇر خانلىقنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئانالىز قىلىش ۋە يېڭى ماتېرىياللار ئاساسىدا شەرھىلەش ئارقىلىق قاراخانىلار خانلىقىنى ئۇيغۇرلار قۇرغان دېگەن قاراش گەۋدىلەندۈرلىدۇ.

(1)

قاراخانىيلار خانلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بىر خانلىق. قاراخانىيلار خانىلىقىغا دائىر بولغان مەيلى تارىخى تەزكىرە ياكى تىلشۇناسلىق ئەسەرلىرى بولسۇن، مەزكۇر خانلىقنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە قۇرۇلغان ۋاقتىغا نىسبىتەن بىر قىسىم پارچە-پۇرات مەلۇماتلاردىن باشقا ئېنىقراق بىرەر ئۇچۇر بەرمىگەن. شۇڭا، مەزكۇر خانلىقنىڭ قۇرغۇچىلىرى ھەقىدىكى تالاش-تارتىشلار 1756-يىلى فرانسىيلىك ئالىم يوسىف.دېگۇينىس«ھۇنلار، تۈركلەر، موڭغۇللار ۋە تاتارلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، تۇنجى بولۇپ قاراخانىيلار خانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ۋە مەزكۇر خانلىقنى ئۇيغۇرلار قۇرغان(1) دېگەن يەكۈننى ئوتتۇرغا قويغاندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

قاراخانىيلارنىڭ قۇرغۇچىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى ۋاقىتنىڭ ئىلگىر-كېيىنلىك تەرتىۋى بويىچە تۋەندىكى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ بايان قىلىشنى لايىق تاپتىم.

بىرىنچى، 1756-يىلىدىن1953-يىلغىچە. بۇ باسقۇچتىكى تەتقىقاتلارنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە گېرمانىيلىك ئالىم پرتساك «قاراخانىيلار»دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدا ئالىملارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئومۇملاشتۇرغان.

1. قاراخانىيلار خانلىقىنى ئۇيغۇرلار قۇرغان دېيىش]يوسىف.دېگۇينىس، 1756-يىلى؛ برتشىنېيدىر (Medival Researches from Eastern Asiatic Resources, Uigurs)؛ ۋاڭ رىۋېي 1935-يىلى؛ يۈتىيەنخېڭ 1947-يىلى[.

2. تۈركمەنلەر قۇرغان دېيىش(ج.ۋ.ھاممر-پۇرگىستال، 1835-يىلى).

3. ياغمىلار قۇرغان دېيىش(بارتولد،1898-يىلى).

4. قارلۇقلار قۇرغان دېيىش(ف.گېرىنارد، 1900-يىلى).

5. قارلۇق-ياغما دېيىش(م.ظع.كوپۇرلۇ، 1927-يىلى).

6. چىگىللار قۇرغان دېيىش(بارتولد، 1927-يىلى).

7. تۈركلەر قۇرغان دېيىش(ئەخمەد زەكى ۋەلىدى توغان، 1939-يىلى).

1953-يىلى پرتساك «قاراخانىيلار سۇلالىسى خان جەمەتى قارلۇق خان جەمەتىدىن –تۈركلەرنىڭ ئاشىنا خان جەمەتىدىن كېلىپ چىققان؛ چىگىل ۋە ياغمىلار قارلۇق قەبىلىسىنى تەشكىل قىلغان ئۈچ تەركىبى قىسىم ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ئىككىسى. قارلۇقلار 744-يىلىدىن 840-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى؛ شۇڭا ئۇنىڭ تۈركمەن دېگەن سىياسي نامىمىمۇ بار...لېكىن ئۇلار 840-يىلغىچە يەنىلا ئۇيغۇر خانلىقىغا قارام ئىدى. 840-يىلى، سىياسىي-مەدەنىي تۈزەلمىسىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. قىرغىزلار(«ھەقىقىي قىرغىزلار»)نىڭ زەربىسىدە، ئۆتىكەن تېغى باغرىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى ھالاك بولدى. قىرغىزلار تۈركلەرنىڭ ئەنئەنىسىگە ھۆرمەت قىلمايتتى، شۇڭا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھالاك بولۇشى يەنە، ئۆتىكەن تېغىنى ئىگىلىگەنلىك يايلاق ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكمىرانلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكتۇر دېگەن بۇ ئەنئەنىۋى قاراشنىڭمۇ يوقالغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئەسلىدىلا شەھەر مەدەنىيىتى ۋە يېڭى تەسىرلەرنى قوبۇل قىلغان، ئەمدىلىكتە ئۆزلىرنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىلىرنى قەدىرلىمەيدىغان بولغانىدى. شۇڭا، شامانىزم ئېتىقادىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان قارلۇقلارنىڭ يابغۇسى—ئاشىنا بۈيۈك خان خان جەمەتىنىڭ ئەۋلادى(ئاشىنا سۆزى ئىپتىدائىي تۈرك-موڭغۇل تىللىرىدا «بۆرە»دېگەن مەنىدە)يايلاقنىڭ ھۆكمىرانى بولدى، ھەمدە قاغان(قارا قاغان)دېگەن نامنى قوللاندى. خان ئوردىسى(پاناگاھى)بولسا، حذ(سوياب)دەرياسى بويىدىكى بالاساغۇن ئەتراپىدا بولۇپ، تارىخىي ماتېرىياللاردا قارا ئوردا ياكى قۇز ئوردا دەپ ئاتالغان.

خانلىق ئالتاي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئەجدادلىرنىڭ ئىككى خانلىققا ئايرىش ئادىتى بويىچە، ئۆز خانلىرىنىڭ ھۆكمىرانلىقىدىكى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن(قوش خانلىق تۈزۈم قوللانغان). شەرقىي تارماقنىڭ ھۆكمىرانى، يەنى چوڭ قاغان ئارسلان قارا قاغان دېگەن ھۆرمەت نامى بىلەن قارا ئوردىدا تۇرغان؛ شۇنداقلا ئۇ يەنە نەزىرىيە جەھەتتىن قاراخانىيلار خانلىقى پۈتكۈل خان جەمەتىنىڭ ئالىي ھۆكمىرانى ئىدى. غەربىي تارماقنىڭ ھۆكمىرانى، يەنى مۇئاۋىن قاغان بۇغرا قارا خان دېگەن ھۆرمەت نامى بىلەن ئاۋال تالاستا تۇرغان، كېيىن قەشقەرگە يۆتكىلىپ، كېيىن يەنە تالاسقا قايتىپ شۇ يەردە تۇرغان. ئارسلان ۋە بۇغرادىن ئىبارەت بۇ ئىككى ھايۋاننىڭ نامى، قارلۇقلارنىڭ ئىككى ئاساسلىق قەبىلە گوروھىنىڭ توتېمىدىن كەلگەن بولۇپ، ئارسلان چىگىللارنىڭ، بۇغرا ياغمىلارنىڭ ئىدى»(2) دېگەن يېڭى قىياسىنى ئوتتۇرغا قويۇش بىلەن بۇ قىياس شەرىقشۇناسلارنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. 60-يىللاردىن باشلاپ بەزى ئەسەرلەر روشەن ھالدا ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.(بارتولد«موڭغۇل ئىستىلاسى دەۋرىدىكى تۈركىستان»غا قاراڭ).

ئىككىنچى، 60-يىللاردىن 2000-يىلىغىچە: بۇ باسقۇچتىكى تەتقىقاتلارغا تۆۋەندىكىلەرنى ۋەكىل خاراكتېرلىق كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

(1) قاراخانىيلار خانلىقىنى ئۇيغۇرلار قۇرغان دېيىش(ليۇ يىتاڭ«ئۇيغۇر تەتقىقاتى»1975-يىلى؛ ياسوبى تاكېئو«غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات»بۇ كىتاب ئەسلى 1953-يىلى ياپونىيىدە نەشىر قىلىنغان بولۇپ، 1984-يىلى خەنزۇچە تەرجىمىسى جوڭگۇ ئالىملىرى بىلەن ھەقىقىي تۈردە يۈز كۆرۈشكەن بولغاچقا، مەزكۇر ئەسەرنى 60-يىللاردىن كېيىنكى تەتقىقاتلار قاتارىدا تونۇشتۇردۇق؛ فېڭ جىيا شېڭ، چېڭ سۇلو، مۇگۇاڭۋېن قاتارلىقلار تۈزگەن«ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار»1981-يىلى ئىككىنچى قېتىملىق نەشرى؛ ليۇ جىشياۋ«ئۇيغۇر تارىخى»1984-يىلى؛ باسكاكوف«تۈركىي تىللار»1986-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى؛ ۋېي لياڭتاۋ«قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان»شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986-يىلى خەنزۇچە نەشرى).

(2) ئۇيغۇرلارنىڭ ياغما قەبىلىسى قۇرغان دېيىش(ھاجى نۇر ھاجى«قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»1984-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى؛ ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق«شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى»1991-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى؛ رىشات گەنىج«قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى»1990-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى).

(3) ئۇيغۇر ۋە قارلۇقلار بىرلىكتە قۇرغان دېيىش(ياڭ شېنمېي«ئۇيغۇر تارىخى»1991-يىلى خەنزۇچە نەشرى نەشرى).

(4) شىنجاڭ رايۇنىدىكى ئىسلام دېنىغا ئېتىقات قىلىدىغان تۈرك قەبىلىلىرى قۇرغان دېيىش(ۋاڭ جىلەي«ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى»1999-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى).

(5) قاراخانىيلار خانلىقىنى 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان دەۋرلەردە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى ۋە پامىر رايۇنىدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر قۇرغان(«ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1991-يىلى خەنزۇچە نەشرى).

بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋېي لياڭتاۋنىڭ قاراخانىيلارغا بېغىشلانغان مەخسۇس تەتقىقات ئەسىرى ۋە ھاجى نۇر ھاجىنىڭ كىچىك ھەجىمدىكى كىتابچىسىنى چىقىرىۋەتكەندە قالغانلىرىنىڭ مەزكۇر مەزمۇن ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى، ئەسلى تەتقىقات ئوبېكتى ئاساسىدا مەزكۇر خانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى بايان قىلىش، ياكى مەلۇم سەھىپە ئاجرىتىپ ئومۇمىي مىلودىيىنىڭ بىر قىسمى قىلىش بولغاچقا، بۇ قىسىمدا پەقەت ۋېي لياڭتاۋنىڭ قاراخانىيلارغا بېغىشلانغان مەخسۇس تەتقىقات ئەسىرىدىكى گەۋدىلىك بولغان بىر قىسىم كۆز قاراشلارنىلا كۆرسىتىش بىلەن كۇپايىلەندۇق(مەزكۇر تېمىغا بېغىشلانغان ماقالىلارمۇ ئاز ئەمەس ئەمما گەۋدىلەندۈرۈلگەن مەركىزىي ئىددىيلەردە ئوخشاشلىق كۆپ بولغاچقا، شۇنىڭدەك ماقالىمىزنىڭ مەركىزى نۇقتىسى پەقەت بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىشلا بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىرمۇ-بىر كۆرسىتىلمىدى).

ۋېي لياڭتاۋ ئەپەندى«قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان»دېگەن ئەسىرىدە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا قاراخانىيلارغا دائىر ئېلان قىلىنغان ئەسەر، ماقالە، ئەرەب-پارىسچە قەدىمكى يازمىلار ۋە جوڭگۇنىڭ كىلاسسسىك سالنامىلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلار شۇنداقلا پۇلشۇناسلىق ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن قاراخانىيلار خانلىقىنى ئۇيغۇرلار قۇرغان دېگەن مەركىزىي ئىددىينى گەۋدىلەندۈرۈپ ئاخىرىدا خۇلاسە سۈپىتىدە مۇنداق يازغان:«مىلادى 840-يىلى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي ئاسىيا ۋەزىيىتىگە يۈز يىلغا يېقىن تەسىر كۆرسەتكەن ئۇيغۇر خانلىقى، ئىچكىي ماجرا، تەبىي ئاپەتنىڭ كۆپ بولۇشىدەك ئەھۋال ئاستىدا، قىرغىزلارنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھوجۇمىي سەۋەبىدىن تارمار بولۇپ بۆلىنىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ بىر تارمىقى پان تېكىننىڭ باشچىلىقىدا غەرىبكە قېچىپ قارلۇقلار(يەتتە سذ)يېرىگە بارغان. ئۇلار بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، قاراخانىيلار خانلىقىنى قۇرغان. پان تېكىن ئۆزىنى خان دەپ ئاتاپ، بالاساغۇننىڭ يېنىدىكى قارا ئوردۇ دېگەن جايدا ئوردا قۇرغان ھەمدە زېمىنىنى ناھايىتى تېزلىكتە تاڭ سولالىسىنىڭ ئەنشى ۋە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قاراشلىق كۆپ قىسىم جايلارغىچە كېڭەيتكەن»(3).

ئۈچىنچى، 2000-يىلىدىن ھازىرغىچە: بۇ باسقۇچتىكى تەتقىقاتلاردىن بۇرۇنقىلارغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغان كۆز قاراشلار خۇا تاۋ ئەپەندىنىڭ «8-10-ئەسىرلەردىكى غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات»(2000-يىلى خەنزۇچە نەشرى)دېگەن كىتابى، مياۋ پۇشېڭ، تيەن ۋېيجياڭلارنىڭ باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن«شىنجاڭ تارىخىدىن مۇھىم بايانلار»(2004-يىلى خەنزۇچە نەشرى)ۋە لى شۇخۇي ئەپەندىنىڭ «قاراخانىيلارنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە قۇرۇلغان ۋاقتى ئۈستىدە تەتقىقات»(«غەربىي يۇرت تەتقىقاتى»2004-يىللىق 4-سان)دېگەن ئەمگەكلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، مەزكۇر ئەسەر ۋە ماقالىلاردا تۆۋەندىكىدەك قاراشلار ئوتتۇرغا قويۇلغان.

(1) خۇا تاۋ ئەپەندى ئۆز كىتابىدا بۇرۇنقى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن باشقا ئىسلام ئاپتورلىرىنىڭ «مۇلھەقەتۇل سۇرراھ»، «ھودۇد ئەل ئالەم»، «زەينۇل ئاخبار». «مۇدجىمىل تاۋارىخ ۋە قىساس»قاتارلىق بىر قىسىم ئەسەرلەردىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇنداق يەكۈن چىقارغان:«ياغمىلاردىن چىققان دېگۈچى ئالىملار بۇ جەدۋەلدىكى(خۇا تاۋ ئەپەندى سىزىپ چىققان مۇسۇلمان ئاپتۇرلىرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى شەرىقتىكى ھۆكمىرانلارنىڭ ئاتاق جەدۋىلى)ياغما خانىنىڭ ئاتىقىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ياغما خانى بۇغراخان دەپ ئاتالغان ئىكەن ، ئۇنداقتا بۇ ئاتاقنى قوللانغان قاراخانىيلار خان جەمەتى تەبىئىي ھالدا ياغما قەبىلىسىگە تەۋە بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. لېكىن، بۇنداق تەتۈر دەلىل كىشىنى ھەرگىز قايىل قىلالمايدۇ. بىرىنچىدىن، جەدۋەلدىكى خاتېرىدىن قارىغاندا، ‹بۇغراخان›ياغمىلارنىڭ بىردىنبىر ياكى ئەڭ مۇھىم ئاتىقىدەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەتتە ‹بۇغراخان›قاراخانىلار قوللانغان كۆپ خىل ئاتاقلارنىڭ بىرى. مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دا، ‹بۇغرا›غا مۇناسىۋەتلىك ماددىدا مەزكۇر سۆزنى‹ئەركەك تۆگە›دېگەن مەنىدە دېگەن. پەقەت بىرلا يەردە قاراخانىلار خانلىرىنىڭ ئاتىقى سۈپىتىدە تىلغا ئالغان. ئېنىقكى، مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ نەزىرىدە بۇ ئاتاق ئەڭ مۇھىم ئاتاقلار تەركىبىدە ئەمەس ئىكەن. ئىككىنچىدىن، ئەڭ مۇھىمى‹مۇدجىمىل تاۋارىخ ۋە قىساس›دىكى بۇ ماتېرىيالنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىگە بىر نىمە دېيەلمەيمىز ھەم مۇئەللىپى نامەلۇم بۇ ئەسەردىكى جەدۋەلدە‹ياغما خانى›بىلەن‹قەشقەر خانى›نى بىرگە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنىمۇ شەرھىلەپ بېرەلمەيمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ماتېرىيالنىڭ كېلىش مەنبەسى جەھەتتىن‹ھودۇد ئەل ئالەم›، ‹زەينۇل ئەخبار›بىلەن مەلۇم مۇناسىۋىتى بار بولغان جەدۋەلدىكى خاتېرىنى ئىنكار قىلىشقا ئامالسىز قالغان تەقدىردىمۇ، بىزمۇ قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىنىڭ ياغمىلاردىن چىققان دېگەن قىياسىنى بېكىتكىلى بولمايدىغان يېگانە ئىسپاتلىقىنى جاكارلايمىز....پرتساكنىڭ ‹قاراخانىلارنىڭ خان جەمەتى قارلۇقلاردىن كېلىپ چىققان›دېگەن قارىشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن ماتېرىياللىرىمۇ پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ....قارىغاندا‹قارلۇقلاردىن چىققان›دېگەن قىياس ئازراقمۇ ھەمدەمچى ئىسپاتقا ئېرىشەلمىگەن يېتىم ماتېرىيال ئىكەن»(4).

«قارلۇقلاردىن چىققان»دېگەن قىياسنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىيال يېتەرلىك بولمىسىمۇ،«تارىخى كاشىغەر»دىكى بىلگە كۆلگە دائىر خاتېرىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى بار. بۇ سۇتۇقنىڭ ئەجدادلىرنىڭ ئۇيغۇرلار غەرىبكە كۆچۈشتىن ئىلگىرى تەڭرى تېغىنىڭ غەربىي قىسمىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قاراخانىيلارنى ئۇيغۇرلار غەرىبكە كۆچۈشتىن ئىلگىرىلا ۋۇجۇتقا كەلگەن، دېگەن قىياسنى پۇت تېرەپ تۇرغۇزماقچى بولساق، تېخىمۇ چوڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا كىشىلەر بەلكىم بۇ قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدىغان تولۇق تارىخى ماتېرىيالنى مەڭگۈ تاپالماسلىقى مۇمكىن. نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئىچى-سىرتىدىكى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ ئېيتساق، «ئۇيغۇرلاردىن چىققان»دېگۈچىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى بولسا«جىن سۇلالىسى تارىخى.جەن گېخەننۇ تەزكىرىيسى»دىكى بىر ئابزاس خاتىرىدىن ئىبارەت، يەنى دادىڭ سەلتەنەت دەۋرى(1161-1189)دە لياۋ سۇلالىسىگە كەلگەن ئۇيغۇر ئىسلام «ئېلىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ 邹括番قەبىلىسىدىن، تۇرىۋاتقان شەھرىمىز قۇز ئوردۇ»دېگەن. بىراق، بىز بۇ تارىخى ماتېرىيالنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا مۇنداق ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. بىرى، «تارىخى كاشىغەر» ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى بايانلاردىن قارىغاندا، 11-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە قاراخانىيلىقلار ئۆزلىرنىڭ بۇرۇنقى تارىخى ۋە مىللەت مەنبەسىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، «تارىخى كاشىغەر»دە سۇتۇقنىڭ كېلىپ چىقىشىنى «ئاپراسىياب بىننى بەشانك ئاست(؟)بىننى راسمان»دېيىلگەن. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا تېخىمۇ ئىلگىرلەپ، قاراخانىلارنىڭ خانلىرى، خاتۇن، خېنىم، تېكىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاپراسىيابنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى جاكارلاپلا قالماي، يەنە ئاپراسىيابنى «تۈركلەرنىڭ ئاقساقىلى» دەپ جاكارلىغان ھەم قاراخانىيلار تەۋەلىكىدىكى بەزى شەھەرلەرنىڭ تارىخىنى ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن باغلاپ قويغان («قەشقەر» ۋە «بارىسخان»ماددىسىغا قاراڭ). شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇئەللىپ مەھمۇد كاشىغەرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىركى پائالىيەت رايۇنى بولمىش گوبى ئىگىزلىكىگە نىسبەتەن ناتونۇش بولۇپ، ئۆتىكەن تېغىنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدىكەن. يەنە بىرى بولسا، موڭغۇل يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە شەرىق خەنزۇچە ۋەسقىلىرىدە بەزى ۋاقىتلاردا، «ئۇيغۇر»دېگەن نام تەڭرى تېغى رايۇنى ھەتتا تەڭرى تېغىنىڭ غەربىي قىسىم رايۇنلىرىدىكى تۈركىي تىللىق قوۋملەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسەتكەن. مەسىلەن،«چيۇ چۇ جى ھەزرەتنىڭ غەرىبكە ساياھىتى»دىكى «ئۇيغۇر»، ئۇيغۇر ئىدىقىتنىڭ ھۆكمىرانلىقىدىكى بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان رايۇنلاردىكى ئاممىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، بەلكى يەنە جانبالىق(ھازىرقى سانجى)نىڭ غەربىدىكى مۇسۇلمان تۈركىي تىللىق قوۋملارنى، ھەتتا خارازىم قاتارلىق جايلاردىكى كىشىلەرنىمۇ كۆرسەتكەن. يەنە مەسىلەن، چىڭگىزخان شەخسەن ئۆزى جازا يۈرىشى قىلغان «ئۇيغۇر تاغ ئوغرىلىرى»نىمۇ كۆرسەتكەن. شۇڭا، 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شەرىققە كەلگەن سودىگەرلەر يەنى ئاتالمىش قۇز ئوردۇ(بالاساغۇن) لۇق «ئۇيغۇر»لارمۇ بەلكىم مۇشۇنداق ئومۇمىي نام بولۇشى مۇمكىن. قىسقىسى، سۇتۇق بۇغراخان ۋە قاراخانىيلار خان جەمەتىنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى بېكىتىشكە ھازىرغىچە يېتەرلىك ماتېرىيال كامچىل. لېكىن، دەل سۇتۇقنىڭ رەھبەرلىكىدە كاشىغەردىكى تۈركى قوۋملار تەڭرىتاغ رايۇنىدىكى تۈركى قوۋملارنىڭ ئىسلاملىشىشىدا ماھىيەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تۇنجى قەدەمنى باسقان(5).

(2). مياۋ پۇشېڭ، تيەن ۋېيجىياڭ قاتارلىقلار تۈزگەن «شىنجاڭ تارىخىدىن مۇھىم بايانلار»دا قاراخانىيلارنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق بايان قىلىدۇ:«ماتېرىياللارنىڭ كامچىل بولۇشى سەۋەبىدىن، نۆۋەتتە مەزكۇر ھاكىمىيەتنىڭ خان جەمەتىنىڭ قايسى مىللەتتىن چىققانلىقىنى بېكىتىشكە بولمايدۇ. ھازىر ساقلىنىۋاتقان ھۈججەتلەرگە ئاساسەن، سۇلالىنىڭ ھۆكمىرانلار سىنىپىنىڭ ئېھتىمال ئۇيغۇر، قارلۇق، ياغما، چىگىل، چومۇل، ئوغراق، چارۇق ۋە بىر قىسىم ئاسسىمىلاتسىيىلەشكەن سۇغدىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. خاندانلىق زېمىندا ياشىغۇچى مىللەتلەر كۆپ بولۇپ، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان كۆچمەن چارۋىچى قوۋملار ۋە ئىران تىللىدىكى دېھقانچىلىق قىلىدىغان يەرلىك خەلقلەرنى ئاساس قىلغان، يەنە بىر قىسىم بۇرۇن ئولتۇراقلىشىپ قالغان خەنزۇلار ۋە تىبەت قاتارلىقلار بولغان.(6)

(3). لى شۇخۇي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، قارخانىيلار خانلىقىنى 9-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا ئوغۇزلارنىڭ قىنىق قەبىلىسى قۇرغان. قىنىق قەبىلىسى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ يادرو قەبىلىسى بولۇپ، بىلگە كۆل قادىرخان ئۇنىڭ تۇنجى قاغانىدۇر، كېيىنكى قاغانلارمۇ مەزكۇر قەبىلىدىن چىققان.(7)

يۇقارقىلار بولسا قاراخانىيلار خانلىقىغا جۈملىدىن مەزكۇر خانلىقنىڭ قۇرغۇچىلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ ئومۇمىي كارتىنىسى بولۇپ، مەزكۇر تېمىمىزدا ئۈچىنچى باسقۇچ يەنى، 2000-يىلدىن كېيىنكى تەتقىقات نەتىجىلىرنى چۆرىدىگەن، بۇرۇنقىلارنىڭ ئەمگەكلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغان ئاساستا قاراخانىيلارنىڭ قۇرغۇچىلىرنىڭ قايسى خەلققە مەنسۇپلىقى ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىدۇ.(2)

قاراخانىلار خانلىقىغا دائىر ماتېرىياللاردىن مەزكۇر خانلىقنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن باشقا ئەبۇ فازىل ئىبىن مۇھەممەت(8) نىڭ «سۇرراھ لوغىتىگە تولۇقلىما»دېگەن ئەسىرى ئەڭ نوپۇزلۇق ئەسەرلەردىن بولۇپ، ھەر ئىككى مۇئەللىپ ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى مەزكۇر خانلىقنىڭ ئاستانىسى بولغان قەشقەردە ئۆتكۈزگەن. گەرچە جامال قارشى قەشقەرگە كەلگەن ۋاقىت قاراخانىيلار خانلىقى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقىنىغا يېرىم ئەسىر بولغان بولسىمۇ، ئۇ بۇ يەردە يەنىلا مەزكۇر خانلىقنىڭ تارىخىغا دائىر بولغان قىممەتلىك مىراس- شەيىخ مۆتىۋەر، ئىستىداتلىق ئىمام ئەبۇ ئابدۇللا ھسەيىن پەزلىنىڭ ئوغلى، كامىل ئىمام ئەبۇل پۇتۇخ ئابدۇلغاپپار كاشىغەرىنىڭ «كاشىغەر تارىخى»(ھازىر يوقالغان)دېگەن ئەسىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېگە بولغان. ھەمدە ئۆز كىتابىغا مەزكۇر ئەسەردىن ئۈزۈندىلەرنى كىرگۈگەن.

مۇئەللىپ «سۇرراھ لۇغىتىگە تولۇقلىما»نىڭ «ئىسلامىيەت دەۋرىدىكى ماۋارەئۇننەھىر ۋە باشقا جايلاردىكى مەشھۇر تۈرك خاقانلىرىنىڭ تەزكىرىيسى»دېگەن تېمىسى ئاستىدا مۇنداق يازىدۇ:«سۇتۇق بۇغراخان ‹غازات باتۇرى›ئابدۇلكەرىم بىننى بازىر ئارسلان خان بىننى بىلگە كۆل قادىرخان بولسا ئاپراسىياب بىننى بەشەنەك ئاس بىننى رەسماننىڭ نەسلىدىن. ... سۇتۇق بۇغراخان بولسا پەرغانە ۋە كاشىغەردە مۆئىمىنلەرنىڭ ئەمىرى، ئاللاغا ئىتائەت قىلغۇچى، ئەمىر رەشىد ئابدۇلمەلىك بىننى نوھ سامانىينىڭ خەلىپىلىك قىلىۋاتقان دەۋرىدە تۈرك خانلىرىدىن تۇنجى مۇسۇلمان بولغان زات. شەيىخ مۆتىۋەر، بۈيۈك ئىمام ئەبۇ ئابدۇللا ھۈسەيىن پەزلىنىڭ ئوغلى، كامىل، ئىستىداتلىق، راستچىل، پاساھەتلىك ئىمام ئەبۇل پۇتۇھ ئەبدۇلغاپپار ئۆزىنىڭ «كاشىغەر تارىخى»دېگەن ئەسىرىدە سۇتۇق بۇغراخان بىلەن ئەمىر رەشىد ئابدۇلمەلىك بىننى نوھ سامانىينى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، تۈرك ئەللىرىدە ئەڭ دەسلەپ ئىسلام دىنىغا كىرگىنى شاش ئېلى ئىدى، شاشلىقلار بىلگە كۆل قادىرخان دەۋرىدە ئىسلام دىنىغا كىرگەن. ئەمىر نوھ بىننى مەنسۇر بىلگە كۆل قادىرخاننىڭ ئېلىگە لەشكەر تارتىپ تالاسقىچە كەلگەن. ئەمىر نوھ بىننى مەنسۇر مال-دۇنيالارنى ئېلىپ چېكىنىپ كەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا نوھ بىننى مەنسۇر ۋاپات بولغىچە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا خەت-ئالاقە داۋاملىشىپ تۇرغان. ئىسمايىل بىننى مەنسۇر تەخىتكە چىققاندىن كېيىن ئاكىسىنىڭ نامىدا قادىرخان بىلەن بولغان ئالاقىنى داۋاملاشتۇغان. تۈركلەرنىڭ ھۆكمىرانلىقى بازىر ئارسلان خاننىڭ قېرىندىشى ئوغۇلچاقنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، تۈرك خانلىرى ئىسلام ئەلچىلىرىنىڭ سۆزىگە پىسەنت قىلمايدىغان بولدى. كېيىن ناسىر بىننى مەنسۇر ئاكىسىدىن قېچىپ قەشقەرگە قېچىپ باردى. ئوغۇلچاق ئۇنى ئالاھىدە مېھمان قاتارىدا كۈتۈپ‹ئۆز ئۆيىڭىزدىكىدەك تۇرۇۋېرىڭ، قېرىندىشىڭىز سىزگە جاپا قىلغان بولسا مەن سىزگە ۋاپا قىلىمەن›دېگەن ھەم ئۇنى ئارتۇچنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلىگەن»(9).

بىز بۇ مەلۇماتتىن قاراخانىيلارنىڭ تۇنجى خاقانىنىڭ بىلگە كۆل قادىرخان ئىكەنلىكىنى مۇئاييەنلەشتۈرەلەيمىز، ھەمدە بىز يۇقارقى ماتېرىياللارنى جوڭگۇنىڭ كىلاسسسىك سالنامىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر بايانلارغا ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى مۇناسىۋەتلىك سۆزلەملەرگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مەسىلىنىڭ خۇاتاۋ ئەپەندى ئېيتاقدەك«11-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە قاراخانىيلىقلار ئۆزلىرنىڭ بۇرۇنقى تارىخى ۋە مىللەت مەنبەسىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولۇشى... شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇئەللىپ مەھمۇد كاشىغەرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىركى پائالىيەت رايۇنى بولمىش گوبى ئىگىزلىكىگە نىسبەتەن ناتونۇش بولۇپ، ئۆتىكەن تېغىنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەي»دىغان ھالەتتە ئۇنداق ئاددىي ئەمەسلىكىنى، بىلەلەيمىز. «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىيسى(217-جىلد 1-قىسمى)»دە ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا دائىر مۇنداق مەلۇماتنى ئۇچرىتىمىز:«تيەنباۋنىڭ تۇنجى يىلى(742)گۈربالا قارلۇقلار بىلەن بىرلىشىپ ئۆزلىرىنى ئوڭ سول‹يابغۇ›دەپ ئاتاپ، باسمىللارغا ياردەملىشىپ قۇتلۇق قاغاننى يوقاتتى. ئۈچ يىلدىن كېيىن، باسمىللارغا ئۇشتۇمتۇت ھوجۇم قىلىپ، ئېلتىرىش قاغاننى ئۆلتۈرۈپ، ئەلچى ئەۋەتىپ ئۆزىنى كۈچلۈك بىلگە كۆل قاغان دەپ ئاتىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. تەڭرىقۇت ئۇنىڭغا ‹دىيانەتلىك خان›دېگەن ئاتاقنى بەردى»(10) بۇ مەلۇمات بىزگە «كۈچلۈك بىلگە كۆل قاغان»دېگەن نامنىڭ خانننىڭ ئىسمى ئەمەس خانلىق ئاتىقىنىڭ ھۆرمەر نامى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ«ئۇيغۇر خانى كۆل بىلگە خان دەپ ئاتىلاتتى، بۇ ئەقلى سۇ يىغىلغان يەرگە، يەنى كۆلگە ئوخشاش كەڭ دېگەنلىك بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئەقىللىق كىشى ‹بۆگۈ بىلگە›دەپ ئاتىلىدۇ»(11)دېگەن بايانلىرىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ ئىككى خانلىقنىڭ تۇنجى قۇرغۇچىلىرنىڭ نامىدىكى بىردەكلىك بۇ ئىككى خانلىقنى قۇرغان كىشىلەرنىڭ ئەجدادلىرىدا مەلۇم ئورگانىك باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ خىل باغلىنىش 11-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە قاراخانىيلىقلارنىڭ ئۆزلىرنىڭ بۇرۇنقى تارىخى ۋە مىللەت مەنبەسىنى ئۇنتۇپ كەتمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. خۇا تاۋ ئەپەندىنىڭ «مۇئەللىپ مەھمۇد كاشىغەرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىركى پائالىيەت رايۇنى بولمىش گوبى ئىگىزلىكىگە نىسبەتەن ناتونۇش بولۇپ، ئۆتىكەن تېغىنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدىكەن»دېگەن سۆزى ئۇنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئانچە ئەستايىدىل كۆرمىگەنلىكى ۋە ئىنچىكە تەتقىق قىلمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى مەھمۇد كاشىغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ «ئۆتىكەن»ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ«ئۆتىكەن-تاتار(موڭغۇل)دالاسىدىكى بىر يەرنىڭ نامى. ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن»(12) دەپ مەلۇمات بەرگەن. بۇ بايانلاردىن مۇئەللىپنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى مەزكۇر «ئۇيغۇر ئېلى»نىڭ، قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئىكەنلىكى، ئۆتىكەن تېغىنىڭ قاراخانىيلارغا قارىغاندا قوچۇ خانلىقىغا جۇغراپىيلىك ئورۇن جەھەتتىن يېقىنلىقىنى ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسى ناھايىتى ئاسانلا بىلەلەيدۇ. يەنە شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەككى مەھمۇد كاشىغەرى ئۆتىكەن قاتارلىق غەيرى مۇسۇلمان يۇرتلىرى قانداق ئۇلۇق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇلار ئۈستىدە ناھايىتى ئاز توختالغان. مۇئەللىپنىڭ تۆۋەندىكى سۆزى بۇنىڭغا جانلىق پاكىت بولالايدۇ:«مەن كىتابتا مۇسۇلمان بولغان تۈرك ئەللىرىدىكى تاغلار، چۆللەر، ۋادىلار، دەريا ۋە كۆللەرنىڭ ناملىرىنىلا يازدىم. چۈنكى بۇلار تىللاردا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭمۇ ئاتاقلىقلىرىنىلا يازدىم، ئانچە ئاتاقلىق بولمىغانلىرىنى تاشلىدىم. مۇسۇلمان بولمىغان تۈرك ئەللىرىدىكىلەردىن بەزىلىرىنىڭ ناملىرىنى يازدىم، بەزىلىرىنى تاشلىدىم. چۈنكى ئۇلارنى يېزىشتىن پايدا يوق. تۈركى تىللارغا كېيىن كىرگەن سۆزلەرنىمۇ يازمىدىم. ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىنىڭمۇ ھەممىسىنى ئەمەس، پەقەت ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە ھەممىگە تونۇش بولغانلىرىنىلا توغرا شەكلىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن كۆرسىتىپ ئۆتتۈم»(13).

ئەمدى بىز «قاراخانىيلار خانلىقىنى ئوغۇزلارنىڭ قىنىق قەبىلىسى قۇرغان»دېگەن قاراشقا كەلسەك، لى شۇخۇي ئەپەندى ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرنىڭ پاكىت ئاساسى سۈپىتىدە تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ:-بىرىنچىدىن، «قاراخانىيلارنىڭ ئاھالىسى ئەزەلدىن ئۆزىنى ‹ئۇيغۇر›دەپ ئاتىمىغان، بۇ سۆز بىلەن مەخسۇس قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى كۆرسەتكەن»(14). مۇئەللىپ بۇ سۆزىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ «ئۇيغۇر» ماددىسىدىن«ئۇيغۇر، بىر ئەلنىڭ نامى...بۇ ئەلدە بەش شەھەر بار. ئۇنىڭ خەلقلىرى ئەشەددىي كاپىرلار ۋە ئۇستا مەرگەنلەردۇر. بۇ شەھەرلەر بولسا: سۇلمى-بۇ شەھەرنى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن سالدۇرغان، قوچۇ، جانبالىق، بېشبالىق، يېڭىبالىق»دېگەنلەرنى ئۈزۈندە ئېلىپ، ئۆز پىكرى سۈپىتىدە«تېكىستتىكى ‹كاپىر›نىڭ ئالدىغا ‹ئەڭ ئەشەددىي›دېگەن سۈپەت سۆزىنى قوشۇشى، ئۇيغۇرلارغا بولغان دۈشمەنلىك كەيپىياتىنى تولۇق ئىپادىلىگەن. ‹دىۋان›نىڭ ئاپتۇرى قەشقەر ئاھالىسىنىڭ تىلىنى ‹خاقانىيە تۈركچىسى›دەپ ئاتىغان. مەھمۇد كاشىغەرى بىلەن زامانداش بولغان بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپ‹قۇتادغۇ بىلىگ›دىمۇ ئۆز ئەسىرىنىڭ تىلىنى ‹ئۇيغۇر تىلى›دېمىگەن. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولۇدۇكى، قاراخانىيلىقلار ئۆزلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق يېقىنچىلىق مۇناسىۋەت بار دەپ قارىمىغان». ئىككىنچىدىن، «مەزكۇر خانلىق ئەنشى ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن باشتىن-ئاياق ئېنىق چېگرا-پاسىلىنى ساقلاپ كەلگەن. ئەگەر قاراخانىيلار خانلىقىنى غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار قۇرغان بولسا، سەۋەپسىزلا ئۆز ئارا قارىمۇ-قارشى، بىر تۇتاش بولمىغان ھاكىمىيەت بولۇپ شەكىللىنىشنىڭ زۆرۈرىيتى بولمىغان بولاتتى(مەسىلەن، كۈسەن ئۇيغۇرلىرى، قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە گەنجو ئۇيغۇرلىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى مۇناسىۋەتلىرىگە ئوخشاش). بۇ ئەھۋالمۇ قاراخانىيلار خانلىقىنى غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرمىقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ»(15).

مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ قوچۇ ئۇيغۇرلىرنى«ئەڭ ئەشەددىي كاپىرلار»دېگەن سۆزىگە قاراپلا بۇ ئىككى ئەلنىڭ مۇناسىۋېتى يوق دەپ قاراش ئىنتايىن يېنىكلىك بىلەن چىقىرىلغان ھۆكۈم بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ سادىق مۇخلىسى، ئىسلامنىڭ مەركىزى شەھەرلىرىدىن بولغان باغدادتا ئۆز ئەسىرىنى روياپقا چىقارغان مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ دىنىي چەكلىمىلىك تۈپەيلىدىن قوچۇ ئۇيغۇرلىرنى «ئەڭ ئەشەددىي كاپىرلار»دەپ ئاتىشى ھەرگىزمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس. مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ« قەشقەر ئاھالىسىنىڭ تىلىنى ‹خاقانىيە تۈركچىسى›دەپ ئاتىغان، مەھمۇد كاشىغەرى بىلەن زامانداش بولغان بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپ‹قۇتادغۇ بىلىگ›دىمۇ ئۆز ئەسىرىنىڭ تىلىنى ‹ئۇيغۇر تىلى›دېمىگەن»لىكىگە كەلسەك، بۇنىڭدىكى پاكىتلار ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، مەلۇم بىر ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ئۆز ئەسىرىدە ھەرگىزمۇ «مەن بۇ ئەسىرىمنى پالانى تىلدا يازدىم، مەن پالانى مىللەتتىن»دېمەيدىغانلىقى، مەزكۇر ئەسەرنى كۆرگەن كىشىنىڭ «بۇ ئەسەر پالانى تىلدا ياكى پالانى يېزىقتا يېزىلىپتۇ»دېيىشى ئاندىن ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىش ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. ئەمما شۇنىمۇ تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، «قۇتادغۇ بىلگ»نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغانلىقىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىملارنىڭ ھەممىسى بىردەك ئېتىراپ قىلغان.

تۈركىي تىلدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەر زېمىن جەھەتتىن بىر قەدەر تۇراقلاشقان دەۋردىن، يەنى 5-ئەسىردىن تارتىپ، ئۇلارنىڭ تىللىرى شەرقىي تۈركچە ۋە غەربىي تۈركچە دەپ ئىككى چوڭ قاناتقا بۆلۈندى. ئىسسىق كۆلنى مەركەز قىلغان «تېلې»لەرنىڭ ئوڭ قانىتى غەربىي تۈركىي تىلدا، سول قانىتى شەرقىي تۈركىي تىلدا سۆزلەشكۈچى قەبىلىلەر توپلىرى ئىدى. غەربىي قاناتتىكى قەبىلىلەرنىڭ ئاساسىنى ئوغۇز تۈركمەنلىرى، قىپچاقلار تەشكىل قىلاتتى؛ شەرقىي قاناتتىكى قەبىلىلەر توپىنىڭ ئاساسىنى توققۇز ئوغۇزلار يەنى توققۇز ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلاتتى. بۇلارنىڭ تىلى «قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى»ئىدى.

10-ئەسىردىن كېيىن ۋە مەھمۇد قەشقەرى دەۋرىدە، بۇ ئىككى گۇرۇپپا تىلدىن غەربىي قىسىمدىكى خەلقلەر تىلى«ئوغۇز تىلى»دەپ، شەرقىي قىسىمدىكى خەلقلەر تىلى«تۈرك تىلى» دەپ ئاتالدى. بۇ «تۈرك تىلى»قەدىمكى تۈرك(كۆك تۈرك)ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، ئۇ قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى ئۆلكىسىدىكى شىۋىنى ئاساس قىلغان ئورتاق ئەدەبىي تىل ئىدى. شۇڭا ئاتاقلىق تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرى قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى ئۆلكىسىدە ياشىغۇچى خەلقنىڭ تىلىنى ئومۇمىي ئەدەبىي تىلنىڭ ئاساسى دەپ ھېسابلىغان ۋە ئۇنىڭغا «خاقانىيە تىلى»دەپ نام بەرگەن(16).

مەھمۇد كاشىغەرى تۈركىي تىللار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ:«ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ساپ تۈركچە، لېكىن ئۆزئارا سۆزلىشىدىغان يەنە بىر خىل شىۋىسىمۇ بار. ئۇيغۇرلار كىتابنىڭ باش قىسمىدا كۆرسىتىلگەن 24 ھەرىپتىن ئىبارەت تۈركى يېزىقنى قوللىنىدۇ. كىتاب ۋە خەت-چەكلىرىنى شۇ يېزىق بىلەن يازىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ چىنلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر خىل يېزىقىمۇ بار. رەسمىي خەت-چەك ۋە ھۆججەتلەرنى شۇ يېزىقتا يازىدۇ. بۇ يېزىقنى مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار بىلەن چىنلىقلاردىن باشقىلار ئوقۇيالمايدۇ....تىللارنىڭ يېنىكى ئوغۇز تىلى، توغرىسى توخسى ۋە ياغما تىللىرى، شۇنىڭدەك ئىلى، ئىرتىش، يامار، ئېدىل ۋادىلىرىدىن ئۇيغۇر شەھەرلىرىگىچە بولغان جايلاردا ياشىغۇچى خەلقنىڭ تىللىرىدۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ پاساھەتلىك تىل خاقانىيىنىڭ مەركىزى ئۆلكىسىدىكى خەلقنىڭ تىلى ھېسابلىنىدۇ»(17). دېمەك، مەھمۇد كاشىغەرى پۈتكۈل ئەدەبىي تىلنىڭ ئاساسى دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن خاقانىيە تىلىنى «ئەڭ پاساھەتلىك تىل»دەپ ئاتىغان. شۇنداقلا يەنە «تىل»سۆزىگە تەبىر بەرگەندە يەنە شۇنچە كۆپ تىللارنى قايرىپ قويۇپ ئۇيغۇر تىلىنى مىسال كەلتۈرۈپ«تىل-سۆز. ‹ئۇيغۇر تىلى›، ‹خىتاي تىلى›دېگەن سۆز شۇنىڭدىن ئېلىنغان»(18) دەپ مەزكۇر تىلغا نىسبەتەن يېقىنچىلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇئەللىپنىڭ «مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار»دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشى تەبىئىي ھالدا بىزنى مەھمۇد كاشىغەرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى خاقانىيە تۈركلىرى دەل مۇسۇلمان ئۇيغۇرلاردۇر دېگەن قاراشقا كەلتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ كىتابىنىڭ باش قىسمىدىلا«...شۇڭا مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكرىنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زېرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن-ئاياق كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تىلى مېنىڭ دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ، ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم....»(19) دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بارلىق تۈركى قوۋملارنىڭ تىللىرىنى ئىگىلەش جەريانىنى ئۇقتۇرۇش بىلەن بىرگە ئۆزى ئىگىلەش زۆررۈ بولمىغان «مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار»بىلەن خاقانىيە تۈركلىرنى بۇ دائىرىگە كىرگۈزمەيدۇ. چۈنكى مۇئەللىپتە بۇلارنىڭ تىلىنى ئىگىلەش زۆرۈرىيتى يوق ئىدى.

ئەمدى قاراخانىيلار خانلىقى بىلەن شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تۇتاش ھاكىمىيەت قۇرمىغانلىق مەسىلىسىگە كەلسەك، ئەينى ۋاقىتتىكى غەربىي يۇرت ۋەزىيىتى بۇنىڭغا ماس كەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە «بىر قوۋم چوقۇم بىر خانلىق بولۇپ ئويۇشىشى كېرەك»دېگەن تەلەپنى بىر خانلىقنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ مىللەت مەنبەسىگە سەۋەپ قىلىشمۇ ئانچە ئىلمىيلىك ئەمەس دەپ قارايمىز.

لى شۇخۇي ئەپەندى«قاراخانىيلار خانلىقىنى ئوغۇزلارنىڭ قنىق قەبىلىسى قۇرغان»دېگەن قارىشىنى يەنىمۇ كەڭ پاكىت ئاساسىغا ئېگە قىلىش ئۈچۈن «تۈركى تىللار دىۋانى»دىن تۋەندىكى ئۈزۈندىلەرنى مىسال كەلتۈرىدۇ:«...مۇشۇ كىتابنى يازغان مەھمۇد ئېيتىدۇكى، بىزنىڭ بوۋىلىرىمىز بولغان ئەمىرلەرنىڭ ‹خەمىر›دىيلىشى ئەنە شۇنىڭدىن كەلگەن. چۈنكى ئوغۇزلار ‹ئەمىر›دېيەلمەي،‹ا-ئىلىف›نع‹خ›غا ئالماشتۇرۇپ‹خەمىر›دەيدۇ. شۇڭا تۈرك ئەللىرىنى سامانىي ئوغۇللىرىدىن ئالغان بوۋىمىزنى‹خەمىر تەگىن›دەپ ئاتايدۇ. خۇددى ‹ئۇيغۇر›سۆزىدە كۆرسەتكىنىمدەك، بۇ يەردە ‹ا-ئىلىف›ھەرىپى ‹خ›غا ئالماشقان»(«دىۋان»1-توم، 152-بەت). «بۇ بىر ئابزاس ماتېرىيال شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى: قاراخانىيلار خانلىقىنى ئۇنىڭ(مەھمۇت كاشىغەرىنى دېمەكچى-ظا)ئەجدادلىرى قۇرغان بولۇپ، ئوغۇزلار سامانىي ھۆكمىرانلىرىنىڭ قولىدىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ ئوغۇز قەبىلىسىدىن چىققانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ‹سامانىي ئوغۇللىرى›بولسا، نوھ ئىبىن ئەسەد قاتارلىق سامانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكمىرانلىرىنى كۆرسىتىدۇ».(20) لى شۇخۇي ئەپەندى بۇ يەردە جۈملىنىڭ ئىگىسىنى توغرا چۈشىنەلمەي ئوغۇزلار بىلەن مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى خاقانىيە تۈركلىرنى ئالماشتۇرۇپ قويغان. چۈنكى «ئەمىر»نى «خەمىر»دەيدىغانلار خاقانىيە تۈركلىرى ئەمەس ئوغۇزلاردۇر. «تۈرك ئەللىرىنى سامانىي ئوغۇللىرىدىن ئالغان بوۋىمىز»دېگەن سۆزگە كەلسەك، مىلادىيە 999-يىلى قاراخانىلارنىڭ قاغانى ئىلىك ناسىر قوشۇن باشلاپ ماۋارەئۇننەھىر رايۇنى جۈملىدىن سامانىيلارنىڭ ئاستانىسى بۇخارانى ئىشغال قىلىپ سامانىيلار خانلىقىغا خاتىمە بەرگەنلىكى(21) تارىخىي مەلۇماتلاردا ناھايىتى ئېنىق خاتىرلەنگەن. شۇ سەۋەپتىن«تۈرك ئەللىرىنى سامانىي ئوغۇللىرىدىن ئالغان»مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ بوۋىسىمۇ، خاقانىيە تۈركلىرىنىڭ قاغانى بولغان بولىدۇ. لى شۇخۇي ئەپەندىنىڭ ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغان يەنە بىر دەسمايىسىمۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن ئېلىنغان بولۇپ، «ئوغۇز- تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرى. ئوغۇزلار تۈركمەنلەردۇر. ئۇلار يىگىرمە ئىككى ئۇرۇق بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ ئايرىم بەلگىسى ۋە ماللىرىغا باسىدىغان تامغىسى بار. ئۇلار بىر-بىرىنىڭ مېلىنى شۇ تامغىلارغا قاراپ تونۇيدۇ. بىرىنچىسى ۋە يېتەكچىسى: قىنىق. زامانىمىزنىڭ سۇلتانلىرى شۇلاردىندۇر»(«دىۋان»1-توم 77-بەت)دېگەن ئۈزىندىنى كۆرسىتىش بىلەن«بۇ خاتىرە ئاپ-ئاشكارا خاتاسىز ھالدا شۇنى كۆرسىتىدۇكى: قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ سۇلتانلىرى ئوغۇزلارنىڭ قىنىق قەبىلىسىدىن چىققان»(لى شۇخۇينىڭ ماقالىسى، 57-بەت)دەپ قارىغان.

لى شۇخۇي ئەپەندى بۇ يەردە مۇنداق بىرنەچچە خاتالىققا يول قويغان. بىرىنچى، «تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ يېزىلغان ئورنى ۋە ئەسەر يېزىلغان تارىخىي شارائىتنى نەزىرىدىن ساقىت قىلىپ قويغان. مەھمۇد كاشىغەرى ئۆز ئەسىرىنى«تۈركى تىلنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىش»(«دىۋان»1-توم 5-6-بەتلەر)ۋە «كىشىلەردە ئوغۇز تۈركمەنلىرىنى بىلىشكە ئېھتىياج بولغانلىقى ئۈچۈن»(«دىۋان»1-توم 38-بەت)ئەينى ۋاقىتتا ئاللىقاچان ئوغۇز تۈركلىرىدىن بولغان سالجۇقلارنىڭ ھامىيلىقىدىكى ئەلگە ئايلىنىپ قالغان(22) ئەرەب ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى باغدادتا يازغان. ئىككىنچى، «زامانىمىزنىڭ سۇلتانلىرى»دېگەندە مەھمۇد قاشىغەرى قاراخانىيلارنىڭ قاغانلىرىنى ئەمەس بەلكى، سالجۇقىيلارنىڭ سۇلتانلىرىنى كۆزدە تۇتقان. چۈنكى «دىۋان»باغداتتا يېزىلىۋاتقان زاماندا، غەربىي قاراخانىيلار خانلىقىمۇ سالجۇقىيلارنىڭ ھامىيلىقىدىكى ئەلگە ئايلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاراخانىيلارنىڭ قاغانلىرى «سۇلتان»ئاتىقىنى ئىشلەتمىگەن. مەھمۇد كاشىغەرىمۇ ئۆز ئەسىرىدە قاراخانىيلارنىڭ قاغانلىرىنى تىلغا ئالغاندا«خان»، «بەگ»دېگەندەك تېرمىنلارنى ئىشلەتكەن. مەسىلەن، «قادىر»سۆزىنى ئىزاھلىغاندا«قادىر-خاقانىيە خانلىرىنى ‹قادىرخان›دېيىش شۇنىڭدىن كەلگەن»(«دىۋان»1-توم، 472-بەت)دەپ ئىزاھات بەرگەن. «ئارسلان-شىر. خانلارغا ئىسىم بولۇپمۇ كېلىدۇ»(«دىۋان»3-توم، 563-بەت)؛ «قارا- خاقانىيە خانلىرى ‹قارا›دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ. ‹بۇغرا قارا خان›دېگەندەك. بۇ ھەقتە بىر ھېكايە بار. قارا قۇش، بۈركۈت. قارا قۇش-مۇشتەرى يۇلتۇز»(«دىۋان»3-توم 305-306-بەتلەر)؛ «قىلىچ خان-خاقانىيە بەگلىرىگىمۇ مۇشۇ سۆز بىلەن ئات قويۇلىدۇ»(«دىۋان»1-توم، 465-بەت). يۈسۈپ خاس ھاجىپ«قۇتادغۇ بىلىگ»دىمۇ «خاقانىيە بەگلىرى»دېگەن سۆزنى كۆپ ئىشلەتكەن. مەھمۇد كاشىغەرى پەقەت ئوغۇزلارنىڭ قەبىلىلىرىنى ساناپ كېلىپ ئەشۇ بىر يەردىلا «زامانىمىزنىڭ سۇلتانلىرى»دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن. بۇ شۈبھىسىزكى ئوغۇز تۈركلىرىدىن چىققان خانلارنىڭ ئالىي نامى ئىدى. ئۈچىنچى، مەيلى لى شۇخۇي ئەپەندى بولسۇن ياكى مەزكۇر ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان باشقا ئالىملار بولسۇن زور كۆپچىلىكى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ تىلى ۋە ۋارىسلىق قىلغۇچىسنىڭ مىللەت تەۋەلىكىگە قارىتا تىلشۇناسلىق نۇقتىسدىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا، مەزكۇر ئەسەردە خاتىرلەنگەن ماقال-تەمسىللەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تېخىچە ئىستىمال قىلىنىپ كېلىۋاتقان ماقال-تەمسىللەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا، «دىۋان»دىكى يىمەك-ئىچمەك، كيىم-كېچەك، تىبابەتچىلىك ۋە دۇنيا قاراشقا دائىر بايانلارنى كۆپ خىل پەنلەرنىڭ كېسىشتۈرمە نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەتقىق قىلىشقا سەل قارىغان. بىز بۇ يەردە گەپنى ئۇزارتماسلىق ئۈچۈن باسكاكوفنىڭ «تۈركىي تىللار ساھەسىدىكى سېلىشتۇرما تەتقىقاتنىڭ پىشىۋاسى تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ ئاپتۇرى مەھمۇد قەشقىرى ئىدى. مەھمۇد قەشقىرى سېلىشتۇرما ئاساستا ئۇيغۇر تىلىدىن مىساللارنى كەلتۈرىدۇ. بۇ تىل دىۋاندا تۈركى تىل ياكى خاقانىيە تۈركلىرىنىڭ تىلى دېگەن ئاتالغۇ بىلەن تەرىپلەنگەن. شۇنداقلا قىپچاق، ئوغۇز تىللىرىدىن ماتېرىياللار كەلتۈرۈلگەن بولۇپ بۇ تىللار ئۆزئارا يېقىنلاشتۇرلىدۇ ۋە ئۇيغۇر تىلىغا قارشى قويولۇپ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن سېلىشتۇرلىدۇ»(23) ، «ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئەدىبىي تىللارنىڭ يەنى ئەڭ ئالدى بىلەن، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تىلنىڭ(10-12-ئەسىرلەر)تىلنىڭ، ئاندىن ئوغۇز-قىپچاق ئەدەبىي تىلىنىڭ(12-13-ئەسىرلەر)، چاغاتاي تىلىنىڭ(13-14-ئەسىرلەر)، ئالتۇن ئوردا ئەدەبىي تىلىنىڭ(13-14-ئەسىرلەر)، كېيىنكى ۋاقىتلاردا كونا ئۆزبەك تىلىنىڭ(15-19-ئەسىرلەر)، كونا تۈركمەن تىلىنىڭ(17-19-ئەسىرلەر)ۋە باشقا تىللارنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. (24) دېگەن ئىككى ئابزاس سۆزىگە يىغىنچاقلاشنى لايىق تاپتۇق.

ھەقىقەتەنمۇ«خاقانىيە تىلى»قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئاسىي ئەدەبىي تىلى ئىدى. 14-ئەسىردىن كېيىن «كاشىغەر تۈركچىسى» دەپمۇ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىمۇ خانلىقنىڭ دۆلەت يېزىقى ئىدى. مەھمۇد كاشىغەرىمۇ بۇنى كىتابىنىڭ بېشىدا تۈركىي ھەرىپلەرنىڭ تۈزىلىشىنى چۈشەندرگەندە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئۆرنەك كۆرسىتىش بىلەن بىرگە«قەدىمدىن بېرى قەشقەردىن يۇقۇرى چىنغىچە بولغان ھەممە تۈرك يۇرتلىرىدا بارچە خاقانلار بىلەن سۇلتانلارنىڭ يارلىق ۋە خەت-ئالاقىلىرى ئەنە شۇ يېزىقتا يېزىلىپ كەلگەن»(»دىۋان»1-توم، 11-بەت). دەپ شەرھىيلىگەن. مەيلى لېكسىكا، گراماتىكا، مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىس جەھەتتىن بولسۇن ئۇيغۇر تىلى «خاقانىيە تۈركچىسى»گە ئەڭ يېقىن ۋە « خاقانىيە تۈركچىسى »نىڭ ئەڭ بىۋاستە ۋارىسلىرى بولۇپ(25) ، بۇمۇ قاراخانىيلار خانلىقىنى ئۇيغۇرلار قۇرغانلىقىنىڭ يەنە بىر پاكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىزنىڭ يەكۈنىمىز ھەرگىزمۇ مەزكۇر ساھەدىكى تەتقىقاتنىڭ خاتىمىسى ئەمەس، مەزكۇر ساھەدە ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ يەنە يېڭى كۆزقاراشلىرى بىلەن بۇ تەتقىقاتنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.ئىزاھلار:

(1)يوسىف.دېگۇينس«ھۇنلار، تۈركلەر، موڭغۇللار ۋە تاتارلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»1756-1758-يىلى پارىژ، 1-توم253-بەت، 2-توم 29-بەت.

(2) (3)ۋېي لياڭتاۋ«قاراخانىلار تارىخىدىن بايان»شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986-يىلى خەنزۇچە نەشرى،28-29-، 50-بەتلەر.

(4)(5) خۇا تاۋ «8-10-ئەسىرلەردىكى غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات»، 2000-يىلى خەنزۇچە نەشرى، 198-209-، 210-بەتكىچە.

(6) مياۋ پۇشېڭ، تيەن ۋېيجىياڭ قاتارلىقلار تۈزگەن «شىنجاڭ تارىخىدىن مۇھىم بايانلار»شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004-يىلى خەنزۇچە نەشرى 220-بەت.

(7) لى شۇخۇي «غەربىي يۇرت تەتقىقاتى»2004-يىللىق 4-سان، 57-بەت.

(8) ئەبۇ فازىل ئىبىن مۇھەممەت- 1230-1231-يىلى ئالمالىقتا تۇغۇلغان، ھازىر ئۇنىڭ «جامال قارشى»دېگەن لەقىمى ئومۇملاشقان. «قارشى»سۆزى تۈرك تىلىدا«ئوردا، قەلئە»دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ لەقەم بولسا «ئوردىدىكى جامال»دېگگن مەنىدە. ئۇنىڭ ئاتىسى بالاساغۇننىڭ ھافىزى بولۇپ، ئانىسى مەرۋلىك ئىكەن. بۇ چاغدا موڭغۇللار ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرۇپ بولغان بولۇپ، ئالمالىق چاغاتاي ئولۇسىنىڭ تەۋەلىكىگە كىرگەن ئىدى. ھىجىرىيىنىڭ 662-يىلى(مىلادىيە 1263-، 1264-يىللىرى)جامال قارشى ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى بىلەن ئالمالىقتىن قەشقەرگە كەلگەن. كېيىن ئاساسەن قەشقەردە ھايات كەچۈرگەن. ئۇ قەشقەردە يەرلىك سەدىر(يۇقۇرى دەرىجىلىك دىنىي ئەمەلدار)بىلەن تونۇشۇپ ئۇنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولغان.

(9) «سۇرراھ لوغىتىگە تولۇقلىما» قاراڭ، خۇا تاۋ «8-10-ئەسىرلەردىكى غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات»(2000-يىلى خەنزۇچە نەشرى 219-بەت.

(10) «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىيسى(217-جىلد 1-قىسمى)».

(11) مەھمۇد كاشىغەرى«تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم، ئۇيغۇرچە نەشرى 558-بەت.

(12) مەھمۇد كاشىغەرى«تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم، ئۇيغۇرچە نەشرى 186-بەت.

(13) مەھمۇد كاشىغەرى«تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم، ئۇيغۇرچە نەشرى 37-بەت.

(14)(15) لى شۇخۇي«قاراخانىلارنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە خانلىقنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى توغرىسىدا»، «غەربىي يۇرت تەتقىقاتى»2004-يىللىق 4-سان، 49-50-بەتلەر.

(16) مەھمۇد كاشىغەرى«تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم، كىرىش سۆز قىسمى، ئۇيغۇرچە نەشرى28-29-بەتلەر.

(17) مەھمۇد كاشىغەرى«تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم، ئۇيغۇرچە نەشرى 40-41-بەتلە.

(18) مەھمۇد كاشىغەرى«تۈركىي تىللار دىۋانى» 3-توم، ئۇيغۇرچە نەشرى 183-184-بەتلەر.

(19) مەھمۇد كاشىغەرى«تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم، ئۇيغۇرچە نەشرى 2-3-بەتلەر.

(20) لى شۇخۇي«قاراخانىلارنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە خانلىقنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى توغرىسىدا»، «غەربىي يۇرت تەتقىقاتى»2004-يىللىق 4-سان، 52-53-بەتلەر.

(21) مياۋ پۇشېڭ، تيەن ۋېيجىياڭ قاتارلىقلار تۈزگەن «شىنجاڭ تارىخىدىن مۇھىم بايانلار» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004-يىلى خەنزۇچە نەشرى223-224-بەتلەر؛ قاراڭ، ۋېي لياڭتاۋ«قاراخانىلار تارىخىدىن بايان»شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986-يىلى خەنزۇچە نەشرى، 82-بەت: بارتولد«يەتتە سۇ تارىخى»،ئۇيغۇرچە 25-بەت.

(22) بارتولد«ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى»جوڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى، 2005-يىلى خەنزۇچە نەشرى، 29-بەت.

(23)(24) باسكاكوف«تۈركى تىللار» مىللەتلەر نەشرىياتى1986-يىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى2-بەت، 71-بەت.

(25) مەھمۇد كاشىغەرى«تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم، ئۇيغۇرچە نەشرى 17- ، 40-،43-،44-،82-،88-،116-،125-،146-،147-،400-،443-،483-،491-،495-،536-،603-،615-بەتلەر، 3-توم 14-،63-،96-،185-،190-،بەتلەر ۋە ۋە شۇ قاتاردىكى سۆزلۈلكلەر سېلىشتۇرۇلغان مۇناسىۋەتلىك بەتلەرگە قاراڭ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
تەربىيەدە سەۋرچانلىق ك

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار