ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-09-17

    نەتەن زەچ شېئىرلىرىدىن ئۈچ پارچە - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]

    نەتەن زەچ شېئىرلىرىدىن ئۈچ پارچە 

     

     

    نەتەن زەچ (Natan Zach) 1930-يىلى گىرمانىيەنىڭ بىرلىندا تۇغۇلغان. 1935-يىلى ئائىلىسى بىلەن ئەنگىلىيە باشقۇرىشىدىكى پەلەستىنگە كۆچۈپ كەلگەن. مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىرۇسالىمدىكى ئىبراي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش جەريانىدا ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. 1955-يىلى «دەسلەپكى شېئىر» ناملىق توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر باسما زاۋۇتىدا ئىشلەش بىلەن بىرگە تىلئاۋىۋ ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. 50-يىللارنىڭ ئاخىرى «ھازىر» ناملىق ژۇرنالنى چىقارغان. 60-يىللاردا تىياتىرچىلىققا ئىشتىياق باغلىغان. بۇ مەزگىلدە يەنە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان بولۇپ، پەلەستىن شائىرى رەشىد ھۇسەيىن بىلەن بىرگە بىر پارچە ئەرەبچە خەلق قوشاقلىرى توپلىمىنىمۇ تەرجىمە قىلغان.1968-يىلى ئەنگىلىيەدە ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر 8 پارچە شېئىرلار توپلىمى، بىر پارچە دىراممىلار توپلىمى، بىر پارچە نەسىرلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان.

    تۆۋەندە مەن ئۇنىڭ «يۈتكەن قۇرۇقلۇق» ناملىق خەنزۇچە تەرجىمە توپلىمىدىن بىر قانچە پارچە شېئىرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.(خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلغۇچى: بوخاۋ)

    تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    كۆردۈم

     

    كۆردۈممەن تۈن ئارا ئۇچقان ئاق قۇشنى،

    بۇ مېنىڭ نۇرلىنىپ تۇرغان كۆزلىرىم

    كېچىدە غايىپ بوپ ئۆچكەنگە قەدەر.

     

    كۆردۈممەن كېلەڭسىز بۇلۇتلارنىمۇ

    ئۆزگىگە ئېيتمىغان، ئېيتالمىغان ھەم

    تۇيغۇمغا سىزىلغان يامغۇر ھېدىنى.

     

    كۆردۈممەن ۋاقىتنىڭ كۆزىدە غىل - پال

    خىرامان تۆكۈلۈپ تۇرغان خازاننى.

    ۋە لېكىن پەقەتلا ئاغرىنمىدىم ھېچ.

     

    1955-يىل.

     

    يات ئەل

     

    ئۇنىڭ بەدىنى چۈشلىرىمدا خىرامان،

    ئېھ، تىنىمدە ئۆزگىچە بىر ھاياجان.

    چۈشلىرىگە كىرمەيمەن بىراق

    شامال بولۇپ رۇجەكلىرىدە

    پەردىسىنى ئوينايمەن ئۇزاق.

     

    قايتسام ئەگەر ئۆيۈمگە شۇ دەم

    ئىزھالارنىڭ باغرىغا چۆكۈپ

    سۇنار ئىدىم سۆيگۈمنى ئەركەم.

     

    1966-يىل.

     

    كېچىككەن بىر شېئىر

     

    ئېيىتسام ئىدىم، ئېيىتساڭ ئىدى ھەم

    يېراقتىكى ئاشۇ كېچىدە،

    دېرىزە مەڭزىدە ھېلىقى تامچىلار

    ۋە يەنە بارچىنى ئۇنتۇپ خاتىرجەم

    يېقىنلاپ - يېقىنلاپ قوشۇلغىنىمىزنى.

    ئەر كىشى بۇ ھەقتە سۆلىمەسكەن ھېچ

    ئېغىزغا ئالماسكەن ئۇلارنى پەقەت.

     

    پەسىللەر ئالماشتى، قالدى ھەسرىتى:

    قاچا - قۇچىلارنى ئېلىپلا قولغا

    پۇتلىشىپ يېقىلدىم، سۇندى ھەممىسى.

    ئېھ مېنىڭ روھىم ۋە يېقىلغان تىنىم

    شۇ يەردە پالەچ بوپ قالدىمۇ نەھات؟!

    ئەر كىشى بۇ ھەقتە سۆلىمەسكەن ھېچ

    ئېغىزغا ئالماسكەن ئۇلارنى پەقەت.

     

    دىلبەرنىڭ چاچلىرى تۇم قارا ئىدى،

    رەڭلىرى توزۇپتۇ قارىسام بۇ دەم.

    چېھرىدە قالغاندەك قىلار شۇ مېھرى

    بىلمىدىم مېھىرمۇ ۋە ياكى ئەمەس؟!!

    بۇنداق ئىشلارنى توغرا قىلماق بەك قېيىن،

    ۋە يەنە خاتانى چۈشەندۈرمەك تەس.

    ئەر كىشى بۇ ھەقتە سۆلىمەسكەن ھېچ

    ئېغىزغا ئالماسكەن ئۇلارنى پەقەت.

     

    ئېغىز ئاچتىم مېھىردىن سىيلىق،

    سۆزلەيمىزكەن ئۆتۈلگەندە ئىش.

    سۆزلىسەمغۇ بولاتتى يەنە

    ئاشۇ كېچە ھۇجرىدىكى ئىككى لامپىنىڭ

    بىرى ئۆچۈپ قالغانتى، بىراق

    بىرى يىتەتتى كىتاب كۆرۈشكە

    يەنە بىرى يىغلاشقا ئۇزاق ....

    مەن قەيەردە يىغلىشىم كېرەك؟

    بالكوندىمۇ ۋە يا كارۋاتتا

    ئاھ! بۇلارنى سۆزلەيمەن قانداق؟!

    ئەر كىشى بۇ ھەقتە سۆلىمەسكەن ھېچ

    ئېغىزغا ئالماسكەن ئۇلارنى پەقەت.

     

    1984-يىل

     

    分享到:

    历史上的今天: