-
سەبۇرى تور بېكىتىدىكى ئۆزگىرىش ھەققىدە - [سەبۇرى ئىزدەش توربېكىتى]
2010-06-02
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/64959949.html
يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە كەڭ تورداشلىرىمىزنىڭ ئىزدەش تور بېكىتىنىڭ ئاددى، قولايلىق بولمىغانلىقىغا قارىتا بەرگەن ئىنكاسىنى ئويلىشىپ، ھەرقايسى سەھىپىلەرگە قارىتا ئاددىيلاشتۇرۇش ئېلىپ باردۇق. بولۇپمۇ باش بەتتىكى تەۋسىيە سەھىپە، تەۋسىيە ھالىقلىق سۆز، شۇنداقلا دوستانە ئۇلىنىش ئورۇنلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلىدۇق. باش بەتكە قويۇلغان ئېلاننىمۇ سول تەرەپ ئاستىدىكى بۇرجەككە يۆتكىۋەتتۇق.
ئۈستى قىسىم سەھىپىلەر بىردەك رەتكە سېلىنىپ بىرلا ئۇيغۇرچە سۆزلۈك سەھىپە نامى قوللىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
نۆۋەتتە بىر قىسىم تور بېكەت باشلىقلىرى ئۆز تور بېكىتىنى باش بەتكە ئۇلىنىش قىلىنماپتۇ، دەپ سەبۇرىنى دوستانە ئۇلىنىش قىلىشتىن قالدۇرىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بىراق سەبۇرى تور بېكىتى ئىزدەش تور بېكىتى، ھەقىقىي تۈردىكى ئىزدەش ماتورى بولۇپ، بىزنىڭ باشقا تور بېكەتلەرگە قارىتا ھەمكارلىقىمىز باشقا كۆپ قىسىم تور بېكەتلەرگە ئوخشاش يالغۇز دوستانە ئۇلىنىش قىلىش بىلەن چەكلەنمەيدۇ، ئىزدەش ماتورىدىكى ئۇچۇرلار ۋە ئۇلىنىش بېتىدىكى تور بېكەتلەر، شۇنداقلا تور بېكەتلەرنى دەرىجىگە تىزىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىزنى قوللىغان ۋە دوستانە ئۇلىنىش قىلغان تور بېكەتلەر ئۈچۈن ھەقسىز ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىز كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق بىزنى قوللىغان تور بېكەتلەرنى ھەقسىز تەشۋىق قىلىپ بېرىمىز.
ئېلان ئورنى بىر بۇرجەككە يۆتكىۋىتىلگەن بولسىمۇ، كەڭ تورداشلارنىڭ تور بېكەتنى ئىشلىتىش تەسىراتى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا، شۇڭلاشقا ئېلان كىرىمىمىزنىڭ ئازلاپ كېتىشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تور بېكەت زىيارەتچىلىرىنىڭ كۆپىيىشى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىز ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم. ئۇزاق مەزگىللىك سىجىل تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ توغرا تاللاشتۇر.
收藏到:Del.icio.us

评论