-
ئۇلانمىلار + بلوگلىرىمىز = ؟ - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]
2009-03-31
بلوگباس ۋە بلوگسپوت سۇپىلىرىدا ئۇيغۇرچە بلوگلار باش كۆتۈرگەندىن تارتىپلا ئاز بولمىغان قېرىنداشلىرىمىز بۇ بلوگلارنى بىر يەرگە يىغىپ كەڭ بلوگ ھەۋەسكارلىرىنىڭ تېخىمۇ قولايلىق ھالدا ئىزدەپ تېپىۋىلىشى ئۈچۈن بلوگ ئۇلىنىش بلوگلىرىنى ئارقا– ئارقىدىن ياساپ كېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىك تەرەپلىرى بار. بۇ ھەم بلوگلارنى ئومۇملاشتۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدۇ. بۇ خۇددى ئۇلىنىش تور بەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى تېخىمۇ كۆپ تور بەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە تورداشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ تور بەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قىينالمايلا بىلىۋېلىشىدا ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاندەكلا ئىش. پېقىر مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىزچىل ھالدا قانداق قىلىپ بلوگباس سۇپىسىنىڭ چەكلىك ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ قولايلىقراق بولغان بلوگ ئۇلىنىش بېتى ياساپ كۆرۈش ھەققىدە ئىزدىنىپ كەلمەكتە.
بلوگسپوت سۇپىسىدا ئۇلانمىلار ۋە بلوگلىرىمىز بلوگى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاز بولمىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن، ۋە پېقىر ئاناتىلىم بلوگى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ يۇقىرىقى ئىككى بلوگنى تاشلاپ قويۇپ يېڭىلىمىغىلى بىر ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ زىيارەت مىقدارى يەنىلا بەلگىلىك ساننى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. كەڭ قوللىغۇچىلارغا ياخشى جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئىككى بلوگ ئۇلىنىش تور بېتىدىكى يېتەرسىزلىكلەر بىر قۇر تەھلىل قىلىپ چىقىلغان: -
ئاناتىلىم تورتۇراسىنىڭ ھەرىكەتلىك رەسىم ئېلان ئورنى ئەسلى كودى - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]
2009-03-28
بۇ يان سەھىپدىكى ھەرىكەتلىك ئېلان ئورنىنى ئەسلى كودى، كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلدى.
ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانى ۋە مۇھەببەتلىشىش - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-03-26
تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانىغا قاتنىشىش بىلەن مۇھەببەتلىشىش ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. ئەگەر سىز ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانى بىلەن مۇھەببەتلىشىش ئوتتۇرىسدىكى كىچىككىنە مۇناسىۋەتنى تونۇپ يەتسىڭىز، ھەم شۇنداقلا مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاسپىرانىتلىققا يېتەكچىلىك قىلىسىڭىز، ئىشىنىمەنكى سىز ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانىدا چوقۇم غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز.
خىيال تونىلى3 (خائىن خىيال) - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-03-24
خىيال تونىلى
م.ئە.سەبورى
ھەرقانداق زىلزىلە باشتا كىچىككىنە بىر خىيالدىن ئىبارەت بولىدۇ.
–ئابدۇقادىر جالالىدىنخائىن خىيال
قارچۇغۇڭدا چاقنىغان نۇردىن،
سېزىۋالدىم ئازاب ھېدىنى.
تىنىقىڭدا قارا رەڭ نەپەس،
چۈشەندۈرمە كۆڭۈل سىرىڭنى.دۇنيادىكى تەقىي– تۇرقىي غەلىتە ئادەملەر ئاز ئەمەس، بىراق روسىيەلىك بۇ قوشباشلىق ئاچا– سىڭىللارغا ئوخشاش، تۇرقىي «غەلىتە» بولۇپلا قالماي، يەنە خوشال– خۇرام ھالدا بەخىتلىك ياشاپ چوڭ بولغانلار كۆپ بولمىسا كېرەك.
مەڭگۈ ئايرىلماس قېرىنداشلار
ئاللاھ خالىسا ئەتە 25.مارت كۈنى ئاناتىلىم تورتۇراسى قۇرۇلغىنىغا 2 ئاي بولغان ۋاقىت بولۇپ، ئومۇمىي زىيارەت سانى ئون مىڭدىن ئېشىپ كېتىشنى كۈتۈۋالىدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇيغۇرچە بلوگلار ئىچىدە نوكىيا يانفون بىلىملىرىنى تونۇشتۇرىدىغان بىر بلوگنىڭ قۇرۇلغان دەسلەپكى ئىككى ھەپتىلىك زىيارەت سانى سەككىز مىڭ بولغانلىقى ئېلان قىلىنغان ۋە بىر ئايغا قالمايلا مۇستەقىل بلوگ سېستىمىسىغا كۆچۈپ چىققان . كۈزىتىشىمچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى كۆپ قىسىم بلوگچىلارنىڭ ئىلگىرى مۇنازىرە مۇنبەرلەردىكى ئاكتىپ ئەزالار ئىكەنلىكىدەك ئارقا كۆرۈنۈشى بولغاچقا (مەسىلەن: تەكلىماكان بلوگى باشقۇرغۇچىسى بىلىك كۇلۇبى ئەزاسى، جېك ئەپەندى ئىزدىنىش مۇنبىرى ئەزاسى) بلوگ قۇرۇپ ئۇزاققا قالمايلا زىيارەت سانى ناھايىتى ياخشى بولۇپ بەرگەن، لېكىن ھازىرقى 200 گە يېقىن بلوگباس سۇپىسىدىكى ئۇيغۇرچە بلوگلارنىڭ يېرىمى دىگۈدەك قۇرۇلۇپ يېرىم يىلغىچە 5000 قېتىملىق زىيارەت مىقدارىدىنمۇ ئاشالمىغان. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئەلۋەتتە كۆپ تەرەپتىن ئىزدەش مۇمكىن، لېكىن ئاساسلىق سەۋەبلەردىن يوللانغان تېمىلارنىڭ سۈپىتى ۋە بەلگىلىك سانىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىدىن باشقا مۇۋاپىق ھالدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنىمۇ ئالاھىيدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. پېقىرنىڭ تەجىرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، شەخسىي بلوگلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆز بلوگىنى تەشۋىق قىلسا بولىدۇ:
تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بارساق بولىدۇ:
بىرىنجى قەدەم: يېڭى ماقالە يېزىش تۈرىنى تاللاپ ماقالە يوللاشنى باشقۇرۇش بېتىگە كىرىمىز.