ئىسكەندەر زولقەرنەيننىڭ پارىسلارنى بويسۇندۇرۇشى نەتىجىسىدە، ھازىرىقى ئافغانىستان چېگرىسى ئىچىدە بىر گرېك دۆلىيى مەيدانغا كەلگەنىدى. فرانىسىيىنىڭ بىر ئارخىلوگىيە ئەترىتى ئون بەك يىل قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاشۇ دۆلەتكە تەۋە بىر شەھەر- ئەيقانۇم شەھىرىنى تاپتى.
ھەممىگە مەلۇمكى: ئىمپېراتور ئىسكەندەر زولقەرنەيىن (مىلادىدىن ئىلگىتىكى 356- يىلىدىن ئىلگىرىكى 323- يىلىغىچە) كىچىك ئاسىيا گرېك شەھىرىنىڭ ئازات قىلغۇچىسى، مىسىر ئىستېكاچەسە ھەم پارىس ئىمپېريىسىنىڭ ئاڭ ئاخىرقى ئىمپېراتورى دارا (Darius) III نى بەغلۇب قىلغۇچىدۇر.
كىشىلەرنىڭ ئازغىنە بىلىدىغانلىرىغا ئاساسلارنغاندا: ئىسكەندەر زولقەرنەيىن پارس ئىمپىرىيىسىنى ئىستېلا قىلىپ تەسىر دائىرسىنى ئوتتۇرا ئاسىياغىچە كېڭەيتكەن، ئوخسۇس دەرياسى (Oxus ھازىرقى ئامۇ دەرياسى) ۋادىسىدا گرېكلەشكەن بىر دۆلەتنى بەرپا قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2- ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3- ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتلاردىكى بۇ گرېكلەشكەن دۆلەت ھازىرقى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە تۈركمەن، تاجىك ۋە ئۆزبىك رىسپوبلكىلىرى، ئافغانىستان، پاكىستان چېگرىسى دائىرسىدىكى بىر قىسىم رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى، ئەپسۇسكى، قىرىۋېلىنىغان كۆپ مىقداردىكى مېتال پۇللار بىر قىسىم گرېك خانلىرىنى، ئىسپاتلاپ بەرگەندىن تاشقىرى، ئاشۇ گرېك ئىستىمالچىلىرىنىڭ مەدەبىيتىگە ئىسپات بولغاندەك ھېچقانداق بىرەر نەرسە تېخى بىرگىچە يېتىپ كېلىلگىنى يوق، بەزى ئامىللار ھەتتا، «گرېتسىيە- باكتىريىسنىسىنىڭ ئېزىتقۇسى» (ئېزىتقۇ- يىراقتىن سۇغا ئوخشاش ۋىلىلداپ كۆرۈنىدىغان بىر خىل ئېقىم-ت) دەپمۇ باقتى، مانا ھازىر ئافغانىستان- سوۋېت چېگرىسىنىڭ ئافغانىستان تەرىپىدىن بىر قەدىمكى شەھەرنىڭ خارابىسى تېپىلدى. بۇ خارابىنىڭ تېپىلىشى، گرېكلەشكەن باكتىرىيە خانلىقىغا قارىتا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان گۇمانلىق قاراشلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، فىرانىسينىڭ بىر ئارخىلوگىيە ئەترىتى، ئەيقانۇم شەھىرى خارابىسىدىن 15 يىل جاپالىق ئىشلەپ، گرېك مەدەنىيتى پەيدا بولغان جايدىن 5000 كېلومېتىردىن كۆپرەك يىراقتىكى ئوخسۇپ دەرياسى بويىدا، ئىككى ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت گۈللەپ ئاۋاتلاشقان بىر گرېك دۆلىتىنىڭ ھەقىقەتەن بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چېقتى. بۇ جاي گرېكلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىشنتىن ئىلگىرى، پارىسلارنىڭ چىگرا رايونىدىكى بىې ۋاقىتلىق ئۆلكىسى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ بەردى، ئىسكەندەر زولقەرنىيىن ئۆلگەندىن كېيىنكى 20 يىل جەريانىدا ئۇنىڭ سەبدىشى سېلېگوس (Seleugus)، ئىسكەندەر ئىمپىرىيسىنىڭ بىر قىسمى سۈرىيىدىن تارتىپ ھىندىقۇش تاغ مىزمىلىرغىچە بولغان رايونلارنى كونترول قىلدى. بۇ جايلار باكتىرينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى، [7- رەسىمكە قاراڭ] مانا ھازىر باكتىريىدىكى مەشھۇر «مىڭ شەھەر» دىن پەقەت ئەيقانۇم شەھىرىلا تېپىلدى. بۇ شەھەرنىڭ قورغۇچىسى زادى كىمدۇر؟ شەھەرنىڭ قورغۇچىسى ئىسكەندەرزولقەرنەيىن بولماستىن، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 305- يىلى ئۆزىنى ۋارىس سۈپىتىدە، «خان» دەپ جاكارلىغان سېلېكۇس ئىدى.
سېلكۇسنىڭ كېيىنكى يېرىم ئەسىرلىك ھۆكۈمرانلىق ئاستىدا باكىرىيە ھەرقايسى رايونلار بىلەن يەنىلا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىشىپ تۇردى.
ئىستېلاچىلارنىڭ ئاھالە كۆچۈشۈشى بۇ ئۆلكىدىكى گرېك ئاھالىسىنى ئۆزلىكىسىز كۆپەيدىۋەردى. نەتىجىدە بۇ شەھەرنىڭ گرېكلەشكەن مەدەنىيىتى تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.
مىلادىدىن ئىلگىرىكى 250- يىللىرى ئەتراپىدا سېلېگۇس خانلىقى بىلەن ئۇنىڭ غەرپتىكى دۈشمەنلەرنى قارىشىلشىپ قالدى. بۇ پەرسەتتىن پايدىلانغان باكتىرىيە، تىنچ يول بىلەنلا سېلېكاس ھۆكۈمرانلىقىدىن پايرىلىپ چېقىپ، مۇستەقىل بىر دۆلەت بولىۋالىدى. دەسلەپتە گرېتسىيە بىلەن باكتىرىيىنىڭ ئىدارە قىلىش دائىرسى ئوخسۇس دەرياسى ۋادىلىرى بىلەن چېگرىلانغان ئىدى. كېيىنچە باكتىرىيە دۆلىتى ئۆزلىكسىز جەنۇبقا كېڭىيىپ، ھىندى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى مۇنبەت زېمىنلارنىمۇ ئۆز تەسىر دائىرسىگە كىرگۈزىۋالدى.
گرېكلەرشكەن بۇ كەڭ زىمىن، تولىمۇ ئاۋات بولغاچقا ھەمىشە شىمالدى كۆچمەنلەرنىڭ تەسىرىگە دۇچ كېلىپ تۇراتتى، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 145- يىلى ئەتراپىدا ئەيقابۇم شەھىرىدىكى گرېكلەر، تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن كۆچمەنلەر تەرپىدىن شەھەردىن قوشلاپ چىقىرىلدى. مىلادىدىن 100 يىل ئىلگىرى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. ھەندى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى گرېتسىيەگە قارىشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا مەغلۇب بولدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەت گرېك مەدەبىيتىنىڭ يىراق شەرققە قاراپ ئۈزلكىسىز كېڭىيىشىگە خاتىمە بېرىلدى.
ئەيقانۇم شەھىرى خارابىسى ئوخسۇپ دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ شەرقىي سول قىرغىقىغا جايلاشقان. [8- رەسىمگە قاراڭ]. بۇ يەردە دەريا، ئېقىنىدىكى ئۆزگەتىپ، چوڭ تۈزلەڭلىكلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، كوكچا دەرياسىغا قويىلىدۇ. خارابىدىن يىراقراق جايدىكى يولىچىلارئۆتۈپ تۇرىدىغان ئوخسۇپ دەريا كېچىكى ۋە ھىندى كارۋان يولى ھەربىي قاراۋۇلخانا قورۇشقا تازا باب جاي ئىدى. بۇ جايغا بىر قوشۇن ئۇرۇنلاشتۇرۇلسىلا باكتىرىنىڭ شەرقىي بۆلىكىنى كونترول قىلىپ، مۇشۇ شەھەرنىڭ ئوخشاش دەرياسى سول قىرغىقىدىكى جايلىرىدىن تاتىپ، جەنۇبىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى جايلاردىن كېلىدىغان خەۋىپىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلاتتى.
ئەيقانۇم شەھىرى يېنىدىن ئوخسۇس دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىغىچە بولغان بۇ ئارىلىق، كەڭ كەتكەن بىر تۈزلەڭلىك بولۇپ، كەڭلىكى تەخمىنەن km 10 ئۇزۇنلىقى km 35 كېلىدۇ. بۇ7 شەھەر قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى بۇ مۇنبەت زىمىندا زور كۆلەملىك سۇغۇرۇش تورلىرىدىن پايدىلىنىپ، تېرىقچىلىق قىلىنمايتتى. بۇ جايلار يېزا ئىگىلىك بايلىق مەنبىي بولۇپلا قالماستىن، چارۋىچىلىق، كانچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ قۇلايلىق ئىدى، خارابىگە يېقىن جايدا يازدا چارۋا مال بېقىش مەيدانى قىلىشقا قۇلايلىق بىر تاغلىق جايمۇ بار ئىدى. ئېنىقكى بۇ رايون چارۋىچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن ئېسىل ئورۇن بولۇپ، بۇ جاينىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتى بۈگۈنچىگە ساقلىنىپ قالغان ھالىتىگە بەكمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ.
بۇ جاينىڭ تاغلىرىدا يەنە مۇل كونترول بايلىقلىرىمۇ بار. مەسىلەن كوكچا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى كان رايونىدىن كۆك مەرمەر تاش، ئارىلاشما كۆك مەرمەر تاش، گۆھەر تاشلار چىقاتتى.
كۆكچا دەرياسى بىلەن ئوخسۇس دەرياسىنىڭ قوشۇلغان جايىدا شەكىللەنگەن بۇ دىلتا بەلباغ قارىغاندا بۇ گرېك شەھەر پىلانلىغۇچىسىنىڭ غەرتلىرىنى تامامەن قانائەتلەنگۈدەك قىلىدۇ.
يەر يۈزىدىن تەخمىنەن m60 ئېگىزلىكتە تەبىئىي بىر قۇرغان بار بولۇپ، شەرقىي تەرەپ ئېغىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ، تۆۋەن تەرەپتە ئىككى دەريا ئېقىنى ياقىسىدىكى تەك قىتالار، جەنۇپتىن شىمالغان 2 شەرقتىن غەرپكە km1.5يەر بۆلىگىنىڭ جەنۇب تەرىپىنى قوغداپ تۇرىدۇ.
كۆچمەنلەر پۈتۈن شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر سىپىل ياساپ، بۇ شەھەرنڭ تەبىئىي مۇداپىئەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. سېپىل ئىككى دەريا ياقىسىنى بويلاپ، تاكى قۇرغاننىڭ تەك قىيالىرىغىچە تۇتاشتۇرۇلغان. تەبىئىي توساق بولمىغان، يەر شەكلى نىسبەتەن پەسرەك بولغان تۆۋەندىكى شەھەرنىڭ شىمالىي چېگرىسىنى بويلاپ، ئالاھىدە مۈستەھكەم سېپىل سۇقۇلغان، سېپىل چىداملىق كېسەكلەردىن10 ئېگىزلىكتە،m 8-6 گىچە قېلىنىلىشتا قۇپۇرۇلغان، غايەت زور تۆت چاسا سېپىل راۋىقى، سېپىلنىڭ ئالدىغان قاراپ، m10چە سوزۇلۇپ كەتكەن. بۇ بىر بۆلۈك سېپىل سىرتىغا ناھايىتى تىك ، چوڭقۇر خەندەك قېزىلغان بولۇپ، بۇ خەندەك سېپىلنى مۇداپىيە قىلىش رولىنى ئوينىغان.
ئەڭ ئاخىرىدا، قۇرغاننىڭ شەرقىي جەنۇبىي بۇرجىكىگە كىچىك بولسىمۇ ئىنتايىن مۇستەھكەم، كۆلىمى X100m150كېلىىدىغان بىر ئىستىكام جايلاشقان. ئىستىكامنىڭ ئىككى تەرىپىدە m 80 كېلىگۈدەك تىك قىيا بار. بۇ قىيا كوكچا دەرياسىغا تۇتۇشىدۇ. يەنە بىر تەرىپىدىمۇ دەريا بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قورغاننى مۇداپىئە قىلىپ تۇرىدۇ.
مەزكۇر شەھەرنىڭ تۇرالغۇ رايونى بىلەن كۆپ قىسىم ئاممىۋى قۇرۇلۇشلىرى خارابىسىنىڭ سەل پەسرەك يېرىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جايلارغا تۈزلەڭلىكتىكى ئېرىق ئۆستەڭلەردىن سۇ چىقىرىپ نىسبەتەن قۇلايلىقراق. تۆۋەندىكى شەھەر ئاساسەن بىر ئوردىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ رايونىغا غايەت زور مەمۇرىي بىنالار ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان.
لايىھەلىگۈچىم، بۇ تۇرۇشلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا يەر كۆلىمىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مەقسىتىدە بۇ شەھەرنىڭ چوڭ كوچا قۇرۇلۇشلىرىنى، قورغاننىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى بىر پارچە تۆپىلىك ئۈستىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇغان، بۇ كوچا سېپلنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىدىن باشلىنىپ جەنۇبقا سوزۇلۇپ كوكچا دەرياسى قىرغاقلىرىغىچە يېتىپ بارغان. بۇ بىر قېتىم ئوردا ئىبارەتلىرى، شەھەرنىڭ جەنۇبىي يېرىم قىسمىنىڭ m 350 250 كۆلىمىنى ئىگىلىگەن، بىر ئەگمە يول ئوردا رايونىدىن چوڭ كوچىغا تۇتاشتۇرۇلغان. بۇ ئىككى كۇچا تۇتاشقان جايغا غايەت زور بىرراق ياسالغان. راۋاقنىڭ ئالدى تەرىپىگە تۆرۈك ئورنۇتۇلۇپ، بىر كارىدۇر ھاسىل قىلىنغان، گرېك تۇرۇلۇش ئىستىلىرىغا قارىتا ئوردا دېگەن مۇ نەرسە يات بىر ئوقۇم ئىدى. ئۇلار پەقەت ئىستېلا قىلىنغان پارىس خان ئوردىسىنىڭ نۇسخىسىدىن كۆرگەن.
سۇسا (Elam ,Susa دۆلىتىنىڭ پايتەختى، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 522- يىلى بۇ جاينى داراI پايتەخت قىلىنغان- ت) دىكى دارا ئوردىسىغا ئوخشاش، ئەيقانۇم شەھىرى خان ئوردىسىمۇ بىرلا ۋاقىتتا؛ مەمۇرىي مەھكىمە، تۇرالغۇ جاي ۋە خەزىنىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رول ئوينىغان. بۇ بىر رەسىمىي ھويلاپ بولۇپ [9- رەسىمدىكى] كۆلۈمى m108-137 كېلىدۇ تۆت ئەتراپىغا توققۇز تۆۋرۈك ئورنۇتۇپ كارىدور ھاسىل قىلىنغان، ھەر بىر كۇرغا 118 دانە يۇمىلاق تۇۋرۈك ئورنىتىلغان، تۈۋرۈك ئۈستىگە بىزەك ئۈچۈن كېرنىس پورمىسدىكى تۈۋرۈك بېشى ئورنىتىلغان، ھويلىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى تۈۋرۈكتىن شەكىللەندۈرۈلگەن كارىدۇرنىڭ سىرتىدا بىر زال بولۇپ بۇ زالنىڭ ئىچىگە ئۈچ قاتار تۈۋرۈك ئورنىتىلغان، بۇ يەردىن ئوردىنىڭ مەركىزىي قىسىغا قۇرۇلغان. بۇ بىنالارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر تەرىپى m 52 دىن كېلىدىغان چاسا ئۆي ئەڭ دىققەتكە سازاۋەردۇر. بۇ چوڭ ئۆينىڭ ئىچى، ئۆز ئارا تىك كېشىپ ئۆتكەن ئىككى يول كارىدۇر ئارقىلىق سىممېتىرىك ھالەتتە ئايرىلىپ تۇرغان. ئىككى يۈرۈش ھوجىرادىن تەركىپ تاپقان شەرق تەرىپىدىكىسى ئىككى ئېغىز مېھمان كۆتۈش زالى بولۇپ، بۇ زالنىڭ تاملىرى ئۈستىگە تاشتىن تام تۆۋرۈكلىرى ئورنىتىلغان غەرب تەرىپىدە 60 دانە يۇمىلاق تۈۋرۈكتىن شەكىللەندۈرۈلگەن بىر كارىدۇرتى بار، كىچىىك بىر قورۇ بار بولۇپ بۇ قۇرو قارىغاندا قارىغاندا مەخپىي ئىشلارنى بېجىرىش ئونى بولسا كېرەك.
شەخسىلەر تۇرالغۇ جايى جەمئىي ئۈچ كورپۇس بولۇپ، ئوردا رايونىنىڭ غەربىي جەنۇب غەرجىكىگە جايلاشقان. بۇلارنى ئوردىنىڭ باشقا قۇرۇلۇشلىرىدىن ئاسانلا پەرقلەندۈرۈۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى ھەر كورپۇس تۇرالغۇدا ئولتۇراق ئۆيلەردىن باشقا يەنە يۇيۇنۇش ئۆيى ۋە بىردىن سەينار بار.
ئوردىنىڭ غەرب تەرپىدىگە بىر مەزكىزىي ھويلا جايلاشقان. بۇ ھويلىنىڭ ئەتراپىدا بىر قاتار ئامبار ئۆيلىرى بار. بۇ ئۆيلەر خەزىنە قىلىنىپ ئىشلىتىلگەن. بۇ قۇرۇلۇشچىلارنىڭ لايىھەلىنىشىمۇ يەنىلا گرېك پاسۇنىدا بولغان. بۇ يەردىن تېىپلغان ئەسۋابلار ۋە پارچە بۇيۇملار- مەرۋايىت، قارا ئاشلىق ئۇنى، پارچىلىنىپ كەتكەن ئۈنچە مارجان، تاشقا ئايلانغان چىگىت، تاشقا ئايلانغان ئانار، كۆك مەرمەر تاش ۋە ئارىلاشما كۆك مەرمەر تاش... قاتارلىق قالدۇقلار بۇ ئۆيلەرنىڭ خەزىنە قىلىنىپ ئىشلىتىلگەنلىگىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇ بىر يۈرۈش قۇرۇلۇشلار 20 گىكتاردىن جىقراق يەرنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ كۆلەم كىشىلەرنىڭ بۇ جايۇ ھەققىدە تەسەۋۋۇر قىلىنغان كۆلۈمدىنمۇ جېقراق كېلىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ دائىرسى، كىشىلەرنى «بۇ بىر ئوردا ئىكەندۇرق،» دېگنە ھېسىياتقا كەلتۈرمەي قويمايدۇ.
قائىدە بويىچە ئىيتقاندا، ئەيقانۇم شەھىرى بىر پايتەخت بولۇپ، باكتىرىيە شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدا ئوينىغان رولى جەھەتتىن غەربتىكى مەشھۇر شەھەر باقتىرا شەھىرى بىلەن تەڭ دەرىجىدە قۇراتتى. بۇ يەردىن تېپىلغان بىر قىسىم مىس پۇللار، ئەيقانۇم شەھەردە پۇل قۇيۇش زاۋۇتىنىڭ بولغانلىقىنى ئىسلاپلاپ بېرىدۇ. بۇ خىل پۇل قۇيۇش ھوقۇقى ئوردىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازى ھېسابلىناتتى.
ئۇنداق بولسا بۇ جايغا زادى كىم ھۆكۈمرانلىق قىلغان؟ كىشىلەر: «بۇ جارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمرانى ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا كۆپ تېرىم غەلبىلىك جەڭلەرنى قىلغان مەشھۇر پادىشاھ ئېوكراتىدىېس (Eucratides) مىلادىدىن ئىلگىرىكى 170- 145- يىللار) دەپ قارىشىدۇ، ئەگەر ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدىغان بولسا، ئەيقانۇم شەھىرى خەزىنىسىدە كۆپ مىقداردىكى ھىندى مىس پۇللىرى ھەم تەسادىپىي ئۇرۇشلاردا قولغا چۈشۈرۈۋېلىنغان قممەتلىك بۇيۇملار ساقلىنىشى كېرەك ئىدى. بىراق بۇ ئەھۋاللارنى ئىسپاتلاپ بىرەلىگەندەك ھۆججەتلەر توق دېيەرلىك، پەقەت خەزىنىدە بىر نەچچە دانە قۇرۇق بۇتۇلكىلاردا ساقلىنىپ قالغان. بۇ بوتۇلكىلارنى ئۈستىگە سىيا بىلەن بېسىلغان گىرىكچە ئويما خەتلەر، بۇلارغا ئىلگىرى بىرەر نەرسە قاچىلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.
ھۆكۈمەت ئارخىپىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن خەزىنىگە ساتلاشقا تاپشۇرۇلغان ھىندى ۋە گىرىك پۇللىرى [5- رەسىمگە قاراڭ] غا ئاساسلانغاندا، ئەيقانۇم شەھىرى ئېوكراتىدېس ئۆز ئۈچۈن خاتىر قالدۇرۇش مەخسىتىدە ئىسمىنى ئېوكراتىدىيا (Euaratidai) دەپ ئاتىغان جاي بولۇشى ئېھتىمال بىراق بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى پەقەت قەدىمكى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىلا ساقلىنىپ قالغان خالاس. مەيلى نىمە بولۇشدىن قەتئىي نەزەر بۇ ئوردا ھەم ئۇنىڭ كۆكلەم نەقىشلىرىدىن گرېك باكتىرىيە قۇرۇلشلىرىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى رۇشەن گەۋدىلىنىۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەر كاھىش بىلەن قوپورۇلۇپ (دەسلەپتە بىر نەچچە قەۋىتىگە ئازغىنە پىششىق خىش ئىشلىتىلگەن) سېغىز لاي بىلەن سۇۋالغان، سىلىقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ھاك بىلەن ئاقار تىلغان تاملاردىمۇ ئىپادىلنىدۇ [1- رەسىمگە قاراڭ] ئۆي ئۆگزىلىرىنىڭ تەكشى بولۇشى شەرقنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئەمما قىزىل ساپال كاھىشلارنىڭ گىرۋەكلىرىدىگە چىقىرىلغان نەقىشلەر، ئۆيىگە ئىشلىتىلگەن كاھىشلاردا يەنىلا گرېك مەدەنىيتىنىڭ تەسىرى ئىبادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىسىل قۇرۇلۇشلىرىدا تاشتىن ياسالغان بىزەك بۇيۇملىرىنى ئۇچۇرۇتۇش تەس، ئەيقانۇم شەھىرىدىكى تاشچى ئۇستىلار زور تىپتىكى قىرىش ئەسۋابلىرى بىلەن ناھايىتى كۆپ تاشل تۈۋرۈكلەرنى ياساپ چىققان بولۇپ، بۇلاردا قەدىمكى ئۈچ خىل تۆۋرۈك بېش شەكلى ئۇچرايدۇ، بۇلار: ئادەتتىكى دورىك (Doric) شەكلى، تۈۋرۈك بېشىغا قاينام شەكىللىك بىزەك چۈشۈرۈلگەن ئىونىيە (Ionic) شەكلى ۋە تۈرۈك بېشىغا يۇپۇرماق شەكىللىك نەقىش ئويۇلغان كوزېنتىميان ( Corinthian) شەكلىدىن ئىبارەت.
قىسقىسى، ئوردىنىڭ غايەت زور كۆلىمى ھەم تەكشىلىك ئۈشتىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇشنىڭ ئېنىق گېئومتېرىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى، قۇرۇلۇش ئۇستىسىنىڭ سىممېتېرىك ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا بەكمۇ ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ، ئادەمنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ.
ئەيقانۇم شەھىرىدە يەنە باشقا ئاممىۋى قۇرۇلۇشلار ھەم خېلى كۆپ بولۇپ. بۇ شەھەرنىڭ تولىمۇ مۇھىم شەھەر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ تورىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشلاردىن بىز ئۈچ يۈرۇش قۇرۇلۇشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى. بىرىنچى يۈرۈش قۇرۇلۇش ئۇخسۇس دەرياسى قىرغىقىغا جايلاشقان تەنتەربىيە سارىيى ئۆگىنىش ۋە تەنتەربىيە مەشىقى ئېلىپ بېرىش ئونى بولۇپ، بۇلار ھېرمىس (Hermes) گرېك ئەپسانىلىرىدىكى ئۇرۇش ئىلاھى ت) بلەن ھېراكلىس (-Heracles گرېك ئەپسانىلىرىدىكى قەھرىمانلىق ئىلاھى ت) تەرىپىدىن ئورتاق قوغدىلىدۇ. ئاساسىي قۇرۇلۇش تۆت چاسا بولۇپ ھەر يېنى m100 ئۇزۇنلۇقتا. بۇلارنىڭ تەكشىلىك ئۈسىتىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇشى يەنىلا گرېك پاسۇنىدا؛
بۇ يەردە يەنە بىر بىرسىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بىر يۈرۈش ئۆيلەر ۋە يۇمىلاق تۆۋرۈكنىڭ كارىدۇر بىر مەركىزىي قۇرۇنى چۆرىدەپ تۇرىدۇ. بۇلارمۇ ھەم قاتتىق سىمېتىرىك ھالەتتە (ھەر ياننىڭ ئوتتۇرىسدا بىر يولدىن كارىدۇر، كارىدورنىڭ ئىككى يان تەرەپلىرىدە ئودۇلمۇ- ئۇدۇل جايلاشقان چاسا ئۆيلەر) بولۇپ، گرېك- باكتىرىيە پورمىسىدىكى يېڭى تىپتىكى قۇرۇلۇشلار ئىكەنلىكىنى مانا مەن دەپلا چىقىرىپ تۇرىدۇ.
ئىككىنچى يۈرۈش قۇرۇلۇش بىر تىياتىرخانىدۇر. بۇ قۇرۇلۇش قۇرغان ئىچىدىكى تاغ باغرى ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، تەكشىلىك ئۈستىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇشى يەنىلا گرېك پاسۇندا، تىياتىرخانىنىڭ 35 رەت ئۇرۇندۇقى، رادىئوسى m42 كېلىدىغان يېرىم چەمبەر شەكلىرىدە بۇ تىياتىرخانىنىڭ سىغىمچانلىقى (6000 كىشىلىك دەپ تەخمىن قىلىغان.) قەدىمكى ئوتتۇرا ئوتتۇرا شەرىقنىڭلا ئەمەس بەكلىك بابىلۇن خانلىقىنىڭ گرېكلەشكەن دەۋرىدىكى تىياتىرخانىلىرىنىڭ سىمىنچانلىقىدىنمۇ چوڭراق كېلىدۇ. روشەن گرېك ئالاھىدىلىككە ئېگە بۇ قۇرۇلۇش شۆبھىسىزكى شەرقنىڭمۇ بەزى بىر تەسىرلىرىگە ئۇچرىغان. تاغ باغرى قاپتىلىغان ئۈچ ئېغىز ئازادە راۋاق ياسالغان بولۇپ، بۇنداق ئىسىل ئورۇن ئەمەلىيەتتە گرېك تىياتىرخانىلىرىدا ئۇچرىمايدۇ؛
ئۈچىنچى يۈرۈش قۇرۇلۇش شەھەرنىڭ مەزكىرىي كوچىسىغا جايلاشقان قورال ياراق ئامبىرى بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى يۈرۈش قۇرۇلۇشقا ئوخشىمايدۇ. بۇلاردىن گرېك تەسىرىنى تېپىش تەس. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، مەركىزىي قۇراغا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.
مەزكۇر شەھەرنىڭ ئەڭ ئېسىل تۇرالغۇ رايونى دەك ئىككى دەريا ئېقىنى قوشۇلۇپ كەتكەن جاينىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان. ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ شۇنچە كەڭرى جايغا 50 ئېغىز ئۆيلا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ ئۆيلەر شەرىقتىن- غەربكە كەتكەن بىر يولنى بويلاپ، ماس ئارىلىق قالدۇرۇپ ياسالغان بولۇپم ھەر بىر كۇرۇپۇس ئۆينىڭ ھەممىسىلا شىمال تەرەپكە قارىتىلىپ سېلىنغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا كۆلىمى35 X65 دىن كېلىدۇ. [3- رەسىمگە قاراڭ]: بۇ يەردىكى ئەنئەنىۋى گرېك پاسۇنىدىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىلا بىر مەركىزىي قۇرونى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇرۇنلاشقان. بۇلارنىڭ كۈندىلىك ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۆيلىرى ئىچىدىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولغان. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۆيلەر بىلەن باشقا ئۆيلەر بىلەن ئائىلىلىكلەر قۇرالۇغۇلىرى تاقا شەكىللىك بىر يول كارىدۇر ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرغان. بۇ يەردىكى ھويلا مەرگەزگە جايلاشقان بولغاچقا، بۇ جاي ئارقىلىق تۇرالغۇ ئۆيلىرىگە ئۆتكىلى بولىدۇ. ئەمما خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئۆتكىلى بولمايدۇ. ئەقانۇم شەھىرىنىڭ ئاقسۆڭەكلىرى شۆبھىسىزكى مۇنچىغا ئەھمىيەت بەرگەن. ھەر بىر مۇنچىغا ئىككى ئېغىز ئۆيگە ئايرىلغان. دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغانلىرى ئۈچ ئېغىز ئۆي بولۇپ، تاملىرى قىزىل رەڭلىك كۈل لاي بىلەن سوۋالغان. پۇل ئۈستىگە تاش پارچىلىرى ياتقۇزۇلغان ياكى سىمۇنت بىلەن شېخىل تاشلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ سۇلالغاندىن كېيىن مەنزىرە رەسىملىرى نەقىشلەنگەن، (باشقا ئۆيلەرنىڭ پولى پەقەت لاي بىلەنلا سۇۋالغان.) [4- رەسىمگە قاراڭ]. بۇ ئۈچ ئۈي ئىچىدىكى 1- ئۆي كېيىم قويۇش ئۆيى، ئىككىنچى يۇيۇنۇش ئۆيى بولۇپ، بۇ ئۆيدە يۇيۇنغۇچى ئۈچۈن ۋاننا ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈريىتى يوق. يۇيۇنغۇچى پەقەت چوڭ بىر ئىدىشتىن چۈشكەن سۇ بىلەن يۇيۇنۇشقا بولىۋىرۇدۇ. سۇ ئىسسىق ھەم سۇغاق بولۇپ، ئىككىسى 3- ئۆيدىن كېلىدۇ. بۇلار ئۈچۈن خوشنا ئاشخانىغا سۇ ئىسستىدىغان ئۇچاق ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان.
گرېكلەرنىڭ ئادىتىگە ئاساسەن، بۇ شەھەر ئاھالىسىدىن ئۆلگەن كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ شەھەر سىرتىغا دەپىن قىلىنغان. ئاقسۆڭەكلەر مەخسۇس ئۇرۇقداشلار قەۋرىستانلىقى شەكىللەندۈرۈگەن.
قەۋرىستانلىققا ناھايىتى كۆچ جەسەتلەر دەپىن قىلىنغان. بۇلار ئۈچۈن مەخسۇس بىر مەركىزىي قەۋەر يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قەۋرە قاتۇرۇلغان. ئەمما ئىستېلاچى، گرېكلەرنىڭ يەنە بىر خىل ئادىتى بىلەنمۇ تونۇش بولۇپ، شەھەرنىڭ ئەڭ مەشھۇر مۆتىۋەرنىڭ شەھەر ئىچىگە دەپىن قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلغان. بۇ خىل ئالاھىدە ھۇقۇق پەقەت ئىككى شەھەر ئاھالىسىگە بىرىلگەن، ئوردىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىنراق بىر جايغا قاتۇرۇلغان. بىر دەۋر بۇرۇنراق ئۆتكەنلىرىگە غايەت زور قەۋرىلەر ياسالغان. قەۋرىنىڭ ھەر تەرىپىگە تاش تۈۋرۈكلەر ئورنۇتۇلغان. بىر دەۋر كېيىنراقلىرىغا ئادەتتىكىچە قەۋەر ياسالغان. قەۋەر ئالدىغا نەقىشلەنگەن، ئادەتتىكى ئىككى ياغاچ تۈۋرۈك ئورنىتىلغان. بۇ قەۋرىگە دەپىن قىلىنغۇچى ( (Kineas دەپ ئاتالغان كىشى بولۇپ، مۇشۇ شەھەرنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى. مەزكۇر قەۋرىنىڭ كىرىش ئېغىزى ئالدىغا بىر دانە تاش تۈۋرۈك ئورنىتىلغان. تۆۋرۈكنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئاللىقاچان يوقالغان. پەقەت ئۇل قىسمىلا ساقلىنىپ قالغان. ئۇلى ئەتراپىغا دېلفېي (Delphoi) شەھىرىدىكى ئاپاللو ئىبادەتخانىسىدا بار بولغان 150 قۇرنەسىھەتنامىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بەش قۇرلا ئۇيۇلغان. بۇ بەش قور نەسىھەتنامە تېكىستتى غايىۋى گرېك كىشىلىرىنىڭ ئاساسىي ئەخلاقىنى كۆرسۈتۈپ بېرەلەيدۇ. بۇ نەسىھەتنامە پارچىسىدا: «ئۆسمۈرلىكتە ياخشى ئۆگەن. ياشلىقىڭدا بول ئېھتىياتچان، قىرانلىقتا بول توغرا- ئادىل، قېرىغاندا ئەقلىنىڭ چېنىقۇر، ئۆلگىنىڭدە قىلما پۇشايمان» دېيىلگەن. ئېھتىمال بۇ نەسىھەتنامىنىڭ باشتىكى مەسمە تۈۋرۈكنىڭ يوقالغان قىسمىغا ئويۇلغان بولسا كېرەك. بۇ نەسىھەتنامىنىڭ بۇ جايدا تارقىلىشى ئېنىقكى، ئىستېلاچىلارنىڭ ئۇزاق زامان ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى ساداقەتمەنلىكىنى بار كۈچى بىلەن ساقلاپ قالماقچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەيقانۇم شەھىرى خارابىسىدىن يەنە بۇ خىل ئارزۇلارنى ئىپادىلەيدىغان ھۆججەتلەر تېپىلدى. مەسىلەن: ئويما تېكىستلەر ئانچە كۆچ بولمىسىمۇ، مەلۇم بولغان ئاشۇ نەرسىلەردىن شۇنى ئىسپاتلاشقا بولىدۇكى، كۆچمەنلەر ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوتۇراقلاشقان 200 يىلدەك ۋاقىت جەريانىدا يەنىلا گرېك تىلىدا سۆزلەشكەن ھەم گرېك يېزىقىنى ئىشلەتكەن. ھەتتا ئۇلار ئىشلەتكەن ھەر خىل ھۆسىنگەت شەكىللىرى (زىننەت ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر ياكى تىزيازما خەتلەر) مۇھىم گرېك ئابىدىلىرىدا دائىم ئۇچراپ تۇرغانغا ئوخشاش ئۈلكسىز داۋاملىشپ كېلىۋاتقانلىقنى ئىسپاتلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، خەزىنە ئۆيلىرى قاتارىدىكى كۈتۈپخانا ھەم مۇشۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، خەزىنە، خەزىنە ئۆيلىرى قاتارىدىكى كۇتۈپخانا ھەم مۇشۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. يەنە بىر نەچچە پارچە سامان قەغەزگە يېزىلغان قول يازمىلار ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇلار شۈبھىزكى جەڭدە غەلىبە قازانغان كۆچمەنلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىمىغان. گەرچە بو قول يازمىلار ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇلار شۆھىسىزكى جەڭدە غەلبە قازانغان كۆچمەنلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىمىغان. گەرچە بۇ قول يازمىلار پاچە پارچە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ خەتلەرنڭ ئىزى يەنىلا يەنىلا ساقلىنىپ قالغان، بۇلارمۇ ھەم ھۆكۈم چىقىرىشقا يېتەرلىك ئاساس بولالايدۇ. [10- رەسىمگە قاراڭ]؛ پارچە پارچە بولۇپ كەتكە بۇ تېكىستلەر، ئارىستوتېرل ئېقىمىدىكىلەرنىڭ پەلسەپىۋى ئەسەرلىرىدە بىرىنىڭ پەقەت بىرلا قىسمى ۋە بىر پارچە گرېك شېئرلىرىنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت. بۇلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئۇردىدا تۇرغۇچىلار يەنىلار گېرىك ئاقسۇڭەكلىرىنىڭ ئەنئەنىسىنى قوغدىغان، پەلسەپىۋى ۋە ئەدەبىي ئەسەلىرىنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت. بۇلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى. بۇ ئوردىدا تۇرغۇچىلار يەنىلار ئاقسۈڭەكلىرىنىڭ ئەنئەنىسىنى قوغدىغان، پەلسەپىۋىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان. بۇ خىل بايقاشلار بىر نەچچە يۈز يىل كېيىن ئۆتكەن پىلوتارك (Plutarch، مىلادى 46 -119- يىللاردىكى گرېك تارىخچىسى، -ت) نىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى تېخىمۇ ئىشەنچىلىك ھالاتكە كەلتۈرۈدى. پىلوتارك: «ئىسكەندەر زۇلقەنەيىن ئاسىياغا يۈرۈش قىلىغاندىن كېيىن، شەرقىي رايونلاردىكى بىر قىسىم ئادەملەر (ئاز بولغاندىمۇ بىر قىسىم ھۆكىمران تەبىقىدىكى ئاقسۆڭەكلەر ھومېر داستانلىرىنى ئوقۇغان. بۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى سۇپىكىل ۋە ئەۋپىدىنىڭ ئىرادىگىيىلىرىنى ناخشا قىلىپ ئېيتشقان،: دەپ قارىغانىدى. ھېچ بولمىغاندىمۇ بىرپونتان بۇلاقنىڭ پۈركۈگۈچ جۈمىكىگە ئورنىتىلغان، گرېك تىياتىرلىرىدا تەسۋىرلەنگەن ئاشخانا ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى قەھرىماننىڭ يۈز نىقابى [11- رەسىمگە قاراڭ] نى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئەيقانۇم شەھىرى تىياتىرخانىسىدا ئۇرۇنلانغان تىياتىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ گرېك تىياتىر ئەسەرلىرى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم چىقارغىلى بولىدۇ. بۇنداق دېگەنىلىك ھەرگىزمۇ بۇ شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھەممىسىلا گرېتىسىيە كۆچمەنلىرى ياكى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە، ئويما يېزىقتىكى ئىكىستلەردىن بايقالغان كىشى ئىسىملىرى ئىچىدە گرېك كىشىلىرىنىڭ ئىسىمىلرىى ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ بىراق يەنە بىر قىسىم تىپىك ماكىدۇنلۇقلارنىڭ ئىسمىمۇ (Lysanis)ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ بىراق يەنە بىر قىسىم گرېتسىيەنىڭ شىمالىدىكى باشقا رايونلاردا ياشىغۇچى قەۋىم كىشىلىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ ئۇچرايدۇ. Triballos دەل شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئوردىنىڭ كىرىش ئىغىزىغا يېقىنراق جايغا دەپىن قىلىنغان kineas دېگەن كىشى ئىسمىمۇ ھەم شۇنداق. ئوردىدا ۋەزىپە ئۆتەۋەتقان مۇغالتىزلاردىن بىر قىسىملىرىمۇ ھەم يەرلىك ئىسىملارنى ئىشلەتكەن. مەسىلەت: بۇغالتىرلاردىن بىر قىسىملىرىمۇ ھەم يەرلىك ئىسىملارنى ئىشلەتكەن. مەسىلەن: ئۇلاردىن ئىككى كىشىنىڭ ئىسمى Oxuedoakes ۋە Oxubazes بولۇپ ئوخسۇس دەرياسى ئىلاھى Oxos نىڭ ئىسمىدىن كەلگەنلىكى ئېنقلا كۆرۈنۈپ تورىدۇ. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى: باكتىرىيىنىڭ يېڭى خوجايىنى ئۆزىدىن بۇرۇن بۇ جايىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى يېتىشتۈرۈپ چىققان يەرلىك ئەمەلدارلارنى ساقاپ قېلىشنى پايدىلىق دەپ قارىغان. يۇقىرىقىلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈگىلى بولىغىنىدەك، يەرلىك تۆۋەن تەبىقە كىشىلىرى ھەقىقىدىمۇ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە بولىدۇ.
قارغاندا ناھايىتى كۆپ ئادەتتىكى بىر ئېغىزلىق ئۆيلەر بار. ئېھتىمال بۇ ئۆيلەر شەھەرگە ئانچە كۆپ كىرىپ تۇرمايدىغان يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرى بولسا كېرەك.
مۇستەملىكىچىلەرنىڭ سەنئەت ھەۋىسىمۇ يەنىلا گرېك ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبلارنى ساقلاپ قېلىش دەرىجىسىگە يەتكەن. مەسىلەن؛ نەقىش ئىشلەش ئۈچۈن يېڭىچە شەكىلدىكى شىلىق چاسا تاشلار ئىشلىتىلمەستىن، سېخىل تاشلار ئىشلىتىلگەن. شېخىل تاشلار ئارىسىدا خېلى چوڭ ئارىلىقلار بولۇپ، كۆپ ھاللاردا قىزىل تاش يەر ئۈشتىگە ئىشلىتىلگەن. ئاق تاش بىلەن نەقىش ئىشلەنگەن. بەزىدە پاتۇرۇپ قويۇلغان قارا تاشلارمۇ ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تورىدۇ. [4- رەسىمگە قاراپ]؛ توپلانغان نەقىشلەردە بىرلا خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، ستېرىئولۇق ياكى بوشلۇق تۇيغۇسى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ھېچقانداق كۈچ سەرىپ قىلىنمىغان. قىزىۋېلىنغان كىچىك ھەيكەللەردىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت. بىر ئايال ھاسىغا تايىنىۋالغان. بىر ئەر بېشىغا دەرەخ يوپۇرمىقىدىن قىلىنغان چەمبىرەك ئارتىۋالغان، ياكى ئۇچىسىغا خالات يېپىنىۋالغان بىر يىگىتنىڭ ئادەتتىكى ھەيكىلىدۇر. نەقىشلەر ئىنتايىن سىپتا بولسىمۇ، يەنىلا ئەنئەنىۋى ئىپادىلەش ۋاستىلىرى قوللىنىلغان، لېكىن گرېك باكتىرىيە نەققاشلىرىدا بىر خىل يېڭىچە، قىزغىن ئىجاتكارلىق روھ بار. ئۇلار چوڭ ھەيكەللەرنى ياكى تامغا ئادەتتىكى نەقىشلەرنى ئويغان چاغدا ئىلگىرى گرېتسىيىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان ماھارەتلىرىنى ئىشقا سالغان. ئۇلار ئالدى بىلەن پۇلات چىۋىق ياكى ياغاچلاردىن ئۇل چازىلىرىنى ياساپ، ئاندىن ئۇل جازىسى ئۈستىگە سېغىز لاي ياكى كۈل لاي بىلەن ھەيكەللەرنى ياسغان.
ئىلاھ ھەيكەللىرىدە شەرتنىڭ تەسىرى خېلى گەۋدىلىك مەسىلەن: بۇ خىل تەسىر قىزىل ساپالدىن ياسالغان كىچىك ھەيكەللەر ياكى پىل چىشىدىن ياسالغان كىچىك ئايال ئىلاھلار ھەيكەللىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. [12- رەسىمگە قاراڭ]؛ بۇ خىل ئايال ئىلاھلار يا رەتلىك كېيىنىدۈرۈلگەن، ئاجايىپ كۆركەم زىننەتلەنگەن، ياكى پۈتۈنلەي يالىڭاچ قالدۇرۇلغان گۈزەل ئاياللارنىڭ پورتىرىتىدۇر. بىر دانە ئالتۇن ھەل بىرىلگەن كۈمۈش پەتنۇس تېپىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا دىنىي ئېتقادنى ئىپادىلەيدىغان قاپارتما نەقىش ئىشلەنگەن. بۇنىڭدا يەرلىك ئالاھىدىلىك روشەن ئىپادىلىنىپ توىدۇ.
قاپارتما نەقىشلەردە گرېكلەرنىڭ تەبىئەت ئىلاھى Cybele، شىر قوشۇلغان جەڭ ھارۋىسىغا ئولتۇرغان، گرېكلەرنىڭ يەنە بىر ئەنئەنىۋى ئايال ئىلاھىنىڭ قاش قاناتلىق جەڭ ئىلاھىنى بويسۇندۇرغانلىق ھالىتى ئىپادىلەنگەن. بۇ قارىماققا نەقىشلەردە يەنە دۇئا- تىلاۋەت قىلىۋاتقان ئىككى كىشى بولۇپ، قۇياش (ئادەملەشتۈرۈلگەن ئىلاھ خۇرسۇس)، بىر ئاي ۋە بىر يۇلتۇزنىڭ چاقناپ تۇرغانلىق ھالىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. رەسىملەرنىڭ مۇتلەق كۆپىچىلىكى گرېك تەركىپلىرىگە تەۋە بولسمۇ، بىراق ئۇسلۇب جەھەتتە شەرق ئۇسلۇبى بىلەن ئوخشاش بولغان . رەسىملەرنىڭ قورۇلمىسى ئادەتتىكىدەك بولۇپ، بىزەش ئۈچۈن ھېچقانداق كۈچ سەرپ قىلىنمىغان. رەسىملەر ھامان ئالدى ياكى يان تەرەپتىن گەۋدىلەندۈرۈلگەن، گەرچە باكتىريىدىكى ھەقىقىي ئىلاھ (مەسىلەن: مېتال پۇل يۈزىگە ئويۇلغان ئىلاھ سۈرىتى) گرېك ئىلاھلىرىغا مەنسۇپ بولسىمۇ، بىراق ئەيقانۇم شەرھىدىن تېپىلغان ئۈچ يۈرۈش ئىلاھ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھېچ قايسىدا بولۇپ، ئوردىغا يېقىن جايلاشقان، بۇ غايەت زور چاسا ئىبارەت، ئۈچ پەشتاقلىق ئېگىز سۇپا ئۈستىگە جايلاشقان [2- رەسىمگە قاراڭ]؛ بۇ ئىبادەتخانىنىڭ سىرتقى تېمى تام تېكچىلىرى بىلەن زىننەتلەنگەن بىر كەڭ ئىشكلىك كارىدۇر بىلەن كىچىكرەك ئۆيلەر (ھوجرىلار) تۇتاشتۇرۇلغان. ئۆي ئىچىگە بىر بۇت ئورنىتىلغان. بۇ ئۆينىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن تار قازناق بار.
بۇ ئىمارەتلەر قۇرۇلۇش تېخنىكىسى جەھەتتە گرېك ئەنئەنىسىنى قىلچىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ، ئېگىز سۇپىنىڭ ئۇلى پارىس ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىكىگە تەقلىد قىلىنغان. بۇ ئۆيلەرنىڭ تەكشىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇلىشىمۇ، زىننەتلىنىشىلىرىدىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن مىسوپوتامىيىدىن كەلگەنلىكىدەك شەك يوق.
ئېگىز سوپا ئالدىغا يىغىلىپ قالغان مۇراسىم ھارىقى تەييارلانغان قاچا قۇچىلارمۇ بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملارنىڭ گرېكچە بولمىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك پاكىت بولالمايدۇ. پارچىلىنىپ كەتكەن بىر پاي گرېك سەندىلى (چۇرۇققا ئوخشاش ئاياغ) تېپىلغان بولسىمۇ [6- رەسىمگە قاراڭ] بۇنىڭ ئەر ياكى ئايال ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. سىرتقى كۆرۈنىشىگە قارىغاندا گرېتسىيەلىكتەك كۆرۈنسىمۇ ماھىيەتتە ئۇنىڭ بىر قانچە بۆلەكىدە شەرق ئالاھىدىلىكى مۇقەررەر ھالدا گەۋدىلىنىپ تورىدۇ.
ئىككىنچى ئىبادەتخانا شەھەرنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىغا يېقىنراق، سېپىل سىرتىغا جايلاشقان. بۇ ئىبادەتخانا 1- ئىبادەتخانىگە ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. بىراق بۇ ئىبادەتخانىنىڭ كارىدورىغا يېقىن جايدىكى ئىلاھ ئوردىسى ئىككى ئېغىز ئۆي بولماستىن ئۈچ ئېغىز ئۆي بولغان. كارىدورنىڭ ئىشكى يوق 3-ئىبادەتخانا ھەم ئوخاشلار گرېك پاسۇنىدا ئەمەس. بۇ بىر پەشتاقلىق چوڭ، ئىلاھ سۇپۇنى بولۇپ، قۇرغاننىڭ شەربىي جەنۇبىدىكى بۈرجىكىگە جايلاشقان. گرېك تارىخىي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە پارىسلار ئادەتتە ماتەم مۇراسىملىرىنى ئېگىز جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن. قورغاندىكى بۇ ئىلاھ سۇپىسى بۇ خىل ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدىلىكىگە تازا باب كېلىدۇ.
ئارخىلوگىيە ئەترىتىمىز 15 يىلىدىن بۇيانقى قېزىپ تەكشۈرۈش (1965-يىلىدىن باشلانغان) داۋامىدا، ئەيقانۇم شەھىرىدىن قېزىپ تاپماقچى بولغان ئاسارە- ئەتىقىلەرگە قارىتا سچۈشەنچىلىرىنى ئۆگەرتتى. 15 يىلىنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ يىراق، چەت رايونىدا ئىلگىرى گۈللەنگىلىكىنى ئېنىق بولغان بىر پايتەختىنى تېپىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى پاكىتلار ئارقىلىق كىشىلەر، گرېك كۆچمەنلەرنىڭ بىر تەرەپتىن كۆپ جايلاردا گرېك مەدەبىيتىگە قارتتىق سادىق بولغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىسە يەنە بىر تەرەپتىن بىناكارلىق تېخنىكىسى ۋە دىنىي ئېتقاد جەھەتتىكى بىر قاتار ئىشلاردا پۈتۈن كۈچ بىلەن شەرق ئالاھىدىلىكىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ. مانا ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارتېن (ApTblH) دېگەن يېرىدىن تېپىلغان يادىكارلىقلاردەك گرېكلىشىشتىن ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيتىنىڭ مۇھىم پاكتلىرى ۋە تېپىلىماقتا. بۇ ماددىي پاكىتلار بىزنىڭ ئەيقانۇم شەھىرى ھەققىدىكى خۇلاسىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغۇسى.
خۇلاسە شۇكى: گرېكلەر بۇ جايلارغا (ئوتتۇرا ئاسىياغا-ت) كەلگەن چاغلاردا، بۇ جايلاردا ئاللىقاچان تەرەققىي قىلغان شەھەر مەدەنىيتى مەۋجۇد ئىدى. ئۇلار غايەت زور بىنالارنى قورغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇزاق ئەنئەنىلەرگە ئىگە ئىدى. ئۇخسۇن دەرياسى ۋادىسىغا كەلگەن گرېك كۆچمەنلىرى ئۆلىرىنىڭ مەدەبىيەت ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قېلىشقا جان- جەھلى بىللەن تىرمىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، مۇشۇ يەرنىڭ ئىزىدىن بار بولغان يەرلىك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنىمۇ ئۆزلىرى چىن دىلىدىن خالاپ قوبۇل قىلىشقان.