-
سەبۇرى تورىدا يېڭىلىقلار [تەۋسىيە] - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]
2009-10-26
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/49225478.html
سەبورى ئېلېكتىرونى تورى 2009.يىلى 4.ئايدا قۇرۇلغاندىن باشلاپ كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاددىيلىقتىن مۇكەممەلللىشىپ بۈگۈنكى ھالەتكە يەتتى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق ھەمكارلاشقۇچىلار ۋە قوللىغۇچىلارغا سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
يېقىنقى 1 ئاي جەريانىدا سەبۇرى تورىدا ئۇسلۇب ۋە ئىقتىدار جەھەتتىن ئۆزگىچە تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك قىسقىچە خۇلاسە ئېلىپ بېرىلدى:
1.باش بەت ئۇسلۇبى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، سەھىپىلەرگە مەخسۇس رەسىم نۇسخىسى لاھىيەلەندى، نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان تور بېكەتلەر ئۇلىنىشىنى باش بەتتە قولايلىق كۆرگىلى بولىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. زىيارەت ئادرىسى:
http://www.seburi.com/
ھەر قايسى سەھىپىلەر مۇكەممەل ئىقتىدارلىق سەھىپە بولۇش بىلەن بىرگە ئۇسلۇب جەھەتتىن سۇس كۆك رەڭنى ئاساس قىلىپ بىر خىللاشتۇرۇلدى.
ئىزدەش سېستىمىسى ئىشقا كىرىشتى
بۇ ئىزدەش سېستىمىسى تولۇق ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورىنى تۈزۈش ئاساسى نىشانى بىلەن تۈزۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە تور بەت، رەسىم، بلوگ، فىلىم قاتارلىقلارنى ئىزدىيەلەيدۇ.2. فىلىم مەركىزى يېڭىلاندى.
توپلانغان ئۇيغۇرچە نادىر فىلىم 166 كە يېتىش بىلەن بىرگە ھەربىر تۈردىكى ئەڭ يېڭى 6 فىلىمنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى ۋە فىلىم كۆرۈش بېتىدىكى ئەڭ يېڭى يوللانغان فىلىملەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. بۇنىڭغا يەنە فىلىم ئاستىغا تىزىملاتماي تۇرۇپ ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارىنى قوشۇش پىلانلىنىۋاتىدۇ. زىيارەت ئادرىسى:
http://www.seburi.com/filim3. سەبورى خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە تور لۇغىتى
بۇ ئالاھىيدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان سەھىپە بولۇپ، ئەسلىدىكى ئاددى بولغان كەسپىي ئاتالغۇ لۇغىتى رەسمىي ھالدا ئۇنىۋىرسال تور لۇغىتى قىلىپ تۈزۈپ چىقىش يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭدى. خالىغان خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىننى كۆرسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. نۆۋەتتە لۇغەتنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىۋاتىدۇ. زىيارەت ئادرىسى:
http://www.seburi.com/dict4. خەۋەر سېستىمىسى ئىشقا كىرىشتى.
http://www.seburi.com/news5.سەبورى ئۇيغۇرچە بلوگلار جەمگاھى
بۇ سېستىما بلوگ ئۇسلۇبىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بلوگباستىكى ئۇيغۇرچە بلوگلارنىڭ تېمىلىرىنى بىر يەرگە جەملەش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. سىز پەقەت سەبورى بلوگىنىلا ئەستە ساقلىۋالسىڭىز ئۇيغۇرچە كۆپلىگەن بلوگلارنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشەلەيسىز. زىيارەت ئادرىسى:
http://www.seburi.com/blog/6. alexa رەت تەرتىپىنى تەكشۈرۈش
ياقتۇرغان تور بەتنىڭ دۇنيا تور بېتىدىكى دەرىجىسىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ،زىيارەت ئادرىسى:
http://www.seburi.com/alexaيۇقىرىدىكى سېستىمىلارغا قارىتا تورداشلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپ- پىكىرلىرى بولسا ئايىماسلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن، كامالىي ئېھتىراملار بىلەن:
سەبورى2009.يىلى 26.ئۆكتەبىر
2010.يىلى ئاپرېلدا قايتا رەتلەندى.
收藏到:Del.icio.us
