-
ئالىملار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۆز ئاناتىلىغا بولغان ئىنكاسىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە قىزىقارلىق بىر تەجرىبە ئىشلەپتۇ:
بوۋاققا بىر دانە ئالاھىيدە ئىمىزگە بېرىلىپتۇ. بۇ ئىمىزگە ئالاھىيدە بىر خىل ئېمىزگە بولۇپ، يەنە بىر ئۇچى مەلۇم ئېلېكتىرونلۇق قۇرۇلما ئارقىلىق ئاۋاز كۈچەيتكۈچكە ئۇلىنىپ، بوۋاقنىڭ ئېمىزگە ئەمگەن ئاۋازىنى ناھايىتى ئوچۇق ئاڭلىتىپ بېرەلەيدىكەن. بۇ ئېمىزگە بوۋاققا ئەمدۈرۈلگەندىن كېيىن بىر قانچە ئايالنىڭ ئاۋازىنى لىنتىغا ئېلىپ بوۋاققا قويۇپ بېرىلىپتۇ. نەتىجىدە ئالىملار ناھايىتى ھەيران قاپتۇكى، بوۋاق ئۆز ئانىسىنىڭ ئاۋازى چىققاندا ئېمىزگىنى چىشلەپ جىم تۇرۇپ ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلاپتۇ. باشقا ئاياللارنىڭ ئاۋازى چىققاندا بولسا ئېمىزگىنى پۈۋلەپ ئاۋاز چىقىرىپ بۇ ناتونۇش كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپتۇ. بۇ ئوخشاش تىللىق بىر قانچە ئايالنىڭ ئاۋازىدا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە، ئۇنداقتا ئوخشىمىغان دۆلەتتىكى ئاياللارنىڭ ئاۋازىغا بوۋاقنىڭ ئىنكاسى قانداق بولىدۇ؟ -
بلوگباستا ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبنى قاچىلاشنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرۈلۈشى - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]
2009-03-20
بلوگباس سۇپىسىغا يېڭىدىن كىرىپ كېلىۋاتقان ياكى ئىلگىرىكى بلوگ ئۇسلۇبى باشقىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق تۈزۈلگەن تورداشلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلارنى خالىغانچە قاچىلاپ ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشىگە قولايلىق بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ رەسىملىك دەرسلىك تۈزۈلدى، چۈشىنىكسىز بولغان جايلىرىغا ئىنكاس قالدۇرىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
1. ئۇسلۇب سەھىپىسگە كىرىش -
ئاناتىلىم ئۆزگىچە ئۇسلۇبى تارقىتىلدى (نورۇز بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن) - [چۈشۈرۈش مەخسۇس رايونى]
2009-03-20
بۇ پېقىرنىڭ بلوگباس سۇپىسىدىكى ئۇيغۇرچە بلوگ سېپىگە كىرگەندىن كېيىن بىر قەدەر ئوڭۇشلۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان، ئىقتىدارلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل ئۇيغۇرچە بلوگ ئۇسلۇبى بولۇپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاناتىلىم تورتۇراسىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا سوۋغا سۈپىتىدە سۇنۇلدى. پايدىلانغۇچىلارغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئاناتىلىم تورتۇراسىنىڭ كونا ئۇسلۇبى، يەنى ئاناتىلىم ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىر نەچچە كۈن ۋاقىتلىق ئىشلىتىلىپ تۇرغاندىن كېيىن يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئۇسلۇب ‹ياز پەسلى› داۋاملىق ئىشلىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تارقىتىلغان ئۇسلۇپ پۈتۈنلەي تور دۇنياسىغا تەۋە بولىدۇ.
-
ئاناتىلىم تورتۇراسى قۇرۇلۇپ دەل 58 كۈن بولغاندا تۇنجى ئېلان كىرىمنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، ئاللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى. بۇ جەرياندا مېنى يېقىندىن قوللىغان بارلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ مۇبارەك تېنىنىڭ ئامان، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن. ئادەمنىڭ كۆڭۈل شېشسىنى تۇنجى قېتىم چاققان ئىشلار مەيلى قانچە كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. گەرچە بۇ كىرىمدىن بېيىپ كەتكىمىگەن بولساممۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەجىر– مېھنىتىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنىشى (بۇنى دوستلىرىمنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ ئېرىنمەي، زېرىكمەي ئېلانلارنى كۆرۈپ قويۇشى دېيىشكىمۇ بولىدۇ) ھەقىقەتەن زور خوشاللىق ۋە چەكسىز بەخىت.
دەسلەپتە كۆپ قىسىم بلوگچى تورداشلارغا ئوخشاشلا بلوگگېرئەددىس ئېلانىنى قويغان ئىدىم، ئۇزاققا قالماي ئۇيغۇر بلوگگېرلار توپىدا بىر قانچە پىشقەدەم بلوگچىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئاۋارىچىلىق بولسىمۇ ئىشەنچىلىك، مۇقىم بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئېلان شىركىتىدىن يىگاۋ ۋە ئەلىئانا ئېلانلىرى ئىلتىماس قىلىنغان. -
ھەقىقىي شېئىر قانداق بولىدۇ؟ - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]
2009-02-28
دېكلاماتسىيە قىلىشتا دولقۇنلۇق، ئاڭلاشتا يېقىملىق، كۆرگەندە چۈشىنىشلىك، سۆزلەشكە ئەپلىك بولغان شېئىر ياخشى شېئىر بولغان بولىدۇ. دېكلاماتسىيە قىلغاندا دەريادەك راۋان بولۇشى، ئاڭلىغاندا ئۈنچە– مەرۋايىت تېرىۋالغاندەك بولۇشى، كۆزەتكەندە سۈزۈك تاڭ شەپىقىنى كۆرۈۋاتقاندەك بولۇشى، سۆزلىگەندە ئاغزىدىن گۆھەر تۆكۈلىۋاتقاندەك بولۇشى كېرەك. شېئىردا مۇشۇ تۆت ھالقا بار. بۇنىڭ بىرسى كەم بولۇپ قالسا ياخشى شېئىر بولماي قالىدۇ.
–شې باڭ
(مىڭ سۇلالىسىدا ئۆتكەن داڭلىق شائىر) -
بۈگۈن ئاناتىلىم تورتۇراسىنىڭ تورداشلارغا رەسمىي ئېچىۋىتىلگەنلىكىنىڭ بىر ئايلىق خاتىرە كۈنى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاددى بولسىمۇ ھېس– تۇيغۇلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. گەپ سۆزدە ئارتۇق كەتكەن، خاتا بولغان، چۈشۈپ قالغان جايلىرىغا تۈزىتىش بېرىشڭىزلارنى سورايمەن.
ئالدى بىلەن بۇ جەرياندا ئاناتىلىم بلوگىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خالىس ياردىمىنى ئايىمىغان، يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ قىزغىن قوللىغان بارلىق تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى، تور بەت زىيارەتچىلىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. -
«باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن» ئېلىكىتابى تارقىتىلدى - [چۈشۈرۈش مەخسۇس رايونى]
2009-02-25
-
-
ئانا تىلىم- ئۇيغۇر تىلى - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]
2009-02-19
ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار
ئانا تىلىم- ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇرنىڭ قېنى.
قېنى نېمە؟ ھاياتلىقى، بارلىقى، جېنى.مىنىڭ تىلىم مېنى تەۋەللۇت قىلغان، تەمتەم قەدەملىرىمدە مۇزىكا كۈيلىرىدەك زۇۋان ۋە ھېس-تۇيغۇ، ئىزگۈ ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلغان خاسىيەتلىك تىل. ئۇ ئانام روھىدەك پاك ۋە غۇبارسىز تىل. ئۇنىڭ مەنە كەڭلىكىدە خۇددى دېڭىزدىكى يەلكەندەك ئەركىن ئۈزگىنىمدە، ئۆزۈمنى گويا كۆكتىكى قىران بۈركۈتتەك چەبدەس ۋە غالىب ھېس قىلىمەن. ئۇنىڭ بىلەن نەپەسلىنىمەن، ئوزۇقلىنىمەن. ئۇنىڭ بىلەن ئۈزۈمنى ۋە كەڭ دۇنيانى كۆرىمەن. خىيال يىپلىرىمنى كەشتە قىلىپ توقۇيمەن. چۈنكى ئۇ مىنىڭ سۆيۈملۈك تىلىم ۋە دىلىم.
... ...بۇ تېما پەلسەپە بلوگى(http://palsapa.blogbus.com) باشقۇرغۇچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن يۆتكەپ كېلىندى، ماقالە ئەسلى مەنبەسى: http://palsapa.blogbus.com/logs/35379901.html#cmt