-
ئۇيغۇرتىلىغا ئائىت ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر (رەسىملىك) - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]
2009-02-20
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35469535.html
خەلق ئېغىز ئاخبارات ئاگېنىتلىقى خەۋىرى: خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى ھارپىسىدا ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ كەڭ تەشۋىق قىلىشى نەتىجىسىدە يالغۇز دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر تىلى قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۇپ كەينى كەينىدىن بۇ ھەقتە ھەرتۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.
دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنۋىرسىتىتلار ھەرتۈرلۈك كۆرگەزمە پائالىيەتلىرىنى ئويۇشتۇردى:
ئاۋات كوچا– كويلارغا ھەرتۈرلۈك تەشۋىقات رەسىملىرى چاپلاندى:
دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق گېزىتلەردە ئۇيغۇرتىلى ھەققىدە خەۋەرلەر باش بەتتىن ئورۇن ئالدى:
گېزىتتە كۆرسىتىلىشىچە دۆلىتىمىز ئۇيغۇرتىلىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ يېڭى يىللىق ئاتكىرىتكىلار ئۈچۈن مەخسۇس پوچتا ماركىسى تارقىتىپ ئۇيغۇرتىلىنى خاتىرلىگەن:
خەلقئارالىق چوڭ گېزىتلەردىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەرلەر بېرىلدى:
بۇ خەۋەردە يەنە روسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پۇتتىننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مەزگىلىدىكى ئىچكى كابىنىت يىغىنىدا مەخسۇس ئۇيغۇرتىلى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئاشكارىلاندى:
ئىزاھات: بۇ پېقىرنىڭ خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى ئۈچۈن ئازغىنە كۆڭلى، پەقەت كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىنى ئالغان، ئاناتىلىم بلوگى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ خەلقئارا ئانا تىل بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ!
قوشۇمچە: بۇ رەسىملەرنى ئىشلەشتە توردىشىمىز تۇيغۇمنىڭ ئاناتىلىم بلوگىغا سوۋغا قىلغان رەسىمى پايدىلنىلدى، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاناتىلىم بلوگىدىكى ئانا تىلغا ئائىت تەشۋىقاتلارغا قىزغىن ئاۋاز قوشىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا ئالاھىيدە تەشەككۈر!
收藏到:Del.icio.us

评论
تۆھپەم گۇناھىمنى بېسىپ چۈشسە تورداشلارمۇ ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن قىلغان يالغانچىلىقىمنى ئەپۇ قىلار دەپ ئويلايمەن.
سىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار ھەققىدىكى تېمىلىرىڭىز بىزدىكى ئاز بولمىغان بوشلۇقلارنى تولۇقلاپ كېلىۋاتىدۇ، نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
بلوگىڭىزنى دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويدۇم، بلوگىڭىز كۈنسېرى راۋاجلانغۇسى!
ئاللاھ شۇنداق بولۇشىغا نىسىپ قىلغاي!
يېقىندىن بېرى بلوگباس سۇپىسى ئارقا مۇلازىمىتىردا تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ بىزگە بەزى قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ ھەممە بلوگ سۇپىسىدا ئازدۇر– كۆپتۇر بولۇپ تۇرىدىغان مەسىلە، شۇڭا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق بولسۇن، ئېچىلمىسا كېيىنرەك ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ.
داۋاملىق كېلىپ تۇرۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن، دوستۇم.