بۆكە خان ھەققىدىكى رىۋايەت قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ، تارىخى ، ئەدىبىياتى ، دىنىي ئېتىقادى ... قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگۈنۈشتە مۇھىم يادىكارلىقلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ رىۋايەتتە ئاساسلىغى ئورخۇن - سېلىنگا دەرياسى ۋادىلىرىدا قۇرۇلغان قەدىمقى ئۇيغۇر خاقانلىغىنىڭ ( مىلادى 747 - 840 - يىللار ) ئىككىنچى ئەۋلاد خاقانى --- مويۇنچۇرنىڭ كەنجى ئوغلى بۆكەخاننىڭ ( ئېل تېكىن ياكى تەڭرى خاقان ) تۇغۇلىشى ، تەختكە چىقىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئومۇمىي پائالىيەتلىرى خەلق رىۋايەتلىرىگە خاس گۈزەل ئۇسلۇب بىلەن بايان قىلىنغان . رىۋايەت قىلىنىشىچە ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ ، بۇنى فىرانسۇز تارىخچىسى دوسسون ئۆزىنىڭ " جامىئۇت تەۋارىخ " دېگەن كىتاۋىغا ئاساسەن يازغان " مۇڭغۇل تارىخى " ناملىق ئەسىرىدە خاتىرلەپ قالدۇرۇلغان .
دوسسون خاتىرلىگەن " بۆكەخان ھەققىدە رىۋايەت " نىڭ ۋەقەلىگى مۇنداق :
" ..... قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ئېقىپ چىقىدىغان دەريالىرىنىڭ تۇغلا ، سېلىنگا دەريالىرىنىڭ قوشۇلىدىغان جايىدا "قۇملانجۇ" دېگەن جاي بار ئىكەن . شۇ جاينىڭ بىر - بىرىگە ياندىشىپ ئۆسكەن ئىككى تۈپ دەرەخ بولۇپ ، بۇنىڭ بىرىنىڭ نامى فېستۈك ( قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا قىزىل قارىغاي دېگەن مەنىدە بولۇپ ، " بوز تۈك " دەپ ئاتالغان ) ئىكەن . ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ئاق قارىغايغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن ، ھەمىشە يېشىل ئارچىدەك كۆكىرىپ تۇرىدىكەن ، ئۇنىڭ ئۇرۇغى (مەدىكى) ئاق قارىغاينىڭكىگە ئوخشايدىكەن . دەرەخنىڭ يەنە بىرى ياۋا قارىغاي ئىكەن . كۈنلەرنىڭ بىرىدە مانا شۇ ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ ئارىسىدا ئۇشتۇمتۇتلا كىچىك بىر دۆڭ پەيدا بولۇپ قاپتۇ . بۇ دۆڭ كۈن ئۆتكەنسېرى ئىگىزلەشكە باشلاپتۇ . دۆڭنىڭ ئۈستىدە تاڭ ئاتقۇچە شام يېنىپ تۇرىدىكەن . ئۇيغۇرلار دۆڭنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈدىكەن . دۆڭنىڭ ئىچىدىن خۇددى ناخشا ئېيتقاندەك ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن . ھەر كېچە ئەھۋال شۇنداق بولۇپ تۇرىدىكەن . دۆڭنىڭ ئۈستىدىكى شام بارغانسېرى چاقناپ دۆڭدىن 30 قەدەمچە كېلىدىغان ئەتراپنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان بوپتۇ . كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۆڭدىن ئۇشتۇمتۇتلا بىر ئىشىك ئىچىلىپتۇ . شۇ ئىشىكتىن دۆڭنىڭ ئىچكىرىسىگە قارىغانلار دۆڭنىڭ ئىچىدە خۇددى ئوتاۋ ( كىگىز ئۆي ) غا ئوخشاپ كېتىدىغان بەش ئېغىز ئۆينىڭ بارلىغىنى ، ھەر بىر ئۆيگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۈمۈش سەگۈنچەكلەرنىڭ ئېسىلغانلىقىنى ، سەگۈنچەكنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىردىن بوۋاق ئوغۇل بالىنىڭ ئولتۇرغانلىغىنى ، بوۋاقلارنىڭ ئاغزىدا سۈت ئەمگۈزىدىغان ئېمىزگىلەرنىڭ بارلىغىنى كۆرەلەيدىكەن . ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئاقساقاللىرى بۇ ئاجايىپ بوۋاقلارنى كۆرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ ھۆرمەت ئىزھار قىلىشىپتۇ . بۇ بەش نەپەر ئوغۇل بوۋاق ھاۋا بىلەن ئۇچراشقان ھامان ھەرىكەتلىنىپ ئۆيدىن چىقىپتۇ . ئۇيغۇرلار ئىنىگئانىلارنى تەيىنلەپ ، بوۋاقلارنى ئىمىتكۈزۈپتۇ . بوۋاقلار تىلى چىققان ھامان ئۆزلىرىنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ . كىشىلەر ئۇلارغا ھېلىقى ئىككى تۈپ دەرەخنى كۆرسىتىپ قويۇشۇپتۇ . بۇ بەش ئوغۇل دەرھال دەرەخكە چوقۇنۇپتۇ . دەرەخ ئادەمگە ئوخشاش تىلغا كىرىپ ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقلىق ، پەزىلەتلىك ئادەم بولۇپ ئۆسۈشى ھەققىدە ۋەسىيەت قىلىپ ، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆمۈر كۆرۈشىنى قۇتلاپتۇ . شۇ جايدا كىشىلەر بۇ بەش ئوغۇلغا خۇددى شاھزادىلەرگە ئىتائەت قىلغاندەك بويسۇنۇشۇپتۇ . بۇ بەش ئوغۇلنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئىسمى شۇڭقار تېكىن ، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى قۇتچۇر تېكىن ، ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمى بۇقا تېكىن ، تۆتىنچىسىنىڭ ئىسمى ئۆر تېكىن ، بەشىنچىسىنىڭ ئىسمى بۆكە تېكىن ئىكەن . ئۇيغۇرلار بۇ ئوغۇللارنى تەڭرى ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرسىنى خاقان قىلىشنى قارار قىلىشىپتۇ . ئوغۇللارنىڭ ئىچىدە بۆكە تېكىن چىرايلىق ، ئەقىللىق ، تالانتلىق بولۇپ ، نۇرغۇن ئەللەرنىڭ تىلىنى مۇكەممەل بىلىدىكەن . شۇڭا ئۇيغۇرلار بۆكە تېكىننى خاقان قىلىپ ، ئۇنىڭغا ئىتائەتمەنلىك بىلدۈرگەن ئىكەن . بۆكە تېكىن خاقانلىق تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن ، دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىپتۇ . دۆلەتنىڭ ئاھالىسى كۆپىيىپتۇ . تەڭرى بۆكەخانغا ئۈچ قۇش ئىنئام قىلغان ئىكەن . بۇ قۇشلار نۇرغۇن ئەللەرنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن . بۆكەخان بۇ قۇشلارنى ھەمىشە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىپ دۇنيادىكى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىكەن " .
" كۈنلەرنىڭ بىرىدە كېچىسى بۆكەخان چېدىر ئىچىدە ياتقاندا ، بىر ئىلاھى جاننى كۆرۈپتۇ . ئىلاھى جان گۆدەك قىز قىياپىتىدە كۆرۈنۈپتۇ . خاقان قورقۇپ ، يالغاندىن ئۇخلىغان بولىۋېلىپ ، گەپ قىلىشقا پېتىنالماپتۇ . ئىككىنچى كېچىسىمۇ يەنە شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىپتۇ . ئۈچىنچى كېچىسى بۆكەخان بۇ ئەھۋالنى باش ۋەزىرگە ئېيتىپ قويۇپ ، ئۆزى پەرى قىزغا ئەگىشىپ "قۇت تېغى" ( بەخت تېغى ) دەپ ئاتالغان تاغنىڭ ئىچىگە بېرىپتۇ . تاڭ ئاتقۇچە قىز بىلەن مۇڭدىشىپتۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر كېچە شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىپ تۇرۇپتۇ . مۇنداق ئەھۋال يەتتە يىل ئالتە ئاي 22 كۈنگىچە داۋام قىلىپ ، بۆكەخان پەرى قىز بىلەن خوشلىشىدىغان چاغدا قىز مۇنداق دەپتۇ : 'كۈنچىقىشتىن كۈنپاتارغىچە پۈتۈن دۇنيا ساڭا بويسۇنىدۇ . سەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداپ ، ئەلنى ياخشى باشقۇرغىن ' . پەرى قىز بۇ گەپنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن غايىپ بوپتۇ . بۆكەخان لەشكەر يىغىپ ، چوڭ ئاكىسى شۇڭقار تېكىنگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇنى 300 مىڭ قوشۇن بىلەن مۇڭغۇل ۋە قىرغىزلار ئېلىگە ماڭغۇزۇپتۇ . ئىككىنچى ئاكىسى قۇتچۇر تېكىننى 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن تاڭغۇتلار ئۈستىگە ماڭغۇزۇپتۇ . ئۈچىنچى ئاكىسى بۇقا تېكىننى 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن جوڭگوغا ماڭغۇزۇپتۇ . تۆتىنچى ئاكىسى ئۆر تېكىننى ئۆز ئېلىنى ساقلاشقا قالدۇرۇپتۇ . يۈرۈشكە ماڭغان قوشۇنلار نۇرغۇن ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ ، كۆپلىگەن ئەسىر ۋە ئولجىلارنى ئېلىپ ، ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىغا قايتىپ كېلىشىپتۇ . شۇ يەردە " ئوردابالىق " دېگەن بىر شەھەر بىنا قىلىنىپتۇ . شۇ چاغدا كۈنچىقىش تەرەپتىكى دۆلەتلەر پۈتۈنلەي بويسۇندۇرۇلۇپتۇ . "
" كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۆكەخان كېچىسى ئاجايىپ بىر چۈش كۆرۈپتۇ ، چۈشىدە ئاپپاق چاپان كىيگەن ، ئاق ھاسا تۇتقان بىر ئەر كىشىنى كۆرۈپتۇ . ئۇ بىر پارچە قاشتېشىنى بۆكەخانغا بېرىپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ : ' سەن مۇشۇ تاشنى مەڭگۈ ساقلىيالىساڭ ، پۈتۈن جاھان ساڭا باش ئېگىدۇ ' . بۆكەخاننىڭ باش ۋەزىرىمۇ خۇددى شۇنداق چۈش كۆرۈپتۇ . ئەتىسى بۆكەخان ھەربى ھازىرلىققا كىرىشىپ ، كۈنپېتىش تەرەپكە قوشۇن باشلاپ مېڭىپتۇ . بۇ قوشۇنلار تۈركىستانغا يېتىپ كەلگەندە ، تۈپ - تۈزلەڭ ، بۇلاق سۇلىرى شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان ، سېمىز ماللار سەكرىشىپ ئويناپ تۇرغان بىر يايلاقنى كۆرۈپتۇ . قوشۇن شۇ يەردە توختاپتۇ . ئۇلار شۇ يەردە بالاساغۇن دېگەن شەھەرنى بىنا قىپتۇ . قوشۇنلار بۆلۈنۈپ جاي - جايلارغا بېرىپتۇ . 12 يىل ئىچىدە كۆپ ئەللەرنى ئېلىپ بىر خىل ياۋايى ئادەملەر ياشايدىغان جايغىچە بېرىپتۇ ھەم بۇ جاينىڭ سىرتىدا يەنە ئىنسان يوقتۇ دەپ ئويلاپتۇ . بۇ چاغدا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ خانلىرى بۆكەخان بىلەن كۆرۈشۈپتۇ . ئۇلار بۆكەخانغا سوۋغا تەقدىم قىلىپ ، ھۆرمەت بىلدۈرۈشۈپتۇ .... . بۆكەخان ئۇلارنى ئۆز ئەللىرىگە قايتۇرۇۋېتىپتۇ . چوڭ غەلىبىگە ئېرىشكەن بۆكەخان بالاساغۇندىن ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان ئېلىگە قايتىپ كەپتۇ . "
" بۆكەخان ھەققىدە رىۋايەت " سيۇۋژىت تۈزۈلىشى خەلق ئېغىز ئەدىبىياتىنىڭ ئەپسانە ھەم رىۋايەت ژانىرلىرىغا خاس فانتازىيىلىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ ، ئۇنىڭدىن ئاساسلىق پېرسۇناژ بۆكەخان سىرلىق مۆجىزات ئىگىسى بولغان بىر شەخس سۈپىتىدە قىزىقارلىق قىلىپ سۈرەتلەپ بېرىلگەن . بولۇپمۇ رىۋايەتنىڭ تىل ئۇسلۇبىدىكى ئىخچاملىق ۋە راۋانلىق ئۇنىڭ بەدىئىي ئىپادىلىنىش شەكلىنى ئالاھىدە يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن ؛ ئەمما شۇنداق بولىشىغا قارىماي ، رىۋايەتتىكى ئاجايىپ مۆجىزات ئىگىسى بولغان بۆكەخاننىڭ پۈتۈن پائالىيەتلىرى بەلگىلىك تارىخىي رېئاللىقنى ئۆزىنىڭ تايىنىش ئاساسى قىلغان ھالەتتە قويۇق فانتازىيىلىك تەسەۋۋۇر بىلەن تەسىرلىك ئىپادە قىلىنغان .
<تاڭ سۇلالىسى تارىخى" نىڭ " ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە" بابىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا ، رىۋايەتنىڭ باش قەھرىمانى بۆكەخان تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر شەخس . رىۋايەت بۆكەخان ھەققىدىكى رېئال تارىخىي پاكىتلارنى فانتازىيىلىك ئېلىمېنتلار بىلەن تۈسلەندۈرۈش ئاساسىدا توقۇپ چىقىرىلغان . " تاڭ سۇلالىسى تارىخى " دىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر خاقانلىرىنىڭ ئىچىدە بۆكەخان ئىسىملىك مەشھۇر خاقانمۇ بولغان . ئۇ ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدە ياشىغان مويۇنچۇرنىڭ كىچىك ئوغلى ئىدى . ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئېل تېكىن بولۇپ ، ئاتىسى مويۇنچۇر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ مىلادى 759 - 780 - يىللاردىكى خاقانى سۈپىتىدە ئاتىسىنىڭ تەختىنى ئىگەللىگەن . بۆكەخان ھەققىدىكى رىۋايەتتە ئېيتىلغان بۆكەخان " پەرى قىز بىلەن 7 يىل 6 ئاي 22 كۈن سۆزلەشكەن .... " ، " بالاساغۇن دېگەن شەھەرنى بىنا قىلىپ ... 12 يىل ئىچىدە كۆپ ئەللەرنى ئېلىپ ... " دېگەن سۆزلەرنى ئەينى دەۋردىكى تارىخىي رېئاللىقلار بىلەن باغلاشتۇرۇپ قارىغاندا ، ئۇنىڭ ھەقىقى پاكىتلاردىن بەك چەتنەپ كەتمىگەنلىكىنى سېزىۋېلىش مۈمكىن . بۇ رىۋايەتتە كۆرسىتىلگەن سانلارنى جەملىگەندە تەخمىنەن 20 يىل بولىدۇ ، بۇ ۋاقىت بۆكەخاننىڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللىرىنى كۆرسىتىدۇ . رىۋايەتتە يەنە بۆكەخاننىڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللىرىنى كۆرسىتىدۇ . رىۋايەتتە يەنە بۆكەخاننىڭ بەش ئوغۇلنىڭ ئەڭ كەنجىسى ئىكەنلىكى ، ئاكىلىرىنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى ۋە بۇ بەش ئوغۇلنىڭ ئىسىملىرى بايان قىلىنغان . بۇ مەلۇماتلار " تاڭ سۇلالىسى تارىخى " دا يېزىپ قالدۇرۇلغان " مويۇنچۇر خاننىڭ يابغۇ تېكىن ، قۇتچۇر تېكىن ، ياغلاقار تېكىن ، تون باغا تېكىن ، بۆكە تېكىنلەردىن ئىبارەت بەش ئوغلى بولغان " دېگەن پاكىتقىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ . بۇ بەش ئوغۇلنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرىنى " تاڭ سۇلالىسى " دەۋرىدىكى ھەقىقى پاكىتلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە ، رىۋايەتنىڭ ھەقىقەتەن تارىخىي ۋەقەلەر ئاساسىدا پەيدا بولغانلىغى تېخىمۇ روشەن بىلىنىدۇ .
مىلادى 712- 756- يىللار تەختتە ئولتۇرغان تاڭ پادىشاسى تاڭ شۇەنزۇڭنىڭ خېبىي ئەتراپلىرىدا تۇرىدىغان ھەربىي - مەمۇرىي ۋالىسى ئەن لۇشەن ئىسيان كۆتىرىپ نۇرغۇن قوشۇن بىلەن چاڭئەنگە قاراپ باستۇرۇپ كېلىدۇ . تۇڭگۇەندە بولغان دەھشەتلىك ئۇرۇشتىن كېيىن ئەن لۇ شەن تاڭ پادىشالىغىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلىرىنى تارمار كەلتۈرۈپ ، پايتەخت چاڭئەننى بېسىۋېلىپ ، ئۆزىنى پادىشا دەپ ئېلان قىلىدۇ . بۇ مەزگىلدە تاڭ شۇەن زۇڭنىڭ ئوغلى تاڭ سۇزۇڭ گەنسۇ ئەتراپىدا تۇرۇشلۇق قوشۇنلىرى سەركەردىسى گو زىيىنىڭ قوللىشى بىلەن تاڭ پادىشاسى دەپ جاكارلايدۇ ھەمدە ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىغا ئەلچى ئەۋەتىپ ، ئەن لۇ شەن -- شى سىمىڭ ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇپ بېرىشنى ئۆتۈنىدۇ . نەتىجىدە ئۇيغۇر خاقانى مويۇنچۇر تاڭ پادىشاسىنىڭ ئۆتۈنۈشىگە ئاساسەن ئەن لۇ شەن ئىسيانىنى تىنچتىش ئۈچۈن 756 - يىلى يابغۇ تېكىننى ئەۋەتكەن بولسا ، شى سىمىڭ توپىلىڭىنى باشتۇرۇش ئۈچۈن 762 - يىلى خاقان بۆكە تېكىننىڭ ئۆزى جوڭگوغا كەلگەن . نەتىجىدە توققۇز يىل داۋام قىلغان ئەن لۇشەن - شى سىمىڭ ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇپ بەرگەنلىك ئۈچۈن تاڭ پادىشاسى بۆكە خانغا " قەيسەر ، ھەققانىي ، تۆھپىدار بىلگە خاقان " دەپ ھۆرمەت نام بەرگەن .
مىلادى 765 - يىلى بۆكە تېكىننىڭ يەنە بىر ئاكىسى ياغلاقار تېكىن ياڭ پادىشالىقىغا غەرپ تەرەپتىن ھۇجۇم باشلىغان 100 مىڭ كىشىلىك تاڭغۇت قوشۇنىنى ھازىرقى نىڭشىيا ئەتراپىدا تارمار كەلتۈرۈپ ، زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . بۇنىڭ بەدىلىگە تاڭ پادىشاسى ئۇيغۇرلارغا 100 مىڭ توپ تاۋار - دۇردۇن ھەدىيە قىلغان ئىكەن ......
دېمەك ، " بۆكەخان ھەققىدە رىۋايەت " تە بايان قىلىنغان ۋەقەلەر بەلگىلىك تارىخىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ ، ئۇ خەلق ئېغىز ئەدىبىياتىدىكى قەدىمىي ژانىر --- رىۋايەتنىڭ فانتازىيىلىك تەسەۋۋۇر ئۇسۇلى بويىچە توقۇپ چىقىرىلغان . يەنى مەلۇم تارىخىي شەخس ۋە تارىخىي ۋەقەلەر ئاساسىدا يۈكسەك تەسەۋۋۇر ۋە مول فانتازىيىلىك ئېلىمېنتلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ قىزىقارلىق ئىپادە قىلىنغان . رىۋايەتتە فانتازىيىلىك تەسەۋۋۇر بىلەن قەدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقادىغا ئائىت بەزى چۈشەنچىلەر ئارىلاش ئىپادە قىلىنىدۇ . مەسىلەن ، رىۋايەتتە ئېيتىلغان بۆكەخان باشلىق بەش ئوغۇلنىڭ خىسلەتلىك ئىككى تۈپ دەرەخ ئارىسىدا پەيدا بولغان كىچىك دۆڭدە تۇغۇلغانلىقى ۋە بۇنى كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دەرەخكە ، دۆڭگە ھەم خىسلەتلىك بەش بوۋاققا چوقۇنغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى شامان دىنى ئېتىقادى بىلەن زىچ باغلىنىشلىقىدۇر . چۈنكى ، شامان دىنى ئىپتىدائىي كۆپ ئىلاھلىق دىنلارنىڭ بىرى بولۇپ ، كىشىلەر شامانىزىم چۈشەنچىسى بويىچە ئوتنى ، دەرەخنى مۇقەددەس ئىلاھ سۈپىتىدە تونۇيتتى . خاقانلارنى بولسا ئىلاھنىڭ يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى دەپ قارايتتى . شۇ سەۋەبتىن قەدىمقى شامان ئېتىقادىدا ئوتقا ( نۇرغا ) ، دەرەخكە ۋە پادىشالارغا چوقۇنۇش مۇقەددەس ئىش ھېسابلىناتتى . دېمەك ، مانا بۇ قەدىمىي دىنى ئېتىقاد ۋە ئۆرپ - ئادەت چۈشەنچىسى " بۆكەخان ھەققىدە رىۋايەت " تە ئەنە شۇنداق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .
رىۋايەتتە يەنە " تەڭرى بۆكەخانغا ئۈچ قۇش ئىنئام قىلغان ئىكەن ، بۇ قۇشلار نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن .... " دېگەن بايانمۇ بار . بۇ ئېھتىمال ئۇيغۇر ئورخۇن خاقانلىغىدىكى خارجى ئىشلارغا مەسئۇل قىلىنغان ، كۆپ خىل تىللارنى ئىگەللىگەن قابىلىيەتلىك ئۈچ نەپەر ۋەزىرنىڭ سىمۋوللۇق ئوبرازى بولسا كېرەك .
خۇلاسىلىغاندا ، " بۆكەخان ھەققىدە رىۋايەت " رېئال ، ھەقىقىي ، تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر ۋە تارىخىي شەخسلەر ئاساسىدا يارىتىلغان ، ئۇنىڭدىكى فانتازىيىلىك توقۇلمىلارنى چىقىرىۋەتكەندە ، كۆز ئالدىمىزدا قالىدىغىنى رېئال تارىخىي شەخس ۋە ۋەقەلەردىن ئىبارەت . شۇڭا بۇ رىۋايەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى ، ئېتنوگرافىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا ، خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى نەمۇنىلىرىنى تەتقىق قىلىش ھەم ئۈگۈنۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .