-
بلوگ ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن خوش خەۋەر: سەبورى بلوگلار جەمگاھى قۇرۇلدى! - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]
2009-09-28
سەبورى تور بېكىتىنى قايتا رەتكە سالغاندىن كېيىن، ئىزچىل بىر بلوگ ماقالىلىرى توپلىمى، يەنى بلوگلار جەمگاھى سېستىمىسى ئۈچۈن بىر ئاز ئىزدىنىپ كۆرگۈم بار ئىدى، ئاللاھ خالاپ خېلى يامان ئەمەس بىر سېسىمىغا ئۇچراپ قالدىم، ۋە ناھايىتى قولايلىق ھالدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم. نۆۋەتتە 20 گە يېقىن بلوگ قوشۇپ قويۇلدى. بىراق كۆپ قىسىم بلوگلارنىڭ مەزمۇنى يېڭىلانمىغىلى خېلى بولۇپ قاپتۇ. ئىچكىرىكى ئۆلكىلەردە تۇرۇشلۇق، داۋاملىق بلوگ مەزمۇنىنى يېڭىلاپ تۇرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويسا. شۇنداقلا بلوگلار جەمگاھىنى قوللاش يۈزىسىىدىن دوستانە ئۇلىنىش قىلىپ قويسا دىگەن ئۈمىدتىمەن.
سەبورى ئۇيغۇرچە بلوگلار جەمگاھى ئادرىسى: http://sebori.cn/blog
-
ئىزاھات: [باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن] ناملىق بۇ بازارلىق كىتابنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تېزلىكتە يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن دەۋر بلوگى باشقۇرغۇچىسى ئازغۇن، دوستىمىز كامالىي ۋە پېقىر ئاناتىلىم بلوگىنىڭ باشقۇرغۇچىسى سەبورى ھەمكارلىشىپ سەۋىيىمىزنىڭ چەكلىك، تەجىرىبىمىزنىڭ يېتەرسىز بولۇشىغا قارىماي تەرجىمە قىلىپ چىققان ئىدۇق. مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىش ۋاقتى ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ نادىر ئەسەرنىڭ كەڭ قېرىنداشلىرىمىزغا قىممەتلىك پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن تور دۇنياسى ئارقىلىق تورداشلارغا تەمىنلەپ بېرىشنى لايىق كۆردۇق. تۆۋەندە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئانا تىلىم بلوگىدا ئېلان قىلىنىپ بولغان قىسىملىرىنىڭ تېما ئادرىسى مۇندەرىجىىسى بېرىلدى.
-
ئۇلانمىلار + بلوگلىرىمىز = ؟ - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]
2009-03-31
بلوگباس ۋە بلوگسپوت سۇپىلىرىدا ئۇيغۇرچە بلوگلار باش كۆتۈرگەندىن تارتىپلا ئاز بولمىغان قېرىنداشلىرىمىز بۇ بلوگلارنى بىر يەرگە يىغىپ كەڭ بلوگ ھەۋەسكارلىرىنىڭ تېخىمۇ قولايلىق ھالدا ئىزدەپ تېپىۋىلىشى ئۈچۈن بلوگ ئۇلىنىش بلوگلىرىنى ئارقا– ئارقىدىن ياساپ كېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىك تەرەپلىرى بار. بۇ ھەم بلوگلارنى ئومۇملاشتۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدۇ. بۇ خۇددى ئۇلىنىش تور بەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى تېخىمۇ كۆپ تور بەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە تورداشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ تور بەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قىينالمايلا بىلىۋېلىشىدا ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاندەكلا ئىش. پېقىر مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىزچىل ھالدا قانداق قىلىپ بلوگباس سۇپىسىنىڭ چەكلىك ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ قولايلىقراق بولغان بلوگ ئۇلىنىش بېتى ياساپ كۆرۈش ھەققىدە ئىزدىنىپ كەلمەكتە.
بلوگسپوت سۇپىسىدا ئۇلانمىلار ۋە بلوگلىرىمىز بلوگى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاز بولمىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن، ۋە پېقىر ئاناتىلىم بلوگى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ يۇقىرىقى ئىككى بلوگنى تاشلاپ قويۇپ يېڭىلىمىغىلى بىر ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ زىيارەت مىقدارى يەنىلا بەلگىلىك ساننى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. كەڭ قوللىغۇچىلارغا ياخشى جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئىككى بلوگ ئۇلىنىش تور بېتىدىكى يېتەرسىزلىكلەر بىر قۇر تەھلىل قىلىپ چىقىلغان: -
بلوگنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىپ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشى مۇنداق ئىككى تەرەپلىمە مەسلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى، ئۆزىگە قارىتا باشقۇرۇشنى قانداق قىلىپ كۈچەيتىش؛ يەنە بىرى، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قانداق تاللاپ چىقىش. بەزىلەر بلوگدا ھەرقانداق ئادەم تېما يوللايدىغان بولغانلىقىدىن ئەنسىزلىك ھېس قىلىپ، بلوگلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان كۆپلىگەن تېمىلار تۈپەيلىدىن بلوگنى يېڭى ئۇچۇر ئەخلاتخانىسى بولۇپ قالارمۇ دەپ ئويلىغان. تۆۋەن دەسمايىلىك بلوگنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى بلوگنى يەنە قانچە ئۇزاق مەزگىل تەرەققىي قىلىشقا تۇتۇپ تۇرالايدۇ؟
بلوگنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىش قىلالماسلىقى شۇ بلوگنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە– تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقىپ شۇنىڭغا رىئايە قىلىپ مېڭىش ياكى ماڭالماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. -
ئاللاھ خالىسا ئەتە 25.مارت كۈنى ئاناتىلىم تورتۇراسى قۇرۇلغىنىغا 2 ئاي بولغان ۋاقىت بولۇپ، ئومۇمىي زىيارەت سانى ئون مىڭدىن ئېشىپ كېتىشنى كۈتۈۋالىدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇيغۇرچە بلوگلار ئىچىدە نوكىيا يانفون بىلىملىرىنى تونۇشتۇرىدىغان بىر بلوگنىڭ قۇرۇلغان دەسلەپكى ئىككى ھەپتىلىك زىيارەت سانى سەككىز مىڭ بولغانلىقى ئېلان قىلىنغان ۋە بىر ئايغا قالمايلا مۇستەقىل بلوگ سېستىمىسىغا كۆچۈپ چىققان . كۈزىتىشىمچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى كۆپ قىسىم بلوگچىلارنىڭ ئىلگىرى مۇنازىرە مۇنبەرلەردىكى ئاكتىپ ئەزالار ئىكەنلىكىدەك ئارقا كۆرۈنۈشى بولغاچقا (مەسىلەن: تەكلىماكان بلوگى باشقۇرغۇچىسى بىلىك كۇلۇبى ئەزاسى، جېك ئەپەندى ئىزدىنىش مۇنبىرى ئەزاسى) بلوگ قۇرۇپ ئۇزاققا قالمايلا زىيارەت سانى ناھايىتى ياخشى بولۇپ بەرگەن، لېكىن ھازىرقى 200 گە يېقىن بلوگباس سۇپىسىدىكى ئۇيغۇرچە بلوگلارنىڭ يېرىمى دىگۈدەك قۇرۇلۇپ يېرىم يىلغىچە 5000 قېتىملىق زىيارەت مىقدارىدىنمۇ ئاشالمىغان. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئەلۋەتتە كۆپ تەرەپتىن ئىزدەش مۇمكىن، لېكىن ئاساسلىق سەۋەبلەردىن يوللانغان تېمىلارنىڭ سۈپىتى ۋە بەلگىلىك سانىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىدىن باشقا مۇۋاپىق ھالدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنىمۇ ئالاھىيدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. پېقىرنىڭ تەجىرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، شەخسىي بلوگلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆز بلوگىنى تەشۋىق قىلسا بولىدۇ:
-
alipay نى سالاھىيەت تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]
2009-03-18
ئالدىنقى قېتىم ئەلىئانا ئېلان كىرىمىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى تەسىراتىمنى بايان قىلىپ يازغان تېمنى كۆرگەندىن كېيىن تورداشلىرىمىزنىڭ قالدۇرغان ئىنكاسىدىن alipay نى تەستىقتىن ئۆتكۈزەلمىگەنلىك تۈپەيلى ئېلان كىرىمىنى نورمال ئالالمايۋاتقانلىقتەك ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىك خەۋىرى كەلدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن پېقىر مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى كۆپ ئىزدەپ ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى تېمىلارنىڭ دىگەندەك يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ مەسىلىگىگە قارىتا تەپسىلىي ھەل قىلىش ئەھۋالى ئەلىپاينىڭ ياردەم مەركىزىدە رەسىملىك قىلىپ چۈشەندۈرۈلگەن: ،
http://help.alipay.com/support/help_detail.htm?help_id=1495&sh=null
يۇقىرىقى تېمىدا تىلغا ئېلىنغىنى كىملىكنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسىنى تەلەپ قىلىدىغان ئۇسۇل بولغاچقا بىر قەدەر ئاۋارىچىلىقتەك بىلىنىدۇ. پېقىر ئەلىپاينى تەستىقتىن ئۆتكۈزگەندە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان تەستىق ئۇسۇلى، يەنى يانفون ئارقىلىق تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، مۇشۇ ئىلتىماس تۈرىنى تاللىغاندىن كېيىن يانفونغا بىر ئۇچۇر كېلىدۇ، شۇ ئۇچۇرنى تەستىق نۇمۇرى قىلىپ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا توشقۇزسىلا بولىدۇ.
-
ئاناتىلىم تورتۇراسى قۇرۇلۇپ دەل 58 كۈن بولغاندا تۇنجى ئېلان كىرىمنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، ئاللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى. بۇ جەرياندا مېنى يېقىندىن قوللىغان بارلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ مۇبارەك تېنىنىڭ ئامان، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن. ئادەمنىڭ كۆڭۈل شېشسىنى تۇنجى قېتىم چاققان ئىشلار مەيلى قانچە كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. گەرچە بۇ كىرىمدىن بېيىپ كەتكىمىگەن بولساممۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەجىر– مېھنىتىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنىشى (بۇنى دوستلىرىمنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ ئېرىنمەي، زېرىكمەي ئېلانلارنى كۆرۈپ قويۇشى دېيىشكىمۇ بولىدۇ) ھەقىقەتەن زور خوشاللىق ۋە چەكسىز بەخىت.
دەسلەپتە كۆپ قىسىم بلوگچى تورداشلارغا ئوخشاشلا بلوگگېرئەددىس ئېلانىنى قويغان ئىدىم، ئۇزاققا قالماي ئۇيغۇر بلوگگېرلار توپىدا بىر قانچە پىشقەدەم بلوگچىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئاۋارىچىلىق بولسىمۇ ئىشەنچىلىك، مۇقىم بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئېلان شىركىتىدىن يىگاۋ ۋە ئەلىئانا ئېلانلىرى ئىلتىماس قىلىنغان. -
بۈگۈن بلوگباس سۇپىسىدىن يېڭى تارقىتىلغان ئۇسلۇب «موگو (bit-8)» مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقىلدى.
ئۇسلۇبنىڭ ئەسلى ئادرىسى: http://new-skin188.blogbus.com/
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى سىناق كۆرۈش ئادرىسى: http://filim.blogbus.com/
-
بۈگۈن ئاناتىلىم تورتۇراسىنىڭ تورداشلارغا رەسمىي ئېچىۋىتىلگەنلىكىنىڭ بىر ئايلىق خاتىرە كۈنى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاددى بولسىمۇ ھېس– تۇيغۇلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. گەپ سۆزدە ئارتۇق كەتكەن، خاتا بولغان، چۈشۈپ قالغان جايلىرىغا تۈزىتىش بېرىشڭىزلارنى سورايمەن.
ئالدى بىلەن بۇ جەرياندا ئاناتىلىم بلوگىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خالىس ياردىمىنى ئايىمىغان، يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ قىزغىن قوللىغان بارلىق تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى، تور بەت زىيارەتچىلىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.