خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ھونلار تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : 2015-08-07 11:52

    ھۇنلار ئېلىمىزدىكى قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت . ئۇلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىردە باش كۆتۈرگەندىن تارتىپ مىلادىيە 1 - ئەسىردە زاۋاللىققا يۈزلەنگىچە تەخمىنەن 300 يىلدىن ئارتۇق دەۋر سۈرگەن ، مىلادىيە 3 - ئەسىردىن مىلادىيە 5 - ئەسىرگىچە يەنە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە تەخمىنەن 200 يىل پائالىيەت قىلىپ جوڭگو ۋە دۇنيا تارىخىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن . ھۇنلار باش كۆتۈرۈپ چىقىشتىن بۇرۇن چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇب ، شىمالىدا ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ گۈيفاڭ ، شيەنيۈن ۋە روڭ ، دى دەپ ئاتىلىدىغان مىللەتلەت باش كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى . ھۇنلار يۇقۇرىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بۆلۈنۈشى ، بىرلىشىشى ، تارقىلىشى ، كۈرەش قىلىشى ۋە سىڭىشىشى ئارقىلىق مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4 - ئەسىردە ئۆزىنىڭ "ئىقتىدارى" نى پەيدىنپەي ئاشكارىلاپ ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بىر مىللەت بولۇپ شەكىللىنىپ ، تارىخ سەھنىسىگە قەدەم قويدى . ھۇنلار پەيدا بولغان " بۆشۈك " بۈگۈنكى ئىچكى موڭغۇلدىكى خېتاۋ ۋە داچىڭشەن (چۇغاي تېغى) ئەتراپىدا ئىدى .       ھۇنلار ناھايىتى بۇرۇنلا ئۇرۇقداش قەبىلە ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقى بولۇپ شەكىللەندى . تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىدە ، ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق جامەئەسىدە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك بارلىققا كەلدى . ھۇن جەمىيىتى قۇلدارلىق تۈزۈم خاراكتېرىدە ئىدى . تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىردە ھۇنلارنىڭ ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرى پەيدىنپەي مەيدانغا كېلىپ ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209 - يىلى باتۇر تۈمەننى ئۆلتۈرۈپ ، ئۆزى تەڭرىقۇت بولغان ۋاقىتتا ، ئۇ بىر خىل تۈزۈم بولۇپ ، شەكىللەندى . باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدە ھۇنلار ئەتراپىدىكى نۇرغۇنلىغان قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇپ ، شەرقتە ھازىرقى لياۋ خېي دەرياسىغىچە ، غەرپتە پامىرغىچە ، شىمالدا بايقال كۆلىگىچە ، جەنۇبتا سەددىچىن سېپىلىگىچە بولغان رايونلار ، مىللەتلەر ، قەبىلىلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن ، ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئالدى بىلەن چۆللۈكنىڭ جەنۇبى ، كېيىن شىمالىنى مەركەز قىلىپ غايەت زور قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى ھاكىمىيەت قۇردى .

    ھۇنلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەڭ بۇرۇن بولغاندا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3 - ، 4- ئەسىرگە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى ۋاقىتقا سۈرۈشكە بولىدۇ . چىن شىخۇاڭ ئالتە بەگلىكنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن ، ھۇنلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئالاقىسى بۇرۇنقىغا قارىغاندا قويۇقلاشتى . غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ، ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ كۈچى مىسلىسىز زورىيىپ ، باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ رەھبەرلىكىدە ھازىرقى خېبىي ، سەنشى ، شەنشى ۋە خېتاۋ ئەتراپلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ ، ئەمدىلا قۇرۇلغان غەربىي خەن سۇلالىسىگە زور تەھدىت سېلىپلا قالماستىن ، يەنە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ فېئوداللىق ئىجتىمائىي ئىگىلىكىگە بۇزغۇنچىلىق سېلىپ ، تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلدى . خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە ، ھاكىمىيەت ئەمدىلا قۇرۇلغانلىقى ، كۈچى ئاجىز بولغانلىقى ، ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ، پاسسىپ بولغان قۇدىلىشىش سىياسىتىنى قوللۇنۇپ ، مەلىكىلىرىنى ھۇن تەڭرىقۇتلىرىغا ياتلىق قىلىشقا ھەم ھەر يىلى كىمخاپ - دۇردۇن ، مەشۈت - سەرناق ، ھاراق ، گۈرۈچ ، يېمەكلىكلەرنى بېرىشكە مەجبۇر بولدى . تاكى خەن ۋۇدى تەختكە چىققاندىن (مىلادىييىدىن بۇرۇنقى 140 - يىلى) كېيىن ، ئاندىن ئۇرۇش قىلغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلىپ ، ھەققانىي خاراكتېردىكى مۇداپىئەلىنىش ئۇرۇشىنى قوزغاپ ، ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرىگە زەربە بېرىپ چېكىندۈردى .

    مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 51 - يىلى ، ھۇن ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش ۋە نىزا يۈز بېرىپ ، "بەش تەڭرىقۇت ھاكىمىيەت تالىشىپ " ، ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمى قالايمىقانلىشىپ ، مىللەت ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالدى . كېيىن مەشھۇر يولباشچى قوغۇشار تەڭرىقۇت جىخۇشان (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 58-31- يىللار تەختتە ئولتۇرغان) غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشىنى قوبۇل قىلمىغانلىقتىن ، خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا ھالاكەت گىردابىدىن قۇتۇلۇپ چىقتى .

    شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقتى ،ئۇلار بىر تەرەپتىن يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان سيانپى مىللىتى بىلەن بىرلىشىپ ئەسكەر چىقىرىپ تاجاۋۇزچىلىق قىلدى ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ۋە ئۇلارنى قوللاپ ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرىگە بىۋاستە ئارىلىشىپ ، جوڭگونىڭ بىرلىككە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ ، فېئوداللىق تۈزۈمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ، بۆلگۈنچى كۈچلەرنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇندى .

    مىلادىيە 48 - يىلى ھۇنلارنىڭ جەنۇبتىكى سەككىز قەبىلىسىگە باشچىلىق قىلىدىغان ئوڭ ئۇكەن باتىسخان بى ( قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ نەۋرىسى) دەپ ئاتاپ ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ھۇنلار پەيدىنپەي جەنۇب - شىمالدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى .

    شىمالىي ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە داۋاملىق پاراكەندە قىلىشى خەنزۇلار ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك فېئوداللىق جەمىيىتىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا باشتىن - ئاخىر زور تەھدىت بولدى . مالادىيە 73 - يىلىدىن باشلاپ شەرقىي خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى زور قوشۇن چىقىرىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى ، مىلادىيە 73 - يىلىدىن باشلاپ شەرقىي خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى زور قوشۇن چىقىرىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى ، مىلادىيە 89 - يىلى شىمالىي ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا سىنىپىي زىددىيەت تۈپەيلىدىن قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىپ ، ئىجتىمائىي كىرزىس ئىنتايىن چوڭقۇرلاشتى . شۇنىڭ بىلەن ، خەن سۇلالىسى سەركەردىلىرى ۋە جەنۇبىي ھۇن تەڭرىقۇتى بىرلەشمە قوشۇننىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا شىمالىي ھۇنلار چوڭ چۆللۈكىنىڭ جەنۇب - شىمالىي ھۇن تەڭرىقۇتى مىلادىيە 91 - يىلى بىر قىسىم ئادەملىرىنى باشلاپ غەرپكە قېچىپ كەتتى ، ھۇن قۇلدارلىق ھاكىمىيىتى پۈتۈنلەي پارچىلاندى . شۇنىڭدىن باشلاپ ھۇنلار چۆللۈكنىڭ شىمالىدا قېلىپ قالغان ھۇنلاردىن 100 نەچچە مىڭ تۇتۇن ئاھالە سيانپىلارغا قوشۇلۇپ كەتتى .

    مىلادى 188 - يىلى جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ ، چانچۇ تەڭرىقۇت ئۆلتۈرۈلدى ، چانچۇنىڭ ئوغلى يۈفۇلۇ ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلدى . چانچۇنى ئۆلتۈرگۈچىلەر مۇشۇ بۇ قۇتىقۇنى تەڭرىقۇت قىلدى . يۈفۇلۇ بۇنىڭغا قايىل بولماي ، شەخسەن ئۆزى خەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى لوياڭغا بېرىپ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى ، بۇ دەل خەن لىڭدى ئۆلگەن (مىلادىيە 184 - يىلى) ھەم سېرىق ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭى پارتلاپ ھەرقايسى جايلاردىكى فېئودال بۆلۈنمىچى كۈچلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باش كۆتۈرۈپ ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋەزىيىتى قالايمىقانلىشىپ خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلەتكەن ۋاقىت ئىدى . بۇ ئىلگىرلەش ۋە چېكىنىشتىن ئىبارەت ئىككى يول ئالدىدا يۈفۇلۇ قوۋمنى باشلاپ ۋاقىتلىق ھالدا خېدوڭ ئايمىقىنىڭ پىڭياڭ ناھىيىسىدە بوز يەر ئېچىشقا مەجبۇر بولدى .
    يۈفۇلۇ 195 - يىلى ئۆلدى . ئۇنىڭ ئىنىسى خۇچۇخان ئۇلارنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ تەڭرىقۇت بولۇپ ، ئاۋالقىدەكلا پىڭياڭ ناھىيىسىدە ئولتۇراقلىشىپ ، مىلادىيە 202 - يىلى ساۋساۋغا ئەل بولدى .
     ھۇن مىللىتى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىردە چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا باش كۆتۈرگەن ۋاقىتتا ، ماددى مەدەنىيەت جەھەتتە تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە قەدەم قويۇشقا باشلىغان . ئىقتىسادىي تۇرمۇشى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، ئوۋچىلىق بىلەن دېھقانچىلىقمۇ بەلگىلىك ئورۇننى ئىگىلىگەن . تۆمۈر قوراللار مەدىنىيىتى تەمىنلىگەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى قول سانائەتنىمۇ راۋاجلاندۇرغان ، قول سانائەتنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى تۆمۈرچىلىك ، ئاندىن قالسا مىسكەرلىك ، يەنە زەرگەرلىك ، ساپالچىلىق قاتارلىقلار بولغان .


    ھۇنلارنىڭ ئىرقىي توغرىسىدا دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تالاش - تارتىش بىرقەدەر كۆپ بولۇپ ، ئۇلارنىڭ تۈرك ئىرقى ياكى موڭغۇل ئىرقىغا مەنسۇبلىقى تېخىچە بېكىتىلمىدى . لېكىن نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارنىڭ ئىسپاتلىشىغا قارىغاندا ، تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ بولۇش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر چوڭ .

    ھۇنلارنىڭ تىلى ئومۇمەن ئالتاي تىلى سېستىمىسىغا مەنسۇپ دەپ قارىلىدۇ . لېكىن موڭغۇل تىلى ئائىلىسى ياكى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە تەۋە ئىكەنلىكى تېخىغىچە بېكىتىلمىدى . لېكىن تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە مانسۇپ دېگۈچىلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ .

    ھۇنلارنىڭ يېزىغى بولمىغان . ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادىتى بويىچە ئاتىسى ئۆلسە ئۆگەي ئانىسىنى ئوغلى ، ئاكىسى ئۆلسە ئۇنىڭ خوتۇنىنى ئىنىسى ، ئىنىسى ئۆلسە خوتۇنىنى ئاكىسى خوتۇن قىلغان ، شۇڭا ھۇنلاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ھادىسىسى بىرقەدەر ئومۇملاشقان .

    خەن دەۋرىدە ئىچىكىرىگە كۆچكەن ھۇنلاردا دا ۋېي ، جىن ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى . بۇ ۋاقىتتا ئۇلاردىن "تۇغا" ۋە لوشۈي غۇزلىرى ، توپا ھۇنلىرى دەپ ئاتالغان تارماقلار بۆلۈنۈپ چىقىپ ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھازىرقى سەنشى ، ئىچكى موڭغۇل ، گەنسۇ ۋە چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا پا.الىيەت قىلدى . لېكىن ، ۋېي ، جىن ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە ھۇنلار يېغىلىق دەۋرى ، چىن ، خەن دەۋرلىرىدىكىگە ئوخشاش بىر پۈتۈن ھالەتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلمىدى . يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان ھەرقايسى تارماقلار بىر - بىرىگە تەۋە ئەمەس ئىدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۇرۇقداشلىق جامائەسىمۇ ئاساسەن پارچىلاندى ياكى يوقالدى . ھۇنلارنىڭ نامى جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىن كېيىن تەدرىجىي يوقىلىشقا باشلىدى ، ھۇنلارنىڭ نامىنىڭ تارىخ كىتابلىرىدىن يوقىلىشى دەل ھۇن مىللىتىنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر .

    ھۇن تارىخ بىر "دۇنياۋى خاراكتېرلىك" ئىلىم بولۇپ ، دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇنى تەتقىق قىلىدىغانلار بار .ھۇن تارىخى تەتقىقاتى چەت ئەلدە ئىككى يۈز نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە .

    ھۇنلار --- مۇڭغۇل ئگىزلىكىنى مەركەز قىلغان ھالدا شەرقتە شەرقىي شىمالدىكى لىاۋ خې دەرياسىدىن غەرپتە كاسپىي دېڭىزىغىچە ، شىمالدا بايقال كۆلىدىن خەنۇبتا سەددىچىنگىچە سوزۇلغان كەڭ تېرىتورىيىدە ياشىغان قەدىمىي مىللەت . ئۇلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىردىن تاكى مىلادىيە 5- ئەسىرگىچە بولغان 600 يىللىق تارىخى جەرياندا مۇڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا بايلىقى ھەم شەرقىي ياۋروپا ، غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىي ياۋروپادا پائالىيەت قىلىپ ، جوڭگو ۋە دۇنيا تارىخىغا غايەر زور تەسىر كۆرسەتكەن . ھۇنلار رەسمىي خانلىق قۇرغان ۋاقىت (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209 - يىلى) تىن تارتىپ تا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تارىخ سەھنىسىدىن چۈشكەن دەۋر (مىلادىيە 5 - ئەسىر) گىچە بولغان ئارىلىقتا ، مەيلى سىياسىي جەھەتتە بولسۇن ياكى ئىقتىساد ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە بولسۇن ، جوڭگو ھەم دۇنيا قەدىمكى زامان تارىخ سەھنىسىدە بەلگىلىك تەسىرلەردە بولغان .
خاندانلىق پارچىلىنىشتىن بۇرۇنقى خاقانلار

    1 . تۈمەن تەڭرىقۇت
    تۈمەن تەڭرىقۇت --- ھۇن خاندانلىقىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ ، قاچان تەىتتە ئولتۇرغانلىغى توەرىلىق مۇقىم مەلۇمات يوق ، لېكىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209 - يىلى تۈمەن تەڭرىقۇت ، ئوغلى باتۇر تەڭرىقۇت تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن .

    2 . باتۇر تەڭرىقۇت
    باتۇر تەڭرىقۇت ---- تۈمەن تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى . مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209 - يىلىدىن بۇرۇنقى 174 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    3 . قايۇق تەڭرىقۇت
قايۇق تەڭرىقۇت بەزى مەنبەلەردە "كىئوك تەڭرىقۇت" ، "ئاغا تەڭرىقۇت" دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان بولۇپ ، ئاكىسى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۇن تەختىگە چىققان ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 174 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 161 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    4 . كۈن تەڭرىقۇت
كۈن تەڭرىقۇت ---- قايۇق تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 161 - يىلىدىن بۇرۇنقى 126 - يىلىغىچە تەختتە تۇرغان . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۇن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

    5 . ئىچىغسە تەڭرىقۇت
ئىچىغسە تەڭرىقۇت ---- كۈن تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 126 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 114 - يىلىغىچە تەختتە تۇرغان . ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ، ئۆزىنى "تەڭرىقۇت" دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە ئاكىسىنىڭ ئوغلى يوتاننى مەغلۇب قىلىپ ھۇن تەختىنى تارتىۋالغان .

    6 . ئۇۋى تەڭرىقۇت
ئۇۋى تەڭرىقۇت ---- ئىچىغسە تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 114 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 105 - يىلىغىچە تەختتە تۇرغان . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەختكە چىققان .

    7 . ئۇشىلۇ تەڭرىقۇت
ئۇشىلۇ تەڭرىقۇت ----- ئۇۋى تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 105 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 102 - يىلى تەختتە تۇرغان . ئۇ ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھۇن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

    8 . گۇيلىقۇ تەڭرىقۇت
گۇيلىقۇ تەڭرىقۇت ---- ئۇۋى تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، ئۇشىلۇ تەڭرىقۇتنىڭ تاغىسى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 102 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 101 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئۇشىلۇ تەڭرىقۇت ئۆلگەندىن كېيىن ھۇن تەختىگە چىققان .

    9 . چەتقۇ تەڭرىقۇت
چەتقۇ تەڭرىقۇت ---- گۇيلىقۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 101 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 96 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۇن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

    10 .قۇلۇقۇ تەڭرىقۇت
قۇلۇقۇ تەڭرىقۇت ----چەتقۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 96 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 86 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن ھۇن تەختىگە چىققان . ئۇ دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن تەختكە چىققان .

    11 . قوياندى تەڭرىقۇت
قوياندى تەڭرىقۇت ---- قۇلۇقۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 86 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 68 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۇن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

    12 . شۇرۇچانچۇ تەڭرىقۇت
شۇرۇچانچۇ تەڭرىقۇت ---- قوياندى تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 68 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 60 - يىلىغىچە تەختتە تۇرغان . ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۇن تەختىگە چىققان .

    13 . ئۇيانجۇت تەڭرىقۇت
ئۇيانجۇت تەڭرىقۇت ------ ئۇۋى تەڭرىقۇتنىڭ بەشىنجى ئەۋلاد نەۋرىسى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 60 - يىلىدىن ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 58 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ شۇرۇچانچۇ تەڭرىقۇتنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ، قوياندى تەڭرىقۇتنىڭ ئالچىسى جۇەنچۇنىڭ قوللىشى بىلەن ھۇن تەختىگە چىققان .

    14 . قوغشار تەڭرىقۇت
قوۈشار تەڭرىقۇت ---- شۇرۇنچانچۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 58 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 31 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئۇيانجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ، ھۇنلارنىڭ شەرقىي خانلىرىدىن بولغان گۇشخان ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىڭ قوللىشى بىلەن تەختكە چىققان .

    15 . پۇجۇلجۇت تەڭرىقۇت
پۇجۇلجۇت تەڭرىقۇت ---- قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 31 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 21 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۇن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

    16 . سۇشجۇت تەڭرىقۇت
سۇشجۇت تەڭرىقۇت ------ پۇجۇلجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيدىدىن بۇرۇنقى 20 يىلىدىن ،مىلادىيدىيىدىن بۇرۇنقى 12 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    17 . چەياجۇت تەڭرىقۇت
چەياجۇت تەڭرىقۇت ----- سۇشجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيىدىدن بۇرۇنقى 12 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 8 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    18 . ئۇجۇلجۇت تەڭرىقۇت
ئۇجۇلجۇت تەڭرىقۇت ----- چەياجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 8 - يىلىدىن مىلادىيە 13 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    19 . ئۇلجۇت تەڭرىقۇت
ئۇلجۇت تەڭرىقۇت ------ ئۇ ئۇلجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 13 - يىلىدىن مىلادىيە 18 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

    20 . قۇتئەرىش تالانوتى تەڭرىقۇت
قۇتئەرىش تالانوتى تەڭرىقۇت ----- ئۇلجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 18 - يىلىدىن مىلادىيە 46 - يىلىغىچە ئولتۇرغان .

    21 . ئوتالخۇ تەڭرىقۇت
ئوتاتخۇ تەڭرىقۇت ----- قۇتئەرىش تالانوتى تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيە 46 - يىلى تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۇن تەختىگە چىققان .

    22 . پانو تەڭرىقۇت
پانو تەڭرىقۇت --- ئوتاتخۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 46 - يىلىدىن مىلادىيە 86 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .


بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
بالامنى مەكتەپكە بەرگۈ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار