-
–ئالىمجانغا نېمە بولدى؟
–ئۇ ئۆگېنىشنى ياقتۇرمايدۇ، ئۆگېنىشتىن بىزار، ھەتتاكى ئۆگېنىشكە ئىچ– ئىچىدىن ئۆچ.
–نىمىشقىدۇ؟
–چۈنكى ئۇ ئىمتاھانلاردا دائىم ئۆتەلمەيدۇ. خەنزۇتىلىدىن ئۆتەلمىگەنلەر ئىچىدىمۇ ئۇ بار، فىزىكىدا ئۆتەلمىگەنلەر ئىچىدىمۇ ئۇ بار، يەنە تېخى فىزىكا ئوقۇتقۇچىمىز قىزىل رەڭلىك قەلەم بىلەن ئۇنىڭ ئىمتاھان قەغىزىگە : «قەغەز يۈزى رەتسىز، پىكىر يولى قالايمىقان، قارىماققا ئادەم يازغاندەك قىلمايدۇ!» دەپ باھا سۆزى يېزىپ قويۇپتۇ.
ئۇ بىرىنجىلىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايدۇ، بىراق ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆزىنىڭ بىرىنجى بولالايدىغانلىقىغا كۆزى يەتمەيدۇ. بۇرۇنقى ۋاقىتلارنى ئويلاپ كۆرسەك، ئۇنىڭمۇ ناھايىتى دەۋر سۈرگەن ۋاقىتلىرى بولغان: باشلانغۇچتا ئۇدا ئالتە يىل ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولغان، شەھەرلىك «ئۈمىد لوڭقىسى» مۇسابىقىسىدە ئىككىنجى بولغان، باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندە تولۇقسىزغا ئىمتاھانسىز قوبۇل قىلىنغان. بىراق، تولۇقسىزغا چىققاندىن كېيىن بىرىنجى قېتىملىق سەۋىيە مۆلچەرلەش ئىمتاھانىدا، ئۇ 22. بولۇپ قالدى، شۇنىڭدىن ئېتبارەن، ئالىمجان ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتتى، ھەتتا ئۇ ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان فىزىكا دەرسلىكىنىمۇ خالىسا ئاڭلاپ، خالىمىسا ئاڭلىمايدىغان بولدى، تاپشۇرۇقلارنىمۇ ئەستايىدىل ئىشلىمەس بولدى... -
ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانى ۋە مۇھەببەتلىشىش - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-03-26
تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانىغا قاتنىشىش بىلەن مۇھەببەتلىشىش ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. ئەگەر سىز ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانى بىلەن مۇھەببەتلىشىش ئوتتۇرىسدىكى كىچىككىنە مۇناسىۋەتنى تونۇپ يەتسىڭىز، ھەم شۇنداقلا مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاسپىرانىتلىققا يېتەكچىلىك قىلىسىڭىز، ئىشىنىمەنكى سىز ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانىدا چوقۇم غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز.
-
2010.يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىش ۋاقىت جەدۋىلى - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-03-06
باسقۇچ
ۋاقتى
مەزمۇنى
تەييارلىق باسقۇچى
2008.11–2009.1
ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ۋە ھەقسىز لىكسىيەلەرنى ئاڭلاش
2009.2–2009.3
ئاسپىرانتلىق ئوقۇش نىشانىنى بېكىتىپ، ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنىڭ يۈزلىنىشىگە دائىر لىكسىيەلەرنى ئاڭلاش. ئاسپىرانتلىق ئوقۇشتا كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك قاتارلىق بارلىق كەسىپ ئۇچۇرلىرىنى ئىگەللەش. تەكرار قىلىشنى باشلاش.
مۇزاكىرە قىلىش دەسلەپكى باسقۇچى
2009.4–2009.5
بىرىنجى باسقۇچلۇق تەكرار: ئاساس سىنىپلىرىغا تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ، بولۇپمۇ ماتېماتىكا سىنىپى ۋە ئىنگىلىزتىلى سىنىپىغا. تەقلىدىي ئىمتاھان سوئالى ئىشلەشكە ئالدىرىماڭ، ئاساستىن باشلاپ تەكرار قىلىڭ.
2009.6–2009.7
ئاممىۋى پەنلەرنىڭ ئىمتاھان تېزىسىغا دىققەت قىلىڭ، ئەڭ يېڭى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىپ، يازلىق تەتىللىك تەكرار قىلىشنى باشلاڭ
-
مېنىڭ ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىشتىكى تەجرىبەم
My experience English learning
نەسرۇللا ئابدۇغېنى
Nasirulla Abdugheny -
2008.يىللىق «ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام غوللۇق ئىختىساسلىقلار » ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-02-22
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2008-يىللىق «ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام غوللۇق ئىختىساسلىقلار » ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ تىزىملاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى
زۇلقەر ھۈسەيىن تەرجىمىسى
ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىغا :
«ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام غوللۇق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش پىلانى »ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئارقىسىدا ، شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت غوللۇق ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاستىگە ئايلاندى . ھازىر مائارىپ مىنىستىرلىقى 2008-يىللىق «ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام غوللۇق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش پىلانى »نى ھەرقايسى ئۆلكە ، شەھەر ، ئاپتونوم رايونلارغا چۈشۈردى . بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزغا چۈشۈرۈلگەن ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش پىلانى ئومۇمىي سانى 347 نەپەر (ھەربىي قىسىمدىن 65 نەپەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) . -
قاردىكى ئايرىلىش - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-02-12
تونۇش ئاياق ئاۋازى ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىن بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلدى. قار ئاياق ئاستىدا ئېزىلگەندە چىقارغان غىچىلدىغان ئاۋاز ئۇنىڭغا شۇنچىلىك تونۇش بىلىنمەكتە ئىدى. ئاياغ ئاۋازى ئۇنىڭ ئارقىسىغا كېلىپ توختىدى. ئۇ بېشىنى ئىككى قولىنىڭ ئارىسىغا ئېلىۋېلىپ مۇز قاتقان دەرياغا قاراپ مىدىرلىماي ئولتۇراتتى. قىزنىڭ ئارقا تەرەپتە ئۆزىگە قاراپ تۇرغىنىنى بىلدىيۇ، لېكىن ئارقىسىغا ئۆرۈلمىدى. قىز سۈكۈت ئىچىدە خېلى ئۇزاق تۇرغاندىن كېيىن ئاخىرى ئېغىز ئاچتى:
_سەردار...... -
ئانا - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-02-09
جاھاندا ھەممىدىن پاك ۋە نۇقسانسىز،
نە ئالتۇن، بىباھا گۆھەر،تەڭداشسىز.
بارلىقىنى پەرزەنتچۈن ئاتاپ مىننەتسىز،
بارمىدۇر سېنىڭدىن ئۇلۇغ زات ئانا.... ...
-
ياشلىق نىداسى - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-02-08
ئېھ، ياشلىق !!! ياشلىق سەن ھېچنىمىگە پىسەنت قىلمايسەن، سەن خۇددى پۈتكۈل كائىناتتىكى ھەممە بايلىقلارنى ئۆزۈڭگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن، قايغۇمۇ ساڭا تەسەللىي بېرەلەيدۇ، ھەسرەتنىڭمۇ ساڭا ياردىمى بار، سەن ئىشەنچكە تولغان، يۈرەكلىك. سەن ئېيتىسەنكى: قاراپ تۇر، مەنلا ھايات. لېكىن سېنىڭ كۈنلىرىڭمۇ ئاستا- ئاستا ئۇچۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئازراقمۇ ئىز قالدۇرماستىن ، ... ...
-
يېشىللىق ئەلچىسى ---- نۇرئەلى ياسىن - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-02-07
ياشلىرىمىزنىڭ ئۈلگىسى، قەلبىگە ئۇلۇغ ئارزۇلارنى پۈككەن ۋە شۇ ئارزۇسى يولىدا توختىماي تىرىشىۋاتقان جاسارەتلىك ئوغلان نۇرئەلى ياسىن 2008- يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن كۈتىۋېلىش، شۇنداقلا دۇنيا جىنىس رىكورتىغا جەڭ ئېلان قىلىش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا غالتەكلىك ئاياغ بىلەن مېڭىشنى پىلانلىدى ۋە دادىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ سەپەرگە ئاتلاندى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي لىنىيە ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغىچە، ئومۇمىي مۇساپە 5000 كېلومېتىر بولۇپ، سائىتىگە 10~15 كېلومېتىرغىچە، كۈنىگە 80~ 100 كېلومېتىرغىچە، كۈندىلىك ئارام ئېلىش ۋاقتى 10 سائەت، پائالىيەت ۋاقتى 10 سائەت، تاماق ۋاقتى 4 سائەت بولۇپ، مۇشۇ پىلان بويىچە 65 كۈن ئىچىدە پۈتكۈل مۇساپىنى تاماملاپ چىقىش پىلانلانغان .
-
غەربى شىمال سانائەت ئۇنۋېرستىتى - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-02-06
غەربىي شىمال سانائەت ئۇنۋېرسىتتى مەملىكىتىمىزدىكى بىردىنبىر ئاۋىئاتسىيە، ئالەم ئىشلىرى،دىڭىز قاتنىشى قۇرۇلۇشى مائارىپى ۋە تىخنىكا تەرەققىياتىنى ئاساسى گەۋدە قىلغان، سانائەت پەنلىرىنى ئاساس، باشقۇرۇش،فىلولوگىيە،ئىقتىساد- قانۇن پەنلىرىنى قوشۇمچە قىلغان، تەتقىقات خاراكتېردىكى كۆپ پەنلىك، ئېچىۋىتىلگەن ئىلىم- پەن تىخنىكا ئۇنۋىرسىتتى.
دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە «985 قۇرلۇشى» ۋە «211 قۇرلىشى» غا كىرگۈزۈلۈپ، نۇقتىلىق قۇرۇلغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى.
مەزكۇر مەكتەپ تارىخى، مەدەنىيىتى دۆلىتىمىز ئىچى- سىرتىغا داڭلىق بولغان قەدىمىي ئاستانە شىئەن شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، ھازىر «دۆلەت مۇداپىئە پەن- تىخنىكا سانائەت ھەيئىتى» گە بىۋاستە قاراشلىق.