-
Alimama نىڭ بلوگ ھەمكارلىق پىلانى - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]
2009-02-07
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34741136.html
ئەلىئانا ئېلانى دۆلەت ئىچىدىكى بىر قەدەر ئىشەنچلىك، مۇقىم بولغان ئەڭ ياخشى ئېلانلارنىڭ بىرى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلىمامانىڭ مۇنازىرە مۇنبىرىدىن ئۇچراپ قالغان تۆۋەندىكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بلوگ ھەمكارلىق پىلانىنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم، كۆپچىلىككە پايدىسى بولسىكەن دىگەن ئۈمىدتىمەن.
ئەلىئانا يېقىندا بلوگ ھەمكارلىق پىلانى يولغا قويغان بولۇپ، ھەر كۈنلۈك ئېلان چېكىلىش كىرىمى * 30 كۈنلۈك ئەھۋالىغا قاراپ ھەق بېرىش بىلەن بىرگە بىر ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئېلان كىرىمى بېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدۇ؛ بۇ كىرىمدىن ئارتۇق كەتكەن قىسمى سىزگە ھېساب، ئەگەر كەم بولۇپ قالسا ئەلىئانا سىزگە تولۇقلاپ بېرىدۇ؛ يەنە ھەرقايسى ئېلانلارنى قويغان ۋاقىت ئۇزۇنلىقىغا قاراپ ئومۇمىي ئېلان كىرىمىنى ھېسابلايدۇ. قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.ئاۋۋال، ئېلاننى ئىلتىماس قىلىپ 3 كۈنگىچە ئېلان كودى بلوگقا قويۇلىدۇ(ئېلان چىكىلىشتىن كىرىم قىلىش مۇلازىمەت تۈرىنى ئاچقۇزىشىڭىز كېرەك) ، بۇنىڭغا ئاساسەن كۈنلۈك ئوتتۇرىچە ئېلان كىرىمى ئەھۋالى ئۇچۇرىغا ئېرىشىلىدۇ.
2.ھەر كۈنلۈك ئېلان چېكىلىش كىرىمى * 30 كۈنلۈك ئەھۋالىغا قاراپ بىر ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئېلان كىرىمى ھەققى ھېسابلىنىدۇ؛ ئومۇمىي چېكلىشى كىرىمى ئەڭ تۆۋەن ھەق ئۆلچىمى قىلىپ بېكىتىلىدۇ.
3. ئەلىئانا بۇنىڭدىن تاشقىرى سىزگە ياردەم قىلىپ باشقا ۋاقىت ئۇزۇنلىقىغا قاراپ ھەق بېرىدىغان ئېلانلارنى قويۇپ بېرىدۇ. بۇ ئېلانلاردىن كىرگەن ئومۇمىي كىرىم ئەڭ تۆۋەن ھەق بېرىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتسە كىرىم شۇ بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يەتمىسە، يەتمىگەن قىسمى تولۇقلاپ بېرىلىدۇ.ئەپسۇسلىنارلىقى، ئەلىئانا بۇ ھەمكارلىق پىلانىنى ئۆتكەن يىلىنىڭ بېشىدا يولغا قويۇپ ئۇزاققا قالماي توختىتىۋېتىپتۇ. بەلكىم زىيان تارتقان بولسا كېرەك. ئېلان شىركەتلىرىمۇ زىيان تارتىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ، شۇڭا بۇ ئېلاننى ئالغان دوستلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا ۋاقتى– ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ ئۆزىنىڭ بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
历史上的今天:
International Mother Language Day 2009-02-07Uyghur language 2009-02-07خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى 2009-02-07يېشىللىق ئەلچىسى ---- نۇرئەلى ياسىن 2009-02-07
收藏到:Del.icio.us

评论
سىزنىڭ تەرجىمە كودلىرىڭىزنى ئىشلەتسە سىزنىڭ تور بىتىڭىزنىڭ ئالنى شەخسى بلوگقا قوشۇلۇپ قالىدىغىنى ماڭا پەقەت ياقمىدى .
ئامان بولغايسىز !
ياقتۇرمىغان جايلارنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئۆزگەرتىشچە قېيىنچلىق بولسا پېقىر ئۆزگەرتىپ بەرسەممۇ بولىدۇ. مېنىڭ ئەلىئانا ئېلانىم باشقىلارنىڭ بىلوگىدا نورمال كۆرۈنمەيدۇ. ئەلىئانا ئېلانلىرى پەقەت ئېلان تەستىقلانغان تور بەتتىلا كۆرۈنىدۇ.
ئىلگىرىمۇ ئېنىق ئەسكەرتكەن: ئېلان كودلىرى ئۇسلۇبقا ماسلاشتۇرۇپ قويۇلغاچقا ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىۋىتىلمىدى، دەپ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ ئېلانلارنى قويۇپ قويۇشنىڭ پېقىرغا نىسبەتەن ھېچقانداق مەنپەئەت مۇناسىۋىتى يوق.
توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ۋە ئېلىپ كەلگەن قولايسىزلىقلارنى سەمىمىي ئەپۇ قىلىشىڭىزنى سورايمەن.
داۋاملىق قىممەتلىك تەكلىپ– پىكىرىڭىزنى بېرىپ تۇرغايسىز. ئامان بولۇڭ!