«ۋاشىنگوتون پوچتا گىزىتى »نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «ئاتوم بومبىسىغا ئائىت بەش خىل خاتا قاراش »سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەن :ئامېرىكا 1945-يىلى 6-ئاۋغۇسىت خىروسىماغا ،9-ئاۋغۇسىت ناگاساكىغا ئاتوم بومبىسى تاشلىدى .نەچچە ئون يىلدىن كېيىن ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشىدىكى يادرو قورال ئىشلىتىش قارارى نۇرغۇن دەتالاش ۋە ئاق –قارى ئاستىن ئۈستىن قىلىۋەتتى .
بىرىنجى ئاتوم بومبىسىنىڭ تاشلىنىشى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرغان ،يەنى 1945-يىلى 15-ئاۋغۇسىت ياپونىيەنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلغان ،دېگەن قاراش .
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخىي ماتىرىياللىرىدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن :ئىككى كۈن ئىلگىرى خىروسىما شەھرىنىڭ ئاتوم بومبىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىغا قارىغاندا ،سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ 8-ئاۋغۇسىت ياپونىيەگە ھەيران قالارلىق ئۇرۇش ئېلان قىلىشى ياپونىيەگە تېخىمۇ ئېغىر زەربە بولدى ..ياپونىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلماسلىق كىلىشىمى تۈزۈشكەن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش پەيتىدە كېلىشتۈرگۈچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىشىنى ئۈمۈد قىلغانىدى ،شۇڭا ياپونىيە سىياسىيونلىرىنىڭ تەسلىم بولىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل خىروسىما ۋە ناگاساكىغا ئاتام بومبىسى تاشلانغانلىقتىن بولماستىن ،سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقى.
ئىككىنجى ،ئاتوم بومبىسى تاشلاش ئارقىلىق 500مىڭ ئامېرىكىلىقنىڭ ھاياتى قوغداپ قېلىنغان دېگەن قاراش
ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ترۇمېن ئۇرۇشتىن كىينكى خاتىرىسىگە :ئارمىيەنىڭ قىسمى يوقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ماڭا ياپونىيەدە قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرغاندا ،500مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلدىغانلىقىنى ئېيتتى ،شۇ سەۋەپلىك ئاتوم بومبىسى ھۇجۇمىنى لايىق كۆردۇق ،دەپ يازغان ،ئەمما ھەربىي تەرەپ مۆلچەرلىگەن سانلىق مەلۇمات بۇنىڭغا ئوخشىمىغان ،سىتانفورد ئۇنۋېرسىتىنىڭ تارىخشۇناسى باتتون مۇنداق دېگەن :ئامېرىكا فېدىراتسىيە ئۇرۇش پىلانى كومىتېتىنىڭ 1945-يىلى ئىيوننىڭ ئوتتۇرلىرى مۆلچەرلىشىچە ،1-نويابىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىش پىلانلانغان ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئۇرۇش پىلانى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 193مىڭ ئەسكىرىنى تالاپەتكە ئۇچرىتىشى ،بۇنىڭ ئىچىدە 40 مىڭ ئەسكەر ئۆلىشى مۇمكىن ئىكەن .ترۇمېننىڭ خاتىرىسىدە :ئاتوم بومبىسى ھۇجۇمىغا تەييارلىق كۆرىۋاتقان چاغدا ،ئاتوم بومبىسى تاشلاشنى قاراش قىلمىغان بولسا ،ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ياپونىيە قۇرۇقلىقىدا ھالاك بولغان بولاتتى .مەنمۇ بۇسەۋەپلىك ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ غەزىۋىنى قوزغىغان بولاتتىم ، دەپ يېزىلغان .
ئۈچۈنجى ،ئاتوم بومبىسى تاشلىمىسا ،چوقۇم ياپونىيە قۇرۇقلۇققا چىققان بولاتتى ،دېگەن قاراش .
يادرو قورالى ئىشلىتىش قارارىنى چىقىرىشتا ،ئادەتتە ئاتوم بومبىسىنى تاشلاش ياكى ياپونىيە قۇرۇقلىقىغا چىقىپ ئۇرۇش قوزغاشتىن ئىبارەت ئىككى يولنىڭ بىرىنى تاللاشقا توغرا كېلىدۇ ،لېكىن بومباردىمان قىلىش بىلەن ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىنى قامال قىلىشتىن باشقا يەنە ئەينى چاغدا كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن مۇنداق ئۈچ خىل تاللاش مەۋجۇت بولغان :
بىرى ھەربىي تەرەپ ئاتوم بومبىسى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ياپونىيە ئاتوم بومبىسى ھەيۋىسىنى كۆرسىتىش ،ياكى ئاتوم بومبىسىنىڭ تەھدىت كۈچىنى ئىسپاتلاش ؛يەنە بىرى ،ياپونىيەنىڭ شەرتلىك تەسلىمنى قوبۇل قوبۇل قىلىشىدىن ئىبارەت .
تۆتىنجى ،ياپونىيە ئاتوم بومبىسى ھۇجۇمىدىن ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان ،دېگەن قاراش .
ئامېرىكا ئاتوم بومبىسى ھۇجۇمىنى قوزغاشتىن ئىلگىرى ،ياپونىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىنىڭ ئاسمىنىدا تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىپ ،ياپونىيە پۇقرالىرىنى قېچىشقا ئاگاھلاندۇرغان .ئالاقىدار دۆلەتلەر 1945-يىلى 26-ئىيۇل ياپونىيە تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلغان «پوتىسدام ئۇقتۇرىشى » نى ئىمزالىغاندىن كىيىن ،ئامېرىكا ياپونىيە يوقۇرىقى بۇيرۇققا بويسۇنمىسا ،تەلتۆكىۈس ۋەيران بولۇش ئاقىۋېتىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى توغۇرسىدىكى ۋاراقچىلارنى تارقاتقان .تېرۇمېن رادىئو سۆزى قىلغاندا ،ئەلمىساقتىن كۆرۈلمىگەن ھاۋا ھۇجۇمى يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى تىلغا ئالغان .كۆپلىگەن كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشەنگەن .ئەمەلىيەتتە يادرو بومبىسى تۇنجى قېتىم ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ بېكىتىلگەن شەھەرلەر ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش تاپشۇرۇۋالمىغان .
بەشىنجى ،ئالاھىدە ۋاقىتتا ئاتوم بومبىسى تاشلاشنى ئورۇنلاشتۇرۇش سوۋىت ئىتتىپاقىدىن ئۈستۈن دېپلوماتىيە ئەۋزەللىكىگە ئېرىشىش ھەمدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كوزىرغا ئايلانغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ،دېگەن قاراش .
بۇ خۇلاسە رېۋىزىئونىزىم تارىخىنى تۈزىتىشتىكى بىر ئوبىيكتىپ قاراش بولۇپ ،ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقى ئالاقىدار ئۇرۇشقا قاتنىشىشىتىن ئىلگىرى ئاتوم بومبىسى تاشلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەگە قاراتقان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن بېكىتكەن تىنىچلىق لاھىيەسىنى مۇھىم رول ئوينىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۈمۈد قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ .ئەمەلىيەتتە ،دېپلوماتىيە ئۈستۈنلىكى ئەمەس ،بەلكى ھەربىي پىلانى ئاتوم بومبىسى ھۇجۇمىنىڭ پەيتىنى بېكىتكەن .
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]