• ئىزاھات: [باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن] ناملىق بۇ بازارلىق كىتابنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تېزلىكتە يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن دەۋر بلوگى باشقۇرغۇچىسى ئازغۇن، دوستىمىز كامالىي ۋە پېقىر ئاناتىلىم بلوگىنىڭ باشقۇرغۇچىسى سەبورى ھەمكارلىشىپ سەۋىيىمىزنىڭ چەكلىك، تەجىرىبىمىزنىڭ يېتەرسىز بولۇشىغا قارىماي تەرجىمە قىلىپ چىققان ئىدۇق. مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىش ۋاقتى ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ نادىر ئەسەرنىڭ كەڭ قېرىنداشلىرىمىزغا قىممەتلىك پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن تور دۇنياسى ئارقىلىق تورداشلارغا تەمىنلەپ بېرىشنى لايىق كۆردۇق. تۆۋەندە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئانا تىلىم بلوگىدا ئېلان قىلىنىپ بولغان قىسىملىرىنىڭ تېما ئادرىسى مۇندەرىجىىسى بېرىلدى.

  • ئۇيغۇر تىلى ئەلۋىدا Uyghur Bye

    مىللىي مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، بولۇپمۇ تىلنىڭ گۈللىنىشى ئانا تىلنى مەڭگۈلۈك راۋاجلاندۇرۇش ۋە قوغداشتا.
    تىل ــــــ بىر مىللەتنىڭ جېنى بولۇپلا قالماي ھەم شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاساسىدا ئار نومۇسنى ئاقلايدۇ.
    بىر مىللەتنىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيىتىنى كۆڭۈلدىكىدەك تەرەققىي قىلدۇرۇش، زامانىۋىيلاشتۇرۇش ۋە دۇنياغا يۈزلەندۇرۇشتە ئانا تىل بىباھا گۆھەردۇر.
    بىر مىللەتنىڭ تىلىنى كۆڭۈلدىكىدەك يوقۇتىشنىڭ ئاساسىمۇ، ئالدى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتى بولغان يېزىقىنى يوقۇتۇشتا.

    مۇشۇ يېقىندىن بېرى، يېزىقىمىز توغرىسىدا غەيرى ئەھۋاللار يۈز بىرىۋاتىدۇ. مەن بۇنى بىر بوۋاينىڭ كۆز يېشى ۋە ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق بايان قىلماقچىمەن:

    بوۋاينىڭ كۆز يېشى
    ــــ بالام!  ماۋۇ كوچىباشقارما تەۋەسىدىكى ساقچىخانىنىڭ ئورنىنى مۇشۇ تەرەپكە يۆتكەپتۇ دەپ ئاڭلىۋىدىم، ھېچ تاپالمىدىميا!
    ــــ تاغا! مانا ئالدىلىرىدا تۇرمامدۇ ساقچىخانا.
    ــــ ۋاي!!! بالام ئەيىپكە بۇيرىمىسىلا، خەت تونۇغاندىكىن ساقچىخانىنى دەرۋازا بېشىغا ئېسىپ قويغان تاختىيىغا قاراپ تاپالايمەن دەپ ھېچكىمدىنمۇ سورىمىغانتىم، مانا ئەمدى ساقچىخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ساقچىخانىنى سوراپ سېلىنى ئاۋارە قىپتىمەن، خاپا بولمىسىلا جۇما بالام! بوۋاي ساقچىخانىنىڭ ۋىۋىسكىسىغا سىنجىلاپ قاراپ قويۇپ، خۇرسۇنغان ھالدا ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ، بىر خىل خىجىلچىلىق ئىچىدە مەندىن ئەپۇ سوراپ كەتتى.

  • تەنلىرىمگە سىڭىپ كىردى روھلىرىڭ،
    مۇھەببىتىڭ ئېلىپ كەتتى ھېجراننى.
    ياشلىقىمنىڭ ھېسلىرىغا قوشۇلۇپ،
    ماڭماقتىمەن كۆزلەپ غۇۋا نىشاننى.

    قەدىرلىكىم، ماياك بولدۇڭ يولۇمدا،
    كۆزلىرىڭدىن كەلگۈسىنى كۆرىمەن.
    تاپالمىسام چۈشۈمدىمۇ چۆچۈپ ئويغىنىپ،
    ۋەسلىڭ ئىزلە...
  • كەڭ ئۇيغۇر پۇتبول ھەۋەسكارلىرى قېرىنداشلىرىمىزغا تور بېكەت سۇپىسى ئارقىلىق ئازغىنا بىر ئىش قىلىپ بېرىش مەقسىتىدە 2010.يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپە بېتىنى ئېلان قىلدۇق.
    http://www.seburi.com/2010...
  • سەبورى ئېلېكتىرونى تورى 2009.يىلى 4.ئايدا قۇرۇلغاندىن باشلاپ كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاددىيلىقتىن مۇكەممەلللىشىپ بۈگۈنكى ھالەتكە يەتتى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق ھەمكارلاشقۇچىلار ۋە قوللىغۇچىلارغا سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

    يېقىنقى 1 ئاي جەريانىدا سەبورى تورىدا ئۇسلۇب ۋە ئىقتىدار جەھەتتىن ئۆزگىچە تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك قىسقىچە خۇلاسە ئېلىپ بېرىلدى:

    1.باش بەت ئۇسلۇبى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، سەھىپىلەرگە مەخسۇس رەسىم نۇسخىسى لاھىيەلەندى، نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان تور بېكەتلەر ئۇلىنىشىنى باش بەتتە قولايلىق كۆرگىلى بولىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. زىيارەت ئادرىسى:
    http://seburi.com/
    ھەر قايسى سەھىپىلەر مۇكەممەل ئىقتىدارلىق سەھىپە بولۇش بىلەن بىرگە ئۇسلۇب جەھەتتىن سۇس كۆك رەڭنى ئاساس قىلىپ بىر خىللاشتۇرۇلدى.

    2. فىلىم مەركىزى يېڭىلاندى.
    توپلانغان ئۇيغۇرچە نادىر فىلىم 166 كە يېتىش بىلەن بىرگە ھەربىر تۈردىكى ئەڭ يېڭى 6 فىلىمنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى ۋە فىلىم كۆرۈش بېتىدىكى ئەڭ يېڭى يوللانغان فىلىملەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. بۇنىڭغا يەنە فىلىم ئاستىغا تىزىملاتماي تۇرۇپ ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارىنى قوشۇش پىلانلىنىۋاتىدۇ. زىيارەت ئادرىسى:
    http://seburi.com/filim/

    3. سەبورى خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە تور لۇغىتى
    بۇ ئالاھىيدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان سەھىپە بولۇپ، ئەسلىدىكى ئاددى بولغان كەسپىي ئاتالغۇ لۇغىتى رەسمىي ھالدا ئۇنىۋىرسال تور لۇغىتى قىلىپ تۈزۈپ چىقىش يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭدى. خالىغان خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىننى كۆرسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. نۆۋەتتە لۇغەتنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىۋاتىدۇ. زىيارەت ئادرىسى:
    http://seburi.com/dict/

    4. مۇنبەر سەھپىلىرى كۆپەيتىلدى.

  • بلوگباستا باش بەتتە كۆرۈنىدىغان تېما سانىنى ئارقا سۇپىدىكى بلوگ لاھىيەلەشنىڭ ئادەت ھالىتىنى لاھىيەلەشتىن ئۆزگەرتىكىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك:

    (رەسىمنى چەكسىڭىز ئايرىم بەتتە چوڭ كۆرۈنىدۇ)

    ماقالە يوللاش تېما سانى

     

  • ئالىملار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۆز ئاناتىلىغا بولغان ئىنكاسىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە قىزىقارلىق بىر تەجرىبە ئىشلەپتۇ:
    بوۋاققا بىر دانە ئالاھىيدە ئىمىزگە بېرىلىپتۇ. بۇ ئىمىزگە ئالاھىيدە بىر خىل ئېمىزگە بولۇپ، يەنە بىر ئۇچى مەلۇم ئېلېكتىرونلۇق قۇرۇلما ئارقىلىق ئاۋاز كۈچەيتكۈچكە ئۇلىنىپ، بوۋاقنىڭ ئېمىزگە ئەمگەن ئاۋازىنى ناھايىتى ئوچۇق ئاڭلىتىپ بېرەلەيدىكەن. بۇ ئېمىزگە بوۋاققا ئەمدۈرۈلگەندىن كېيىن بىر قانچە ئايالنىڭ ئاۋازىنى لىنتىغا ئېلىپ بوۋاققا قويۇپ بېرىلىپتۇ. نەتىجىدە ئالىملار ناھايىتى ھەيران قاپتۇكى، بوۋاق ئۆز ئانىسىنىڭ ئاۋازى چىققاندا ئېمىزگىنى چىشلەپ جىم تۇرۇپ ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلاپتۇ. باشقا ئاياللارنىڭ ئاۋازى چىققاندا بولسا ئېمىزگىنى پۈۋلەپ ئاۋاز چىقىرىپ بۇ ناتونۇش كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپتۇ. بۇ ئوخشاش تىللىق بىر قانچە ئايالنىڭ ئاۋازىدا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە، ئۇنداقتا ئوخشىمىغان دۆلەتتىكى ئاياللارنىڭ ئاۋازىغا بوۋاقنىڭ ئىنكاسى قانداق بولىدۇ؟

  • سەبورى تور بېكىتىنى قايتا رەتكە سالغاندىن كېيىن، ئىزچىل بىر بلوگ ماقالىلىرى توپلىمى، يەنى بلوگلار جەمگاھى سېستىمىسى ئۈچۈن بىر ئاز ئىزدىنىپ كۆرگۈم بار ئىدى، ئاللاھ خالاپ خېلى يامان ئەمەس بىر سېسىمىغا ئۇچراپ قالدىم، ۋە ناھايىتى قولايلىق ھالدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم. نۆۋەتتە 20 گە يېقىن بلوگ قوشۇپ قويۇلدى. بىراق كۆپ قىسىم بلوگلارنىڭ مەزمۇنى يېڭىلانمىغىلى خېلى بولۇپ قاپتۇ. ئىچكىرىكى ئۆلكىلەردە تۇرۇشلۇق، داۋاملىق بلوگ مەزمۇنىنى يېڭىلاپ تۇرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويسا. شۇنداقلا بلوگلار جەمگاھىنى قوللاش يۈزىسىىدىن دوستانە ئۇلىنىش قىلىپ قويسا دىگەن ئۈمىدتىمەن.

    سەبورى ئۇيغۇرچە بلوگلار جەمگاھى ئادرىسى: http://sebori.cn/blog

  • م.ئە.سەبورى

    خىيالىي ئالەمنىڭ ئېگىز چوققىسى،
    ئالمىدەك يۈرەكنىڭ ئاجىز نالىسى.
    ساماۋى شەھەردە كۆرۈنگەن قۇياش،
    ئىزدىمە ھاياتلىق گېنىدىن مېنى.

  • ئېچىپ بەردىڭ تىلىمىزنىڭ دەردىنى،
    تېپىپ بەردىڭ تىلىمىزنىڭ مېزىنى،
    قانداق چىداي تىلغا ئەخلەت ئارىلاشسا،
    يوقىتارمۇ ئانا تىلىم ئىزىنى...

    يوقاپ كەتسە ئانا تىلىم يېنىمدىن،
    چىدالامدىم تىلسىز بولسام تېگىمدىن،
    چىدىمايدۇ دوستلار بەلكىم مېنىڭدەك،
    قانداق چىداي گاچا بولسام تىلىمدىن.

    ... ...

  • ئۆزگە تىللار ئۇلۇغلىنىپ شاخلايدۇ،
    يىلتىزىدىن ئورۇن ئېلىپ بىخلايدۇ.
    تۇيدۇرماستىن سىڭەر-ئىچەر سۈيىدەك...
    ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ

    سۆزلەنسە ئۇ ھېچ قۇلاققا ياقمايدۇ،
    بەزى ئۆز-ئۆزىگىمۇ ئاقمايدۇ.
    ئۆزقەۋمىمۇ ئىكرام بىلەن باقمايدۇ...
    ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ.

    ... ...

  • خىيال تونىلى
    م.ئە.سەبورى
     ھەرقانداق زىلزىلە باشتا كىچىككىنە بىر خىيالدىن ئىبارەت بولىدۇ.
    –ئابدۇقادىر جالالىدىن

    خائىن خىيال

    قارچۇغۇڭدا چاقنىغان نۇردىن،
    سېزىۋالدىم ئازاب ھېدىنى.
    تىنىقىڭدا قارا رەڭ نەپەس،
    چۈشەندۈرمە كۆڭۈل سىرىڭنى.