• ئالدىنقى قېتىم ئەلىئانا ئېلان كىرىمىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى تەسىراتىمنى بايان قىلىپ يازغان تېمنى كۆرگەندىن كېيىن تورداشلىرىمىزنىڭ قالدۇرغان ئىنكاسىدىن alipay نى تەستىقتىن ئۆتكۈزەلمىگەنلىك تۈپەيلى ئېلان كىرىمىنى نورمال ئالالمايۋاتقانلىقتەك ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىك خەۋىرى كەلدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن پېقىر مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى كۆپ ئىزدەپ ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى تېمىلارنىڭ دىگەندەك يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ مەسىلىگىگە قارىتا تەپسىلىي ھەل قىلىش ئەھۋالى ئەلىپاينىڭ ياردەم مەركىزىدە رەسىملىك قىلىپ چۈشەندۈرۈلگەن:  ،

    http://help.alipay.com/support/help_detail.htm?help_id=1495&sh=null

    يۇقىرىقى تېمىدا تىلغا ئېلىنغىنى كىملىكنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسىنى تەلەپ قىلىدىغان ئۇسۇل بولغاچقا بىر قەدەر ئاۋارىچىلىقتەك بىلىنىدۇ. پېقىر ئەلىپاينى تەستىقتىن ئۆتكۈزگەندە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان تەستىق ئۇسۇلى، يەنى يانفون ئارقىلىق تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، مۇشۇ ئىلتىماس تۈرىنى تاللىغاندىن كېيىن يانفونغا بىر ئۇچۇر كېلىدۇ، شۇ ئۇچۇرنى تەستىق نۇمۇرى قىلىپ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا توشقۇزسىلا بولىدۇ.

  •     ئاناتىلىم تورتۇراسى قۇرۇلۇپ دەل 58 كۈن بولغاندا تۇنجى ئېلان كىرىمنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، ئاللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى. بۇ جەرياندا مېنى يېقىندىن قوللىغان بارلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ مۇبارەك تېنىنىڭ ئامان، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن. ئادەمنىڭ كۆڭۈل شېشسىنى تۇنجى قېتىم چاققان ئىشلار مەيلى قانچە كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر  بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. گەرچە بۇ كىرىمدىن بېيىپ كەتكىمىگەن بولساممۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەجىر– مېھنىتىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنىشى (بۇنى دوستلىرىمنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ ئېرىنمەي، زېرىكمەي ئېلانلارنى كۆرۈپ قويۇشى دېيىشكىمۇ بولىدۇ) ھەقىقەتەن زور خوشاللىق ۋە چەكسىز بەخىت.
        دەسلەپتە كۆپ قىسىم بلوگچى تورداشلارغا ئوخشاشلا بلوگگېرئەددىس ئېلانىنى قويغان ئىدىم، ئۇزاققا قالماي ئۇيغۇر بلوگگېرلار توپىدا بىر قانچە پىشقەدەم بلوگچىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئاۋارىچىلىق بولسىمۇ ئىشەنچىلىك، مۇقىم بولغان  دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئېلان شىركىتىدىن يىگاۋ ۋە ئەلىئانا ئېلانلىرى ئىلتىماس قىلىنغان.

  •  كەڭ ئۇيغۇر بلوگ باشقۇرغۇچى دوستلار:

     يېقىندا Alimama ئېلانى ئىلتىماس قىلغان قېرىنداشلىرىمىزدا ئېلان چېكىش ئۇچۇرىدا خاتالىق كۆرۈلگەنلىك سەۋەبى بىلەن ئېلان ئورنى چەكلىۋېتىلگەن، ھەتتا قارا تىزىملىككە چۈشۈرۈپ قايتا ئېلان قويغىلى قويماس قىلىپ قويىۋاتقان ئەھۋاللار كەينى كەينىدىن يۈز بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا سەگەك بولۇپ مۇناسىۋەتلىك قائىدە ئەھۋاللارغا قارىتا ئەلىئانىنىڭ مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدىن ئۇچۇر ئىزدەپ تۇرۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز، خەنزۇتىلى سەۋىيسى چەكلىك دوستلىرىمىز ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ئۇچراتقان مۇناسىۋەتلىك ماقالىلىرىمىزنى ۋاقتى ۋاقتىدا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلساق.

    تۆۋەندە پايدىلىنىش قىممىتى بولسۇن ئۈچۈن ئەلىئانىنىڭ تور بەتنى ھەقسىز تەۋسىيەلەپ بېرىش شەرتلىرى يوللاندى، بۇنى بىز ئېلانىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بىر ئۆلچەم سۈپىتىدە قوللانساق تامامەن بولىدۇ. 

  • ئەلىئانا يېقىندا بلوگ ھەمكارلىق پىلانى يولغا قويغان بولۇپ، ھەر كۈنلۈك ئېلان چېكىلىش كىرىمى * 30 كۈنلۈك ئەھۋالىغا قاراپ ھەق بېرىش بىلەن بىرگە بىر ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئېلان كىرىمى بېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدۇ؛ بۇ كىرىمدىن ئارتۇق كەتكەن قىسمى سىزگە ھېساب، ئەگەر كەم بولۇپ قالسا ئەلىئانا سىزگە تولۇقلاپ بېرىدۇ؛ يەنە ھەرقايسى ئېلانلارنى قويغان ۋاقىت ئۇزۇنلىقىغا قاراپ ئومۇمىي ئېلان كىرىمىنى ھېسابلايدۇ. قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە: