• سەبۇرى ئىزدەش تورى ئىشقا كىرىشكەنلىكىنىڭ بىر يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن.

     

    ھەش- پەش دىگۈچە بىر يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، « ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر ئامبىرى تۈزۈش، كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە تور بېكەت مۇھىتى يارىتىش» نىشانى بىلەن ئەسلىدىكى سەبورى ئېلېكتىرون كۇلۇبى (ئېلېكتىرون ھەۋەسكارلىرى مۇنازىرە مۇنبىرى) نى سەبۇرى ئىزدەش تورى قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئېلان قىلغانغا دەل بىر يىل بولدى. بۇ بىر يىلدا بىز نېمە ئىش قىلدۇق، يەنە نېمە ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك؟ كەمىنە مەردان ئەخمەت، سەبۇرى تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سەبۇرى تور بېكىتىنىڭ ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بارلىق ئاكتىپ قوللىغۇچىلار، سادىق تور بېكەت زىيارەتچى ئەزالىرىغا ئاز-تولا ئويلىغانلىرىمنى ئورتاقلىشىپ كۆرۈشنى لايىق تاپتىم.

  • تېخىمۇ كۆپ تور بېكەت ھەۋەسكارلىرىغا ھەقسىز، قولايلىق بولغان ئەمەلىي ئۆگېنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش يۈزىسىدىن. سەبۇرى ھەقسىز تور بوشلۇق مۇلازىمىتى يولغا قويۇلدى. ئادرىسى:

    http://www.seburi.com/my

     نۆۋەتتە توربېكەت قۇرۇش ئويىدا بولغان كونا- يېڭى ھەۋەسكارلار 10 MB لىق ھەقسىز بوشلۇقنى ئىلتىماس قىلىپ ئىشلىتەلەيدۇ. بۇ ھەقسىز تور بوشلۇقىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى چىقىش قىلىپ نۆۋەتتە asp ۋە php قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك توربېكەت سېستىمىسى ھۆججەتلىرىنى يوللاش ئىقتىدارى چەكلەندى. باشقا ئالاھىيدە ئېھتىياجى بار تورداشلار باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىلتىمسا قىلىپ ئېرىشسە بولىدۇ.

  • سەبۇرى ئىزدەش ماتورى قۇرۇلغان قىسقىغىنە يېرىم يىل ئىچىدە كەڭ تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىپ ئاز بولمىغان تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
    نۆۋەتتە ھەر قايسى تور بېكەت ۋە مۇنبەرلەردە ئىزدەش ماتورى ھەققىدە سۆز بولسا سەبۇرىنى تىلغا ئالىدىغان ئەھۋالنىڭ كۆپىيىشى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ خۇشال قىلىدۇ. چۈنكى تېخىمۇ كىشىلەر سەبۇرى ئىزدەش ماتورىنىڭ ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ.
    كۆپلىگەن مۇنازىرە مەزمۇنىدا يەنە سەبۇرىدا ئىزدەلگەن نەتىجىنىڭ ئازلىقى، ئىزدەش نەتىجىسىنىڭ دېگەندەك توغرا ئەمەسلىكىدەك مەسىللەر ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا سەبۇرى ئىزدەش ماتورى دىگەندەك ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ مۇشۇ سوئالغا بىر قەدەر تەپسىلىي جاۋاب بېرىش يۈزىسىدىن بۇ تېما يوللاندى.

    ئۇيغۇرچە مۇستەقىل ئىزدەش ماتورى ياساشنى سەبۇرى تور بېكىتى تۇنجى ئويلاپ تاپقانمۇ ئەمەس، ھەم شۇنداقلا نۆۋەتتە مۇستەقىل ئىزدەش سېستىمىسى ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى يالغۇز سەبۇرىلا ئەمەس. مۇستەقىل ئىزدەش ماتورلىرىدىن يەنە تورتاپ، شەيدايى، تولۇنئاي قاتارلىقلارمۇ بار. ئومۇمەن، بارلىق ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ئاساسىي مەسىلە بار:

  • سەبۇرى تور بېكىتى بەيدۇ ئېلان ھەمكارلىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ ئاز بولسىمۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتقىنىغا 2 ئايچە ۋاقىت بولۇپ قالدى. بەيدۇ ئېلان تورىدىن ئاز-تولا نەپكە ئېرىشكەندىن كېيىن باشقا ئۇيغۇر تورداشلارغا ياردىمى بولسىكەن دىگەن ئۈمىدتە بۇ ھەقتە تېمىلارنى ئېلان قىلىپمۇ باقتۇق.بۇ ئىككى ئاي جەريانىدا ئاز بولمىغان بېكەت باشلىقلىرى ئۆزىنىڭ بەيدۇ ئېلان ھەمكارلىقىغا كىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىراق بىر قانچە قېتىم ئىلتىماس سۇنۇپمۇ تەستىقلىتالمىغانلىقىنى ئېيتتى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ تېمىنى يېزىش ئېھتىياجى تۇغۇلۇپ قالدى.

    بۇ يەردە بىز ئېلان ھەمكارلىقى ۋە ئېلان ھەمكارلىق قائىدىسىنىڭ گېپىنى قويۇپ ئەمەلىي يۈز بەرگەن ئىشتىن سۆز ئېچىپ باقايلى:
    سەبۇرى تور بېكىتى www.seburi.com تور نامىنى ئىشلىتىپ قۇرۇلغىنىغا 4 ئاي بولغاندا(شىنجاڭ تورى ئېچىلمىغان شارائىت ئاستىدا)، كۈنلۈك ئوتتۇرىچە زىيارەت ئادەم 200، زىيارەت قېتىم سانى 1000 ئەتراپىدا، دۇنيا دەرىجىسى ئالدىنقى 8 مىليوننىڭ ئىچىدە بولغان سەۋىيە بىلەن بەيدۇنىڭ ئېلان ھەمكارلىق تەستىقىدىن ئۆتتى. ئىشىنىمەنكى، كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر مەيلى زىيارەت سانى ياكى دۇنيا دەرىجىسىدە بولسۇن يۇقىرىقىلاردىن خېلى ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئۇنداقتا نېمىشقا ئېلان ھەمكارلىقىغا ئىلتىماس قىلسا تەستىقلانمايدۇ؟

  • يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە كەڭ تورداشلىرىمىزنىڭ ئىزدەش تور بېكىتىنىڭ ئاددى، قولايلىق بولمىغانلىقىغا قارىتا بەرگەن ئىنكاسىنى ئويلىشىپ، ھەرقايسى سەھىپىلەرگە قارىتا ئاددىيلاشتۇرۇش ئېلىپ باردۇق. بولۇپمۇ باش بەتتىكى تەۋسىيە سەھىپە، تەۋسىيە ھالىقلىق سۆز، شۇنداقلا...
  • كەڭ ئۇيغۇر پۇتبول ھەۋەسكارلىرى قېرىنداشلىرىمىزغا تور بېكەت سۇپىسى ئارقىلىق ئازغىنا بىر ئىش قىلىپ بېرىش مەقسىتىدە 2010.يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپە بېتىنى ئېلان قىلدۇق.
    http://www.seburi.com/2010...