ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • نەتەن زەچ شېئىرلىرىدىن ئۈچ پارچە 

     

     

    نەتەن زەچ (Natan Zach) 1930-يىلى گىرمانىيەنىڭ بىرلىندا تۇغۇلغان. 1935-يىلى ئائىلىسى بىلەن ئەنگىلىيە باشقۇرىشىدىكى پەلەستىنگە كۆچۈپ كەلگەن. مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىرۇسالىمدىكى ئىبراي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش جەريانىدا ئىجادىيەتكە كىرىشكەن.

    كېچىككەن بىر شېئىر

     

    ئېيىتسام ئىدىم، ئېيىتساڭ ئىدى ھەم

    يېراقتىكى ئاشۇ كېچىدە،

    دېرىزە مەڭزىدە ھېلىقى تامچىلار

    ۋە يەنە بارچىنى ئۇنتۇپ خاتىرجەم

    يېقىنلاپ - يېقىنلاپ قوشۇلغىنىمىزنى.

  • ئوت ئىچىدىكى پەرى

    ساڭا خەت يىزىۋاتىمەن

     

    ساڭا خەت يىزىۋاتىمەن جېنىم، يەنە ئاشۇ مەڭگۈ پۈتمەيدىغان ، مەڭگۈ داۋامى كۆرۈنمەيدىغان ، مەڭگۈ قورالمايدىغان سۆزلەرنى مەڭگۈ توشمايدىغان بەتلىرىمگە يىزىۋاتىمەن!

  •  

    تەركى خەت

     

    تۈركچە گۈزەل بىر ناخشا. ئاڭلاپ يىغلاپ سالماڭ~!

  • بىزگە كېرەك يەنە مۇھەببەت

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەد ئىمىن

    كۆل بويىدا تەنھالىق ئېغىر،

    سىردىشىمەن پەقەت خىيالەن.

    ئاي كەلمىگەن ئاسمىنىم ناخۇش،

    ۋاراقلايمەن قەلبىمنى تىرەن.

  •  ئەدەبىياتىمىزدا ياشلار جۇلاسى - 4

    -       ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «80-يىللىقلار»نىڭ ئومۇمىي ئىجادىيەت ئەھۋالى توغرىسىدا دەسلەپكى بايان

  • ئەدەبىياتىمىزدا ياشلار جۇلاسى -3

    ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «80-يىللىقلار»نىڭ ئومۇمىي ئىجادىيەت ئەھۋالى توغرىسىدا دەسلەپكى بايان

  • ئەدەبىياتىمىزدا ياشلار جۇلاسى -2

    -       ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «80-يىللىقلار»نىڭ ئومۇمىي ئىجادىيەت ئەھۋالى توغرىسىدا دەسلەپكى بايان

     

  • ئەدەبىياتىمىزدا ياشلار جۇلاسى

    -       ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «80-يىللىقلار»نىڭ ئومۇمىي ئىجادىيەت ئەھۋالى توغرىسىدا دەسلەپكى بايان

  • يازغۇچى سەمەت دۇگايلى بىلەن سۆھبەت -2

     

    ئىجادىيەت ھەققىدە پاراڭلار

    ـ يازغۇچى ئەپەندى ، ھازىر ئويغۇر ئەدەبىياتى  پروزىچىلىقىدا ئېقىم شەكىللەندىمۇ؟ شەكىللەنگەن بولسا ، سىز قايسى ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىسىز ؟

    ـ مەن ئۇيغۇر  ئەدەبىياتى  پروزىچىلىقىدا  شەكىللەنگەن ، ئومۇم ئېتىراپ قىلغان بىرەر «ئېقىم » بار ، دەپ قارىمايمەن .

  • يازغۇچى سەمەت دۇگايلى بىلەن سۆھبەت -1

     

    زىنھار" زىتلىشىپ " قالمىدى

    بىزدە شۇنداقمۇ بىر ئىستىداتلىق يازغۇچى بار . ئۇ ـ مەخسۇس خەنزۇ تىلى كۇرسىدا تەربىيىلەنمىگەن  بولسىمۇ ،  بىمالال  خەنزۇ تىلى تەرجىمانلىقىنى قىلغان ، ئالىي مەكتەپتە  ئوقۇمىغان بولسىمۇ، ئالىي مەكتەپتە مۇئەللىم ـ لېكتور بولغان،  ھەربىي  قىسىمدا ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىىپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدى  بىلمگە  تولغان  تالانىت ئىگىسى، «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى » ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى  سەمەت دۇگايلى ئەپەندى .

  •  دېھقان شائىرى روزى سايىتنى ئەسلەيمىز! 

     

     

     

       يىللار ئۆتۈپ ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى، دېھقانلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي قەلىب ساداسىنى يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ھۆرمەت ساھىبى مەرھۇم روزى سايىت ۋاپاتىنىڭ ئون يىللىقى كىلىپ قاپتۇ. بۈگۈن بىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغىلى ساق ئون يىل بولدى.

  • ئارۇز گۈلىستانىدىكى ئەراپات ئابدۇرۇسۇل

    ئەراپات ئابدۇرۇسۇل.1986-يىلى 12-ئاينىڭ26 -كۈنى چاپچال ناھيەسىنىڭ قاينۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان.

    مېنى زەررەتلەيدىغان مەنىۋى كۈچلەر ئىچىدە شېئىر موھىم ئورۇن تۇتىدۇ. گەرچە شېئىر يىزىش ۋە ئوقۇش مەۋجۇتلىقىمدىكى مەجھۇل تەرەپلەرنى تەلتۆكۈس يورىتىپ بىرەلمىسىمۇ،ئۇ زاھىرىم بىلەن باتىنىمنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغۇچى تونىل. كېلاسسسىك ئېتىقاتتا يېڭىلىققا ئېنتىلىش مېنىڭ ئىجادىيەت مىزانىم.ئىچمدىكى بارلىق ۋە تېشىمدىكى يوقلۇق مېنىڭ ئىلھام مەنبەيىم.مەن  مەنىۋىيىتىمگە شېئىر ئارقىلىق ئىستېلا ئىلىپ بېرىشقا ئۇرىنىمەن. مەغلۇبىيەت مېنى ئېتىراپ قىلمىغۇچە،مەنزىل تاماسىدىن ۋاز كەچمەيمەن

  • بۇ ___ ئالىمجان تۆمۈر تۇران

    بۇ مۇقەددەس زىمىنغا قاچان ئاپىرىدە بولغانلىقىمنى دادامدىن بىلگەن ئىدىم . دادامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە : ئانام ئاچچىق تولغاقتىن بوشانغان كۈنى ، دادام مېنى ئۇچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم يېزىسىدىكى ھازىرقى ئۆيىمىزدە تۇنجى بولۇپ كۆتۈرگەن ئادەم ئىكەن . 1988 – يىلى 7- مارت كۈنى مەن تۇنجى يىغام بىلەن جەمەتىمىز شەجەرىسىگە يېڭى بىر بەت ئاچقان ئىكەنمەن .