• ئالىملار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۆز ئاناتىلىغا بولغان ئىنكاسىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە قىزىقارلىق بىر تەجرىبە ئىشلەپتۇ:
    بوۋاققا بىر دانە ئالاھىيدە ئىمىزگە بېرىلىپتۇ. بۇ ئىمىزگە ئالاھىيدە بىر خىل ئېمىزگە بولۇپ، يەنە بىر ئۇچى مەلۇم ئېلېكتىرونلۇق قۇرۇلما ئارقىلىق ئاۋاز كۈچەيتكۈچكە ئۇلىنىپ، بوۋاقنىڭ ئېمىزگە ئەمگەن ئاۋازىنى ناھايىتى ئوچۇق ئاڭلىتىپ بېرەلەيدىكەن. بۇ ئېمىزگە بوۋاققا ئەمدۈرۈلگەندىن كېيىن بىر قانچە ئايالنىڭ ئاۋازىنى لىنتىغا ئېلىپ بوۋاققا قويۇپ بېرىلىپتۇ. نەتىجىدە ئالىملار ناھايىتى ھەيران قاپتۇكى، بوۋاق ئۆز ئانىسىنىڭ ئاۋازى چىققاندا ئېمىزگىنى چىشلەپ جىم تۇرۇپ ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلاپتۇ. باشقا ئاياللارنىڭ ئاۋازى چىققاندا بولسا ئېمىزگىنى پۈۋلەپ ئاۋاز چىقىرىپ بۇ ناتونۇش كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپتۇ. بۇ ئوخشاش تىللىق بىر قانچە ئايالنىڭ ئاۋازىدا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە، ئۇنداقتا ئوخشىمىغان دۆلەتتىكى ئاياللارنىڭ ئاۋازىغا بوۋاقنىڭ ئىنكاسى قانداق بولىدۇ؟

  • ﻣﺎﺳﻼﺷﻤﯩﺪﯨﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﻐﺎ ،
    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
    ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻐﺎ ،
    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .

    "ﻟﯘﻓﺎﯓ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺑﯩﻨﺎﻧﻰ ،
    "ﺧﺎﺑﺎ "ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﻰ .
    "ﻣﯩﻴﻨﯜ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺭﻩﻧﺎﻧﻰ ،
    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .

    ... ...

  • ئېچىپ بەردىڭ تىلىمىزنىڭ دەردىنى،
    تېپىپ بەردىڭ تىلىمىزنىڭ مېزىنى،
    قانداق چىداي تىلغا ئەخلەت ئارىلاشسا،
    يوقىتارمۇ ئانا تىلىم ئىزىنى...

    يوقاپ كەتسە ئانا تىلىم يېنىمدىن،
    چىدالامدىم تىلسىز بولسام تېگىمدىن،
    چىدىمايدۇ دوستلار بەلكىم مېنىڭدەك،
    قانداق چىداي گاچا بولسام تىلىمدىن.

    ... ...

  • ئۆزگە تىللار ئۇلۇغلىنىپ شاخلايدۇ،
    يىلتىزىدىن ئورۇن ئېلىپ بىخلايدۇ.
    تۇيدۇرماستىن سىڭەر-ئىچەر سۈيىدەك...
    ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ

    سۆزلەنسە ئۇ ھېچ قۇلاققا ياقمايدۇ،
    بەزى ئۆز-ئۆزىگىمۇ ئاقمايدۇ.
    ئۆزقەۋمىمۇ ئىكرام بىلەن باقمايدۇ...
    ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ.

    ... ...

  • ئۇيغۇر تىلى ئەلۋىدا Uyghur Bye

    مىللىي مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، بولۇپمۇ تىلنىڭ گۈللىنىشى ئانا تىلنى مەڭگۈلۈك راۋاجلاندۇرۇش ۋە قوغداشتا.
    تىل ــــــ بىر مىللەتنىڭ جېنى بولۇپلا قالماي ھەم شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاساسىدا ئار نومۇسنى ئاقلايدۇ.
    بىر مىللەتنىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيىتىنى كۆڭۈلدىكىدەك تەرەققىي قىلدۇرۇش، زامانىۋىيلاشتۇرۇش ۋە دۇنياغا يۈزلەندۇرۇشتە ئانا تىل بىباھا گۆھەردۇر.
    بىر مىللەتنىڭ تىلىنى كۆڭۈلدىكىدەك يوقۇتىشنىڭ ئاساسىمۇ، ئالدى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتى بولغان يېزىقىنى يوقۇتۇشتا.

    مۇشۇ يېقىندىن بېرى، يېزىقىمىز توغرىسىدا غەيرى ئەھۋاللار يۈز بىرىۋاتىدۇ. مەن بۇنى بىر بوۋاينىڭ كۆز يېشى ۋە ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق بايان قىلماقچىمەن:

    بوۋاينىڭ كۆز يېشى
    ــــ بالام!  ماۋۇ كوچىباشقارما تەۋەسىدىكى ساقچىخانىنىڭ ئورنىنى مۇشۇ تەرەپكە يۆتكەپتۇ دەپ ئاڭلىۋىدىم، ھېچ تاپالمىدىميا!
    ــــ تاغا! مانا ئالدىلىرىدا تۇرمامدۇ ساقچىخانا.
    ــــ ۋاي!!! بالام ئەيىپكە بۇيرىمىسىلا، خەت تونۇغاندىكىن ساقچىخانىنى دەرۋازا بېشىغا ئېسىپ قويغان تاختىيىغا قاراپ تاپالايمەن دەپ ھېچكىمدىنمۇ سورىمىغانتىم، مانا ئەمدى ساقچىخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ساقچىخانىنى سوراپ سېلىنى ئاۋارە قىپتىمەن، خاپا بولمىسىلا جۇما بالام! بوۋاي ساقچىخانىنىڭ ۋىۋىسكىسىغا سىنجىلاپ قاراپ قويۇپ، خۇرسۇنغان ھالدا ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ، بىر خىل خىجىلچىلىق ئىچىدە مەندىن ئەپۇ سوراپ كەتتى.

  • (بىلىۋال) تور بېتىدىن «سيدنېيدىكى ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ تاقالدى» دېگەن خاتا ئۇچۇرنى كۆرۈپ، بۇ ھەقتە توغرا ئۇچۇر يوللاشنى قارار قىلدىم. ئەسلى ئەھۋال مۇنداق: سيدنېيدا ئاران چوڭ - كىچىك 170 ئۇيغۇر ياشايدۇ. بۇ يەردە ئەزەلدىن ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ بولغان ئەمەس. ئەمما ھۆكۈمەت مائارىپ تارماقلىرىنىڭ: ئائۇسترالىيىدە ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ بالا سانى 10 دىن ئاشسا ئانا تىل مەكتىپى ئاچسا بولىدۇ. ھوكۇمەت ھەربىر مىللەتنىڭ ئوز مەدەنىيىتىنى ئوز ئانا تىلى ئارقىلىق قوغدىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ...

  • سىچۈەن تورى ئەتىگەنلىك خەۋەرلىرى 2009.يىلى 11. يانۋار خەۋىرى:
    يەنە 41 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 90 پىرسەنىت تىل يوقىلىدۇ! تۆنۈگۈن غەربى جەنۇب مىللەتلەر ئۇنىۋېرستىتىنىڭ پروفىسسورى، داڭلىق شائىر لوچىڭچۈن «چىڭدۇ ھېكايىلىرىنى خەلق سۆزلىسۇن» پروگراممىسىغا قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلغان، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىئىنەزىرى ناھايىتى ھەيران قالارلىق بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە «تىل-يېزىق مۇزىيى» قۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان.

    دۇنيادىكى 3% ئادەم 96% تىلدا سۆزلىشىدۇ

    «دۇنيادىكى 6000 خىلدىن ئارتۇق تىل-يېزىقنىڭ 3000 خىلدىن ئارتۇقى يوقىلىپ كېتىش خەتىرىگە دۇچ كەلدى . تەتقىقات دوكلاتىدا مۆلچەرلىنىشچە 2050-يىلىغىچە 90% تىل-يېزىق يەر شارىدىن يوقىلىدۇ.» ب د ت مائارىپ، ئىلىم–پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى ۋەكىلى بىستا «2008.يىللىق خەلىقئارا دۇنيا تىلى توققۇزىنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئانا تىل بايرىمى» مۇنبىرىدە ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقان مىللەتلەر تىل– يېزىقى كۈچلۈك ئورۇندىكى تىل– يېزىقلار بىلەن رىقابەتلىشىۋاتىدۇ، ئېنتىرنىت ۋە دۇنياۋىلىشىشنىڭ زەربىسى يوقىلىپ كېتىشنىڭ خەۋپىنى ئېلىپ كەلمەكتە دەپ كۆرسەتتى.

  • ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار

         ئانا تىلىم- ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇرنىڭ قېنى.
         قېنى نېمە؟ ھاياتلىقى، بارلىقى، جېنى.

         مىنىڭ تىلىم مېنى تەۋەللۇت قىلغان، تەمتەم قەدەملىرىمدە مۇزىكا كۈيلىرىدەك زۇۋان ۋە ھېس-تۇيغۇ، ئىزگۈ ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلغان خاسىيەتلىك تىل. ئۇ ئانام روھىدەك پاك ۋە غۇبارسىز تىل. ئۇنىڭ مەنە كەڭلىكىدە خۇددى دېڭىزدىكى يەلكەندەك ئەركىن ئۈزگىنىمدە، ئۆزۈمنى گويا كۆكتىكى قىران بۈركۈتتەك چەبدەس ۋە غالىب ھېس قىلىمەن. ئۇنىڭ بىلەن نەپەسلىنىمەن، ئوزۇقلىنىمەن. ئۇنىڭ بىلەن ئۈزۈمنى ۋە كەڭ دۇنيانى كۆرىمەن. خىيال يىپلىرىمنى كەشتە قىلىپ توقۇيمەن. چۈنكى ئۇ مىنىڭ سۆيۈملۈك تىلىم ۋە دىلىم.
    ... ...

    بۇ تېما پەلسەپە بلوگى(http://palsapa.blogbus.com) باشقۇرغۇچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن يۆتكەپ كېلىندى، ماقالە ئەسلى مەنبەسى: http://palsapa.blogbus.com/logs/35379901.html#cmt

  •  ئابدۇلخەمىد يۈسۈپ ھاجىم

    ئەي تىلىم --- ئۇيغۇر تىلى، سەن ئانا تىل ئەلنىڭ تىلى،

    سەن بۈيۈك تىل، سەن يېتۈك تىل --- بارچە تىللار سەرخىلى.

    سەن گۈزەل تىل، سەن سۈزۈك تىل، سەن ھوزۇرۇم، تاتلىقىم،

    سەن ياۋاش تىل ھەم ئاسان تىل، سەندە نۇسرەت، شاتلىقىم.

     بۇ شېئىرنى شاھ ئۇيغۇر بلوگى ئىنكاس قالدۇرۇپ ئاناتىلىم بلوگىغا سوۋغا سۈپىتىدە سۇنغان ئىكەن، ئەسلى مەنبەسى:

    http://shah.blogbus.com/logs/34497833.html