قاتناش چىرىقغىنى كىم كەشىپ قىلغان؟ مەيلى شوپۇر ياكى ئادەتتىكى كىشى بولسۇن، بىز ھەركۈنلىكى تۆت كوچا ئېغىزىدىن ئۆتىمىز، ھەم تەبئىيلا ھالدا قاتناش چىرىغىنى كۆرۈپ، «قىزىل چىراغتا توختاپ، يېشىل چىراغتا مېڭىپ، سېرىق چىراغتا دىققەت قىلىمىز!» بۇ بىزنىڭ كىچىكىمىزدىن ئادەتلەنگەن ئىش. ئۇنداقتا سىز قاتناش چىرىغىنى زادى كىم كەشىپ قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟ قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ پەيدا بولغان؟
19-ئەسىرنىڭ بېشىدا، ئەنگىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى يورك شەھىرىدە قىزىل، يېشىل ئايرىم-ئايرىم قىز-ئاياللارنىڭ ئوخشىمىغان سالاھىيىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، قىزىل كىيىم كىيگەن ئايال توي قىلغانلىقنى بىلدۈرىدۇ، ئەكىسچە يېشىل كىيىم كىيگەن ئايال توي قىلمىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئەڭ دەسلەپكى قىزىل ۋە يېشىل ۋەكىللىك قىلغان ئەڭ دەسلەپكى مەنە.
كېيىن ئەنگىلىيە لوندون پارلامېنىت بىناسى ئالدىدا دائىم ئات ھارۋىسى قالايمىقان قىستىلىشىپ كىرىدىغان ھادىسە يۈز بەرگەن، شۇڭا كىشلەر قىزىل-يېشىل كىيىم ئىلھامىنى قوبۇل قىلغان، 1868-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، سىگنال چىرىغى جەمەتىدىكى تۇنجى ئەزا لوندون پارلامېنىت بىناسى ئالدىدا پەيدا بولغان، ئەينى ۋاقىتتا ئەنگىلىيەلىك مىخانىك خارت چىراغ تۈۋرۈكى يەتتە مېتىرلىق، ئۈستىگە بىر قىزىل، يېشىل ئىككى خىل رەڭلىك چىراغ ئېسىلغان-كۆمۈر گازى قاتناش سىگىنال چىرىغىنى لاھىيەلەپ ياسىغان، بۇ شەھەر كوچىسىدىكى تۇنجى سىگىنال چىرىغى ئىدى. چىراغنىڭ ئاستىدا، بىر قولىغا ئۇزۇن خادا كۆتۈرىۋالغان قاتناش ساقچىسى خىيالىغا كەلگىنىچە تاسمىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ چىراغنىڭ رەڭگىنى ئالماشتۇرغان. كېيىن سىگنال چىرىغىنىڭ مەركىزىگە كۆمۈر گازى لامپۇچكا قالپىقى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىنى ئىككى پارچە قىزىل، يېشىل ئەينەك ئورنىغا ئالمىشىپ توسىغان. دۇنياغا كەلگىلى ئاران 23 كۈن بولغان كۆمۈر گازى چىرىغى تۇيۇقسىزلا پارتلاپ يوق بولغان، بىر نەپەر دىجۈرنىلىك قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسىمۇ شۇ سەۋەبتىن ھاياتىدىن ئايرىلغان. شۇندىن باشلاپ، شەھەرنىڭ قاتناش سىگىنال چىرىغى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
1914-يىلىغا كەلگەندە، ئامېرىكىنىڭ كلىفلەنىد شەھىرىدە قىزىل، يېشىل چىراغ ئەڭ ئاۋال ئەسلىگە كەلگەن، بىراق بۇ ۋاقىتتىكىسى ئاللىقاچان «ئېلىكتىر سىگىنال چىرىغى» ئىدى. ئازدىن كېيىن نىيويورك ۋە چىكاگو قاتارلىق شەھەردە ئارقا-ئارقىدىن قاتناش سىگىنال چىرىغى پەيدا بولغان.
ھەرخىل قاتناش قورالىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە قاتناش قوماندانلىقىنىڭ زۆرۈر بولۇشىغا ئەگىشىپ، تۇنجى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۈچ خىل رەڭلىك (قىزىل، سېرىق، يېشىل رەڭدە بەلگە قىلىنغان) چىراغ 1918-يىلى بارلىققا كەلگەن. ئۇ ئۈچ خىل رەڭلىك يۇمىلاق شەكىللىك تۆت تەرەپلىك پرويىكتور بولۇپ، نىيويورك 5-كوچىسىدىكى بىر ئېگىز تۈۋرۈك ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى شەھەرنىڭ قاتنىشىنى كۆپ ياخشىلىغان.
سېرىق رەڭلىك سىگنال چىرىغىنىڭ ئىجاد قىلغۇچىسى جۇڭگولۇق خۇاڭ رۇدىڭ، ئۇ «ئىلىم ئۆگىنىپ دۆلەتنى قۇتقۇزۇش» ئارزۇسى بىلەن ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقىغان، چوڭ كەشپىياتچى ئېدىسون لىدىر بولغان ئامېرىكا ھەممىباب ئېلىكتىر ئەسۋابى شىركىتىدە خىزمەت قىلغان.
بىر كۈنى ئۇ ئاۋات تۆت كوچا ئېغىزىدا قىزىل-يېشىل چىراغنى ساقلاپ تۇرۇپ، ئۇ قىزىل چىراغنى كۆرۈپ مېڭىشقا تەمشەلگەندە، بىر بۇرۇلغان ماشىنا گۈدەك چالغان ھالدا يېنىدىن سۈركۈلۈپ ئۆتۈپ كېتىپ ئۇنى قورقىتىۋەتكەن. ياتاققا قايتىپ كېلىپ، ئۇ قايتا-قايتا ئويلىنىپ ئاخىرى قىزىل، يېشىل چىراغ ئارىسىغا بىر سېرىق رەڭلىك سىگىنال چىرىغى قوشۇپ، كىشلەرنى خەۋپكە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىشنى ئويلىغان. ئۇنىڭ تەكلىپى دەرھال مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشكەن. شۇڭا قىزىل، سېرىق، يېشىل ئۈچ خىل رەڭلىك چىراغ يەنى بىر مۇكەممەل قوماندانلىق سىگنال جەمەتى پۈتۈن دۇنيا قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا قاتناش ساھەسىدە ئومۇملاشقان.
جۇڭگودىكى ئەڭ دەسلەپكى قاتناش چىرىغى 1928-يىلى شاڭخەيدىكى ئەنگىلىيە كونسېسسىيەسىدە پەيدا بولغان. ئەڭ دەسلەپكى قولدا ئايلاندۇرىدىغان تاسمىدىن 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى ئېلىكتىرلىك ئاپتوماتىك كونترول قىلىشقىچە، كومپيۇتېردا كونترول قىلىشتىن زاۋامىنىيلاشقان ئېلىكتىرونلۇق ۋاقىت بەلگىلەپ كونترول قىلىشقىچە، قاتناش سىگىنال چىرىغىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئاپتوماتىكلاشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز يېڭىلانغان، تەرەققىي قىلغان ۋە ياخشىلانغان.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]