-
خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]
2009-02-07
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34715312.html
قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى: 1999.يىلى نويابىر، ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي چوڭ يىغىنىدا : «2000.يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 21.فېۋرال كۈنى خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى(International Mother Language Day) قىلىپ بېكىتىلىدۇ. » دەپ ئېلان قىلىندى. تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.
خاتىرىلەش كۈنىنىڭ كېلىپ چىقىشى: 21.فېۋرالنى خەلىقئارالىق ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتىش ئەينى يىلى بېنگال مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 1952.يىلى، بېنگال يەنىلا پاكىستانغا تەۋە چاغدا، بېنگال خەلقى بېنگال تىلىنى ھۆكۈمەت تەرىپدىن قوللىنىش ئېتراپ قىلىنغان تىللارنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزگەن. شۇ يىلى 21. يانۋار كۈنى ساقچىلار نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق ئۈزۈپ، بەش نەپەر نامايىشچى قازا قىلغان. بېنگال مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بۇ «تىل شەھىدلىرى(Language Martyrs)» گە خاتىرە مۇنارىرى تىكلىگەن.
ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1999.يىلى قارار ماقۇللاش ئارقىلىق ھەر يىلى 21. فېۋرال كۈنىنى خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، ئانا تىلنى قوللىنىش ئارقىلىق تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 8 يىلدىن بېرى مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىق خىتابنامىسى»، «مەدەنىيەتنى ئىپادىلەشنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئەھدىنامىسى» شۇنداقلا «تور بوشلۇقىدا كۆپ خىل تىلنى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش تەۋسىيەسى» قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تىل مەسلىسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك چارە– تەدبىرلەتنى قوللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەلقئارادىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ دۇنياۋىلىشىشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن دۇنيادىكى تىللارنىڭ كۆپ خىللىقى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىماقتا. ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى سىتاستىكىلىغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە دۇنيادا 7000دىن ئارتۇق تىل بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 97 پىرسەنىت نوپۇسىدىكى ئادەملەر پەقەت 4 خىللا تىلنى قوللىنىدۇ، پەقەت تۆتتىن بىر قىسىم تىللارلا مەكتەپ ۋە ئېنتېرىنىتتا قوللىنىلىدۇ. نەچچە مىڭلىغان تىللار ئاساسەن دىگۈدەك مائارىپ سېستىمىسى، خەۋەر– ئاخبارات ، نەشىرىيات ئورۇنلىرى ۋە ئاممىۋىي سورۇنلارغا كىرەلمەيدۇ. ئەگەر جىددىي چارە قوللىنىلمىغاندا، 7000دىن ئارتۇق تىلنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ يوقىلىپ كېتىشى مۇقەررەر.دۆلىتىمىزدە 2006.يىلىدىن تارتىپ ئۇدا ئۈچ يىل خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى خاتىرلەنگەن بولۇپ، ھەر قايسى يىللىق خاتىرە پائالىيتىنىڭ تېمىسى ئايرىم– ئايرىم ھالدا «ئانا تىل مائارىپىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرايلى!(“推广母语教育,弘扬多元文化”)»، «كۆپ خىل مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئورتاق ئىناق دۇنيا قۇرايلى! (弘扬多元文化,共建和谐世界”)»، «كۆپ خىل مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىرلىكتە قارشى ئالايلى! (“弘扬多元文化,共迎北京奥运”)» بولغان. 2008.يىلى 4. ئاپرىل ب د ت نىڭ «2008.يىللىق دۇنيا تىلى يىلى توققۇزىنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئانا تىلى كۈنى پائالىيتى» بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن.
2008.يىللىق خەلقئارا ئانا تىل خاتىرە كۈنى تەشۋىقات رەسىمى
خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى خاتىرلەش پائالىيتى ئېچىلىش مۇراسىمى، ئاۋسترالىيە، سېدنىي، 2006.يىلى 19.فېۋرال
جوڭگو مائارىپ خەلقئارا ئالاقىلىشىش جەمئىيتىنىڭ رەئىسى 2007.يىللىق خەلقئارالىق ئانا تىل خاتىرە كۈنىگە ئاتاپ سۆز قىلماقتا
(تېمىنىڭ داۋامىغا ماتېرىيال توپلىنىۋاتىدۇ)
قوشۇمچە:
ب د ت نىڭ خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمىغا ئاتاپ ئىشلىگەن تور بېتى:http://www.un.org/depts/dhl/language/index.html
http://webworld.unesco.org/imld/
ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى ھەققىدە
ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى(United Nations Educational, Scientific and Cultural Organization -- UNESCO) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەخسۇس قارايدىغان ئورۇن. 1945.يىلى 16. نويابىر لوندوندا «ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلات قائىدىسى» ماقۇللانغان. 1946.يىلى 4. نويابىر پارىژدا رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. باش شىتابى فىرانسىيەدە. بۇ تەشكىلاتنىڭ تور بېكىتى:http://www.unesco.org . تەپسىلىي ئادرىسى :7, place de Fontenoy 75352 Paris 07SP, Franceبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا مۇناسۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلار:
http://baike.baidu.com/view/10718.htm
پايدىلىنىلغان تېمىلار:
http://anatil.blogbus.com/logs/34593057.html
http://baike.baidu.com/view/101674.htm
http://news.qq.com/a/20080411/015276.htm
历史上的今天:
Alimama نىڭ بلوگ ھەمكارلىق پىلانى 2009-02-07International Mother Language Day 2009-02-07Uyghur language 2009-02-07يېشىللىق ئەلچىسى ---- نۇرئەلى ياسىن 2009-02-07
收藏到:Del.icio.us

خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى
Blog:ئۇيغۇربەگ تور تۇراسى2009-09-24 17:40:24يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (2) - [ئانا تىل]
Blog:گۈللە مىللتىم2009-06-05 15:51:07marjan
Blog:marjan2009-03-14 01:10:20
评论
قائىدە بويىچە 78.la دىكىسى يېڭى بلوگىم بولىدۇ. مەن قارىسام ئۇ يەردىكى كونا بلوگچىلار كۆچۈپ چىقىۋېتىپتۇ، مەن ئەكىسىچە ئىش قىلىپ بۇ يەردىكى بلوگنى ياساپ 2 ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇيغۇرچە بلوگ سۇپىسىغىمۇ بلوگ قۇرۇپ قويدۇم.
داۋاملىق كېلىپ تۇرۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن!
ئاناتىل بايرىمىمغا مۇبارەك بولسۇن .
كەڭ بلوگچى دوستلىرىمىزنىڭ قىزغىن ياردىمى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، ئىنشائاللاھ، ئاناتىلىم بلوگى خېلى ياخشى تەرەققىي قىلىپ مېڭىۋاتىدۇ. ئاللاھ خالىسا بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلەر داۋاملاشقۇسى!
بۇ يىللىق بايرام ۋاقتى كىلىپ قالدى ، شۇڭا مۇمكىن بولسا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى كۆپرەك كىشىلەر بىلسە ياخشى بولاتتى............
logs/35011024.html
ئون نەچچىلىگەن بلوگلارمۇ بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ئاراقا– ئارقىدىن ئېلان تەشۋىقات قىلىپ بېرىۋاتىدۇ، ياكى مەخسۇس ئەسەر يېزىپ ئېلان قىلىۋاتىدۇ.
ئاللاھ خالىسا مۇشۇنداق مىدىرلاپ تۇرساق، جىم تۇرىۋالغاندىن كۆپ ياخشى بولىدۇ.
داۋاملىق كېلىپ تۇرۇشىڭىزنى ۋە قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
باش بەت يان سەھىپىدە ئىككى، ماقالە كۆرۈش بېتىنىڭ يان سەھىپىسىدە بىر، ئىنكاس يېزىش ئورنىنىڭ ئۈستىدە بىر ئېلان بارئىكەن. ھەممىس تولۇق چېكىلدى. داۋاملىق كېلىپ تۇرۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن!
سىزنى ھەرۋاقىت قىزغىن قارشى ئالىمەن. ئاناتىلىمنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز. ئاللاھ خالىسا داۋاملىق ياخشى تېمىلارنى يوللاشقا تىرىشىمەن. ئۆز ئارا ئۆگېنىپ، بىرلىكتە ئالغا باسايلى!
لېكىن گېپىمنى ئۇنتۇپ قالماڭ، بىكارغا ياردەم قىلمايسىز، مېنىڭ ياردىمىم تېگىدىغان ھەرقانداق ئىش بولسا قولۇم كۆكسۈمدە!
مەن ئۆزگەرتىشكە تىرىشىپ كۆرەي. ھە راسىت، سىز ئالدىنقى قېتىم ئۇسلۇب ياساپ بەرسەممۇ بولىدۇ، دىگەندە مەن ماقۇللۇقۇمنى بىلدۈرگەن ئىدىم، ھېچبىر خەۋەر يوققۇ؟!
"خەلىقئارا" دىگەن سۆز بىرىكمىسى ئۇيغۇر تىل گىراماتىكىسىدا "خەلقئارا" ،"خەلقئارالىق" دەپ يېزىلىدۇ. "خەلىق" ئەمەس "خەلق" بولىشى كېرەك. بلوگىڭىز "ئاناتىلىم" بولغاچقا، تارتىنمايلا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قويدۇم. بەك زىغىرلاپ ئولتۇرىدىكەن ماۋۇ ئاداش دەپ قويسىڭىزمۇ مەيلى.
ھى ھى ھى ..............
ئاناتىلىم كۆپچىلىكنىڭ، داۋاملىق قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز. مەن سىز كۆرسەتكەن خاتالىق بار ئورۇننىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىپ قويدۇم، ئۈستىدىكى رەسىمنى سىزگە ئىنكاس يېزىۋىتىپ دەرھال تۈزىتىپ قويىمەن. يەنە بىر گەپ بلوگىمنىڭ ئاناتىلىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى توغرا قوللىنىشى ئۈچۈن تەكلىپ بېرىش توسالغۇسىز ۋە ئۆزرىسىز بولۇشى كېرەك. بۇ پۈتكۈل مىللەتنىڭ، تېخىمۇ توغرىسى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەدەنيىتىگە كىرىدىغان تىل، چۈنكى بۇنى ئاللاھ ئاتا قىلغان، بۇ ھېچقانداق كىشىنىڭ شەخسىي مۈلكى ئەمەس بولغاندىكىن، بىزنىڭ ئۇنى خاتا ئىشلىتىپ يۈرۈشكە نېمە ھەققىمىز؟
بىراق بەندە گۇناھتىن خالىي بولالمايدىكەن ، دوستۇم. گۇناھكار بولۇپ ئۆزىگە ئۆزى ئەينەك بولالماي خاتالىقنى تۈزىتەلمەيدىكەن. ئاللاھ خالىسا ئۆز ئارا ئۆگېنىپ، قوللاپ ۋە نازارەت قىلىپ بىرلىكتە ئالغا باسايلى!
بۇ قىلغان ياردىمىڭىز ئۈچۈن ياردىمىم تېگىدىغان ئىشلار بولسا ھەرۋاقىت سىز ئۈچۈن قولۇم كۆكسۈمدە!
2.21 خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىكەن. داۋاملىق يېڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەيسىز.
بۇ خاتىرە كۈن ھەقىقەتەن خاتىرلەشكە ئەرزىيدۇ، بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش ئانا تىلى ئېغىر سىناققا دۇچ كېلىۋاتقان مىللەت ئۈچۈن بۇ تېخىمۇ مۇھىم. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بلوگدا مەخسۇس ئېنگىلىزچە سەھىپە قۇرۇلىدۇ. بلوگنىڭ ۋاقىت ھېسابلىغۇچىسى بۇ خاتىرە كۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ.
داۋاملىق قوللاپ تۇرغايسىز.