-
ئۇيغۇرچە مۇستەقىل ئىزدەش ماتورىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى - [سەبۇرى ئىزدەش توربېكىتى]
2010-06-26
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/67216631.html
سەبۇرى ئىزدەش ماتورى قۇرۇلغان قىسقىغىنە يېرىم يىل ئىچىدە كەڭ تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىپ ئاز بولمىغان تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
نۆۋەتتە ھەر قايسى تور بېكەت ۋە مۇنبەرلەردە ئىزدەش ماتورى ھەققىدە سۆز بولسا سەبۇرىنى تىلغا ئالىدىغان ئەھۋالنىڭ كۆپىيىشى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ خۇشال قىلىدۇ. چۈنكى تېخىمۇ كىشىلەر سەبۇرى ئىزدەش ماتورىنىڭ ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ.
كۆپلىگەن مۇنازىرە مەزمۇنىدا يەنە سەبۇرىدا ئىزدەلگەن نەتىجىنىڭ ئازلىقى، ئىزدەش نەتىجىسىنىڭ دېگەندەك توغرا ئەمەسلىكىدەك مەسىللەر ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا سەبۇرى ئىزدەش ماتورى دىگەندەك ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ مۇشۇ سوئالغا بىر قەدەر تەپسىلىي جاۋاب بېرىش يۈزىسىدىن بۇ تېما يوللاندى.ئۇيغۇرچە مۇستەقىل ئىزدەش ماتورى ياساشنى سەبۇرى تور بېكىتى تۇنجى ئويلاپ تاپقانمۇ ئەمەس، ھەم شۇنداقلا نۆۋەتتە مۇستەقىل ئىزدەش سېستىمىسى ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى يالغۇز سەبۇرىلا ئەمەس. مۇستەقىل ئىزدەش ماتورلىرىدىن يەنە تورتاپ، شەيدايى، تولۇنئاي قاتارلىقلارمۇ بار. ئومۇمەن، بارلىق ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ئاساسىي مەسىلە بار:
1. ئىزدەش ماتورىنىڭ تېخنىكىلىق مەسلىسى. ئىزدەش ماتورى ئادەتتىكى تور بېكەتلەردىن ئالاھىيدە پەرقلىنىدىغان بولغاچقا ئۇ تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرىدىغان سېستىما تۈزۈش يۇقىرى تېخنىكا تەلەپ قىلىدۇ، كۆپچىلىككە مەلۇملۇق بولغان گوگېل ۋە بەيدۇ ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ كەينىدە نەچچە يۈزلىگەن دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئىنژىنىرلار كۈندە دېگۈدەك مىنۇت، سېكنۇت تالىشىپ ئىزدەش سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورىنى تۈزۈش ئۈچۈن كۈندە دېگۈدەك سېېستىما ئىقتىدارىغا تولۇقلاش قوشقاندىن سىرت، ئۈزلۈكسىز يېڭى بىلىملەرنى ئىگەللەشكە، يېڭى تېخنىكىلىق مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىزدەش ماتورىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىقتىدارلارنى ھازىرلىشى ئاسان ئىش ئەمەس.2. ئىزدەش ماتورى تور بېكىتىگە سېلىنىدىغان مەبلەغ مەسلىسى. ئىزدەش ماتورى بوشلۇقىغا يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ. زىيارەتچىلەر سانى، بوشلۇق سېغىمى ۋە ساندان سانىغا ھېچقانداق چەكلىمە بولماسلىق ئىزدەش ماتورىغا قويۇلىدىغان بىرىنجى شەرت. ئادەتتىكى 1G ياكى 2G بوشلۇقلارنى ئېلىپ چوڭ تىپتىكى ئۇنۋېرسال تور بېكەتلەرنى ياسىغىلى بولغان بىلەن. ئىزدەش ماتورى بىر ھەپتە ئىچىدە 20G سانداننى توشقۇزۇپ بولالايدۇ. دېمەك، بۇنىڭغا سېلىنىدىغان مەبلەغ سېلىنمىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىشى كېرەك. بولمىسا تېخنىكا مەسلىسىنى ھەر قانچە ياخشى قىلغان بىلەن ئىزدەش ماتورىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلىشتا ھامان چەكلىنىپ قالىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەرنى رازى قىلالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
3. تور بېكەت باشلىقلىرى مەسلىسى. ئىزدەش ماتورىنىڭ باشقا تور بېكەتلەرنى قوشۇۋېلىشى ئاساسلىق تور بەت يۈزىدىكى < ti tle>,
قىممەتلىرىگە ھۆكۈم قىلىش ۋە تور بېكەت چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ(ئەلۋەتتە، يالغۇز بۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ). ئۇيغۇرچە تور بېكەت باشلىقلىرىنىڭ تور بېكەتنى ئىلغارلاش بىلىمى دىگەندەك يۇقىرى ئەمەس. ئورنىغا كارى بولماسلىق ياكى خەنزۇچە، ئېنگلىزچە يېزىپ قويۇشتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئورۇنلارغا ئۇيغۇرچە يېزىلسا سەبۇرى ئىزدەش ماتورى تەرىپىدىن كۆپلەپ قوشۇلۇپلا قالماستىن، باشقا ئىزدەش ماتورلىرى تەرىپىدىنمۇ كۆپلەپ قوشۇلىدۇ. چۈنكى قىممىتىدا بولغان مەزمۇن چوقۇم شۇ بەت ئۈستىدىمۇ بولسا ئىزدەش ماتورى بۇنى ئۈنۈملۈك بىر يېڭى بەت دەپ تونۇيدۇ. ئۇندىن باشقا چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى بىر بەتتىكى ئۇلانغان ئۇچۇرلاردىن يېڭى بەتلەرنى ئېچىش ئارقىلىق ئېچىلغان بەتلەرنى يەنە قوشۇشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: بىر تور بېكەتنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى 1 قىلىپ بەلگىلەنسە، ئىزدەش ماتورى شۇ تور بېكەتنىڭ باش بېتى ۋە باش بەتتىكى ئۇلىنىش قىلىنغان بارلىق تور بەتلەرنى قوشىدۇ. ئەگەر چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى 2 بولسا، ئىزدەش ماتورى شۇ تور بېكەتنىڭ باش بېتى ۋە باش بەتتىكى ئۇلىنىش قىلىنغان بەتلەر، ھەم شۇنداقلا باش بەتكە ئۇلىنىش قىلىنغان بەتلەر ئۈستىدىكى ئۇلىنىش قىلىنغان بەتلەرنىمۇ ئۇچۇر ئامبىرىغا قوشۇۋالىدۇ.
دېمەك. چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى ئوخشاش قىلىپ قوشۇلغان ئەھۋال ئاستىدا باش بەتتىكى مەزمۇن قانچە كۆپ بولغان تور بېكەت باشقا تور بېكەتلەرگە قارىغاندا كۆپ پايدا ئالىدۇ. ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە باش بەتكە سەھىپىلەرگە رەسىم ئىشلەپ ئۇلىنىش قىلىپ قويىدىغان بەتلەر ئاز ئەمەس. بۇ تور بېكەتلەر ئىزدەش ماتورلىرى تەرىپىدىن بەك ئاز قوشۇۋېلىنىدۇ.
دېمەك، ئىزدەش ماتورى بېكىتىنى تۈزۈش بىلەن بىرگە ھەر قايسى تور بېكەت باشلىقلىرىغا تور بېكەت قوشۇۋېلىش قائىدىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىشمۇ ئىزدەش ماتورى تور بېكىتىنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيتى.يۇقىرى 3 مەسىلىنى ھەل قىلىش قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يەتكىلى بولىدىغان نىشان ئەمەس. بىراق شۇنىسى ئېنىقىكى سەبۇرى تور بېكىتى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئالغا ئىلگىرىلەپ مېڭىۋاتىدۇ، يۇقىرى مەسىللەرنى ھەل قىلىش خىزمىتى كۈندە دېگۈدەك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. كەڭ تورداشلىرىمىزنىڭ ئۆز تورچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە قىممەتلىك تەنقىدىي تەكلىپ- پىكىرلەرنى بېرىشىنى، يېقىندىن مەدەت بېرىپ قوللىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. بىز ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتىمىز!
مەنبە: http://www.seburi.com/help/
收藏到:Del.icio.us

评论
ئۇزۇن بوپتۇ بلوگبۇسغا كەلمىگىلى.كەمىنە ئۇيغۇربەگ تۇراسىمۇ سەبۇرى ئىزدەش ماتورىدا تېپىلمايدىكەن~~
ئەمسە شۇ دەرىسلىكنى يوللىغاندا بلوگىڭىزغىمۇ يوللاشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىز. بلوگگىرلار بۇنىڭغا ئىنتايىن قىززىقىدۇ دەپ قارايمەن. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم.
ئەمسە شۇ دەرىسلىكنى يوللىغاندا بلوگىڭىزغىمۇ يوللاشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىز. بلوگگىرلار بۇنىڭغا ئىنتايىن قىززىقىدۇ دەپ قارايمەن. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم.