-
ئۇيغۇرتىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرى - [ئۇيغۇر تىل-يېزىق مەدەنىيتى]
2009-10-11
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/48126242.html
1. ئۇيغۇر تىلى قايسى تىل تۈركۈمى ۋە قايسى تىل تارمىقىغا كىرىدۇ ؟
جاۋاب : ئۇيغۇرتىلى ئالتاي تىللىرى سىستىمىسىنىڭ تۈركىي تىللار تۈركۈمى ، شەرقىي تۈرۈك تىلى تارمىقىغا كىرىدىغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمكى تىللارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ . ئۇيغۇرلار ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئەزەلدىن ئۇيغۇرتىلىنى ئۆزىنىڭ ئالاقە قورالى قىلىپ كەلدى ، ئۇيغۇرتىلى بۇ ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن بۇيان فۇنېتىكا ، لېكسىكا ، گىرامماتىكا جەھەتلەردىن ئۆزىنىڭ ئىچىكى قانۇنىيىتى بويىچە تەرەققىي قىلىپ ، ھەر جەھەتتىن بېيىپ ، تاكامۇللىشىپ ، ئىلمىيلىشىپ بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلدى .
2.سۇغدى يېزىقىدا يېزىلغان مەدىنىيەت يادىكالىقلىرى قەيەردىن تېپىلغان ؟ ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقىنى قاچان قوللانغان ؟
جاۋاب : شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ، جۈملىدىن تۇرپان ناھىسىنىڭ يالقۇنتاغ يېزىسى قاراغوجا ( قاراجۇچۇ) مەھەللىسىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قانچە قەدىمكى قەبرىدىن جەسەت بىلەن بىللە تېپىلغان مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە سوغدى يېزىقى بىلەن پۈتۈلگەن خاتىرلەر تېپىلدى . ئارخولوگىيە ئىلمىي ۋە تارىخىي ماتىرياللارنىڭ دەللىلىشىگە ئاساسلانغاندا بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى 4- 5 ئەسىرلەردە قوللانغان .
3.ئورخون يىنسەي يېزىقى نېمە ئۈچۈن شۇنداق نام بىلەن ئاتالغان ؟ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق ناملىرى بار ؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان ؟
جاۋاب : جۇڭگۇ ۋە چەتئەل ئالىملىرى بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى موڭغۇليىدىكى ئورجۇن دەرياسى ۋادىلىرىدىن ھەم سىبىريىدىكى يېنسەي دەرياسى بويلىرىدىن تېپىلغاچقا ، تېپىلغان ئورنىغا قاراپ ئورجۇن - يېنسەي يېزىقى دەپ ئاتالغان . شۇ ۋاقىتتا بۇ يىزىقنى ئىشلەتكەن ئاساسىي خەلىقىنىڭ نامىغا قاراپ قەدىمكى تۈرۈك يېزىقى دېگەن ناملار بىلەن ئاتىغان . بۇ يېزىق يەنە شەكىل جەھەتتىن شىمالىي ياۋرۇپادىن تېپىلغان قەدىمكى گېرمانلار ئىشلەتكەن رونىك يېزىقىغائوخشاپ قالغانلىقى ئۈچۈن ، قەدىمكى تۈرۈك - رونىك يېزىقى دەپمۇ ئاتالغان . شۇنداقلا تۈركىي خەلقلەر بۇ يېزىقنى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ئىشلەتكەن بولغاچقا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى يېزىق دەپمۇ ئاتالغان . بۇ ناملار پەقەت يېزىقشۇناسلار ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ناملار ئىدى . بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە بۇ يېزىقىنىڭ ئەسلى دولبارچىن يېزىقى دەيدىغان نامىنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇمات بىزگە كېيىنرەك مەلۇم بولدى .4.ئورقۇن - يېنسەي يېزىقىداقانچە ھەرپ بار ؟ ئۇلار قانداق يېزىلىدۇ ؟ ئۇ قانداق يېزىق ؟
جاۋاب : ئورقۇن - يېنسەي يېزىقىدا 39 ھەرپ ، بىر ئايرىش بەلگىسى بولۇپ ، بۇ ئىلىپەلىك يېزىق بىلەن بوغۇملۇق يېزىقنىڭ ئارلاشمىسىدۇر . ئورقۇن - يىنسەي يېزىقى ئومۇمەن ، ئوڭدىن سولغا قاراپ توغرىسىغا يېزىلىدۇ . لېكىن ، يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرىدا سولدىن ئوڭغا يېزىلغان ، ئايرىم مەڭگۈ تاشلاردا بىر قۇرى ئوڭدىن سولغا ، يەنە بىر قۇرى سولدىن ئوڭغا زەنجىرسىمان ئۇلاپ يېزىلغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ . بۇ يېزىقتا تۆت ھەرپ سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى ، 31 ھەرپ 18 ئۈزۈك تاۋۇشنى ، بەش ھەرپ قوش ھەرپلىك بوغۇملارنى ئىپادىلەيدۇ . سۆزلەر بىر - بىرىدىن قوش چىكىت ( : ) ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ . ئايرىم ئورۇنلاردا << ~ >> بەلگىسى سۆز ئايرىش بەلگىسى ئورنىدا قوللىنىلىدۇ .كۆچۈرۈلگەن مەنبە: سەھرالىق بلوگى
http://sahralik.blogbus.com/logs/31959583.html
历史上的今天:
ئۇيغۇر يۇرت ئىسىملىرىنىڭ مەنىسىنى بىلىۋىلىڭ 2009-10-11ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئورنى (2) 2009-10-11
收藏到:Del.icio.us

评论
نە گۇناھىڭ بارتى ئانا تىل،
توربەتچىلەر- تورچى ئالدىدا.